تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى
تېما:
ھەي ،ھايات ئاجايىپ قىسمەتلىرىڭ بار ھە
[بەتنى بېسىپ چىقىرىش]
يوللىغۇچى:
alma
ۋاقىت:
6 كۈن بۇرۇن
تېما:
ھەي ،ھايات ئاجايىپ قىسمەتلىرىڭ بار ھە
ھەي ،ھايات ئاجايىپ قىسمەتلىرىڭ بار ھە !ھىلى كۈلدۈرسەڭ ،ھىلى يامغۇر كەبى تۈكۈلدۈردىغان .ئەمدى تەبەسسۇم قىلىشقا تەمشەلگەندە ،يىغىنى باشلاپ قۇيدىغان . كىملەر ئەمدى كۈلەي دەپ تەييار بولغىنىدا ،ئاچچىق ئەلەملەر بىلەن كۆز ياشلارنى ھەدىيە قىلۋاتىسەن ؟كىملەر ئەمدى يامغۇر كەبى تۈكۈلدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغىنىدا ،ئاللاقانداقتۇر سوۋغاتلىرىڭ بىلەن يىغىلارنى كۈلكىگە باشلاۋاتىسەن ؟ ھەي ،ھايات ھەجەپ ئويلىمىغانلا يەردىن سوۋغاتلانى ھەدىيە قىلىسەن ھە .مانا ئەمدى كۈلەي دىيىشىمگە يىغىنى ھەمرا قىلدىڭ ،زورىغا قۇبۇل قىلىپ، ئەمدى يىغلاي دەپ تۇرسام ،بىراۋغا ئىشىك چەكتۈرۈپ ،ياشلىرىمنى زورىغا توختاتقۇزۇپ ،مەجبۇرسىغا سۈرۈتكۈزدۈڭ .ھەي ،ھايات سىنىڭدىن ئۈتۈنەي ،قاقاقلاپ كۈلۈشكە تەمشەلگىنىمدە يىغىنى زورىغا ھەمراھ قىلمىغىن ،ئەمدى قانغۇچە يىغلاپ ئىچىمنى بوشىتاي دەپ تۇرغۇنۇندا بولسا ئىشىكىمنى باشقىلارغا چەكتۈرۈپ ،تۈكۈلۋاتقان ياشلىرىمنى زورىغا توختۇتۇپ ،مەجبۇرسىغا سۈرۈتكۈزمىگىن .كۈلگەندە شۇنداق بىر كۈلەي ،ئەتراپىمدىكى دوست-يارەنلىرىم تەڭ كۈلسۇن ،دۈشمەنلىرىم ھەسەتتىن ئۆلسۇن . يىغلىغاندا شۇنداق بىر تۈكۈلۈپ يىغلاي ،ئەمما دوست -يارەن ،دۈشمەنلىرىم كۆرمىسۇن .گەر دوستۇم كۆرسە كۆڭلى لەختە قانغا تۇلىدۇ ،كۈزىدىن ئاققىنى ياش ئەمەس قان بۇلىدۇ .دۈشمەنلىرىم كۆرسە ئاجىزكەن دەپ مەسخىرە قىلىدۇ .ئەمما ئۈتۈنەيكى ھەرگىز كۈلكىنى ئوتتۇرسىغا يىغىنى قىسۇلدۇرمىغىن .لىكىن شۇنى ئۇنۇتما يىغىنى توختاتقاندىن كىيىن قەلىب ئاسمىنىمغا قۇياشنى چىقارغىن ،شۇ قارا بۇلۇتلار قۇياشنىڭ نۇرىدا كۈرۈنمەي قالسۇن . ھەي ،ھايات يەنە ساڭا شۇنداق پىچچىرلاپ سۆز قىلاي ،سەندىن ئۈتۈنەي يېقىنلىرىمنى دۈشمەن قىلمىغىن ،مىنى ھەم دۈشمەن سىياقىدا كۆرسەتمىگىن .سەن بىرىشكە چىدىغان بىلەن ،مەن ئېلىشقا چىدىمايدىكەنمەن . 2017يىل 4ئاي خانقىز مەمەت يازمىسى
خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/)
Powered by Discuz! X3.2