مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 620|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

« چار بازار » دېگەن ئىسىمغا قانداق قارايسىلەر؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

28

يازما

159

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
159
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇنبەر ئەھلى، كەمىنىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام.
تۈنۈگۈن « شىنجاڭ مەدەنىيتى » ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 3-سانىنى ئوقۇۋىتىپ ئىلگىرى « تاللا بازىرى »، « سۇپىر ماركىت »، « دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بازار » دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان خەنچىدىكى « 超市 » دېگەن سۆزنىڭ مەزكۇر ژورنالدا « چار بازار » دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئېلىنغانلىقىنى كۆردۈم ( مەسىلەن 30-بەت ئوڭ تىك 14-قۇر ).
ئىلگىرى ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر ئەپەندىنىڭ بىر لېكسىيە سىن فىلىمىدە « تاللا بازار » دېيىشنىڭ ئۇيغۇر تىل ئىلىمىگە زىت ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم.
ئەمدى بۇ يېڭى « چار بازار » ئاتالغۇسى ھەققىدە مۇنازىرىلىشىپ باقساق دېگەن مەقسەتتە بۇ يازمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن. قېنى كەڭ كۇشادە پىكىرلىشىپ باقساق.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
دىۋان
ۋاقتى: 2014-6-29 23:55:51 | ئايرىم كۆرۈش
مەنچە تاللا بازىرى دېگەن سۆز ئومۇملىشىپ بولغاندا ئۇنى تىل ئىلمىگە خىلاپ دەپ ئۆزگەرتىمىز دېسەك ياخشى بولمايدۇ، تىلشۇناسلىققا  ئوخشاش ئىجتىمائىي پەنلەردە نوقۇل توغرا ياكى خاتا دەيدىغان نەرسە بولمايدۇ، ئەگەر تاللا بازىرى دەپ ئاتاشتا "تاللا" دېگەن پېئىل "بازار" دېگەن سۆزنى ئېنىقلىيالمايدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا  مەلۇم ئالاھىدە ۋاقىتلاردا ئېنىقلىيالايدۇ دەپ قائىدە قوشۇشقا بولامدۇ يوق بۇنى ئويلىشىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-7-4 07:48:35 | ئايرىم كۆرۈش
تاللابازارغا چاربازار سۆزىنى تەڭكەش قىلغىلى بولماسمىكىن، چۈنكى تاللابازار دېگەن تۆت تامنىڭ ئىچىدىكى تۈرلۈك كۆلەمدە بولىدىغان دۇكان، ئەمما چاربازار دېگەن ئوچۇقچىلىقتا بولىدىغان سودا-تىجارەت. چاربازارچى، ھۆپىگەرلەرنىڭ سودا-تىجارەت ئورنى چاربازاردۇر!
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

19

تېما

61

يازما

268

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
268
يەر
ۋاقتى: 2014-11-27 12:16:17 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ چار بازار سۆزىنى تاللا بازىرىنىڭ ئورنىغا قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، چار بازار دېگەن ئايرىم ئۇقۇم.
مالنى قولىدا كۆتۈرۈپ ساتىدىغانلار، نەدە ئادەم توپلاشسا مېلىنى شۇ يەرگە ئاپىرىپ ساتىدىغانلار، بىر كۈن سېتىپ، بىر كۈن ساتمايدىغانلارنى چار بازارچى دەپ قويىمىز.
چار بازارچىنىڭ مۇقىم تىجارەت سورۇنى ۋە مۇقىم تىجارەت ۋاقتى بولمايدۇ، كۆڭلى نەگە تارتسا، نەدە بازار ياخشى بولسا شۇ يەرگە بېرىپ مال ساتىدۇ.
تاللا بازىرى دېگەن مۇقىم سورۇنلۇق، مۇقىم تىجارەت ۋاقتى بار، تۆت تامنىڭ ئىچىدە بولىدىغان تىجارەت سورۇنى تۇرسا.
بۇ قەتئىي بولماپتۇ!

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
5#
ۋاقتى: 2014-12-4 10:21:09 | ئايرىم كۆرۈش
چاھاربازاردا ھۆپىگەرلەر سودىسى قىزىيدۇ، تاللابازاردا مۇقىم دۇكاندارلار سودىسى قىزىيدۇ، مۇشۇ "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" دېگەنمۇزە نەدىكى بىر گەپنى كۆتۈرۈپ چىققىدىكەن، بۇ ژۇرنالنىڭ ئەرباببېگى بەگمەت يۈسۈفمۇ ھازىر ؟
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
6#
ۋاقتى: 2014-12-4 13:36:19 | ئايرىم كۆرۈش
ئەركمان يوللىغان ۋاقتى  2014-12-4 10:21
چاھاربازاردا ھۆپىگەرلەر سودىسى قىزىيدۇ، تاللابازاردا ...

تىلغا شۇنچە سىڭىپ بولغاندا قائىدىگە چۈشمەيدۇ دەپ تۇرۇۋېلىش تازا ياخشى ئەمەسمىكىن دېدىم.  تاللا بازىرى دېگەن سۆزنى قائىدىگە چۈشمەيدۇ دېسەك قائىدىنى ئاز تولا كېڭەيتىشكە بولامدۇ يوق ئويلىشىپ بېقىشقا بولاتتى

6

تېما

121

يازما

387

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
387
QQ
7#
ۋاقتى: 2016-12-15 23:32:06 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بازار سۆزى پارىسچە سۆزكەنغۇ؟ئالدى بىلەنبۇ سۆزگە ماس كەلگۈدەك ئ‍انا تىلچە سۆز ياسالسا دەپ ئ‍ۈمۈت قىلىمەن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:11 , Processed in 0.123892 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش