مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 47|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«ئىنسان راھەتنىڭ قۇلى» ئەمەسمۇ!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2017-1-1 13:33:14 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
دوستۇم مۇھەممەت كېرىم ۋارىسنىڭ يېڭى يىللىق شېئىرىي تەبرىكىدىن سۆيۈندۈم، ئېھ، «ئىنسان راھەتنىڭ قۇلى» ئەمەسمۇ!…

شىرئەلى مامۇت

م.ك.ۋارىس ( تۈن كارۋىنى )

بېل گەيتىسنىڭ ئاشۇ ئېگىز ئۆگزىدە تۇرۇپ سېنى كۆرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆزىدىن گۇمانلىنىمەن،
بەلكىم ئۇ ئۆزىنى باي، دەپ يۈرەر.
سەندەك باي ئادەمنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى بايلار بىلمەس.

سېنىڭ قەدىمقى بابىلون ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى مۇنارلارنى بىلىدىغانلىقىڭدىن پەخىرلىنىمەن.
ھايات پىلدىرلاپ تۇرغان ئىككى تال كۆز ئەمەس.
ياشاش  ئۇيقۇسى قانغان ئادەمنىڭ كېرىلىپ ئورنىدىن تۇرۇشى ئەمەس.

سەن ۋالىلداپ تۇرغان ئالتۇنلارغا يۆلىنىپ خۇمارىڭنى باسىسەن.
ساڭا كىم قويدى بىرىنچى بولۇشنى.
سېنىڭ ھاياتىڭ مۇسابىقىدىكى بىرىنچىلىك…
ياخشى ئىشلارنى ئۇخلاپ قوپۇپلا ئۆگىنىپ قالىسەن.
مېنىڭ ئاچچىقىم كېلىدىغان بەزى غەيرىي ئىشلارنى شۇنچىلىك كۆڭۈل قويۇپ تىرىشىپ ئۆگىنىسەن،
قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ كۈلۈپ كېتىسەن.

نۇرغۇن ئەربابلار ئىدىيەلەرنى لال قىلىپ ئۆتتى دۇنيادىن.
ئىدىيەگە ھاجەتمەنلەرنىڭ قۇتىسىدا ئۇلار مەڭگۈ ساقلاقلىق.

سېنىڭ ئۇ ئۆزىنى چۈشىنەلەيدىغان ياكى چۈشىنەلمەيدىغان ئادەمنى تەرجىمە قىلغانلىقىڭ قانچىلىك ئىشتى.
مەن ئۈچۈن قانچىلىك قىممىتى بار ئۇ كىتابنىڭ،
ئەمما مېنى بەك ھوزۇرلاندۇرىدۇ سېنىڭ ئېچىلىشىڭ ۋە يېپىلىشىڭ.

سەن بېلىق تۇتىدىغان دەريا سۇنىڭ ئۇستىخانلىرىغا لىق تولغان تۇرسا…
تاپىنىڭ ئاستىدا ئامالسىزلىقىم تالقانلانسا…
خاتىرجەم مەيدانغا چۈشۈشۈڭ،
مۇشتلاش ئۇستازى ئەلى ئاكىنى ئەسلەتسە…
ھاياتىمنىڭ سۈزۈك سېغىنىشلىرى يىغىدىن توختىمىسا…
ساڭا قاراپ مېڭەمنى پاراتتىن ئۆتكۈزمەمدىم.

دۇنيادىكى بىر مۇنچە ئەپەندىلەر قاتارىدىكى ئورۇندۇق قويۇلمىغان مۇنبەرد سەن مەغرۇر
شەرقنىڭ بىر نەچچەپىشقەدەم ئاۋازى ساڭا غۇرۇر.
تىلىڭدىكى تۇغقان تاۋۇشلار ۋە تەسۋىرىي ھەرپلەر ساڭا ھۆرمەت بىلدۈرۈر…
دۆڭكۆۋرۈكتىن باشلانغان ئۇزۇن كەنتتە ياشاپ بولدۇڭ، يەنە ياشاۋەر.
بەلكىم بىر بىچارە مۆتىۋەر
سېنى بىچارە، دەر.
ھاماقەتلەر ئىللەتلىرىنى توزۇتۇپ ئۆتەر…
بەر قارارلىقىڭغا كۆز تەگمىسۇن شىرئەلى مامۇت،
كەينىڭدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان غۇنچىلىرىڭ ساڭا ياساۋاتىدۇ مۇنبەر.

2017.1.1،  سۈيدۈڭ، سەھەر.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:14 , Processed in 0.054788 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش