مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 397|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تۆھپىكار تىلشۇناس-مۇھەببەت قاسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2015-7-19 22:51:59 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش |چوڭ رەسىمنىلا ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
تۆھپىكار تىلشۇناس-مۇھەببەت قاسىم


مۆھتەرەم ئۇستازىم، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى، تىلشۇناس ۋە ئەمەلىي تىلشۇناسلىق كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپرانت يېتەكچىسى مۇھەببەت قاسىم مۇئەللىم، ھازىر قايسى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىسز؟ دېگەن سوئالىمغا: «ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋچە قوشۇمچە يەرلىك شىۋىلەرنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللار توغرىسىدا بەزى مەسىلىلەرنى ھېس قىلدىم ۋەم بۇ ھەقتە بەزى ئەسەرلەرنى يازدىم ھەم داۋاملىق يازماقچى؛ يەنە ‹ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللار توغرىسىدا تەتقىقات› دېگەن تېمىدا بىر كىتاب يېزىشنى ئويلىشىۋاتىمەن، بۇنى پۈتتۈرۈشكە ئۈلگۈرەلەمدىم-ئۈلگۈرەلمەمدىم بىلمەيمەن، ئۆمرۈم بولسا بۇ ئىشنى قىلىپ تۈگىتىمەن» دېدى.
پىروفېسسور مۇھەببەت قاسىم بىر ۋەتەنپەرۋەر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1965-يىلىدىن 1970-يىلىغىچە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا تولۇق كۇرستا ئوقۇپ، مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن «مائاش ئالغاچ تەقسىمات كۈتۈش» نامى بىلەن شۇ فاكۇلتېتتا 1972-يىلىغىچە ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا دەسلەپ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى» نى ئىشلەش خىزمەتلىرىگە، كېيىن مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ كوررېكتورلۇق خىزمەتلىرىگە ياردەملەشكەن. 1972-يىلى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، ئۈرۈمچى ناھىيىسىنىڭ شۈيشىگۇ ئوتتۇرا مەكتىپى (خەنزۇچە ئوقۇتۇلىدىغان مەكتەپ) تە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. مۇھەببەت مۇئەللىم 1979-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆزى تەربىيەلىگەن تۇنجى قارارلىق ئاسپىرانتى سۈپىتىدە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئوقۇپ، 1981-يىلى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن تارتىپ تاكى 2011-يىلى پېنسىيەگە چىققۇچە، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تىل كافېدراسىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان 40 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن.
مۇھەببەت مۇئەللىم ھاياتىدا نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، ئۇ «مۇئەللىم» ئېلېكتىرون تېخنىكا شىركىتى تەسىس قىلغان «مۇئەللىم» تىلشۇناس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مىنۇتلارنى ئەسلەپ: «ئۆمرۈمدە نۇرغۇن-نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بولساممۇ ‹مۇئەللىم› تىلشۇناس مۇكاپاتىنى ئالغاندىكىدەك ھاياجانلىنىپ باقمىغاندىم، چۈنكى بۇ مۇكاپات مېنىڭ نەزىرىمدە خەلقىمنىڭ مېنى، مېنىڭ خىزمىتىمنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ بەلگىسى» دېدى.
مۇھەببەت مۇئەللىم 40 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ تولۇق كۇرس، ماگىستىر ئاسپىرانت ۋە دوكتور ئاسپىرانتلارغا تىلشۇناسلىق ئاساسلىرى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر تىلى دىيالېكتلىرى، ئۇيغۇر تىلى دىيالېكتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش، ئومۇمىي فونېتىكا، تىل تەكشۈرۈش، ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيەسى، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىلمىي ماقالە يېزىش ئۇسلۇبى، تىلشۇناسلىق تەتقىقات مېتودولوگىيەسى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى قاتارلىق ئون نەچچە تۈرلۈك دەرس ئۆتكەن. 1990-يىلىدىن تا پېنسىيەگە چىققۇچە 11 قارار، 40 قا يېقىن ماگىستېر ئاسپىرانت تەربىيەلىگەن. 40 ئاسپىرانتىنى بىۋاستە يېتەكلەشتىن باشقا، خەنزۇ ئاسپىرانتلارغا دەرس بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە 1997-يىلىدىنن تاكى 2004-يىلىغىچە چەت ئەللىكلەرگە خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇش كافېدراسىنىڭ خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن ھەمدە چەت ئەللىكلەرگە خەنزۇ تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت بىر قانچە خىل دەرس ئۆتكەن.
مۇھەببەت قاسىم ئاسپىرانتلىقىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشىپ كەتكەن ھەم ھەمراھى - تىلشۇناس، مەرھۇم خالىق نىياز ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ «تىلشۇناسلىق ئاساسلىرى»، «جۇڭگودىكى تۈركىي تىللار»، «فونېتىكا ۋە تىل تەكشۈرۈش»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىيالېكت-شىۋىلىرىنىڭ فونېتىكا، گىرامماتىكىسىغا سېلىشتۇرما تەتقىقات»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم دىيالېكت سۆزلىرى» قاتارلىق 15 پارچە كىتاب يازغان.
مۇھەببەت قاسىم 20-30 يىلدىن بۇيان شىمالىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ، ئۇيغۇر تىلى دىيالېكتلىرى ۋە شىۋىلىرى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى توپلاپ ھەم تەتقىق قىلىپ، «ئۇيغۇر تىلى مۇرتۇق شىۋىسىنىڭ فونىتىكىلىق ئالاھىدىلىكى» قاتارلىق يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان. ئۇ دۆلەت ئىجتىمائىي پەنلەر فوندىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ياردەم تۈرى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىيالېكتلىرىدىن ئەدەبىي پارچىلار ۋە مۇھىم فونېتىكا، گىرامماتىكا ھادىسىلىرىگە سېلىشتۇرما تەتقىقات» قا رىياسەتچىلىك قىلغان. بۇلتۇر يانۋاردا تاش راخمان، سەلتەنەت خالىقلار بىلەن بىللە «ئۇيغۇر تىلى دىيالېكت-شىۋىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى» دېگەن كىتابىنى يېزىپ پۈتكۈزگەن.
مۇھەببەت قاسىم كىچىكىدىن خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغان بولغاچقا، ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىللىرىنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرىنى تولۇق ئىگىلىگەن، شۇڭا دەرس ئۆتۈش داۋامىدا يەكۈنلىگەن تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن «بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلادنىڭ قوش تىل ئىشلىتىش ئەھۋالى توغرىسىدا تەكشۈرۈش» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇرغان. ئۇنىڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن نەشىرگە تەييارلىغان «خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇا تاۋۇشىنى ئوقۇتۇشىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە مەشىق (خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىلىدا)» دېگەن كىتابىنى بېيجىڭ تىل ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى بۇ يىل نەشىردىن چىقىرىدۇ.
مۇھەببەت قاسىم 1989-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «مەملىكەتتىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتۇش نەتىجىسى دۆلەت دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن؛ 1999-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «مەملىكەتلىك 2-نۆۋەتلىك مائارىپ ئىلمى مۇنەۋۋەر تەتقىقات نەتىجىسى دەرىجىلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن؛ مۇھەببەت قاسىم يەنە كۆپ قېتىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى، مۇنەۋۋەر ئوقۇتۇش نەتىجىسى قاتارلىقلارنى باھالاشتا 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. 1994-يىلى ئۆكتەبىردە گوۋۇيۈەن ئۇنىڭغا «دۆلەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇتەخەسسىس» دېگەن ئىمتىياز بەرگەن.
-مۇئەللىم پېنىسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتامسىز؟
-2009-يىلى تەستىقلانغان دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەن فوندىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى تەتقىقات تۈرى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىيالېكتلىرىدىكى ئەدەبىي پارچىلار ۋە فونېتىكا، گىرامماتىكا، لېكسىكىغا سېلىشتۇرما تەتقىقات» نى تاماملىدىم. «ئۇيغۇر تىلى دىيالېكتلىرىنىڭ فونېتىكا، گىرامماتىكا، لېكسىكىسىغا سېلىشتۇرما تەتقىقات» دېگەن ئىككى قىسىملىق كىتابىم دۆلەت ئىجتىمائىي پەنلەر فوندىنى پىلانلاش ئىشخانىسىنىڭ ياردىمىدە مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا نەشىر قىلىنىدۇ.
-بىز سىزدەك مۆھتەرەم ئۇستازىمىزدىن پەخىرلىنىمىز، سىزگە ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە ۋۇجۇدىڭىزغا كۈچ-قۇۋۋەت تىلەيمىز. رەھمەت سىزگە مۇئەللىم!
ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:20 , Processed in 0.058077 second(s), 26 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش