مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1710|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

系统نى "سىستېما" دەمدۇق؟ ياكى "سېستىما"؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
系统نى سىستېما دەمدۇق؟ ياكى سېستىما دەمدۇق
سىستېما دەپ يېزىلىش قائىدىگە ئۇيغۇنمۇ؟  مەسىلەن ئۇيغۇرچە سۆزلەردە ئادەتتە ئې ھەرىپى ئالدىدا، ئى ھەرىپى كەينىدە بولىدۇ.  مەسىلەن، تېخنىكا، ئېلىش، بېرىش، دېگەندەك،  سىستېما دېگەنگە ئوخشاش ئالدىدا ئى ھەرىپى، كەينىدە ئې ھەرىپى كېلىدىغان سۆزلەر ماڭا ئۇچرىمىدى، ھەم بۇنداق تەلەپپۇز قىلىش بىرئاز تەسرەك، تىلىمىزغا ماس كەلمەيدۇ.
بۇ سۆز ئېنگىلىزچىدىن كىرگەن بولۇپ،  system دەپ يېزىلسىمۇ، ئېنگىلىزچىدە سىستىم دەپ ئوقۇلىدۇ، كەينىدىكى e ھەرىپىمۇ ئى دەپ ئوقۇلىدۇ،  بىراق بىز بۇ سۆزنى قوبۇل قىغاندا تىلىمىزنىڭ تەلەپپۇز ئادىتىگە قارىمايلا  سىستېما دەپ قوبۇل قىلساق، تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن.
قېنى كۆپچىلىك نېمە دەيدىكىن؟
يالغۇز تاللاشلىق سايلام , قاتناشقانلار
42.86% (6)
50.00% (7)
7.14% (1)
سىز تەۋە ئەزا گۇرۇپپىسى بېلەت تاشلىيالمايدۇ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

5

يازما

15

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
15
دىۋان
ۋاقتى: 2014-3-18 18:36:25 | ئايرىم كۆرۈش
«سىستېما» دەپ ئالىمىز. چۈنكى بۇ سۆز سىز دەپ ئۆتكەندەك سىرتتىن كىرگەن سۆز، شۇڭا شۇ تەلەپپۇز بويىچە ئېلىنىشى كېرەك. بىز گېزىتتا شۇنداق ئالىمىز. قېلىپشتۇرۇلغان لوغەتتىمۇ شۇنداق ئېلىنغان.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-18 18:57:13 | ئايرىم كۆرۈش
ئايتۇغ يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 18:36
«سىستېما» دەپ ئالىمىز. چۈنكى بۇ سۆز سىز دەپ ئۆتكەندەك س ...

مەسىلە شۇكى، بۇ سۆز ئەسلى تىل بولغان ئېنگىلىز تىلىدىمۇ سىستېم دىمەيدۇ، بەلكى سىستىم.  كىرگەن سۆزلەرنى ئۆزىمىزنىڭ تىل ئۆلچىمى بويىچە قوبۇل قىلماي، خەقنىڭ تىلىدىكى يېزىلىشى بويىچە قوبۇل قىلامدۇق؟  ئالدى بىلەن ئۆز تىلىمىزنى ئۆزىمىز ھۆرمەتلەپ، تىلىمىزغا ماسلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلمىساق، قالايمىقانچىلىق ھەقىقىي چىقىدۇ.
خەنزۇ تىلى يېزىق ئاساسىدىكى تىل، ئۇيغۇرتىلى بولسا ئېغىز تىلى ئاساسىدىكى تىل، يېزىق قانچە ئۆزگەرسىمۇ ئېغىز تىلىدىن يىراقلىمايدۇ. شۇڭا سۆز ياساش ياكى تەرجىمە قىلىشتا بولسۇن، ئېغىز تىلىمىزغا ماسلاشقان قىلمىساق، ھامان ئىستىمالدىن قالىدۇ.
خەقمۇ بىزنىڭ تىلىمىزنى، ئىسمىمىزنى ئۇنچىلىك توغرا ئۇيغۇرچە دېيەلمەيدۇ، بەلكى ئۆز تىلىغا ماسلاشتۇرۇپ كىرگۈزىدۇ، بىز نېمىشقا باشقا تىلدا قانداق بولسا شۇنداق كىرگۈزىمىز دەيمىز؟
لۇغەتلىرىمىز داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، بېيىتىلىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق پۇرسەتتە تېخىمۇ مۇۋاپىق  ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ئېغىز تىلىغا ماسلاشقان، ئېغىز تىلى بىلەن جىپسىلىشىپ بىرلىككە كەلگەن سۆزلەرنى مۇقىملاشتۇرمىساق، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر بولىدۇ.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

5

يازما

15

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
15
يەر
ۋاقتى: 2014-3-18 19:15:46 | ئايرىم كۆرۈش
بۇنىڭغا ئوخشاش سۆز ناھايىتى جىق، مەسىلەن دىرېكتورنى دېرىكتور دەيمىز، كورېيەنىمۇ ئادەتتە كورىيە دەيمىز، ئېلېكتىرنىمۇ ئىلىكتىر دەيمىز.
مەتپۇئاتلاردا ئىملانى چوقۇم قېلىپلاشقان بويىچە ئالىمىز. ئېغىز تىلى ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۆزگەرمەيدىغان، ياكى ۋاقتىنچە ئۆزگەرمەيدىغان بەلگىلىمىگە مۇھتاج بولىمىز ئەلۋەتتە.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-18 19:32:53 | ئايرىم كۆرۈش
ئايتۇغ يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 19:15
بۇنىڭغا ئوخشاش سۆز ناھايىتى جىق، مەسىلەن دىرېكتورنى د ...

ئۇيغۇرچە سۆزلىرىمىزگە قارايدىغان بولساق، ئالدىدا ئې e ، كەينىدە ئىi ھەرىپى بىلەن كېلىدۇ، بىر سۆز ئىچىدە ئالدىدىكى ھەرپ i, كەينىدىكى ھەرپ e بولىدىغان ئەھۋال  سىز يولۇققانمۇ؟ ئىشقىلىپ مېنىڭ يولۇققىنىم ئېسىمدە يوق، بەلكىم مېنىڭ تېخى چولتۇلۇقۇم، ئۇچراتقان سۆزلۈكلىرىمنىڭ ئازلىقىدىن بولسا كېرەك.  بىراق، كۆزەتسەك ئاسانلا بايقىيالايمىز. مەسىلەن، سۆز e ھەرىپى سۆزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى سوزۇق تاۋۇش بولۇپ كەلمەيدۇ، بەلكىم مەن دىققەت قىلمىغان بولۇشۇم مۇمكىن.
مەسىلەن ئۈزۈك تاۋۇشلارنى B بىلەن ئىپادىلىسەك، سۆزلەر ئادەتتە bibib, bebib ھالىتىدە كېلىدۇ، bibeb ھالىتىدە كېلىدىغان سۆزلەر  قارىساق شۇ سىرتتىن كىرگەن سۆزلەر.
يەنە bobub, bubub ھالىتىدە كېلىدۇ، bubob ھالىتىدە كەلگەن سۆزلەردىن قانچىلىك؟
يەنە بىر سۆز ئىچىدە ئۆ ۋە ئۈ ھەرىپى بولسا، ئالدىدىكى ھەرپ ئۆ ياكى ئۈ بولىدۇ، بىراق كەينىدىكى ھەرپ ئۆ بولمايدۇ. ئۇيغۇرچە سۆزلەرگە قارىساق، ئۆتۈك، ئۈزۈم دېگەندەك.
ئەلۋەتتە، بۇلار ئىككى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ جىق بوغۇنلۇق سۆزلەردىكى ئەھۋاللار.  
  مۇشۇنداق بىر سۆز ئىچىدە e ھەرىپى ۋە i ھەرىپى بار سۆزلەر، ئو، ئۇ،  ئۆ، ئۈ ھەرىپلىرى كەلگەن سۆزلەرنى قوبۇل قىلىشتا  ئۇيغۇرتىلىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە دىققەت قىلسا دەيمەن.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

4

يازما

16

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
16
6#
ۋاقتى: 2014-3-20 10:02:30 | ئايرىم كۆرۈش
سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا تىلنىڭ قائىدە قانۇنىيەتلىرى جەھەتتىن سۆزلىيەلمىگۈدەكمەن،لىكىن بۇ سۆز تىلىمىزغا كىرگىلى ئۇزۇن بولدى،قاراپ باقسام بىر قانچە لۇغەتتە ئوخشاشلا سىستېما دەپ تەرجىمە قىلىنىپتۇ،شۇڭا سىستېما دىگەن توغرا دىيىشكە بولىدۇ.
يەنە بىرسى،تىلىمىزدا بۇرۇن ئومۇملىشىپ بولغان سۆزلەردە ئېغىر خاتالىق ساقلانمىغان بولسىلا ئىمكان ئۇنى ئۆزگەرتمىسەك
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10

تېما

82

يازما

374

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
374
7#
ۋاقتى: 2014-3-30 14:58:17 | ئايرىم كۆرۈش
سىستېما دەپ  يازىمىز,  سېستىما  دەپ دەيمىز.  خەلق دەپ يازىمىز. خەلىق دەپ دەيمىز.  ئۆردەك  دەپ يازىمىز. ئۆدەك دەپ دەيمىز.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

1

يازما

4

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
4
8#
ۋاقتى: 2015-5-17 10:39:16 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ ئىملاسى قاچانمۇ بىر قېلىپلىشار.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

40

تېما

204

يازما

1079

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1079
9#
ۋاقتى: 2015-7-26 10:22:54 | ئايرىم كۆرۈش
alma يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 18:57
مەسىلە شۇكى، بۇ سۆز ئەسلى تىل بولغان ئېنگىلىز تىلىدىم ...

ئەپسۇس، بۇ سۆز بىزگە ئىنگلىزچىدىن ئەمەس بەلكى رۇسچە ئارقىلىق كىرگەچكە، "سىستېم" شەكلىدە ئومۇملاشتى!
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

1

تېما

19

يازما

98

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
98
10#
ۋاقتى: 2015-10-18 09:56:20 | ئايرىم كۆرۈش
ۋىندوۋس 10 ئۇيغۇرچە سىستېمىسىدا، "سىستېما" دەپ ئاپتۇ.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:06 , Processed in 0.083387 second(s), 24 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش