مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 232|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سازچى بىلەن سۆزلەشسەم ،راۋاپتىن چۈشتى .

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

300

تېما

646

يازما

1678

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1678
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2015-6-20 04:19:20 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
[
  موللام بىلەن مۇڭداشسام ساۋاپتىن چۈشتى ،
  سازچى بىلەن سۆزلەشسەم ،راۋاپتىن چۈشتى .
[
   خانىم قىزلار لەۋ -كىرپىك،قاپاقتىن چۈشتى ،
   دېھقان يەردىن -ئەمگەكتىن،قوناقتىن چۈشتى .
[
   رەسسام بىلەن مۇڭداشسام بوياقتىن چۈشتى ،
    تازدىن ئاستا گەپ ئالسام تۇماقتىن چۈشتى .  
[
  زىيالىدىن گەپ ئالسام كىتاپتىن چۈشتى ،
   بىر بوغالتىر سەمپەندىن -ھېساپتىن چۈشتى ،
[
   ئارتىس بىلەن سۆزلەشسەم چاۋاكتىن چۈشتى ،
   گەپكە سالسام بىر ئاچكۆز قورساقتىن چۈشتى .
[
   ئىچەرمەندىن گەپ ئالسام ھاراقتىن چۈشتى ،
   ئاشپەز بىلەن مۇڭداشسام تاماقتىن چۈشتى .     
   مۇقامچىلار <پەنجىگاھ > <ئوشاق> تىن چۈشتى ،
    شائىر بىلەن مۇڭداشسام قوشاقتىن چۈشتى .      
    باشلىق بىلەن سۆزلەشسەم پىكاپتىن چۈشتى ،
    مويسىپىتلار قاينىشىپ ئىنساپتىن چۈشتى .
   چارۋىچىنى ئىزدىسەم يايلاقتىن چۈشتى ،
   ئورمانچىلار كېسىلگەن توغراقتىن چۈشتى .
[
   قېتىقچىدىن گەپ سورسام قايماقتىن چۈشتى ،
   يۇرتۋازلاردىن گەپ ئالسام ئايماقتىن چۈشتى .
[
   بەڭگە سۆزلەپ تاماكا -چاقماقتىن چۈشتى ،
   سودىگەرلەر ئالماقتىن -ساتماقتىن چۈشتى .
[
  دوختۇر بىلەن سۆزلەشسەم بىتاپتىن چۈشتى ،
  ياغاچچىمىز رام -كېشەك ،ئىشكاپتىن چۈشتى .
[
  مۇئەللىم دەرس ،تەنەپپۇس ،ساۋاقتىن چۈشتى ،
  ساقچى جېدەل ، دە -تالاش ،سوراقتىن چۈشتى .
[
  ئىزدەپ بارسام پارىخور سوۋغاتتىن چۈشتى ،
  چۈشكەندىمۇ سەل ئەمەس .يوغاندىن چۈشتى .
[
  رادىئودىن گەپ كۈتسەم ،ئېلاندىن چۈشتى ،
   ئېلان بىلەن پۇل تاپار پىلاندىن چۈشتى .
[
  تېلىۋېزورمۇ ئامىنە -ئىخلاستىن چۈشتى ،
  دورا يەڭ دەپ قىسىردىن -تۇغماستىن چۈشتى .
[
كەپتەر ۋازدىن گەپ ئالسام قونداقتىن چۈشتى ،
  قاسساپ ئۆچكە ،قوي -كالا ،ئوغلاقتىن چۈشتى .
[
  بويتاق بىلەن مۇڭداشسام سىرداشتىن چۈشتى ،
  تورداش بىلەن سۆزلەشسەم ئىنكاستىن چۈشتى .
[
  دېمەك ،ھەر كوي ھەر خىيال بىر باشتىن چۈشتى ،
بىر ھورۇندىن گەپ ئالسام ئۇخلاشتىن چۈشتى .
ئ‍ىلھامجان كۆچۈرمىسى.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:54 , Processed in 0.054300 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش