|
مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى(نۇر روزى)
http://www.azimatlar.net/forum.php?mod=viewthread&tid=556
(مەنبەسى: azimatlar munbiri)
بەقەسەم تون كىيگەن ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى ئاق پىشماق ئادەم كۆك سىرلانغان كەڭ دەرۋازىدىن ئاق بوز ئاتنى يورغىلىتىپ كىرىپ كەلدى . ئۇ ، مەكتەپ سەھنىسىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ، تىزگىنىنى يەڭگىل تارتتى . ئات توختاپ ، سوزۇپ سوزۇپ ئىككى قېتىم كىشنىدى- دە ، ئالدى پۇتلىرى بىلەن يەرنى چاپچىشقا باشلىدى ، دەل شۇ چاغدا مەكتەپ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىنى سۈپۈرۈۋاتقان ياشقىنا خىزمەتچى چۆچۈپ ئارقىسىغا قارىدى ۋە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئاتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالدى :7 S8 A* P$ _( V" d& e9 }
- تىنچ-ئامان كەپلا مۇدىر ؟ دېدى ئۇ ئېگىلىپ تۇرۇپ .
ئۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىلىك ئېلىشىنى كۈتمەيلا ، ئۇنى قولتۇقىدىن يۆلەپ ئاتتىن چۈشۈردى .2 F7 c% a& @, i/ E) J! x
- خوش ، بۈگۈن نېمە بولدى ؟ مەكتەپ چۆلدەرەپ قاپتىغۇ ؟! L9 a$ m5 C$ {$ |
- مۇئەللىملەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى سېلىنىڭ تۆگەدۆڭ دىكى قوناقلىرىنىڭ بېشىنى ئۈزدۈرۈشكە ئېلىپ كەتتى .
مۇدىرنىڭ چوڭ كۆزلىرى قىسىلىپ ، چىرايى سەل ئېچىلدى . سېمىز قوللىرى بىلەن شاپ بۇرۇتىنى ئىككى يانغا تاراپ قويدى . خىزمەتچى ئالا يوللۇق بەلۋېغىغا قىستۇرۇۋالغان كىچىككىنە مىس چىلىم بىلەن قىزىل پۆپۈكلۈك تاماكا خالتىسىنى چىقاردى . تاماكىنى ئۈگدەپ ، سەيخانىغا تولدۇرۇپ قويدى ۋە ئۇنى چوغلاپ مۇدىرغا تۇتتى . ئۆزى بولسا ئاتنى سوۋۇتۇشقا تۇتۇندى . مۇدىر تۇرغان يېرىدىلا زوڭزىيىپ ئولتۇردى دە ، خىزمەتچىنىڭ ئاتنى سوۋۇتۇشىغا نەزەر سالغاچ ، چىلىمنى خورۇلدىتىپ چېكىشكە باشلىدى . خىزمەتچى ئاتنى يىتلەپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ، چىلىمنى ئۇنىڭغا ياندۇرۇپ بەردى دە ، تۇيۇقسىز سورىدى :' l U. h% W* z, u( z
- تەرتىپ مۇدىرىچۇ ؟* k% O9 k# x4 |0 q# Y
- ئادەم ئۇقۇشقىلى كەتتى .
- ئادەم ئۇقۇشقىلى ؟ نېمە ئىش قىلماقچىكەن ؟
خىزمەتچىنىڭ رەڭگى سارغىيىپ كەتتى دە ، دۇدۇقلاپ جاۋاب بەردى .
- بايراقنىڭ تانىسى غالتەكتىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن ، دېدى ئۇ ئېڭىكى بىلەن مەكتەپ مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى موما ياغىچىنى كۆرسىتىپ ، مومىغا چىقىپ تانىنى غالتەككە يۆگىيەلەيدىغان ئادەم تېپىلىپ قالارمىكىن دەپ ئەتىگەنلا چىقىپ كەتكەن ئىدى . J# E( j3 F* @8 I5 r
- ھە ؟!+ W5 U9 m( J, G) d
مۇدىر بېشىغا كالتەك تەگكەندەك چۆچۈپ كەتتى . ئۇ سېرىق تاماكىسىنىڭ تەسىرىدىن سىرقىراپ تۇرغان بەدىنىنى ئوڭلاپ ، ئىككى قولىغا تايىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئارقىسىغا قارىغان ئىدى ، مومىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېسىلىپ تۇرغان گومىنداڭ بايرىقىغا كۆزى چۈشتى . ھەر كۈنلۈكى 20 غۇلاچلىق مومىنىڭ ئۇچىدا ھەيۋەت بىلەن لەپىلدەپ تۇرىدىغان 12 بۇرجەكلىك ، ئاق كۈن نۇرى چۈشۈرۈلگەن ھاۋارەڭ بايراق ئۇنىڭ كۆزىگە خۇددى ئالا پاساق ئۈكلىنىپ قورۇلۇپ قالغان تېرىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى . يۈرىكى بىردىنلا پىژژىدە ئېچىشتى دە ، يۈزى پوكاندەك ئېسىلىپ ، سېمىز گۆشلىرى لىپ لىپ تىترىدى ، بۇرۇتى لىكىلداپ ، بۇرنىنىڭ ئۈستىدە تەر تامچىلىرى پەيدا بولدى . ئۇ ، بايراقتىن كۆزىنى ئالمايلا ئارقىسىدا قول باغلاپ تۇرغان خىزمەتچىسىدىن سورىدى :- B. C r1 n) s+ q5 q1 |/ @( G9 ~
- نەچچە كۈن بولدى ؟
- تۈنۈگۈن شۇنداق بولغان ئىكەن .
مۇدىر خۇددى بىر كىشى چۆرگلىتۋەتكەندەك پىررىدە ئارقىسىغا ئۆرۈلدى دە ، يوتىسىغا بىرنى شاپىلاقلاپ ، ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى . خىزمەتچىمۇ ئاتنى ئاتخانىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى ، ئاندىن مىس چىلىمنى دەرھال چوغلاپ ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئىشخانىغا كىردى ۋە قوللىرى تىترىگەن ھالدا ئىككى قوللاپ چىلىمنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى . مۇدىر چىلىمنى قاتتىق قاتتىق ئىككىنى شورىدى دە ، ۋارقىرىدى :
- ئاتقا مىنىپ تىز ماڭ ! بېرىپ تەرتىپ مۇدىرىنى تېپىپ كەل !
- خوپ .8 B: Y* Z4 v+ E5 N1 ? G( p8 I- e
خىزمەتچى چىقىپ كەتتى ، مۇدىر قوللىرىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ ئىشخانىنىڭ ئىچىدە ئۇيان بۇيان ماڭغىلى تۇردى . ئارىدىن بىر چاي قاينىغىدەك ۋاقىت ئۆتكەندە تەرتىپ مۇدىرى كىرىپ كەلدى دە ، پۇتلىرىنى جۈپلەپ ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىك تۇردى .2 f& p% c; P6 q: ?
- خوش ، نۇسرەت ئەپەندى . مەكتەپ مۇدىرى قاپىقىنى تۈرۈپ ئۇنىڭغا تىكىلدى ، مەن ئۇيۇشمىغا يىغىنغا كەتكىلى نەچچە كۈن بولدى ؟ s7 _6 V0 V0 F0 I
- بىر ھەپتە .
- ئۇنداق بولسا ، بىر ھەپتىدىن بېرى نېمە ئىشلارنى قىلدىڭىز ؟
- كۆرسەتمىلىرى بويىچە ، بىرىچىدىن ، بەگلىكىمىز تەۋەسىدىكى بارلىق پىرقە(پارتىيە) ئەزالىرىنى يىغىپ ، جاھاننىڭ دۆڭ چوڭقۇرلىرىنى تىڭ تىڭلاشتىن دوكلات ئالدىم . ئۇلار ئاڭلىغان بىلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى دوكلات قىلىشتى . ئىككىنچىدىن . 50 ئائىلىگە بىردىن پىرقە ئەزاسىنى نازارەتچىگە قويساق ، يەنە 4 پىرقە ئەزاسى كەملەيدىكەن ، بىز نىشانلىغان ئونبېشىلارغا ئانكىتنى توشتۇرۇپ بەرسەممۇ ئۇلار قول قۇيۇشنى ئارقىغا سوزۇۋاتىدۇ ، نەچچە كۈندىن بېرى ئۇلارنى تاپالمىدىم ، يەنە 10 ئانكىتقا تېخى ئادەم يوق .
- خوش ، ئۇنداق بولسا ، ئەتە ئەتىگەنگىچە مۇشۇ كەم 4 ئادەمنى قەتئىي تولدۇرۇش كېرەك ! ئەتە مۇشۇ ئىشلارنى تەكشۈرگىلى زۇڭبۇدىن ئادەم كەلمەكچى . ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك تېخى بايراقنىمۇ چىقىرالماپسىلەر ، ئادەم ئۇقۇشتۇڭمۇ ؟ قېنى ئۇ ئادەم ؟5 i/ G( m8 c; n
- ئۇقۇشتۇم ، دەرۋازا ئالدىدا ساقلاپ قالدى .
- قانداق ئادەم ئىكەن ئۇ ؟
- 13 ياشلىق بىر بالا .5 g5 _0 {( S' t/ p* _
- 13 ياشلىق بالا ؟ كىچىك بالا 20 غۇلاچلىق مومىغا قانداق چىقالايدۇ ؟
- چوڭ ئادەم ئەسلا چىقالمايدۇ . موما ياغىچى ئىنچىكە ، يېرىمىغا چىقىپ بولغۇچە سۇنۇپ كېتىدۇ ،- تەرتىپ مۇدىرى دۇدۇقلىدى ، نا ناۋادا چىقالمىسا ، مومىنى ئۆ.ئۆرۈپ ، قايتا تىكلەشكە توغرا كېلىدۇ .5 Z) u% X0 w1 i7 A( n
- قاپاقۋاش ! مۇدىر شىرەگە داققىدە مۇشتلىدى دە ، چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ بىگىز قولىنى تەرتىپ مۇدىرىنىڭ بۇرنىغا شىلتىدى ، ئەتە زۇڭبۇدىن تەكشۈرگىلى ئادەم كېلىدۇ دەۋاتسام ، سىززە يەنە مومىنى ئۆرۈپ قايتا تىكلەيلى دەۋاتىسىز . نېمە دېگەن دۆتلۈك بۇ ؟ سۇپىنى چۇۋۇپ ، مومىنى قايتا تىكلەپ بولغۇچە بىر ھەپتە ئۆتمەمدۇ ؟!تېخى كۆمۈلگەن بېشى سېسىپ كەتكەن بولسىچۇ ؟! سىلەرنىڭ غەرىزىڭلار ماڭا مەلۇم ! مېنىڭ ئېشىمغا توپا سالماقچى ! ئىناۋىتىمنى تۆكمەكچى !2 M" o( k q$ j k
تەرتىپ مۇدىرى تىترەپ كەتتى ؛ ئۇ ، پېشانىسىدىن چىققان تەر كۆزلىرىگە چىپىلداپ ئېقىپ كىرىپ ئېچىشتۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ ، سۇرۇتۋېتىشكە جۈرئەت قىلالماي ، كۆزىنى چىمىلدىتاتتى .
- كەچۈرسىلە مۇدىر ، مەن خاتا سۆزلەپ سالدىم .
- ھىم ! خاتا سۆزلەپ سالغانمىش ! سىزنىڭ كاللىڭىزدا شۇنداق ئوي بار ! قالغان گەپنى كىيىن سۆزلىشەيلى ! مومىغا قانداقلا بولمىسۇن بىرسىنى چىقىرىش كېرەك ! زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلۇغ پىرقىمىز بايرىقىنىڭ ھەمىشە كۆكتە لەپىلدەپ تۇرۇشى ئۈچۈن بىرەر ئادەمنىڭ خۇنىدىن كەچسەكمۇ مەيلى !
- ئۇقتۇم .
- ئۇ بالا مومىغا چىقالامدىكەن ؟
- چىقالايدىغاندەك قىلىدۇ . ئۇ دەرەخكە يامىشىشتا مەھەللە بويىچە داڭ چىقارغان بالا ئىكەن . ئۆزىمۇ چىقالايمەن دەپ ھۆددە قىلدى . لېكىن ئۇ ھارامزادە بىزگە بىر شەرت قۇيۇۋاتىدۇ ، يالغاندىن ماقۇل بولۇپ ئەكەلدىم .. }) L, j" k7 B: s: P
- شەرت ؟! قانداق شەرتكەن ئۇ ؟0 W3 f% z4 Q; c& O0 k6 J
- دادىسىنى قاماقتىن قۇيۇپ بېرىشنى شەرت قىلىپ تۇرۇۋالدى .' M6 X8 y* E' A. }
- دادىسى كىمكەن ؟ نېمە ئۈچۈن قامىلىپتىكەن ؟ w/ U4 C7 b' O& L, G
- سوپاخۇن باينىڭ ئۆيىدە نىمكار بولۇپ ئىشلەيدىغان بەش تۈگمەنلىك بىر كۆنچى . ئەسلىدە ئۇ ئىلىلىق ئوغرىلارغا قوشۇلۇپ ، ھۆكۈمەتكە قارشى بىر نەچچە يىل ئۇرۇش قىلغان قىزىل پاچاق ئىكەن . بېتىمدىن كىيىن قولغا چۈشۈپتۇ ., f- {$ q0 A" ?1 r0 h& y
- ھە ، ئۇنىڭ بالىسىغا نېمە دەپ ۋەدە بەردىڭىز ؟& e _' F9 J3 |' G$ _' `# F" A7 [
- داداڭنى بوشىتىپ بېرىمىز دەپ .
- ئوبدان دەپسىز ، ئىشنى كېچىكتۈرمەي تېزرەك ھەرىكەت قىلىڭ ! قاراڭ ! مەن بىر رايوننىڭ پىرقە شۇجىسى ، سىز بولسىڭىز بىر ھەيئەت . ھەر ئىككىمىز چاقىرسا ئېتى بار ، تۇتسا سېپى بار ئادەملەر ، قېرىشقاندەك بىز تۇرغان مەكتەپتىكى پىرقە بايرىقى چىقىرىلماي مومىنىڭ يېرىمىدا ئەسكى پالازدەك ساڭگىلاپ تۇرسا . بۇنىڭغا قانداقمۇ چىداپ تۇرغىلى بولسۇن ؟! بۇ بايراق پىرقىمىزنىڭ جېنى . يەنە شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى ، بۇ بايراق چىقىرىلماي مۇشۇنداق سالپىيىپ تۇرۇۋەرسە ، كاللىمىزغا سەگەك بولساق بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، بۇ بايراقنى جېنىمىزنى تىكىپ قوغدىشىمىز كېرەك . مەن پىرقىمىزنى قىزىل پاچاقلاردىن قوغدايمەن دەپ تېخى تۈنۈگۈنكى يىغىندا يەنە بىر قېتىم قەسەمياد قىلدىم . مانا بۇ مىنىڭ قەسىمىمنىڭ گۇۋاسى ، ئۇ شايى كۆينىكىنىڭ تۈگىمىسىنى يېشىپ ، يۇڭلۇق مەيدىسىنى كۆرسەتتى . تەرتىپ مۇدىرى چۆچۈپ كەتتى . ئۇنىڭ كۆكرىكىگە پىچاق بىلەن X بەلگىسى سىزىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن ھازىرمۇ قان چىقىپ تۇراتتى . مۇدىر ئالدىرىماي ، خۇددى قەدىمىنى ساناۋاتقاندەك چوڭ قەدەم بىلەن ئۇياندىن بۇيانغا بىر نەچچە قېتىم ماڭدى ، ئاندىن تەرتىپ مۇدىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى :8 c5 b# ]3 P- J( e* n' w
- مۇنداق ئادەمنى يامۇلغا كىرگۈزۈپ بەرسەكمۇ بولىدۇ ، بۈگۈنكى مۇشۇ بايراق چىقىرىش يولىدا نەزىر قىلىۋەتسەكمۇ بولىدۇ ئاي ھاي ! بۇ پىرقىمىز ئۈچۈن زور ساداقەت تىلىمىز تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ .
- خوش ، سىز چىقىپ ، ئۇ بالىنى كىرگۈزۈۋېتىڭ . ئەھۋالنى داۋۇتبەككە مەلۇم قىلىپ قۇيۇڭ ., ]( ^8 r: v3 w. [
ماتادىن تىكىلگەن كۆڭلەك تامباللىرى يىرتىلىپ ، ئالا يېشىل ياماقلار چۈشكەن ، ئاق دوپپىسى ئۆڭۈپ ، قىزغۇچ توپا رەڭگىدە بولۇپ قالغان ، كۆزلىرى چوڭقۇر ، ئۇرۇق ئىگىزگىنە بالا بوسۇغىدا كۆرۈندى . مۇدىر لىككىدە ئورنىدىن تۇردى .
- ھە ، كەل ، كەل ئوغلۇم ، مەيەرگە كېلىپ ئولتۇر .
بالا ئولتۇرمىدى ، مۇدىرغا تىكىلىپ قاراپ ، ئىشىكنىڭ يان ياغىچىغا يۆلىنىپ تۇرۇۋەردى . مۇدىر ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى دە ، قولىدىن بوشقىنا تارتىپ ، ئۇنى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى . يۈزىگە يالغاندىن كۈلكە يۈگۈرتۈپ ، بالىغا بىر ئاق ناننى تۇتقۇزدى . " يە ئوغلۇم" دېدى ئۇ تۇمشۇقىدا ئىملاپ ناننى كۆرسىتىپ . بالا ناننى چوڭ چوڭ چىشلەپ يەۋاتقاندا ، مۇدىر ئۇنىڭ پۇتىغا كۆز تاشلىدى . ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ دۈمبىلىرى يېرىلىپ ، خۇددى قوماچتەك ئېتىلىپ كەتكەن ئىدى . مۇدىر كۆيۈنگەن قىياپەتتە ئۇنىڭ پۇتلىرىنى كۆتۈرۈپ تاپانلىرىغا قارىدى . تىكەن ، شوخا كىرىپ شور پېتىپ كەتكەن تاپانلىرى بەئەينى تۈكچە سالغان تۆشۈك ئىدى . قىرىۋالغۇدەك گۆشى يوق قوللىرى بولسا ، تارىشىدەك قاتتىق ئىدى . مۇدىر ئىچىدە "مومىغا چىقالايدۇ" دەپ ھۆكۈم قىلدى . ئۇ گويا ئۆزىنى بالىغا ئېچىنغاندەك قىلىپ كۆرسىتىپ :5 }1 y8 W& d) m
- ئىسمىڭ نېمە ؟ دەپ سورىدى . I; H3 m a+ `7 Q- a7 K
- مۆمىن .: L ~ S$ x) J! o) j/ ]$ X
- داداڭنىڭچۇ ؟
- مۇسا .% u- q/ j: o' L
- ئۆزۈڭ نېمە ئىش قىلىسەن ؟ خەت بىلەمسەن ؟
- سوپاخۇن باينىڭ ئۇي كالىلىرىنى باقىمەن ، خەت بىلمەيمەن .1 c8 R' P7 h8 M# g* B/ V; t
- نەچچە كالا باقىسەن ؟ ~1 M0 `5 r B$ F, W! N0 [ V* v$ t
- يىگىرمە .
- يىگىرمە ؟ ھەي ئىسىت ، كىچىككىنە بالىغىمۇ شۇنچە جىق كالا ياقتۇرامدۇ !تۈزۈكرەك كىيىم كىچەكمۇ بەرمەپتۇ . ھەي بىچارە ، پۇتلىرىڭ يېرىلىپ ئاقتامىلىقنىڭ چالمىسىدەك بولۇپ كېتىپتۇ . ساڭا بەك ئۇۋال بوپتۇ . بۇنداق ئىنساپسىزلارنىڭ جاجىسىنى بېرىش كېرەك !5 J8 N$ C, v! p Q- X) F
ئۇ كارىۋاتنىڭ تېگىدىن نىمكەش بولغان تاسمىلىق بىر جۈپ كەشنى ئېلىپ بالىنىڭ ئالدىغا تاشلىدى :& N4 G6 {9 J# N# Y- }
- مە ، مۇنۇ كەش پۇتۇڭغا چوڭ كەلسىمۇ كىيىۋالغىن .
بالا كەشكە كۆزىنىڭ قىرى بىلەن قاراپلا قويدى دە ، سالماقلىق بىلەن سورىدى :
- بايراقنى چىقىرىپ بەرسەم ، دادامنى قۇيۇپ بېرەمسىلەر ؟4 @2 d" N% x8 w3 \& A8 z
- قۇيۇپ بېرىمىز ، خوش بولامسەن ؟ ئاتا بالا ئىككىڭلار يەنە بىللە بولىسىلەر . b7 `( k" L; I. g6 K# h( _
- راستما ؟1 _) E0 v& v; ~* R( N( O
- راست بولمايدۇ ، ئاللاھ ئالدىدا قەسەم قىلىپ بېرىمەن ، مۇدىرنىڭ كۆزلىرى بالىغا تىكىلدى .
- ئۇنداق بولسا تىلخەت بەرسىلە .
- مۇنداق دېگىن ، تىلخەت يېزىپ بېرىش تەسمىدى . قاراپ تۇر .2 y" N9 q+ O9 m# E! e9 ^
مۇدىر قولىغا قەغەز ، قەلەم ئېلىپ شىتىرلىتىپ خەت يېزىشقا باشلىدى :
"تىلخەت$ M; Z( ?4 a5 Z3 E% X! ^
مەنكى بەشتۈگمەن كەنتىدىكى سوپاخۇن باينىڭ نىمكىرى مۇسا قويچىنىڭ ئوغلى مۆمىن شۇۋ توغرىسىدا ھۆججەت بېرىمەنكى ، مەكتەپتىكى پىرقە بايرىقىنىڭ تانىسىنى غالتەككە ئېلىش ئۈچۈن ئۆز ئىختىيارىم بىلەن جېنىمنى پىدا قىلىپ كەلدىم . پىرقىمىزنىڭ بايرىقىنى چىقىرىش يولىدا كۈتۈلمىگەن بىرەر ھادىسىگە ئۇچرىسام پىرقە ئۈچۈن شېھىت بولغايمەن . بۇنىڭغا ھېچ كىشىنىڭ دەۋا قىلىشىغا ھەققى يوقتۇر .) {8 n1 @# g$ Y: [7 A
تىلخەت بەرگۈچى : مۆمىن مۇسا .
شاھىتلار :$ r" M8 H, d4 n
مەكتەپ مۇدىرى ئوسمان ئەسھەدۇللا .
تەرتىپ مۇدىرى نۇسرەت ئەخمىدى .
جۇڭخۇا مىنگونىڭ 37 يىلى 9 ئاي .5 g% j0 G$ E7 M- J2 Q
مۇدىر تىلخەتنى مۆمىنگە ئۇزاتتى . بالا بېشىنى چايقىدى .
- خەت بىلمەيمەن ، ئۆزلىرى ئوقۇپ بەرسىلە .
- خوپ ئوقۇپ بېرەي ،- مۇدىر سەل ئويلانغاندىن كىيىن يۇقىرىقى خەتنى مۇنداق ئوقۇش قا باشلىدى :7 R: F3 Z* h; H. H/ Q! g- Z
"تىلخەت
مەنكى مەكتەپ مۇدىرى ئوسمان ئەسھەدۇللا شۇۋ توغرىسىدا ھۆججەت بېرىمەنكى ، سوپاخۇن باينىڭ يىللىقچىسى مۆمىن دېگەن بالا مەكتەپ بايرىقىنىڭ تانىسىنى غالتەككە ئىلىپ بېرىدىغان بولدى . بۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھكار دادىسى مۇسانى قاماقتىن بوشىتىپ بېرىدىغان بولدۇق .
تىلخەت بەرگۈچى : ئوسمان ئەسھەدۇللا.
- قانداق بوپتۇمۇ ؟ سورىدى مۇدىر .( j B/ o+ e/ @& A* f, n& Y+ U
ساددا مۆمىننىڭ چىرايىغا شادلىق كۈلكىسى يامرىدى .% t v! A w& n1 C) G9 b* K2 ?
- بوپتۇ ، دېدى ئۇ خۇشاللىقىنى باسالماي .
- بولغان بولسا ئىككىمىز تەڭ قول قويايلى .
مۇدىر سۇرۇقنى بالىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدى ۋە ئۇنىڭ بارمىغىنى تۇتۇپ ئىسمىنىڭ ئۈستىگە باستۇردى . ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىسمىغا تامغىسىنى باستى . بالا خەتنى قولىغا ئالدى . ئۇ بۇنداق ئەگرى بۈگرى خەتلەرنى تونۇمىسىمۇ ، خەتكە سىنچىلاپ قارىدى . ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىمىر چىمىر بولۇپ ، بۇ ئىلمەك توقۇناق سىزىقلار ئارىسىدىن دادىسى قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىۋاتقاندەك كۆرۈندى دە ، كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى . ئۇ شاققىدە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ، خۇشال ھالدا موما سۇپىسىغا قاراپ ماڭدى . ئۇ موما سۇپىسىنىڭ قېشىدىكى پەلەمپەيلەردىن سەكرەپ سەكرەپ ، سۇپىنىڭ ئۈستىگە چىقتى ۋە مۇدىرغا قاراپ دېدى :/ X: y3 V+ v# G
- قېنى ئەمىسە ، دادامنى كەلتۈرۈپ بەرسىلە .
- ماقۇل ، بايراقنى قانچە تېز چىقارساڭ ، داداڭ بىلەن شۇنچە تېز كۆرۈشىسەن ، داداڭنى ھازىرلا ئالدىڭغا ئۈندۈرىمىز ، مۇدىر يېنىدا تۇرغان خىزمەتچىگە ئۈنلۈك بۇيرۇدى ، تەرتىپ مۇدىرىغا ئېيتقىن ! دادىسىنى تېزدىن مۇشۇ يەرگە كەلتۈرسۇن ! يەنە ئېيتىپ قوي : مەن ئېيتقان كۆرسەتمىگە دىققەت قىلسۇن !
خىزمەتچى يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتى . بالا خاتىرجەم بولدى دە ، مومىغا قارىدى . كۆك سىرلانغان 20 غۇلاچلىق بۇ موما ئىككى يەردىن ئۇلاغلىق بولۇپ ، ھەر بىر ئۇلىغى ئۈچتىن چەمبەر بىلەن مەھكەملەنگەن ئىدى . ئۇ ، مومىغا بىردەم كۆز تىكىپ تۇردى دە ، شىپپىدە ئولتۇرۇپ قوللىرىنى سۇپىنىڭ پىششىق خىشلىرىغا سۈركىدى . ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇدىردىن يەنە سورىدى :
- دادام نېمىشقا كەلمەيدۇ ؟
- سەن چىقىۋەر ، داداڭ ھازىرلا كېلىدۇ .
موما مۆمىننىڭ قۇچىقىغا پاتمىدى . لېكىن ئۇمۇ بوش كەلمىدى . ئۇ مومىنى پۇتلىرى بىلەن يۆگەپ چىرماق سېلىپ قوللىرى بىلەن قۇچاقلاپ تۇتۇپ ، مومىنى چۆرگىلەپ يۈرۈپ يالمانتاقتەك يامىشىشقا باشلىدى . ھايت ھۇيت دېگۈچە ، يەتتە غۇلاچلىق تۆۋەنكى ئۇلاقىنىڭ چەمبىرىگە چىقىۋالدى . مۇدىر تۆۋەندە تۇرۇپ ۋارقىرىدى :
- يىگىت ! غەيرەت قىل ! ئاز قالدى !
مۆمىن بىر ئىلىك قېلىنلىقتىكى چەمبەرگە دەسسەپ بىر پەس دېمىنى ئېلىۋالدى دە ، يەنە يۇقىرىغا يامىشىشقا باشلىدى .
ئىككىنچى ئۇلاققا يەنە ئىككى غۇلاچلا قالغان ئىدى . تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ پۇت قوللىرى سىرقىراپ كەتتى . ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلىپ تىنالماي قالدى . ئاران دېگەندە ئىككىنچى ئۇلاقىنىڭ تۆۋەنكى چەمبىرىگە چىقىۋالدى دە ، مومىغا مەھكەم چاپلاشتى . ئۇ سەل دېمىنى ئېلىۋېلىپ تۆۋەنگە قارىدى . دادىسى كۆرۈنمەيتتى ، ئاغزىلىرىنى كاككۇكتەك ئېچىشىپ ئۆزىگە قاراپ تۇرۇشقان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە مۇدىرنىڭ پۇرقىرىتىپ چىلىم چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ۋارقىرىدى :) ~4 q/ H/ S* T2 s4 z9 l+ h
- مۇدىر ، دادام تېخىچە كەلمەپتىغۇ ؟" w, l2 V$ O7 N% l! D* s
- كېلىدىغان ۋاقتى بولدى ، غەيرەت قىل ، يىگىت ! دادىسىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتمىغان ئوغۇلنى ئوغۇل دەپ نېمە قىلىدۇ ؟ مومىنىڭ ئۇچىغا چىقساڭلا ، داداڭنىڭ قۇتۇلغىنى شۇ
"مومىنىڭ ئۇچىغا چىقساملا دادامنى قۇتۇلدۇرالايمەن " دېگەن خىيال ئۇنىڭغا يېڭى كۈچ بېغىشلىغاندەك بولدى .
ئۇ يەنە مومىغا يامىشىشقا باشلىدى . يۇقىرىلىغانسېرى موما ئىنچىكىلەپ ئۇنىڭ قۇچىقىغا بىمالال پاتقۇدەك بولدى . لېكىن ئىرغاڭلىشى كۈچىيىپ ، تېخىمۇ سىلىقلاشتى ، شۇنچە كۈچىسىمۇ چىرماقلىرى تۇتماي ، بىر نەچچە قېتىم تۆۋەنگە سىيرىلىپ كېتىشكە قىل قالدى . ئۇ ھاسىراپ دېمى تۇتۇلۇپ قالغاندا ، مومىنى چىڭ قۇچاقلاپ ، ئېڭىكىنى مومىغا چىڭ تىرەپ ، بوينى بىلەن قىسىپ تۇرۇپ سەل توختايتتى دە ، ئازراق دېمىنى ئېلىۋالاتتى . مۇشۇ مومىدەك ئېگىز بولغان قاپاق تىرەكلەرگە چىقىپ ، قاغا چاڭگىلىرىنى چۇۋۇشلىرى ، ئانىلىرى قاناتلىرى بىلەن شاپىلاقلاپ تۇرسىمۇ قورقماي كۆكىنەك باللىرىنى ئېلىپ چۈشۈشلىرى غىل پاللا قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىدىن ئۆتتى . تىرەكلەرگە چىقىش بۇ مومىغا چىقىشقا ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ . بۇ موما ئېگىز ۋە بەك سىيلىق ئىدى / t" U+ o# l/ h" k8 P) Z; w
ئۇ تەر كىرىپ ئېچىشىپ كەتكەن كۆزلىرىنى مومىغا سۈركىدى . "مەيلى ، قانداقلا بولسۇن چىقىش كېرەك ، مومىغا چىقساملا دادامنىڭ قۇتۇلغىنى شۇ . " دادا!دادا!" ئۇ ھەر قېتىم "دادا" دېگەندە دادىسى ئۇنى يۆلەپ ، يۇقۇرغا ئىتتىرىۋاتقاندەك بىلىنەتتى دە ، كۈچلىنىپ قالغاندەك يەنە بىر قېتىم يۇقىرىغا ئۆرلەيتتى . ئۇ يۇقىرىغا ئۆرلىگەنسېرى موما خۇددى قارا بوران سوققان زىلۋا سۇۋادان تىرەكتەك ئىرغاڭلايتتى . تۆۋەندىن مۇدىرنىڭ "غەيرەت قىل ! تىز بول ! ئاز قالدى ! داداڭنى قۇتقۇز !" دەپ ۋارقىراشلىرىنى ، جامائەتنىڭ " ئۆزۈڭگە پەخەس بول ! سىلكىنمە ! يېنىپ چۈش !" دېگەن چۇقانلىرى بېسىپ چۈشتى . مۆمىن يەنە ھاسىراپ ھۆمۈدەپ يۇقىرىغا ئۆرلىدى . ئەنە ! يەنە 3 غۇلاچ 2 غۇلاچ بىر غۇلاچ موما ئىرغاڭلايتتى سۇنۇپ كەتسە مۆمىننىڭ ئىشى تۈگەيدۇ
مانا ، ئۇنىڭ قولى موما تۆشۈكىدىن ئىككى تەرەپكە بىر غېرىچ چىقىپ تۇرغان غالتەكنىڭ چۈلۈكىگە تەگدى دە ، ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالدى . ئۇ ، ئوڭ قولتۇقىغا چۈلۈك بىلەن مومىنى چىڭ قىسىپ تۇرۇپ ، چۈلۈكنىڭ ئىككىنچى ئۇچىنى چىڭ تۇتتى . سول قولى بىلەن تانىنى تارتىپ پۇتىغا ئۈزەڭگە قىلىپ دەسسەپ سەل دېمىنى ئالدى . ئۇ ، غالتەككە قارىدى تانا غالتەكنىڭ ئېرىقچىسىدىن چىقىپ كېتىپ ، چۈلۈككە يۆگىشىپ قالغان ئىكەن . ئۇ ، بىر قولى بىلەن تانىنى سىلكىپ تارتىپ ، غالتەكنى ئارقىسىغا ياندۇردى . موما ھەدەپ لەپپەڭشىپ ئۇنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ تۇرسىمۇ ، ئۇ تانىنى غالتەكنىڭ ئېرىقچىسىغا سالدى . شۇ ئاندىلا ئۇ ئەتراپقا قارىدى : ۋاي ۋۇي ! نېمە دېگەن ئېگىز ، جاھاننىڭ ھەممە يېرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن . ئەنە ، كۈنپېتىش تەرەپتىكى قارىيىپ كۆرۈنگەن تاغ بىزنىڭ بەشتۈگمەنگە پەقەت بىر كۈنلۈكلا كېلىدۇ ، جاھان ئەجەب كەڭرى ئىكەن . شۇنچە كەڭ جاھان بىزگە نېمانچە تار ! ھەي ! كۈن ئالماقنىڭ تەسلىكى ! شۇنداق ئاقكۆڭۈل دادامنى "قوي ئوغرىسى" قىلىپ سولىتىپ قويدى تېخى ! ياق ! بىردەممۇ ھاڭۋېقىپ تۇرماسلىق كېرەك . دادامنى قۇتۇلدۇرۇش كېرەك ! ئۇ تۆۋەنگە قاراپ توۋلىدى :
- مۇدىر ، بايراقنى چىقارسىلا !
مۇدىر تانىنىڭ بىر قېتىنى تارتتى . بايراق كۆتۈرۈلدى . ئۇنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى دە ، تانىنى سىيرىپ تارتىشقا باشلىدى . . بايراق مومىنىڭ ئۇچىغا چىقتى دە ، بايراقنىڭ كالتىكى تاققىدە غالتەككە تاقاشتى . مۇدىر خۇشاللىقىدىن توۋلىۋەتتى :
- بىزنىڭ بايراق يەنە مومىنىڭ ئۇچىدا لەپىلدىدى ! ھەي بالا ، سەل تەخىر قىلغىن ! يەنە بىر سىناپ باقاي !
دەل شۇ چاغدا ، ئۈچ ئادەم پۇتىغا كىشەن سېلىنغان ، يۈز كۆزلىرى سارغىيىپ كەتكەن ، ئۇرۇق ۋىجىككىنە ، كەكە ساقال بىر بوۋاينى ئالدىغا سېلىپ مەيدانغا ئېلىپ كەلدى . بوۋاي توپلىنىپ تۇرغان جامائەتكە ئىڭشىپ سالام قىلدى دە ، يوغان كۆزلىرىنى نەشتەردەك تىكىپ مۇدىرغا قادالدى . مۇدىر بىر قەدەم داجىدى . كىشىلەر مومىنىڭ ئۇچىغا كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرۇشاتتى ، بوۋايمۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ مومىنىڭ ئۇچىدا تۇرغان ئوغلىنى كۆردى دە ، چۆچۈپ كېتىپ ۋارقىرىدى :2 d3 z" Q7 A1 v; L# S$ `9 v
- مۆمىنجان ! نېمىشقا مومىغا چىقىۋالدىڭ ؟) F, B/ R7 z- u8 ?: p1 |% ]; @
- مۆمىن دادىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ پەسكە قارىدى دە ، خۇشاللىقىدىن توۋلىۋەتتى .
- دادا ! سېنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بايراقنى چىقىرىپ بەردىم .2 b; O: L, h8 v& C
بوۋاي ئەھۋالنى تېزلا چۈشەندى . ئۇ بالىنىڭ مومىدىن سىيرىلىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردى دە ، قاتتىق ۋارقىرىدى :
- توختا ! چۈشمە دەيمەن !5 E0 O9 X1 a, D( _+ d; U
مۆمىن بۇ چاغدا سىيرىلىپ ئۈستۈنكى ئۇلاققا چۈشۈپ بولغان ئىدى . ئۇ چۆچۈپ چەمبەرگە دەسسىۋالدى دە ، مومىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ دادىسىغا قارىدى . دادىسى يەنە ۋارقىرىدى :
- ئوغلۇم ! ئاناڭنى ئۆلتۈرۈشكەندە ، سەن ئۈستىدە بار ئېدىڭ ، ئۇنى نېمە دەپ ئۇرغان ؟!& t4 F0 x& T; f( W5 p; S& V
- قىزىل پاچاق ئېرىڭىنى تېپىپ بەر ، دەپ !. h9 V. u+ j2 ^) ]4 v0 \
- قانداق ئۆلتۈرگەن ؟& D2 c4 s/ Q9 Y' w$ Q2 h
- ئوت توغرايدىغان جادۇغا بېسىپ ئۆلتۈرگەن .
- ئاناڭنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ شەپكىسىدە قانداق بەلگە بار ئىدى ؟# c ~7 x& J: s* r$ |* x. b
بالا بېشى بىلەن مومىدىكى بايراقنى كۆرسەتتى :
- ماۋۇ بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكىگە ئوخشايتتى .% h7 O9 ~$ O7 q5 r W5 B
- بەشتۈگمەندە ئون توققۇز ئادەمنى مەيدىلىرىدىن تۆمۈر مىخ بىلەن ئۈجمىگە مىخلاپ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قانداق بەلگىسى بار ئىدى ؟
- مۇشۇنىڭغا ئوخشاش .
- بېتىمدىن كىيىن تاشقورغاندىن يېنىپ كەلگەن قىرىق ئادەمنى تىرىكلا خۇمدانغا سالغانلارنىڭچۇ ؟
- ئۇلارنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايتتى .6 s$ u' S+ h9 X, ?
- ئوغلۇم ! سەن چىقارغان ئاشۇ بايراقنى يوقىتىمىز دەپ نەچچە مىڭلىغان ئادەملەر قۇربان بولدى . بىز يوقىتىمىز دەپ كۈرەش قىلغان بايراقنى سەن چىقىرىپسەن ، قۇربان بولغان شېھىتلەرنىڭ روھىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىسەن ؟ داداڭنىڭ يۈزىگە قانداق قارايسەن ؟
بالا شۈككىدە بولۇپ قالدى . مۇدىر يۈگۈرۈپ كېلىپ بوۋاينىڭ ئاغزىغا مۇشت بىلەن ئۇردى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئوقتەك قان كېتىپ ، ئۆڭۈپ كەتكەن كۆينىگىنىڭ ئالدى پىشىنى قىپقىزىل بويىۋەتتى .
بالا بىردىنلا ناھايىتى تېزلىك بىلەن يۇقىرىغا ياماشتى دە ، ھايت ھۇيت دېگۈچە مومىنىڭ ئۇچىغا يەنە چىقىپ بولدى . مۇدىر ۋارقىرىدى :& _# x% X4 E; l2 D
- يېنىپ چۈش ! يېنىپ چۈش ! داداڭنى ئېلىپ كەت !
لېكىن بالا مومىدىن چۈشمىدى ئۇنىڭ پەسكە قاراپ توۋلىغىنى ئاڭلاندى :+ G0 X: v5 m' d: M8 {: _
- دادا ! مېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىڭغا رازى بول ! مەندىن رازى بول !- ئۇ مومىنىڭ ئۇچىنى چىڭ قۇچاقلاپ ، پۇتلىرىنى مومىغا قاتتىق تىرەپ تۇرۇپ ، مومىنى شۇنداق قاتتىق لىڭشىتتىكى ، موما ئىرغاڭلاپ تۈۋى تەرىپى غاراسلاپ كەتتى . تۆۋەندە قاراپ تۇرغانلار ئىچىدە ئاللا-چۇقان كۆتۈرۈلدى . مۇدىر پوكاندەك ئېسىلىپ ، غەزەپ بىلەن تاپانچىسىنى چىقاردى دە ، بالىغا قارىتىپ ئارقا ئارقىدىن ئوق ئۈزدى . دەل شۇ چاغدا ، مۇسا بوۋاي ئۇنىڭغا قاتتىق كاللا قۇيۇپ ، تاپانچىسىنى چۈشۈرۈۋەتتى دە ، ئۇنىڭ بوينىنى چىشلەپ سىلكىدى . مۇدىر جان ئاچچىقىدا "ۋايجان!" دەپ چوشقىدەك چىقىراپ كەتتى . يالاقچىلار مۇسانى سىلكىشلەپ ، مۇدىرنى قۇتقۇزۇۋالدى . مۇدىر ئارانلا كۆزىنى ئېچىپ ، مۇساغا ئالايماقچى بولۇۋېدى ، بوۋاي ئۇنىڭ يۈزىگە شالاققىدە تۈكۈردى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن مۇدىرنىڭ بىر چىشلەم گۆشى يەرگە شالاققىدە چۈشتى . مۇدىرنىڭ ئۈزۈلگەن بويۇن تومۇرلىرىدىن قاپقارا قان جىغاپ ئېقىۋاتاتتى . ئۇ لىغىلداپ تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن يەردىكى تاپانچىسىنى ئالدى دە ، تۆت ئادەم يەرگە بېسىپ تۇرغان بوۋايغا قارىتىپ ئىككى پاي ئوق ئۈزدى دەل شۇ چاغدا ، قاراس قۇرۇس قىلىپ موما سۇندى دە ، مۆمىن مومىنىڭ ئۇچىنى قۇچاقلاپ بايراق بىلەن گۈرسۈلدەپ يەرگە چۈشتى . چۈشتى يۇ ، بېشىنى لىككىدە كۆتۈرۈپ يەنە يەرگە قويدى ئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇلدۇقلاپ قان ئېقىۋاتاتتى . بىر-بىرىگە سىغداپ يىقىلغان ئاتا بالىدىن بۇلدۇقلاپ ئاققان قان ئۆز- ئارا قوشۇلدى . بۇ چاغدا غەربكە پېتىۋاتقان كەچكى قۇياش نۇرى شۇ قاندىن رەڭ ئالغاندەك ئاسماننىڭ غەربى ئېتىكىنى قىپقىزىلىققا پۈركىگەن ئېدى .$
|
|