تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

تېما: كەلمىگەن باھارلارغا [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]

يوللىغۇچى: alma    ۋاقىت: 2017-3-19 12:03
تېما: كەلمىگەن باھارلارغا
ئەگەر بۇ قۇياش نۇرى يۈزلىرىڭنى ئىللىتسا ، سەن باھاردىن باشقىنى ھېس قىلمايسەن ئۇ دەم ،ئەگەر لەرزان بىر شامال چىقسا ئۇدەم ، سەن نەمخۇش يامغۇر ھىدىدىن باشقىنى ھېس قىلمايسەن ، ئەگەر كۆكتىن تامچىسا بۇ خەيرلىك يامغۇر بۇدەم ، سەن ئۇندا قىشنىڭ خەير دىگىنىنى ھېس قىلىسەن ،     ئەي باھار ، مەھبۇب ھىدىنى بىرگە ئېلىپ كەل ،بۇ مەجنۇن قەلبلەرگە ، ئەي باھار ، رەھمەت يامغۇرى بىرگە ئېلىپ كەل بۇ قاغجىرغان روھلارغا، ئەي باھار، يېقىملىق تەبەسسۇم بىرگە ئېلىپ كەل بۇ ساڭا مۇشتاق بولغانلارغا   ،  ئەي باھار ، نىگارغا ئېيت ، سەندەك نازى بىلەن كەلسۇن ،يامغۇر يېغىسى بىلەن كەلسۇن ، ئاتەش ئاپتاپى بىلەن كەلسۇن ، شامال جۇدۇنى بىلەن كەلسۇن ،توپا تۇمانى بىلەن كەلسۇن ، مەن شۇ زىمىن مىسالى ھەر ھالىغا بىر ئىشىق بىلەن باقارمەن ،مەن شۇ لەگلەك مىسالى ھەر ھالىغا ئۇچارمەن ، مەن شۇ ئارچا مىسالى ھەر ھالىغا قۇچاق ئاچارمەن ،،،،،
   
مۈشۈك دىۋە -(كەلمىگەن باھارلارغا)

mmexport1489747427592.jpg (36.39 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

mmexport1489747427592.jpg





خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/) Powered by Discuz! X3.2