مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 445|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كىتابخانلارنىڭ قۇلىقىغا دەيدىغان گەپلىرىم!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
كىتابخانلارنىڭ قۇلىقىغا دەيدىغان گەپلىرىم!

سەئىد ئەھمەد  [ئۆزبېكىستان]

ئاغدۇرغۇچى: ئەركمان


بىر يازغۇچى بۇرادىرىم ماڭا تەنە قىلدى:
___ نېمە قىلىسىز ھاجۋىي يېزىپ دەيمەن. جىددىي ھېكايە يېزىۋەرسىڭىز بولمىدىمۇ؟
___ نېمىشقا يازمايدىكەنمەن؟ ___ دېدىم ئەجەبلىنىپ.
___ لېۋ تولستوي بىرەر پارچىمۇ ھەجۋىي يازمىغان!
___ تولستوي ئۆزبېك ئەمەس-دە! ئۆزبېك بولغىنىدا ئەلۋەتتە يازاتتى ، ___ دېدىم ھازىل قىلىپ.
ھەر قېتىم ھەجۋىي يېزىۋاتقىنىمدا ئاشۇ بۇرادىرىمنىڭ گەپلىرى ئېسىمگە چۈشىدۇ. شۇ گەپنىڭ ئۆزى بىر ھەجۋىي ھېكايىگە ماۋزۇ ئەمەسمۇ؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن.
مۇبادا بىراۋ پالانچى دۇنيادىن كۈلمەي ئۆتۈپ كەتتى، دېسە، بۇ گەپ قۇلىقىمغا پالانچى دۇنيادىن ئۆيلەنمەي ئۆتۈپ كەتتى ، دېگەندەك ئاڭلىنىدۇ. كۈلمەسلىك ئۆزىنى ئۆزى راھەتتىن، ھۇزۇر-ھالاۋەتتىن قاچۇرۇش ، دېمەكتۇر. كۈلمەسلىك ---- ئاچ بولۇشىغا قارىماي ئالدىغا قويۇلغان مەززىلىك تائامغا قول سوزماي ، شۆلىگىيىنى يۇتۇپ-تامشىپ ئولتۇرغان بىلەن باراۋەر.
كۈلكە ئادەمنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ. دېمەك، ئىچى پاكىز-غۇبارسىز ئادەم كۈلىدۇ، ئىچىدە غۇبارى بار ئادەم كۈلەلمەيدۇ. كۈلۈش-كۈلمەسلىك ئادەمنىڭ ئۆز ئىختىيارىدا ئەمەس. كۈلكىسى قىستاپ تۇرغان ئادەمنىڭ بوينىغا ئاتوم بومبىسىنى ئېسىپ قويسىڭىزمۇ بەرىبىر كۈلىۋېرىدۇ. كۈلگەندىمۇ سىلكىنىپ-سىلكىنىپ كۈلىدۇ.
قىزىق! كۈلمەيدىغان ئادەم بېخىل بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئۆزۈم كۆپ كۆزەتكەنمەن. نېمىشقا شۇنداقلىقىنى بىلمەيمەن. بۇنداقلارنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلمەيدۇ ، ئۇنى بىراۋمۇ مېھمانغا چاقىرمايدۇ. مۇبادا ، ئادىشىپ كېلىپ قالسا، زىياپەتنى غۇربەتچىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.
كۆڭلى قۇۋناق، خۇشخۇي ئادەم مېھماندوست كېلىدۇ ، ئوÿئىدىن مېھمان ئۆكسۈمەيدۇ. ئۇستاز غەفۇر غۇلام ئەنە شۇنداق قۇۋناق، زوقى بەلەن ئادەم ئىدى. قاچانلا بارماڭ ، ئۆيىدە لىقلا ئادەم. قىيقاس كۈلكىلەر ئۈزۈلمەيدۇ. ئاڭلاپ باقمىغان لەتىپىلەرنى شۇ ئۆيدە ئاڭلايمىز. ئۆزى توقۇغان لەتىپىلەر خۇددى ئادەمنى سىلكىندۈرۈپ كۈلدۈرۈپ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چىقىۋېرىدۇ. ھېچكىم ئۇ كىشىدەك لەتىپىنى قىزىق ئېيتالمامدىكىن دەپ قالىمەن.
يازغۇچىنىڭ يازغىنى ئۆزىگە ئوخشايدۇ، دېگەن گەپ بار. غەفۇر ئاكىنىڭ يازغانلىرى خۇددى ئۆزى ئىدى. بۇ ئۇستاز سەنئەتكارنىڭ ھېكايىلىرىدىن ئۆزى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. كۆزلىرى، چىراي ئىپادىلىرى سىزنى ھازىرلا بابلاپ كۈلدۈرىمەن، دەپ تۇرغاندەكلا كۆرۈنىدۇ.
شەخسكە چوقۇنۇش تازا ئەۋجگە چىققان چاغلاردا، نىكاھ-تويلىرىمىز بەئەينى يىغىنغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. قىسقىچە دوكلاتتىن كېيىن، ئىككى تەرەپتىن ئىككى پارتكوم كاتىبى، ئىككى كومسومول كومىتېتىنىڭ كاتىبى، ئۇيۇشما رەئىسلىرى سۆزگە چىقىشاتتى. سىياسىي قوشاقلار، سىياسىي ئۇسسۇللار ئوينىلاتتى. تويدا ھۆددەس كۈلكە بولمايتتى. چۈنكى شۇ چاغلاردا كۈلكىدىن سىياسىي خاتالىق قىدىرىلاتتى. ئاشۇنداق “سىياسىي خاتا” لارنىڭ جەبرۇ-زۇلمىنى تارتقانلارنى كۆپ كۆرگەنمەن.
ھازىرقى تويلىرىمىز قىزىقچىسىز ئۆتمەيدۇ. مەشھۇر كومېدىيە ئارتىستلىرىمىزدىن ئېرگەش كەرىموۋ ، ئابىد ئەساموۋ، مىرزا خالمەدوۋلار قاتناشمىغان توي تويدەك بولماي قالىدۇ. ھاجىباي تاجىباشېۋ ئىشتىراك ئەتكەن توي داستۇرخانىغا ئىچكۈلúك قويمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ. مېھمانلار كۈلكىدىن كەيپ قىلالايدۇ.
ھەجۋىسىز ئەدەبىياتنىڭ بىر چېتى كەمتۈك بولۇپ قالىدۇ. ئورۇسنىڭ گوگولى، چېخوۋى، تۈركنىڭ ئەزىز نەسىنى، ئازەربەيجاننىڭ سابىر تاھىرزادەسى، ئۇكرائىنانىڭ ئوستاپ ۋىشنياسى، قازاقنىڭ سادىقبېك ئادامبېكوۋى، تۈركمەننىڭ كامىناسى بولمىسا ئەدەبىياتى بەكلا غېرىب بولۇپ قالىدۇ.
بۈگۈن نې’ئىمەت ئەمىنوۋ بىلەن ئەنۋەر ئابىدجان بولمىسا ئۆزبېك ئەدەبىياتى بەئەينى تۈگمىسى قادالمىغان كۆينەككە ئوخشاپ قالماسمىدى؟ ھاياتىمىزغا شۇلارنىڭ قۇۋناقلىق كىرگۈزۈپ تۇرغىنىنى تەن ئېلىشىمىز كېرەك.
زوقى بەلەن، خۇشخۇي، كۈلگۈنچەك كىتابخان ، مېنىڭ كىتابلىرىم سىزگە مەنسۇپ ، كۈلمەيدىغانلار ئوقۇمىسۇن!ئەگەروقۇسا ئىللا-بىللا رازى ئەمەسمەن!

خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

4

يازما

16

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
16
دىۋان
ۋاقتى: 2015-8-28 21:33:56 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى ئەسەركەن رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:09 , Processed in 0.062815 second(s), 25 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش