«كروران» سۆزىنىڭ تەلەپپۇزدا «كورلا»غائايلىنىش جەريانى ھەققىدە قىسقىچە قىياس
ئىسكەندەرجېلىل
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MzA4NzIzNDc3Ng==&mid=204536064&idx=1&sn=fbdcf5ae307068f8662094aec461e020#rd
كروران گۈزىلى چىققان كروران خارابىسى، شۇنداقلا قەدىمكى زاماندىكى كروران خانلىقى ھەممىگە تونۇش بولسا كېرەك.مەزكۇر خانلىقنىڭ ئاساسلىق دائىرىسى ھازىرقى بايىغۇلىن ئاپتونوم ئوبلاستىدا بولۇپ،مەزكۇر ئوبلاستنىڭ مەركىزى بولغان كورلا شەھىرىنىڭ نامى قارىماققا «كروران» بىلەن ئاھاڭداشتەك، يەنە بىر قارىماققا ھېچقانداق ئالاقىسى يوقتەكمۇ كۆرىنىدۇ. ئۇنداقتابىز تارىخىي نۇقتىنى قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ، تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن، يەنى تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ۋە ئالمىشىشى قاتارلىق ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇپ،«كروران» سۆزىنىڭ تەلەپپۇز جەھەتتىن «كورلا» سۆزىگە ئۆزگىرىش جەريانىنى تەھلىلقىلىپ كۆرۈيلى.
مېنىڭچە بۇ جەريان ئاساسلىق 3 باسقۇچتىن تەركىب تاپىدۇ، يەنى 1-باسقۇچ:ئاخىرىدىكى «ن» تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى؛ 2-باسقۇچ: «ر» تاۋۇشىنىڭ «ل» تاۋۇشىغا ئۆزگىرىشى؛ 3-باسقۇچ: «ر»تاۋۇشى بىلەن «ئو» تاۋۇشىنىڭ ئورۇن ئالمىشىشى.
1- باسقۇچ: ئاخىرىدىكى«ن» تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى:
ئۇيغۇر تىلىدا، سۆز ئاخىرىدىكى«ن» تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى دائىم كۆرىلىپ تۇرىدۇ، ھەتتا بەزى رايونلاردابىر قەدەر ئېغىر. مەسىلەن:
- لەغمەن يەمسە ياكى سومەنمۇ؟
- لەغمەن يەيمە.
- توپ ئوينىغىلى بارامسە؟
«ن» تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشىقۇمۇل- تۇرپان رايونلىرىدا ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ھەتتا «مەن» نى «مە:»، «سەن» نى«سە:»، «بولغان»نى «بۇغا:» دەپ تەللەپپۇز قىلىدۇ.
شۇنداق بولغاندا، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، «كروران» سۆزى يەرلىك تىلنىڭ خۇسىسىيىتى بويىچە، ئاخىرىدىكى «ن»تاۋۇشىنى تاشلىۋېتىپ، «كرورا» ھالىتىگە كېلىدۇ. بۇ بىرىنجى باسقۇچ ھېساپلىنىدۇ.
2- «ر» تاۋۇشىنىڭ «ل» تاۋۇشىغا ئۆزگىرىشى
«ر» تاۋۇشىنىڭ «ل» تاۋۇشىغا ئۆزگىرىش ئەھۋالى پەقەت ئۇيغۇر تىلىدىلا ئەمەس، باشقا كۆپلىگەن تىللاردىمۇ مەۋجۇت.مەسىلەن: ياپۇن تىلىدىكى «را» تاۋۇشى بەزىدە «لا» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ياپۇنلۇقلار ئىجاد قىلغان كارائوكېي (Karaok)نى خەنزۇلار «كالائوكېي» دەپئو قۇيدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى «دانىيال» دېگەن ئىسىم بەزىدە يەنە «دانىيار» دەپمۇ ئىستېمال قىلىنىدۇ، ۋەھاكازالار.
شۇنداق بولغاندا، بىرىنچى باسقۇچتىكى «كرورا» سۆزىنىڭ ئاخىرىدىكى «را» تاۋۇشى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «لا»غائۆزگىرىپ، «كرولا» ھالىتىگە كېلىدۇ، ھەمدە ئىككىنچى باسقۇچ تاماملىنىدۇ. لېكىن ئىككىنچى باسقۇچ بىلەن ئۈچىنچى باسقۇچنىڭ ئارىلىقى سەل يېقىن، ھەتتاكى ئارقىمۇ-ئارقا دېگۈدەك يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى «كرولا» سۆزىنى تۈركىي تىلدا ئەينەن تەلەپپۇز قىلماق سەل تەسرەك بولۇپ، بۇنىڭدا چوقۇم مەلۇم ئۆزگىرىش ياسىلىشى مۇمكىن، بۇ ياسىلىش ئۈچىنچى باسقۇچتا كۆرىلىدۇ.
3- «ر» تاۋۇشى بىلەن «ئو» تاۋۇشىنىڭ ئورۇن ئالمىشىشى
ئىككىنچى باسقۇچنىڭ مەھسۇلى بولغان «كرولا» سۆزى تۈركىي تەلەپپۇزىغا بىر قەدەر قۇلايسىز بولغانلىقتىن، «ر»تاۋۇشى بىلەن «ئو» تاۋۇشى ئۆز-ئارا ئالمىشىپ، ھازىرقى «كورلا» دېگەن ھالەتكەكېلىدۇ. سۆز ئىچىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ئورۇن ئالمىشىشى قەدىمكى ۋاقىتلاردىمۇ يۈزبەرگەن. مەسىلەن: قەدىمكى «ياغمۇر» سۆزى ھازىرقى «يامغۇر» سۆزىگە ئايلىنىپ قالغان.بەزى ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇر»نى «ئۇرغۇي» دەپمۇ تەللەپپۇز قىلىۋالىدۇ، ۋەھاكازالار.
ئەلۋەتتە، «كروران» سۆزىنىڭ«كورلا»غا ئۆزگىرىپ قېلىشى ھەققىدىكى بۇ پىكىر، پەقەت تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىكى بىرتەسەۋۇردىنلا ئىبارەت بولۇپ، مەزكۇر ھادىسىنىڭ ھەقىقىتىنى ئىسپاتلاپ بېرىشتەيەنىلا ئاجىزلىق قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ پەقەت بىر قوشۇمچە پايدىلانما بولالايدۇ.بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، يەنىلا تارىخىي ۋەسقەلەردىكى مەزمۇنلار ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇشى شەرت
|