بىر يىلدىن بۇيان، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق:
بىرىنچى، مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق ياراتتۇق. ئىقتىساد تۆۋەنلەشنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دائىرىلىك تەڭشەش ئاساسىدا، نىشانلىق تەڭشەش ۋە ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەشنى يولغا قويدۇق. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ كۈچى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، باجنى قۇرۇلمىلىق كېمەيتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھەقنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىپ، مالىيە ساقلانما مەبلىغىنى جانلاندۇردۇق. يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىپ، ئۇنى 3 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن ساقلانما قەرزگە ئايلاندۇرۇپ، تەخمىنەن 200 مىليارد يۈەن ئۆسۈم يۈكىنى ئازايتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز قايتۇرۇش بېسىمىنى يېنىكلەتتۇق. پۇختا پۇل سىياسىتىدە كەڭرى بولۇش بىلەن قىس بولۇشنى مۇۋاپىق ئىگىلەشكە، ئۆسۈمنى كۆپ قېتىم تۆۋەنلىتىش ۋە ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئامانەت-قەرز نىسبىتىنى باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىپ، پۇل سىياسىتى قورالىنى يېڭىلاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا يار-يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، مەخسۇس قۇرۇلۇش فوندى تەسىس قىلىپ، سۇچىلىق، شەھەر-بازاردىكى كەپە ئۆي رايونلىرىنى ۋە يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، ئوتتۇرا-غەربىي رايونلاردىكى تۆمۈريول ۋە تاشيول قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتتۇق. نۇقتىلىق ساھەلەر ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ساياھەت قىلىش، توردىن مال سېتىۋېلىش ۋە ئۇچۇر ئىستېمالى قاتارلىق ئىشلىرىنى تېز يۈكسەلدۈردۇق. بۇلتۇر پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى تۈرلۈك خەۋپ ۋە خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، سىستېمىلىق، رايون خاراكتېرلىك خەۋپ كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى قوغدىدۇق.
ئىككىنچى، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. بىز «باستۇرۇپ سۇغىرىش» شەكلىدىكى كۈچلۈك قوزغىتىشنى قوللانماستىن، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردۇق. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتچىلىكنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردۇق. مەمۇرىي تەستىق بويىچە 311 تۈرنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق ۋە تۆۋەنگە بەردۇق، كەسپىي سالاھىيەتكە ئىجازەت بېرىش ۋە ئۇنى بېكىتىش تۈرىدىن 123 نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مەمۇرىي ئىجازەتكە ياتمايدىغان تەستىقلارغا ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بەردۇق. سودا-سانائەت بويىچە تىزىملاشتىن بۇرۇنقى تەستىقلاشنى ٪85 ئىخچاملاپ، ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش، بىر گۇۋاھنامىگە بىر كود سېلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق. ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جامائەت مۇلازىمىتى تەرتىپىنى ياخشىلىدۇق. ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشىنى يەنىمۇ قولايلاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىگىلىك تىكلەش-يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىنى كۈنسېرى ئاشۇردۇق.
مالىيە-باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى نۇقتىلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. مەركەزنىڭ جايلارغا قىلىدىغان مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم تۈرلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قىسقارتىپ، ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىمنىڭ كۆلىمىنى ئاشۇردۇق. تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇپ، بايلىق بېجىنى باھاغا قاراپ ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق. ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ لەيلىمە يۇقىرى چېكىنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق، ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق، خەلق پۇلى چېگرا ھالقىغان چىقىم سىستېمىسىنى بەرپا قىلدۇق. باھا ئىسلاھاتى سالمىقىنى زورايتىپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت باھا بېكىتىدىغان تۈرلەرنى ٪80 قىسقارتتۇق، يەرلىك ھۆكۈمەت باھا بېكىتىدىغان تۈرلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنى قىسقارتتۇق. دۆلەت كارخانىسى، يېزا، مەبلەغ سېلىش-مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈردۇق، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى نامايان بولماقتا.
ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتقا، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇردۇق. تاشقى سودىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئېكسپورت قايتۇرما باج سېلىقى مېخانىزمىنى تەڭشىدۇق، ئىمپورت-ئېكسپورت ھالقىسىدىن ئېلىنىدىغان ھەقلەرنى ئېنىقلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، سودىنىڭ قولايلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېكسپورت قۇرۇلمىسىدا پائال ئۆزگىرىش ياسىدۇق. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا چەك قويىدىغان كۆرسەتكۈچلەرنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىپ، ٪95 تىن ئارتۇقراقىدا ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويدۇق، ئەمەلىي پايدىلانغان تاشقى مەبلەغ 126 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ٪5.6 ئاشتى. چەت ئەلگە سېلىنغان پۇل مۇئامىلىسىز بىۋاسىتە سېلىنما 118 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ٪14.7 ئاشتى. شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تەجرىبىسىنى كېڭەيتىپ، گۇاڭدۇڭ، تيەنجىن، فۇجيەن ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنى يېڭىدىن قۇردۇق. خەلق پۇلى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە پۇللار قاتارىغا كىردى. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى رەسمىي قۇرۇلدى، يىپەك يولى فوندى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. جۇڭگو-كورېيە، جۇڭگو-ئاۋسترالىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ۋە جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالاندى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىق قەدىمى تېزلەشتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق جۇڭگو جابدۇقلىرىنى سىرتقا چىقىرىشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلدى.
ئۈچىنچى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى نىشانلاپ، كەسىپلەرنى يېڭىلاش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردۇق. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى ۋە پىكرىنى تۈزۈپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، «ئالاقە تورى+» ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئاشۇردۇق. زور بىر تۈركۈم ئىجادكارلار ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش يولىغا ئاتلاندى. يېزا ئىگىلىكىگە يار-يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات ئۇسۇلىنىڭ تېز ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەش ئەھۋالىغا قارىتا، بىر قولدا گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشنى، يەنە بىر قولدا ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تۇتتۇق. «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى-2025» پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىدۇق، دۆلەت گۈللەنمە كەسىپلەردە ئىگىلىك تىكلەش ۋە مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش فوندى، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىپ، دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىنى كېڭەيتتۇق. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى پائال پەسەيتىپ، كارخانىلارنىڭ قوشۇلۇپ قايتا تەشكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدۇق. يېقىنقى ئۈچ يىلدا، قالاق ئىشلەپچىقىرىشقا ياتىدىغان 90 مىليون توننىدىن ئارتۇق پولات-تۆمۈر، 230 مىليون توننا سېمونت، 76 مىليون ساندۇقتىن ئارتۇق تەكشى ئەينەك، 1 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليۇمىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللىۋەتتۇق. ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق. ئېنېرگىيە تېجەش-بۇلغىما ئازايتىش ۋە مۇھىت ئاسراشنى راسا چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك چەكلەش كۆرسەتكۈچلىرىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلىدۇق. ئۆز ئالدىغا بۇلغىما ئازايتىش ھەرىكەت نىشانىنى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا كىلىمات ئۆزگىرىشى سۆھبىتىنىڭ ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدۇق.
تۆتىنچى، تەرەققىيات ئىمكانىيىتى يارىتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق. شەرقىي رايونلار، ئوتتۇرا رايونلار، غەربىي رايونلار ۋە شەرقىي شىمال رايونىدىن ئىبارەت «تۆت چوڭ بۆلەك»نىڭ ماس تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىدىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيە»نى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، ئۇل ئەسلىھە، كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر تۈركۈم چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويدۇق. شىزاڭ ۋە تۆت ئۆلكىدىكى زاڭزۇ رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى تۈزۈپ يولغا قويدۇق. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق، شەھەر-بازار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.
بەشىنچى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. مالىيە كۈچى قىس بولۇۋاتقان ئەھۋالدىمۇ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇردۇق. يېڭى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلدۇق. شەھەر-بازارلاردا كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى بويىچە 7 مىليون 720 مىڭ يۈرۈش ئۆينى ئاساسەن پۈتكۈزدۇق، كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش بويىچە 6 مىليون 10 مىڭ يۈرۈش ئۆينىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلىدۇق، يېزىلاردىكى 4 مىليون 320 مىڭ ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيىنى ئۆزگەرتتۇق، بۇ ئارقىلىق تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار زور بىر تۈركۈم ئائىلىنىڭ ئۆيى بولۇش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردۇق. نامرات رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاساسى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشنى تېزلەتتۇق، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە نامرات رايونلاردىكى يېزىلاردىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪10.5 كۆپەيدى. ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئاھالىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئېغىر، ئالاھىدە ئېغىر كېسەللەر داۋالىنىش ياردىمى تۈزۈمى، قىيىنچىلىقى بار مېيىپلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ۋە ئېغىر مېيىپلارغا پەرۋىش ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمىنى ئورناتتۇق. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى، نەپىقە پۇلى ۋە كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈردۇق، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويدۇق ھەم مائاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئاساسىي جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتلىنىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇردۇق.
ئالتىنچى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى كۈچەپ تۇتۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ۋە ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈردۇق. گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا 11 قانۇن قارالمىسىنى سۇندى، 8 مەمۇرىي نىزامنى تۈزدى ۋە تۈزەتتى. مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاشنى تېزلىتىپ، ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت ۋە توردا ئىش بېجىرىشنى كېڭەيتتۇق. چوڭ-چوڭ سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تەكشۈرۈش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، 3-تەرەپ باھالاشنى قانات يايدۇردۇق. تەبىئىي ئاپەت ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرگە ئوبدان تاقابىل تۇردۇق. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھادىسە ئومۇمىي سانى ۋە ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھادىسە سانىنى داۋاملىق ئازايتتۇق. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئۈلگە يارىتىش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىنى كۈچلۈك قوغدىدۇق.
بىز «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى قەتئىي تۈزەپ، گوۋۇيۈەننىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلدۇق. مەمۇرىي تەپتىش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتتۇق. پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلەشكەن بىر تۈركۈم ئۇنسۇرلارنى جازالىدۇق.
بىز جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ شەرقتىكى ئاساسىي ئۇرۇش مەيدانى بولۇشتەك تارىخىي ئورنى ۋە مۇھىم تۆھپىسىنى مەركەزلىك جاكارلاپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەرقايسى ئەللەر خەلقى بىلەن تىنچلىقنى، ھەققانىيەتنى ئورتاق قوغدايدىغان كۈچلۈك ئەقىدىسىنى نامايان قىلدۇق.
بىر يىلدىن بۇيان، ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيەدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. رەئىس شى جىنپىڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە زىيارەتكە باردى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر قاتار يىغىنلىرى، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنى، كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلەر بىر قاتار يىغىنلىرى، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى قاتارلىق چوڭ-چوڭ پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. بىز جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، جۇڭگو-ياۋروپا باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردۇق، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرى مۇنبىرىنى باشلىدۇق. ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردۇق، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتۇق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارا مېخانىزملار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتۇق، ئىقتىساد دىپلوماتىيەسى، ئادىمىيەت ئالاقىسىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق ئىشلاردا مۇھىم ئىجابىي رول ئوينىدى.