مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 307|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

برۇتۇس نېمىشقا ئىمپېراتور قەيسەرنى ئۆلتۈرگەن؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
برۇتۇسنېمىشقا ئىمپېراتور قەيسەرنى  ئۆلتۈرگەن؟
تەرجىمان: ت.ئا.ئەركمان   
غەربتارىخچىلىرى ئەسەرلىرىدە كائېسار، مەشرىق تارىخچىلىرى ئەسەرلىرىدە قەيسەر،دېيىلگەن  رىم ئىمپېراتورى كائېسار(قەيسەر) ئۈچۈن سانسىز مەدھىيەلەر ياغدۇرۇلغان، تارىخچىلار ئۇنى رىمئىمپېرىيىسىنىڭ گۈللىنىشىگە ئاساس سالغۇچى، دەپ تەرپلەيدۇ، نۇرغۇن پادشاھلارئۆزلىرىنى شۇ نام بىلەن ئاتاشنى ياخشى كۆرۈدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ ئۆلۈمى ھازىرغا قەدەرسىر بولۇپ كەلمەكتە : ئۇنىڭ ئوغلى راستتىنلا قەيسەرنى ئۆلتۈرۈش قەستىگەقاتناشقانمۇ؟
  شېكىسپىر ئۆزىنىڭ «جۇلىئۇس كائېسار» ناملىق تراگېدىيىسىدە برۇتۇسنى «مانابۇ ھەقىقىي ئەركەك» دەپ مەدھىيەلەيدۇ. برۇتۇس مىش-مىشلەردىكى ئىمپېراتور قەيسەر(كائېسار) بىلەن سېرۋىلىيەنىڭ نىكاھسىز تاپقان ئوغلى بولۇپ، ئېيتىلىشىچە ئۇقەيسەرنى ئۆلتۈرۈش قەستىنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەن.
  بۇ يەردە ئاۋال مەشرىق خەلقلىرىدە «كائېسار» نىڭ «قەيسەر» نامىدائاتىلىدىغىنى ئۈچۈن شۇنداق ئاتاش ھەققىدە ئەسلەتمە بېرىش بىلەن بىللە برۇتۇسھەققىدىكى يەنە بىر قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئۆتسەك ئارتۇقلۇق قىلماس.
  برۇتۇس مىلادىدىن بۇرۇنقى 85-يىلى رىمدا تۇغۇلغان، 42-يىلى ئۆلگەن بولۇپ،قەدىمقى رىم سىياسىيئونى، جۇمھۇرىيەتچى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. مىش-مىشلەردە،ئۇنىڭ ئەجدادى پادشاھ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ جۇمھۇرىيەت قۇرغۇچى مەشھۇرليۇسىئۇس يۇنىئۇس برۇتۇ ئىمىش. قەيسەر بىلەن پومىپېئىس «ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغانمەزگىلدە، ئۇ پومىپېئىسنى قوللىغان. فارسالۇس ئۇرۇشى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 48-يىلى)دىن كېيىن قەيسەرنىڭ ئەپۇسىغا ئېرىشىپ، دوست بولغان. 46-يىلى گاللىيەنىڭ باش ۋالىيسىبولغان. 44-يىلى شەھەر باشلىقى بولغان. ئۇ قەيسەرنىڭ مۇستەبىتلىكىگە قارىشى تۇرۇپ،جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيىتى تۈزۈلمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نىيەت قىلغان. 44-يىلى3-ئاينىڭ 15-كۈنى كاسسىئۇس قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ پومپېئىسنىڭ سىنات سارىيىدا(ئاقىللار سارىيى) قەيسەرنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان. قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتىن كېيىنكاسسىئۇس قاتارلىقلار بىلەن يۇنانغا قېچىپ بېرىپ قەيسەرپەرەستلەرگە قارىشى تۇرۇشقاھازىرلانغان. 42-يىلى ماكېدونىيەدىكى ئۇرۇشتا (فىلىپپى ئۇرۇشىدا)ئوكتاۋىئۇس-ئانتونىئۇس بىرلەشمە ئارمىيىسىدىن يېڭىلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.مىش-مىشلەردە خېلى نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەر يازغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ ئەمما ھازىرغىچەساقلىنىپ قالغىنى پەقەت سىسېرىئو بىلەن يېزىشقان مەكتۇپلىرىدىنلا ئىبارەت.
  قەيسەرنىڭئۆلۈمى راستتىنلا بۇرۇتۇس بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
  برۇتۇسنىڭ ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈشىدە قانداق سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن؟ئۇراستتىنلا ئاتىسى قەيسەرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقانمۇ؟
  44-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى پومپېئىسنىڭ سىنات سارىيىدا، قەستلىگۈچىلەرقەيسەرگە خەنجەر ئۇرغاندا، برۇتۇسمۇ قەيسەرگە بىر خەنجەر سانجىغان. قەيسەر ئۆزھىماتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە سۈيقەستچىلەرگە قارىشى جان تىكىپ ئېلىشقان، ھالبۇكى،شۇ دەۋرنىڭ ئەركىسى بولمىش قەيسەر برۇتۇسنىڭ قولىغا خەنجەر ئېلىپ ئۆزىگەئېتىلغىنىنى كۆرگەن چېغىدا، ھېچنېمە دېمەستىن پەرىجىسى بىلەن بېشىنى ئورىۋېلىپ،قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ۋاز كەچكەن. بۇ ھەقتە بەزى تارىخچىلار، يازغۇچىلار «بۇرۇتۇسقەيسەرگە خەنجەر ئۇرغاندا، قەيسەر گرېك تىلىدا ئۇنىڭغا ‹بۇ سەنمىدىڭ؟ مېنىڭ ئاقكۆڭۈل ئوغلۇم، بۇ سەنمۇ؟› دېگىنىچە جىم تۇرۇپ بەرگەن. دېمەك، قەيسەر بۇرۇتۇسنىڭخەنجىرىگە تېنىنى تۇتۇپ بەرگەندىمۇ يەنىلا ئۇنى ئۆز ئوغلۇم، دەپ قارىغان» دەپيازىدۇ.
  قەيسەر بىلەن برۇتۇسقا تەرجىمىھال يازغان پرۇتاك دەل مۇشۇ تەسىرلىك پاكتنىئاساس قىلىپ تۇرۇپ «قەيسەر سېرۋىلىيەنى ياخشى كۆرۈپلا قالماستىن بەلكى برۇتۇسنىمۇجېنىدىن ئەزىز كۆرەتتى، گەرچە برۇتۇس ئۇنىڭ نىكاھسىز تاپقان ئوغلى بولسىمۇ» دەپيازىدۇ. پرۇتاكنىڭ قارىشىدا، قەيسەرنىڭ ئۆزىگە قەست قىلغان ئوغلىغا قارشىلىقكۆرسىتىشتىن ۋاز كېچىشى دەل مۇشۇ مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتىدىن بولغان. ھالبۇكى، دۇنياتارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن بىر دەۋرنىڭ ئەركىسى بولمىش قەيسەر ئەشەددىي دۈشمىنىپومپېئىس بىلەن ئالىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى تالىشىش كۈرىشىدە ئىچكىي ئۇرۇشقوزغىغاندا، قەيسەرنىڭ ئاشۇ ئامراق ئوغلىنىڭ ئەشەددىي رەقىبى تەرەپتە تۇرۇشىكىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. ئۆزىگە قەستى جان ئەيلىگەن ئوغلىغا قىلچەنەپرەتلەنمىگەن قەيسەر 2000 يىل مابەينىدە كىشىلەرنىڭ ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپكەلگەن. ھەتتا قەيسەر بۇنىڭدىن ئىلگىرى پومپېئىس بىلەن بولغان ئۇرۇشلاردا،پومپېئىس تەرەپتە تۇرۇپ كەلگەن برۇتۇسنى قاتتىق ئاسراپ، قول ئاستىدىكىلەرگەئۇرۇشتا برۇتۇسقا قول سالماسلىق، ناۋادا برۇتۇس تەسلىم بولسا ئۇنىڭغا ئەدەب-ئېكرامبىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئەگەر تەسلىم بولماي قارشىلىق كۆرسەتسە، مەيلىگە قويۇپبېرىش، ئومۇمەن برۇتۇسقا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىك بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن.
  بۇ ھەقتە پرۇتاك «قەيسەرنى دۇنيا بويىچە ئەڭ رەھىمدىل ئادەم دېيىشكەھەقلىقمىز. ئەگەر برۇتۇس خاھلىغىنىدا، ئۇ ھەتتا قەيسەرنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىبولالايتتى» دەيدۇ.
  بۇرۇتۇس نېمە ئۈچۈن قەيسەرگە قەستى جان ئەيلەپ ئۇنى ئۆلۈم يولىغاقىستايدۇ؟بەزىلەر بۇرۇتۇس كاسسىئۇس بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر مەسلىكىدە بولغان،ھالبۇكى قەيسەر بولسا مۇستەبىت پادشاھلىق تۈزۈمى تەرەپدارى بولغان، شۇڭا ئۇ قەيسەربىلەن ئوخشاشمىغان مەسلەك تەرەپدارلىرىدىن بولۇپ قالغان، دەپ قارايدۇ. مۇشۇنۇقتىدىن بولسا كېرەك، شېكىسپىر ئۆزى ياشىغان زاماندىن ھازىرغا قەدەر ئىلغار، دەپقارالغان جۇمھۇرىيەتچىلىك مەسلىكى ئۈچۈن ئۆزنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىسىنى ئۆلتۈرۈشكەرازى بولغان برۇتۇسنى ھەقىقىي ئەركەك، دەيدۇ. بۇنىڭغا برۇتۇسنىڭ«دۆلەتنىڭئەركىنلىكى ئۈچۈن جان بېرىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز!» دېگەنچاقىرىقى ئىسپات بولغان بولسا كېرەك. نۇرغۇن پاكىتلار ئىسپاتلىغانكى،مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق بۇرۇتۇسنىڭ ئۆز مەسلىكى يۈزىسىدىن ئىمپېراتور قەيسەرگەبولغان ئۆچمەنلىكى چېكىگە يەتكەن. ئۇنىڭ قارىشىدا، قەيسەر زالىم پادشاھلارنىڭتىپىك ۋەكىلىدۇر. «ھەقىقىي ئەركەك» بولۇش سۈپىتىدە برۇتۇس زالىم پادشاھنى ئۆلتۈرۈپئەلنى تىنچلاندۇرۇش بۇرچۇمدۇر، دەپ قارىغان-دە، قەيسەرنى ئۆلتۈرۈشنى ھەققانىيھەرىكەت، دەپ بىلگەن. ۋەھالەنكى، بۇ پەقەت تارىخچى پرۇتاكنىڭ سۇبيېكتىپ خۇلاسىسى،قەيسەرنىڭ زادى كىم تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشكەتوغرا كېلىدۇ. ھازىرغا قەدەر تارىخچىلار، قەيسەرشۇناسلار، برۇتۇسشۇناسلار بۇ ھەقتەئىزدەنمەكتە.
                قەيسەر ئوغلى قەستقىلغىدەك قانداق ئادەم ئىدى؟
  جۇلىئۇس كائېسارنى مەشرىق خەلقلىرى «قەيسەر» دەپ ئاتىغاچقا بىزمۇ ئۇنى«قەيسەر» نامىدا ئاتاۋېرەيلى.
   قەيسەر مىلادىدىن بۇرۇنقى 100-يىلى تۇغۇلۇپ.44-يىلى ئۆلگەن رىم سەركەردىسى، سىياسىيئونى، ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان.ياشلىقىدا ئاددىي پۇقرالار بىلەن قويۇق ئارىلاشقان ۋە ئۇلار تەرەپتە تۇرۇپ سۇللاتەرەپدارلىرىغا ئۆكتىچى بولغان. كاتېلىننا سۈيقەستىگە قاتناشقانلىقى مەلۇم.62-يىلى باش سودىيەلىككە تەيىنلەنگەن. 61-يىلى ئىسپانىيەگە گوبېرناتور بولۇپتەيىنلەنگەن. 60-يىلى پومىپېئىس ۋە كراسۇلار بىلەن بىرلىشىپ «ئالدىنقى ئۈچلەر»ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن. 59-يىلى كونسۇل بولۇپ سايلانغان. 58-يىلى جەنۇبىيگاللىيەنىڭ گوبېرناتورلۇقىغا تەيىنلەنگەن ھەمدە تەسىر دائىرىسىنى شىمالىي گاللىيە(پۈتكۈل فرانسىيە، بېلگىيە قاتارلىق جايلار) گىچە كېڭەيتكەن. سەككىز يىل ئىچىدەپۈتكۈل گاللىيە رايونىنى بويسۇندۇرۇپ بىرلىككە كەلتۈرگەن، نۇرغۇن قۇل ۋە ھېسابسىزبايلىقلارنى بۇلاپ رىمغا ماڭدۇرغان. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى قاتتىقزورىيىپ، ھۆرمەت-ئابرويى قالتىس ئۆسكەن. 55-يىلىدىن 53-يىلىغىچە رېيىن دەرياسىدىنئۆتۈپ گېرمانلارغا ھۇجۇم قىلغان. 55-يىلىدىن 54-يىلىغىچە دېڭىزدىن ئۆتۈپبرىتانىيەگە ھۇجۇم قىلغان. كراسۇ ئارساكقا جازا يۈرۈشى قوزغاپ مەغلۇب بولغاندىنكېيىن كراسۇنىڭ ئەسكىرىي ھوقۇقىنى بىكار قىلغان. 49-يىلى شىمالىي ئىتالىيەدىكىدۇبكۇن دەرياسىدىن ئۆتۈپ رىمنى ئىشغال قىلغان. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشىپومپېئىس كۆپ ساندىكى سىناتلارنى (ئاقىللار) باشلاپ يۇنانغا قېچىپ كەتكەن. 48-يىلىفارسالۇ ئۇرۇشىدا نۇسرەت قازىنىپ پومپېئىسنى قوغلاپ مىسىرغا كىرگەن ھەم پومپېئىسنىئۆلتۈرگەن. مىسىردىكى پېتولېمىي (تولېمىي) خاندانلىقىنىڭ ئىچكىي نىزالىرىغائارىلىشىپ، تەڭداشسىز گۈزەل كلېئوپاترا VII نى مىسىر پادشاھلىقىغا تىكلىگەن.47-يىلى كىچىك ئاسىياغا كېلىپ فاناسېسلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. ئارقىدىن شىمالىيئافرىقا ۋە ئىسپانىيىدە پومپېئىسنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى تەلتۆكۈس تازىلاپ، زەپەقۇچۇپ رىمغا قايتىپ كەلگەن. 45-يىلى سىنات ئۇنى ئەبەدىي ئىستېبدات، دەپجاكارلىغان. بەش يىل كونسۇل بولۇش داۋامىدا ئاداققىي ۋاسىي، ئالىي گېنېرال، بۈيۈكئۇستاز دېگەن شەرەپكە ئىگە بولۇپ، «ئەل ئاتىسى» دېگەن پەخرىي نامغا ئېرىشىپ،ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھەربىي ئىستېبداتقا ئايلانغان. ئەسلىدە  پۇقرالار سايلىمى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدىغانسىناتلارنى تەيىنلەش ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، پۇقرالار مەجلىسىنى ئىسمىبار جىسمى يوق قۇرۇق نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئىتالىيە ۋە باشقا جايلاردىكى 80مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن كونا ھەربىيلەرگە يەر بولۈپ بېرىپ،ھەربىيلەرنىڭ جاسارىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ھەربىيلەرنىڭ قوللىشىغا ۋە جەنۇبىيگاللىيە، ئىسپانىيەدىكى يۇقىرى قاتلام زاتلىرىغا رىمنىڭ گراژدانلىق ھوقۇقىنى بېرىشئارقىلىق تېخىمۇ زور قوللاشقا ئېرىشكەن. ئۇ رىمدا غايەت زور رىم كۇتۇپخانىسىنىسالدۇرغان. مەيدان، ئىبادەتخانا ۋە تىياتىرخانىلارنى كۆپلەپ سالدۇرغان. مىسىرنىڭئىسكەندەرىيە (ئالېكساندىرىيە) شەھىرىدىن نۇرغۇن ئاسترونومىيە ئالىملىرىنى تەكلىپقىلىپ ئەكېلىپ رىمنىڭ تۇنجى قۇياش كالېندارى ـــ «جۇلىئۇس كالېندارى»نى تۈزۈپچىققان. ئۇنىڭ قاتتىق قول دېكتاتۇرىسى سىناتتىكى بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچىلئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن 44-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنىئۆزىنىڭ نىكاھسىز تاپقان ئوغلى برۇتۇس قاتارلىقلار تەرىپىدىن پىلانلانغانسۈيقەستتە ئۆلتۈرۈلگەن. تارىختا قەيسەرنىڭ «گاللىيىدىكى ئۇرۇش»، «ئىچكى ئۇرۇش»قاتارلىق تەۋەرۈك ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر تىلىنىڭ گۈزەللىكى، ئاددىيلىقىبىلەن لاتىن تىلىنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ قالغان. «كائېسار» دېگەن نام كۈچ-قۇدرەتنىڭسىمۋولى سۈپىتىدە كېيىنچە رىم ۋە غەرب ئىمپېراتورلىرىنىڭ ئەمەل نامىغا ئايلىنىپقالغان.

مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:25 , Processed in 0.059213 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش