تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

تېما: ئون يىل ئوينىساڭ ئويۇن شۇ پېتى، بىر يىل تىرىشساڭ ئىشلار باشقىچە. [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]

يوللىغۇچى: alma    ۋاقىت: 6 كۈن بۇرۇن
تېما: ئون يىل ئوينىساڭ ئويۇن شۇ پېتى، بىر يىل تىرىشساڭ ئىشلار باشقىچە.
ئون يىل ئوينىساڭ ئويۇن شۇ پېتى،
بىر يىل تىرىشساڭ ئىشلار باشقىچە.
ئويۇننى ئەزەلدىن قېرىماس دەيدۇ،
غەلبىنىڭ جاپاسى داۋان ئاشقىچە.

ئادەمنى قېرىتتى،قېرىماي ئويۇن.
ياشلىقنى ئېپقاچتى بولۇپ بىر قۇيۇن.
بۇ گەپنى ئاتىلار دىگەنتى بۇرۇن.
بىر يىل تىرىشساڭ ئىشلار باشقىچە.

بىلىمنىڭ يوللىرى بولسىمۇ جاپا.
ھەر تۈرلۈك قىسمەتلەر قىلسىمۇ خاپا.
شەيتىنىڭ كۆزۈڭگە چاچسىمۇ توپا.
بىر يىل تېرىشساڭ ئىشلار باشقىچە.

ھۈنەر ۋە كەسىپنىڭ دەسلىۋى قىيىن.
كۆزۈڭگە سۈرتىسەن بولسا بىر تىيىن.
بېشىدا ئاپەت بار،ئامەت بار كىيىن.
بىريىل تىرىشساڭ ئىشلار باشقىچە.




خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/) Powered by Discuz! X3.2