مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 491|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مايۈننىڭ نيۇيورك ئىقتىساد كۇلۇبىدا سۆزلىگەن نوتۇقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775




马云6月9日中午在纽约经济俱乐部的主旨演讲(全文)
非常荣幸,从来没想到会有这多人来听我的演讲。
我站在这里的时候,感觉自己如此重要,如此责任重大。谢谢你们!
正式开始演讲之前,我想请问一下在座有多少人在使用阿里巴巴的服务?好的,不是非常多。那么,你们当中有多少人从来没有去过中国?好的。

مايۈننىڭ نيۇيورك ئىقتىساد كۇلۇبىدا سۆزلىگەننوتۇقى

مەنبە: خەلق تورى، ئالىمراخمان تەرجىمىسى
بۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ كېلىپ نوتۇقۇمنىئاڭلايدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ئويلىماپتىكەنمەن، ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىۋاتىمەن.
بۇ يەردە تۇرغىنىمدا ئۆزۈمنى شۇنچىلىك مۇھىم،مەسئۇلىيىتىمنى شۇنچىلىك ئېغىر ھېس قىلىۋاتىمەن، سىلەرگە رەھمەت!
نوتۇقنى رەسمىي باشلاشتىن بۇرۇن،ئولتۇرغانلاردىن قانچىلىك كىشى ئالىبابانىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنىسوراپ باقسام؟
ئانچە كۆپ ئەمەسكەن. ئۇنداقتا، ئاراڭلارداقانچىلىك كىشى  جۇڭگوغا بېرىپ باقمىغان؟
20年前,我第一次踏上美国,美国之旅的第一站是西雅图。来到美国之前,我从课本、老师、学校和父母那里了解美国,我以为自己已经非常了解美国。但是,当我踏上这片土地的时候,我才发现我完全错了,美国这个社会和我从课本学到的根本不一样。在西雅图,我平生第一次认识了互联网。
20يىلبۇرۇن تۇنجى قېتىم ئامېرىكىغا قەدەم باسقىنىمدا، ئامېرىكا ساياھىتىنىڭ بىرىنچىبېكىتى سېئاتىل بولدى. ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن مەن ئاساسلىقى كىتاب، مەكتەپ،ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانامدىن ئامېرىكىنى چۈشەنگەن ئىدىم. ئۆزۈمنى ئامېرىكىنىئىنتايىن چۈشىنىمەن دەپ ئويلايتتىم. ئەمما بۇ زېمىنغا قەدەم باسقان ۋاقتىمدائۆزۈمنىڭ پۈتۈنلەي خاتالاشقىنىمنى ھېس قىلدىم. ئامېرىكا جەمئىيىتى مەن كىتابتىنچۈشەنگىنىم بىلەن قەتئىيلا ئوخشىمايدىكەن. سېئاتىلدا ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىمئېنتىرنېت تورى بىلەن ئۇچراشتىم.
回到中国之后,我告诉朋友们,我打算开一家互联网公司。我邀请了24位好友,讨论了两个小时。到了最后,还是没有人理解我想要做的东西,我们进行了投票,23人选择反对。我的朋友们劝我说:“忘了它吧!根本就不存在这么一个叫做互联网的东西,千万不要去尝试。”只有一个人对我说:“马云,我相信你,虽然我不知道你想要做什么,如果你想做,就大胆去做吧,因为你还年轻。”那年,我30岁。
جۇڭگوغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دوستلىرىمغائۆزۈمنىڭ ئېنتىرنېت تورى شىركىتىدىن بىرنى ئاچماقچى بولغىنىمنى ئېيتتىم. 24دوستۇمنىچاقىرىپ، ئىككى سائەت مۇلاھىزە قىلدۇق. ئاخىرىدا مېنىڭ قىلماقچى بولغىنىمنى ھېچكىمچۈشەنمىدى. بېلەت تاشلىدۇق، 23كىشى قارشى تۇردى. دوستلىرىم«ئۇنى ئۇتۇپ كەت، ئېنتىرنېت تورى دەپ ئاتىلىدىغان بۇنداق نەرسە قەتئىي مەۋجۈدئەمەس، ھەرگىز سىنايمەن دېمىگىن» دەپ نەسىھەت قىلىشتى. پەقەت بىرى ماڭا: «مايۈن،ساڭا ئىشىنىمەن، نېمە قىلماقچى بولغىنىڭنى بىلمىسەممۇ، ئەگەر قىلماقچى بولساڭ،قورقماي قىلغىن، چۈنكى سەن تېخى ياش» دېدى. شۇ يىلى مەن 30ياشتائىدىم.
没有任何的计算机知识、商业知识,我开始了创业之路。我开办了第一家公司,和我的妻子,还有一位同学。我们东拼西凑了1000美元,创业之路非常艰难。当时,我觉得自己是骑在盲虎背上的盲人(成语:盲人摸象,又骑虎难下)。20年风雨过去,我存活了下来。但是创业前三年,生活真的非常糟糕。我清楚地记得,我想向银行贷款3000美元,这花去了我整整三个月时间,我动用了所有的关系,还是没拿到贷款。每个人都认为马云在撒谎,因为1996的时候他们不相信有互联网这个东西的存在。
ھېچقانداق كومپىيوتېر، سودا بىلىمىم يوقلائىگىلىك تىكلەشنى باشلىۋەتتىم. بىرىنچى شىركىتىمنى قۇرغاندا مەن بىلەن بىللەئايالىم ۋە يەنە بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى. بىز ھەر تەرەپكە قاتراپ مىڭ دوللارجەملىدۇق. ئىگىلىك تىكلەش يولى بەكمۇ مۇشەققەتلىك بولدى. شۇ چاغدا  قارىغۇ يولۋاس ئۈستىگە مىنىپ قالغان ئەما كىشىگەئوخشاپ قالغان ئىدىم. 20يىللىق بوران چاپقۇن ئۆتۈپكەتتى. مەن ئامان قالدىم. ئەمما ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئالدىنقى ئۈچ يىلى تۇرمۇشۇمبەكلا ناچار ئۆتتى. ئېنىق ئېسىمدە، بانكىدىن 3000دوللارقەرز ئالماقچى ئىدىم، بۇنىڭغا ساق ئۈچ ئاي سەرپ قىلىپ، بارلىق مۇناسىۋەتلىرىمنىئىشقا سالدىم، لېكىن يەنىلا قەرز ئالالمىدىم. ھەممەيلەن مېنى يالغان سۆزلەۋاتىدۇدېيىشتى. چۈنكى 1996-يىلى ئۇلار ئېنتىرنېت تورى دېگەن بۇ نەرسىنىڭ مەۋجۈد ئىكەنلىكىگەتېخى ئىشەنمەيتتى.
有一天,1996下半年,中国正式接入了互联网。于是,我邀请了10位媒体朋友到我家里来,想告诉他们我没有撒谎,确实存在互联网这个东西。为了下载一张照片,我们当时花了三个半小时。大家说,“那东西真的能行得通吗?”我说,“是的,行得通的,不是现在,是在未来十年之内。”不管怎样,这至少证明了我没有撒谎。
1996-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى بىر كۈنى، جۇڭگو ئېنتىرنېت تورىغارەسمىي ئۇلاندى. تاراتقۇ ساھەسىدىكى 10دوستۇمنىئۆيۈمگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا يالغان سۆزلىمىگەنلىكىمنى، ئېنتىرنېت تورىنىڭھەقىقەتەنمۇ مەۋجۈد ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرمەكچى بولدۇم. بىر پارچە سۆرەتنىچۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۈچ يېرىم سائەت كەتتى. كۆپچىلىك: «بۇ نەرسە راستلا ئاقارمۇ؟» دېدى.مەن: «ھەئە، ئاقىدۇ، ھازىر بولمىسد كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە»، دېدىم. قانداقلابولمىسۇن، بۇ مېنىڭ يالغان سۆزلىمىگەنلىكىمنى ئىسپاتلىدى.
我还记得,当我们尝试帮助小公司在网络上销售产品,但是没有人愿意来,因为还没有人在网络上买东西。所以在第一周,我们的7个员工自己去买,自己去卖。到了第二周,有人开始在我们的平台上卖东西,我们买光了他出售的所有商品。我们有两个房间,堆满了我们那两个星期买的东西,而且是没有什么用的东西。这只是为了告诉大家互联网是行得通的,但这并不容易。1995年到1999年这期间,我们的创业失败了,没有一样条件是成熟的。
ئېنىق ئېسىمدە، بىر كىچىك شىركەتلەرگەياردەملىشىپ توردا ماللىرىنى سېتىشنى سىناپ باقتۇق، لېكىن ھىچكىم كېلىشنىخالىمىدى. چۈنكى تېخى بىرەر كىشى توردا مال سېتىۋالمايتتى. شۇڭا بىرىنچى ھەپتىسىبىزنىڭ 7خادىمئۆزى سېتىپ ئۆزى ئالدى. ئىككىنچى ھەپتىسى بەزىلەر بىزنىڭ سۇپىمىزدا نەرسىلىرىنىسېتىشقا باشلىدى. بىز ئۇلارنىڭ ساتقان نەرسىسىنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالدۇق. ئىككىئېغىز ئۆيىمىز ئىككى ھەپتىدە سېتىۋالغان نەرسىلەر بىلەن لىق تولدى، كۆپىنچىسىھېچقانداق لازىمى يوق نەرسىلەر ئىدى. بۇ پەقەتلا كۆپچىلىككە ئېنتىرنېت تورىنىڭئاقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئىدى. بىراق بۇ بەكمۇ مۈشكۈل ئىدى. 1995-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە بولغانئارىلىقتا، ئىگىلىك تىكلىشىمىز مەغلۇب بولدى، چۈنكى بىرمۇ شەرت ھازىرلانمىغانئىدى.
到了1999年,我邀请18个好友到家里,我们决定再一次尝试,并且把网站命名为alibaba.com。人们问为什么叫阿里巴巴?我们希望互联网就如同一个宝库,可以让小企业芝麻开门。另外,这个名字容易拼写,也朗朗上口。我们想做的事情,是帮助小企业。
1999-يىلىغا كەلگەندە، 18دوستۇمنى ئۆيۈمگە تەكلىپقىلدىم، يەنە بىر قېتىم سىناپ باقماقچى بولدۇق ھەمدە تور نامىنى alibaba.comدەپئاتىدۇق. كىشىلەر نېمىشقا ئالىبابا دەپ ئاتىغانلىقىمىزنى سورىدى. بىز ئېنتىرنېتتورىنىڭ خۇددىي بىر گۆھەر غەزىنىسىگە ئوخشاش، كىچىك كارخانىلارغا كۈنجۈت ئىشىكىنى ئېچىشىنىئۈمىد قىلدۇق. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئىسىمنى يېزىش ئاسان، ئېغىزغا كېلىدۇ.قىلماقچى بولغىنىمىز كىچىك كارخانىلارغا ياردەم بېرىش ئىدى.
当时我们注意到美国的电子商务致力于帮助大公司,帮助他们节约成本,而当时中国没有那么多的大公司,而是有很多的小企业,对于他们来说生存是如此艰难,假如我们能够用互联网技术来帮助这些小公司,这会非常有意思。
ئۇ چاغلاردا ئامېرىكا ئېلېكترونلۇق سودىسىنىڭچوڭ شىركەتلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ چىقىمىنى ئازايتىش ئىكەنلىكىگە دىققەتقىلدىم. لېكىن ئۇچاغدىكى جۇڭگودا ئۇنچە چوڭ شىركەت يوق ئىدى، لېكىن نۇرغۇن كىچىكشىركەتلەر بار ئىدى. ئۇلارغا نىسبەتەن مەۋجۈد بولۇپ تۇرۇش شۇنچىلىك قىيىن ئىدى.ئەگەر ئېنتېرنىت تورى ئارقىلىق بۇ كىچىك شىركەتلەرگە ياردەم بېرەلىسەك بۇ ناھايىتىئەھمىيەتلىك ئىش بولاتتى.
美国习惯于帮助大型企业,这就好比美国人擅长于打篮球;而在中国,我们应该会去打乒乓球,去帮助那些小公司。我们需要做的不是帮助小公司去节约成本,因为他们知道如何节约成本,他们需要学习的是如何赚钱。因此,我们的业务一直专注于帮助小企业在网络上赚钱。
ئامېرىكا چوڭ تىپتىكى شىركەتلەرگە ياردەمبېرىشكە ئادەتلەنگەن، بۇ خۇددىي ئامېرىكىلىقلارنىڭ ۋاسكېتبول ئويناشقا ئۇستابولغىنىدەك. بىراق جۇڭگودا بىز تىكتاكتوپ ئويناپ، ئاشۇ كىچىك شىركەتلەرگە ياردەمبېرىشىمىز كېرەك. قىلىدىغىنىمىز كىچىك شىركەتلەرگە ياردەملىشىپ چىقىمنى تېجەشئەمەس، چۈنكى ئۇلار چىقىمنى قانداق تېجەشنى بىلىدۇ، ئۇلار ئۆگىنىشكە تىگىشلىكبولغىنى قانداق قىلىپ پۇل تېپىش. شۇڭا بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىز ئىزچىل كىچىكشىركەتلەرنىڭ توردا پۇل تېپىشىغا ياردەم قىلىش بولۇپ كەلدى.
我们希望阿里巴巴这个公司可以活102年。人们会好奇地问,为什么是102年?因为阿里巴巴诞生于1999年,上个世纪我们经历了1年,这个世纪将是完整的100年,下一个世纪再经历1年,这样横跨三个世纪,102年。我们这是给了所有员工一个清晰的目标。无论我们有多少盈利,无论我们赚了多少钱,不论我们已经取得什么成绩,都不要认为我们已经成功。
ئالىبابا شىركىتىنىڭ 102يىلغىچەمەۋجۈد بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كىشىلەر قىزىقىپ، نېمىشقا 102يىلئىكەنلىكىنى سورىشىدۇ. چۈنكى ئالىبابا 1999-يىلى بارلىققا كەلگەن، ئالدىنقى ئەسىردە بىر يىلنى باشتىنكەچۈردى. بۇ ئەسىر توپتوغرا 100يىل، كېيىكى ئەسىردە يەنە بىريىلنى باشتىن كەچۈرسە، ئۈچ ئەسىرنى باشتىن كەچۈرگەن بولىدۇ. بۇ بىزنىڭ بارلىقخىزمەتچىلىرىمىزگە بەرگەن ئېنىق سېگنال. قانچىلىك پايدا ئېلىشىمىز، قانداقنەتىجىلەرنى يارىتىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، بىز ئاللىقاچان مۇۋەپپەققىيەت قازىنىپبولدۇق، دەپ قاراشقا بولمايدۇ.
不要忘记我们希望活102年,现在才过了16年而已,前面还有86年。这86年中的任何一个时间,如果公司倒闭了,我们就谈不上成功。当我听到这个俱乐部(纽约经济俱乐部)已经有108年的历史,我十分惊讶,十分震惊。这其中一定有很多值得阿里巴巴学习的东西。
102يىلمەۋجۈد بولۇش ئارزۇيىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى، ھازىرغىچە ئاران 16يىلئۆتتى، ئالدىمىزدا يەنە 86يىل بار. بۇ 86يىلنىڭھەرقانداق بىر ۋاقتىدا شىركەت ۋەيران بولسا بىز مۇۋەپپەقىيەتتىن ئېغىزئاچالمايمىز. بۇ كۇلۇبنىڭ (نيۇيورك ئىقتىساد كۇلۇبى) 108يىللىقتارىخنى باشتىن كەچۈردى. مەن ناھايىتى ھەيران بولدۇم. بۇنىڭدا چوقۇم ئالىبابائۆگىنىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەر بار.  
没有人相信阿里巴巴可以活下去。以前人们说:“你们的平台是免费的,你们的公司那么小。”尤其是我们在美国上市的时候,人们又说:“你们阿里巴巴是做电子商务的,就像亚马逊一样。”可能亚马逊是美国人眼中唯一的电子商务模式,但是我们不一样。
ھېچكىم ئالىبابانىڭ داۋاملىق مەۋجۈد بولۇشىغائىشەنمەيتتى. ئىلگىرى كىشىلەر: «سىلەرنىڭ سۇپا ھەقسىز، شىركىتىڭلار شۇنچە كىچىكئىكەن» دېگەنىدى. بولۇپمۇ پايچىكىمىز ئامېرىكىدا بازارغا سېلىنغان ۋاقىتتا كىشىلەريەنە: «سىلەر ئالىبابا ئېلېكترونلۇق سودا قىلىدىكەنسىلەر، خۇددىي ئامازوندەك».بەلكىم ئامازون ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى بىردىنبىر ئېلېكترونلۇق سودائەندىزىسى بولۇشى مۇمكىن، بىراق بىزنىڭ ئوخشىمايدۇ.
我们和亚马逊不一样的是,我们自己不做买卖,我们帮助中小企业做买卖。在阿里巴巴的平台上,有一千万家小企业每天做交易。我们自己不送快递,但每天有二百万人帮着我们配送三千万包裹。我们也没有自己的仓库,但是我们帮助那些中小物流快递公司管理成千上万个物流仓库。
بىز ئامازونغا ئوخشىمايمىز، بىز ئۆزىمىز سوداقىلمايمىز، بىز ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ سودا قىلىشىغا ياردەم بېرىمىز.ئالىبابا سۇپىسىدا ئون مىليون كىچىك كارخانا ھەركۈنى سودا قىلىدۇ. بىز ئۆزىمىزيەتكۈزۈپ بەرمەيمىز، بىراق ھەر كۈنى ئىككى مىليون ئادەم بىزگە 30مىليونپوسۇلكىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ ئىسكىلاتىمىز يوق، بىراق بىز ئاشۇئوتتۇرا-كىچىك تېز يەتكۈزۈش شىركىتىگە ياردەم قىلىپ تۈمەنلىگەن ئوبۇرۇتئىسكىلاتلىرىنى باشقۇرۇپ بېرىمىز.
我们也没有任何商品库存,但是我们有3亿5千万的买家,每天有超过1亿2千万的消费者光顾我们的网站。去年我们的销售额是3900亿美元。今年,我们预计销售成交会超过沃尔玛全球,你要知道沃尔玛用了230万员工,而我们只是从18人扩大到了3.4万人。
بىزنىڭ ھېچقانداق تاۋار ئامبىرىمىز يوق. بىراقبىزنىڭ 350مىليونخېرىدارىمىز بار، ھەر كۈنى 120مىليوندىن ئارتۇق ئىستىمالچىتورىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلىدۇ. ئۆتكەن يىلى سېتىش سوممىمىز 390مىليارددوللار بولدى. بۇ يىل سېتىش سوممىمىز ۋولمارتنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى سېتىش سوممىسىدىنئېشىپ كېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بىلىشىڭلار كېرەككى، ۋولمارت ئىككى مىليون 300مىڭخىزمەتچى ئىشلەتتى، بىراق بىز پەقەت 18كىشىدىن34مىڭكىشىگە كېڭەيدۇق.
我们和亚马逊不一样的还有,亚马逊是一个购物中心,你去逛亚马逊,去买你想要买的东西,就和产品展示的一模一样。但是在阿里巴巴,你看到的产品图片展示和你拿到手的产品或许不一样,人们会觉得惊讶,“这怎么有点不一样!”但是他们喜欢这样的购物体验。
ئامازون بىلەن ئوخشىمايدىغان يەنە بىر يېرىمىز،ئامازون بىر مال سېتىۋېلىش مەركىزى، ئامازوندا ياقتۇرغىنىڭىزنى سېتىۋالىسىز،سېتىۋالغىنىڭىز كۆرگەزمە قىلىنغىنىغا ئوپمۇ-ئوخشاش، بىراق ئالىبابادا كۆرگەزمەقىلىنغان سۆرەت بىلەن قولىڭىزغا ئالغان بۇيۇم ئوخشىماسلىقى مۇمكىن، كىشىلەرئەجەبلەنگەن ھالدا «بۇنىڭ ئوخشاش بولمىغىنى نېمىسى؟» دەپ سورىشىدۇ. بىراق ئۇلار بۇخىل مال سېتىۋېلىش ھېس-تۇيغۇلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ.
在美国,电子商务是商务,而在中国,电子商务是人们的一种生活方式。年轻人交换他们的思想,互相沟通,建立信任,建立个人信用记录。就好像星巴克一样,你不是去星巴克品尝它的咖啡有多么美味。这是一种生活方式。这也正是互联网电商如何改变中国的地方。
ئامېرىكىدا ئېلېكترونلۇق سودا بىر خىل سودا،ئەمما جۇڭگودا ئېلېكترونلۇق سودا كىشىلەرنىڭ بىر خىل تۇرمۇش شەكلى. كىشىلەر ئۆزئىدىيەلىرىنى ئالماشتۇرىدۇ، ئىشەنچ ئورنىتىدۇ، شەخسىي ئىناۋەت خاتېرىسى ئورنىتىدۇ.خۇددىي ستارباكسقا ئوخشاش، ستارباكسقا بېرىشىڭىز ئۇنىڭ قەھۋەسىنىڭ قانچىلىك ياخشىئىكەنلىكىنى تېتىپ بېقىش ئەمەس، بەلكى بۇ بىر خىل تۇرمۇش شەكلى. بۇ ھەم ئېنتىرنېتتورىدا ئېلېكتورونلۇق سودىنىڭ جۇڭگونى ئۆزگەرتكەن يېرى.
我们感到自豪的,并不是我们卖了多少东西。我前面提到,今年我们的成交总额会超过沃尔玛——是的,我们对此很自豪。阿里巴巴会在未来五年,达到1万亿美元的成交额。这是我的目标,我认为我们会达到这个目标。更让我们自豪的是,我们为中国直接和间接地提供了1400万个就业机会。我们在中国乡村创造就业机会,我们为中国女性提供就业机会。中国互联网上成功的卖家中,超过51%是女性。
پەخىرلىنىدىغان يېرىمىز ھەرگىزمۇ بىزنىڭقانچىلىك نەرسە ساتقىنىمىز ئەمەس. ئالدىدا دەپ ئۆتتۈم، بۇ يىل پۈتۈشۈش سوممىمىزۋولمارتتىن ئېشىپ كېتىدۇ، دەپ، شۇنداق، بۇنىڭدىن بىز پەخىرلىنىمىز. ئالىباباكەلگۈسىدىكى بەش يىلدا پۈتۈشۈش سوممىسى بىر تىرىللىيون دوللارغا يېتىدۇ. بۇ بىزنىڭنېشانىمىز، بۇ نېشانغا يېتەلەيمىز دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە. تېخىمۇپەخىرلىنىدىغىنىمىز. جۇڭگونى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا 14مىليونئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگىنىمىز. جۇڭگو يېزىلىرىدا ئىشقائورۇنلىشىش پۇرسىتىى ياراتتۇق، جۇڭگو ئاياللىرى ئۈچۈن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىياراتتۇق. جۇڭگو ئېنتىرنېت تورىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ساتقۇچىلارنىڭ ئىچىدەئاياللار %51تىن ئاشىدۇ.
我们为这些事情感到自豪。有人又会说,阿里巴巴现在做到了这些,你们的下一步是什么?阿里巴巴无处不在,你们的未来打算是什么?今天,超过80%的在线交易是由阿里巴巴所创造,我们未来的目标是将阿里巴巴的业务拓展到全球。这不只是要成为最会卖货的公司。我们希望电子商务的基础设施能够全球化。
بۇ ئىشلار ئۈچۈن پەخىرلىنىمىز. بەزىلەر يەنەمۇنداق دەيدۇ، ئالىبابا بۇلارنى قىلالىدى، بىراق كېيىنكى پىلانچۇ؟ ئالىبابا ھەممەيەردە بار، لېكىن كەلگۈسىدە نېمە قىلماقچىسىلەر؟ بۈگۈنكى %80تىنئارتۇق توردىكى سودىنى ئالىبابا ياراتقان، كەلگۈسىدىكى نېشانىمىز شۇكى،ئالىبابانىڭ مۇلازىمىتىنى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتىش. بۇ ھەرگىزمۇ ئەڭ بەك مالساتالايدىغان شىركەت بولۇش ئەمەس. بىز ئېلېكترونلۇق سودا ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭيەرشارىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
相比美国,为什么中国的电子商务成长速度如此惊人?因为在中国的商业基础建设太差。不像在美国,你们有汽车,线下有无处不在的沃尔玛和凯马特(Kmart,美国现代超市零售企业鼻祖)。但是在中国,我们并没有这么好的基础设施。
ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا. جۇڭگونىڭئېلېكترونلۇق سودىسىنىڭ زورىيىش سۈرئىتى نېمىشقا شۇنچە تېز؟ چۈنكى جۇڭگونىڭ سودائۇل قۇرۇلۇشى بەكلا ناچار. ئامېرىكىغا ئوخشىمايدىغىنى، سىلەرنىڭ ماشىناڭلار بار،ۋولمارت ۋە كمارت (Kmartئامېرىكازامانىۋىي تاللا بازىرى پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ باشلامچىسى) بار. لېكىنجۇڭگودا بۇنداق ياخشى ئۇل ئەسلىھەلىرىمىز يوق.
电子商务在美国如同餐后甜点,它是对主流商业的补充。但是在中国,电子商务已经成为主菜。我们建设了电子商务的基础设施。所以,如果我们将我们的电子商务基础设施全球化,包括在全球范围内提供支付工具、物流中心和透明公开的交易平台,帮助全球的小公司将他们的产品卖到世界各个角落,帮助全球的消费顺利地买到世界各地的产品。
ئېلېكترونلۇق سودا ئامېرىكىدا تاماقتىن كېيىنكىتاتلىق-تۈرۈمگە ئوخشاش، ئاساسىي سودىنىڭ قوشۇمچىسى. بىراق جۇڭگودا ئېلېكترونلۇقسودا ئاللىقاچان ئاساسلىق تاماق بولۇپ قالدى. بىز ئېلېكترونلۇق سودىنىڭ ئاساسىيئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ چىقتۇق. شۇڭا ئەگەر بىز پۈتۈن ئېلېكترونلۇق سودىمىزنىڭيەرشارى مىقياسىدىكى پۇل تۆلەش قورالى، ئوبۇرۇت مەركىزى ۋە ئاشكارا بولغان سوداسۇپىسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يەرشارىلاشتۇرالىساق، پۈتۈن يەرشارىدىكى كىچىكشىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىنى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە سېتىشىغا ياردەم قىلالايمىز، پۈتۈن يەرشارىدىكىئىستىمالچىلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشىغا ياردەمقىلالايمىز.
我们的愿景是,未来十年内帮助全球20亿消费者在线购买全世界的产品,而且做到全球范围内72小时内收到商品,在中国范围内,无论你身在何处,24小时内收到商品。阿里巴巴的全球化战略,仍然是致力于帮助小企业,帮助他们以最有效的方式来做生意。我们会在自己的电商平台上,帮助到另外一千万家小企业。
بىزنىڭ كۆزلەيدىغىنىمىز، كەلگۈسى ئون يىلئىچىدە، دۇنيادىكى 2مىليارد ئىستىمالچىنىڭ تورداپۈتۈن دۇنيادىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش ھەمدە پۈتۈن دۇنيادا 72سائەتئىچىدە تاۋارنى تاپشۇرۇۋېلىشىغا ياردەم قىلىش، جۇڭگو ئىچىنىڭ قايسى جايىدابولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، 24سائەت ئىچىدە مالنىتاپشۇرۇۋېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. ئالىبابانىڭ يەرشارىلىشىش ئىستراتېگىيەسىيەنىلا كىچىك كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بىلەن سوداقىلىشىغا ياردەم بېرىشتۇر. بىز ئۆزىمىزنىڭ سودا سۇپىسىدا باشقا 10مىليونكىچىك كارخانىغا ياردەم بېرىمىز.
我们会给这些小企业赋能。我们会引导更多流量给他们,会给提供他们支付系统,提供物流配送系统,让他们更加快捷和便利地在全球任何角落开展业务。我们希望在中国以外的地方拥有40%的业务量。现在,我们的海外业务只占到2%。
بىز بۇ كىچىك كارخانىلارغا كۈچ قوشىمىز. بىزئۇلارنىڭ سودىسىنى تېخىمۇ ئاۋات قىلىمىز، ئۇلارنى پۇل تۆلەش سېستىمىسى، ئوبۇرۇت ۋەيەتكۈزۈش سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەيمىز، ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق بۇلۇڭپۇچقاقلىرىدا تېخىمۇ تېز ۋە قولايلىق ھالدا مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەمبېرىمىز. بىز جۇڭگونىڭ سىرتىدىكى جايلاردىكى كەسپنىڭ ئومۇمىي كەسپنىڭ %40نىئىگىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىراق ھازىر چەتئەلدىكى كەسپىمىز ئاران %2نىئىگىلەيدۇ.
可能人们继续会问,现在阿里巴巴的业务做大了,也募集到大量资金。你们会在美国做什么?你们会来美国吗?如果来美国,你们是打算入侵美国吗?马云你什么时候来和亚马逊竞争?什么时候来和eBay竞争?其实,我对eBay和亚马逊抱有敬仰之心。而我来这里的目的,也就是阿里巴巴的下一步战略,是帮助美国的小企业走进中国,帮助他们将产品卖到中国。
بەلكىم كىشىلەر سورىشى مۇمكىن، ھازىر ئالىبابازورايدى، يەنە زور مىقتاردا مەبلەغ يىغدى. سىلەر ئامېرىكىدا نېمە قىلىسىلەر؟ئامېرىكىغا كېلەمسىلەر؟ ئەگەر ئامېرىكىغا كەلسەڭلار، بۇ ئامېرىكىغا تاجاۋۇزقىلغىنىڭلار بولامدۇ؟ مايۈن قاچان كېلىپ ئامازون بىلەن رىقابەتلىشىدۇ؟ قاچان ئىباي(ئامېرىكىدىكى مال سېتىش تورى) بىلەن رىقابەتلىشىسىلەر؟ ئەمەلىيەتتە بىز ئىباي ۋەئامازونغا ھۆرمەت نەزىرىمىز بىلەن قارايمىز. ۋاھالەنكى بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكىمەقسىتىمىز دەل ئالىبابانىڭ كېيىنكى قەدەم ئىستراتېگىيەسى بولۇپ، ئامېرىكىدىكىكىچىك شىركەتلەرنىڭ جۇڭگوغا كىرىشىگە، ماللىرىنى جۇڭگوغا سېتىشىغا ياردەمبېرىشتۇر.
现在的中国,中产阶层的数量和美国人口大致相当。而我们认为,未来十年中国将有五亿人口成为中产阶层。他们对优质产品和优质服务的需求是非常强大,非常惊人的。我认为中国的现状没有办法满足他们对于优质产品和优质服务的需求。过去20年,中国一直致力于出口,而我认为接下来10年-20年,中国应该把注意力集中在进口方面。中国要学会进口,学会如何消费。中国应该去消费,去做全球买手。同时,我认为美国的小企业,美国的品牌产品,也应该利用互联网,进入中国市场。
بۈگۈنكى جۇڭگودا ئوتتۇرا قاتلامدىكىلەرنىڭ سانىئامېرىكا نوپۇسى بىلەن ئاساسەن تەڭ، كەلگۈسى ئون يىلدا جۇڭگودا 500مىليوننوپۇس ئوتتۇرا قاتلامغا ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالىي سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتكەبولغان ئېھتىياجى كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە چوڭ. جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدائۇلارنىڭ ئالىي سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتكە بولغان ئېھتىياجىنىقاندۇرالمايدۇ، دەپ قارايمەن. ئۆتكەن 20يىلداجۇڭگو ئىزچىل ئىكىسپورت قىلىشقا كۈچىدى،قارىشىمچە كېلەركى 10دىن 20يىلغىچەجۇڭگو دىققىتىنى ئىمپورت قىلىشقا قارىتىشى كېرەك. جۇڭگو ئىمپورت قىلىشنى ئۆگىنىشى،قانداق ئىستېمال قىلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك. جۇڭگو ئىستېمال قىلىشى كېرەك، پۈتۈنيەرشارىدا ئىستېمال قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ كىچىككارخانىلىرى، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرىمۇ ئېنتىرنېت تورى ئارقىلىق جۇڭگوبازىرىغا كىرىشى كېرەك، دەپ قارايمەن.
过去20年,美国的大公司已经遍布整个中国。对于美国的小公司来说,利用好电子商务,将是巨大的机会。阿里巴巴已经帮助很多美国的农民将产品卖到中国。西雅图的车厘子就是一个例子。你不能想象,美国驻华大使跑来问我:“马云,你们可以帮我们销售西雅图的车厘子吗?”那时车厘子还长在树上,我们就做了预售,8万个中国家庭抢购了这些订单,我们摘下车厘子,在24小时内运到中国。24小时内,8万个中国家庭就将160吨车厘子一抢而空。去年,我们卖掉了300吨车厘子。我不知道今年又会是怎样一个惊喜的数字。
ئۆتكەن 20يىلدائامېرىكىنىڭ چوڭ شىركەتلىرى ئاللىقاچان جۇڭگونى قاپلاپ بولدى. ئامېرىكىدىكى كىچىكشىركەتلەرگە نىسبەتەن، ئېلېكترونلۇق سودىدىن ياخشى پايدىلىنىش بىر چوڭ پۇرسەت.ئالىبابا نۇرغۇن ئامېرىكا دېھقانلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا سېتىشىغا ياردەمبەردى. سېئاتىلدىكى گىلاس بىر ياخشى مىسال. ئويلاپ يېتەلمەيسىلەر، ئامېرىكىنىڭجۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كېلىپ مەندىن: «مايۈن، بىزگە ياردەم قىلىپ،سېئاتىلدىكى گىلاسلارنى سېتىشىپ بېرەلەمسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇ چاغدا گىلاسلارتېخى دەرەختە ئىدى، بىز ئالدىن ساتتۇق، جۇڭگودىكى 80مىڭئائىلە بۇلارنى تالىشىپ زاكار قىلدى. گىلاسلارنى ئۈزۈپ 24سائەتئىچىدە جۇڭگوغا يۆتكەپ ئېلىپ كەلدۇق، جۇڭگودىكى 80مىڭئائىلە 160تونناگىلاسنى بىردەمدىلا تالىشىپ تۈگەتتى. بۇلتۇر بىز 300تونناگىلاس ساتتۇق، بۇ يىل يەنە قانداق خوشاللىنارلىق سان بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.
我们同样也帮助销售阿拉斯加的海鲜。我们还帮助销售加拿大的龙虾,所卖出的龙虾数量,是他们十年不可能达到的。许多美国的知名品牌也借助我们的平台销售。像Costco超市入驻以后第一个月就卖出了600吨坚果,销售额达到650万美元。既然我们能够帮助卖龙虾,卖车厘子,为什么不可以利用我们的系统来帮助大量的美国中小企业?
بىز يەنە ئوخشاشلا ئالياسكىدىكى يېڭى تۇتۇلغاندېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىپ بېرەلەيمىز، كانادانىڭ چوڭ راكلىرىنى سېتىشىپبېرەلەيمىز. سېتىپ چىقارغان راكلارنىڭ سانى ئۇلارنىڭ 10يىلداساتقىنىدىنمۇ كۆپ. ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىمۇ سۇپىمىزداسېتىلدى. كوستكو تاللا بازىرى سۇپىمىزغا كىرگەن بىرىنچى ئايدا 600تونناقاتتىق مېۋە ساتتى، سودا سوممىسى 6مىليون 500مىليوندوللارغا يەتتى. چوڭ راك، گىلاس سېتىشىپ بېرەلىگەنكەنمىز، سىستېمىمىز ئارقىلىقئامېرىكىنىڭ زور مىقتاردىكى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلىرىغا ياردەم بەرسەك نېمىشقابولمىغۇدەك؟
我还想借用一天的数据来举一个例子,11月11日,中国的光棍节,阿里巴巴把它变成了一个购物节。去年双十一,我们的交易额高达97亿美元,第一分钟有240万消费者涌入。今年,我们认为这个数字会更加惊人,所以这也是我此次来美国的目的——中国消费者需要更多的美国产品。
مەن يەنە بىر كۈنلۈك سان-سېفىر ئارقىلىق بىرمىسال كەلتۈرەي، 11-ئاينىڭ11-كۈنى جۇڭگونىڭبويتاقلار بايرىمى. ئالىبابا بۇ كۈننى مال سېتىۋېلىش بايرىمى قىلدى. ئۆتكەن يىلى 11-نويابىردا سوداسوممىمىز 9مىليارد700مىليوندوللارغا يەتتى. بىرىنچى مىنۇتتىلا ئىككى مىليون 400مىڭئىستېمالچى كىردى. بۇ يىل بۇ سان تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ دەپ قارايمىز. شۇڭا بۇمۇ مېنىڭبۇ قېتىم ئامېرىكىغا كېلىشتىكى مەقسىتىم __ جۇڭگو ئىستېمالچىلىرى ئامېرىكىنىڭتېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق.
每天,阿里巴巴平台都有上亿“饥渴”的消费者来购物。这就是我们来到这里的原因,我们不是来竞争的,我们来这里是希望将美国的中小企业带到中国。我们的愿景是“全球买、全球卖”,未来10年-20年,无论你身在何处都可以买到任何地方的产品,也把可以自己的产品卖到世界各地。菲律宾人可以买到挪威的鲑鱼,挪威人可以将产品卖到阿根廷,阿根廷人可以买中国的产品,也可以将产品卖到中国。这是互联网未来变革的方向。最后,阿里巴巴为已经改变中国而感到骄傲。变革的力量是强大的。
ھەر كۈنى يۈز مىليونچە «ئېچىرقىغان»ئىستېمالچىلار ئالىبابا سۇپىسىغا كېلىپ مال سېتىۋالىدۇ. بۇ دەل بىزنىڭ بۇيەرگەكېلىشتىكى مەقسىتىمىز، بىز رىقابەتلەشكىلى كەلمىدۇق، بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتىمىز،ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشنىئارزۇ قىلىمىز. بىزنىڭ كۆزلەيدىغىنىمىز «پۈتۈن يەرشارىدىكىلەر سېتىۋېلىش، پۈتۈنيەرشارىدىكىلەر سېتىش»، كەلگۈسى 10دىن 20يىلغىچە،نەدە بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ھەرقانداق جاينىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋالالايسىز،ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتىنىمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتالايسىز. فېلىپپىنلىقلارنورۋىگىيەنىڭ سالمون بېلىقىنى سېتىۋالالايدۇ، نورۋىگىيەلىكلەر مەھسۇلاتلىرىنىئارگېنتىناغا ساتالايدۇ، ئارگېنتىنالىقلار جۇڭگونىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالالايدۇ،ھەمدە مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا ساتالايدۇ. بۇ ئېنتېرنېت تورى ئۆزگىرىشىنىڭيۆنىلىشى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئالىبابا جۇڭگونى ئۆزگەرتكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدۇ. بۇئۆزگىرىشنىڭ كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك.
第一次技术革命以后,世界有了新的商业组织形式——工厂,这些工厂带来了武器和力量,然后催生了第一次世界大战。第二次能源革命以后,世界又有了新的商业组织形式——公司,然后催生了二战。
بىرىنچى قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابىدىن كېيىن،دۇنيادا يېڭى بىرخىل سودا تەشكىلىي شەكلى بولغان زاۋۇت بارلىققا كەلدى، بۇزاۋۇتلار قورال ۋە كۈچ ئېلىپ كەلدى، ئاندىن كېيىن بىرىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىبارلىققا كەلتۈردى. ئىككىنچى قېتىملىق ئېنېرگىيە ئىنقىلابىدىن كېيىن ، دۇنيادايەنە يېڭى بىر خىل سودا تەشكىلىي شەكلى بولغان شىركەت بارلىققا كېلىپ، ئىككىنچىقېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنى بارلىققا كەلتۈردى.
在这个互联网时代,DT时代(DataTechnology,数据时代),我认为诞生了一个新的商业形式——平台,“第三次世界大战”也随之即将打响——但这不是一场国与国之间的战争,这是一场我们携手对抗疾病、贫穷和气候变化的战争。我认为这是人类的未来。所有的人类,所有的国家,都应该联合起来。
ئېنتېرنېت تورى دەۋرىدە، ئۇچۇر دەۋرىدە، يېڭىبىر خىل سودا تەشكىلىي شەكلى بولغان سۇپا بارلىققا كەلدى دەپ قارايمەن. «ئۈچۈنچىقېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى»مۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ باشلىنىدۇ. بىراق بۇ ھەرگىزمۇ دۆلەتلەرئارا ئۇرۇش بولماستىن، بەلكى بىر مەيدان ھەممىمىز قول تۇتۇشۇپ كېسەللىككە،نامراتلىققا ۋە كېلېمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئۇرۇش. مېنىڭچە بۇئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى. بارلىق ئىنسانلار، بارلىق دۆلەتلەر بىرلىشىشى كېرەك.
依靠年轻一代,而不是武器;依靠计算机和大数据,来解决人类的问题,社会的问题。这是我所热衷的,和钱无关,这是梦想。改变世界的不仅是技术,更是你相信可以改变世界的梦想。我们知道这条路漫长且不易。我以前说过,过去20年在中国做互联网生意很不容易,今天很困难,明天更困难,后天很美好。但是绝大多数人死在了明天晚上,如果你不努力的话。
谢谢大家!
قورالغا ئەمەس، بەلكى ياش بىر ئەۋلاتلارغاتايىنىش، ھېسابلاش ماشېنىسى ۋە چوڭ سېفىرغا تايىنىپ ئىنسانىيەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭمەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش كېرەك. بۇ مەن قىلىشنى خالايدىغان ئىش، بۇ پۇل بىلەنمۇناسىۋەتسىز بىر ئارزۇ. دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغىنى پەقەت تېخنىكىلا ئەمەس، تېخىمۇمۇھىمى سىزدىكى دۇنيانى ئۆزگەرتكىلى بولۇشىغا ئىشىنىدىغان ئارزۇدۇر. بىز بۇ يولنىڭئۇزۇن ھەمقىيىن ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئىلگىرى دېگىنىمدەك، ئۆتكەن 20يىلداجۇڭگودا ئېنتېرنېت تورى سودىسى قىلىش بەكمۇ مۈشكۈل بولدى، بۈگۈن ئىنتايىن مۈشكۈل،ئەتە تېخىمۇ مۈشكۈل، بىراق ئۆگۈنلۈككە ناھايىتى گۈزەل بولىدۇ. بىراق تىرىشمايدىغانكۆپ ساندىكى كىشى ئەتە كەچتە ئۆلۈپ كېتىدۇ!
كۆپچىلىككە رەھمەت!
مەنبە: خەلق تورى،

ئالىم راخمان تەرجىمىسى


格式工厂1.jpg (33.37 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

格式工厂1.jpg

人民网维吾尔版 (3).jpg (38.33 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

人民网维吾尔版 (3).jpg
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
دىۋان
ۋاقتى: 2015-6-23 22:44:11 | ئايرىم كۆرۈش
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-23 22:56:36 | ئايرىم كۆرۈش
ئەركمان يوللىغان ۋاقتى  2015-6-23 22:44
http://uyghur.xjass.com/uyghur/content/2015-06/23/content_372925.htm

مۇشۇنچىۋالا نەرسىنى ئۆزۈم خالاپ تەرجىمە قىلغىنىمغا ئەقلىم يەتمەيدۇ  

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
يەر
ۋاقتى: 2015-6-23 23:00:47 | ئايرىم كۆرۈش
alma يوللىغان ۋاقتى  2015-6-23 22:56
مۇشۇنچىۋالا نەرسىنى ئۆزۈم خالاپ تەرجىمە قىلغىنىمغا ئ ...

لېكىن تەرجىمىسى ھەقىقەتەن پاساھەتلىك چىقىپتۇ! ئۆزۈم يېرىم چىلەك سۇ تۇرۇپ سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىزنى كۆرۈشتىن خىجىل بولۇپ قېلىۋاتىمەن!
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-23 23:04:58 | ئايرىم كۆرۈش
ئەركمان يوللىغان ۋاقتى  2015-6-23 23:00
لېكىن تەرجىمىسى ھەقىقەتەن پاساھەتلىك چىقىپتۇ! ئۆزۈم  ...

ماۋۇ گەپكە نېمە دېسەم بۇلار؟
يالغان ماختىسىڭىز ئىلگىرىلەشتىن توختاپ قالسام گۇناسى سىزگە جۇمۇ

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
6#
ۋاقتى: 2015-6-23 23:06:54 | ئايرىم كۆرۈش
alma يوللىغان ۋاقتى  2015-6-23 23:04
ماۋۇ گەپكە نېمە دېسەم بۇلار؟
يالغان ماختىسىڭىز ئ ...

يالغان ماختىمىدىم، ھەقىقەتەن راست! تەرجىمىڭىز بىر پىشقان تەرجىماننىڭ تەرجىمىسى!
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-23 23:09:11 | ئايرىم كۆرۈش
ئەركمان يوللىغان ۋاقتى  2015-6-23 23:06
يالغان ماختىمىدىم، ھەقىقەتەن راست! تەرجىمىڭىز بىر پى ...

بۇنداق دېيىشكە راستلا بەك بالدۇر، سىز تەلەپنى بەك تۆۋەن قويۇۋالدىڭىز ماڭا.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:10 , Processed in 0.076155 second(s), 26 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش