مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 135|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىز كەلگۈسىگە تېخى كەلمىدۇق !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2017-2-13 12:56:29 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش |چوڭ رەسىمنىلا ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
ئ‍ۇ چاغلاردا
ماركونىڭ ئ‍اپىسىنى تېپىۋېلىشىغا
يىشۇنىڭ ئەقىللىق ئ‍ىكەنلىكىگە
مەشھۇر كىشىلەر ھەققىدىكى ھىكايىلەرگە
چوڭقۇر ئ‍ىشىنەتتۇق

تاڭسىڭغا ئ‍ۆچ بولساقمۇ ،ۋۇكۇڭنىڭ ھۆرمىتىدىن
غەرىبكە ساياھەتنى يەنىلا كۆرىۋىرەتتۇق .

خېيمەننىڭ جاسارىتى
ئ‍ەپەندىمنىڭ پاراسىتى
قايسى بىر كىنودىكى ئ‍ىتنىڭ ساداقىتى
تۈزۈك ئۇيغۇرچە سۆزلىكى يوق بىزلەرنى
ھاياجاندىن كىكەچ قىلۋىتەتتى .
2
چوڭ بولدۇق ،
ماركو تالاي شەھەرلەرنى كىزىپ ئ‍اپىسىنى تاپتى .
بىراق ،تارتمىغان جاپا ،ئاڭلىمىغان ئ‍ىزاسى قالمىغان بىزلەر
تالادا قالدۇق .
يىشۇ ئەقىللىقلىقى بىلەن ھۆرمەت تاپتى
بىز ،ئوقۇغان كىتابلىرمىز سەۋەپ
پاينەكباش باشلىقىمىز ئ‍الدىدا بالاغا قالدۇق .

شۇنى چۈشەندۇقكى :
مەشھۇر كىشىلەر مەشھۇر بولماستىن تەلەيلىك ئ‍ىكەندۇق .
كىم ئ‍ۇ ۋۇكۇڭ دىگەنلەر
جاھان ئ‍ەسلى باجى ۋە تۈلكە جىنلارنىڭ ئ‍ىكەندۇق .
ئ‍ەقلىمىزگە كەلسەك
خېيمەننىڭ زۇۋانى بېسىقتۇرۇلغان
ئەپەندىم بىر ھىيلىگەرگە ئايلانغان ئ‍ىكەن .

بۈگۈن كىملەر بىزنى مەسخىرلىك دورايدۇ بۇنى بىلمىدۇق ،
چاچلار تۈگەي دىدى
رونالىدونىمۇ ئۇنتۇپ كىتەي دىدۇق،
بىز
90-يىللىقلاردەك بىغەم بولالمىدۇق ،
بىز
70-يىللىقلاردەك پۈتۈن نان يىيەلمىدۇق ،
بىز قانغۇدەك يىغلىيالمىدۇق يا كۈلەلمىدۇق .
بىز بىمالال سۆيۈلمىدۇق يا سۆيەلمىدۇق .

بىز
ئ‍الۋۇن كەبى غايىلەرنى
ئ‍ۆزىمىزمۇ چۈشەنمەيدىغان شوئارلارنى
ئ‍ۆلچەم ،رامكا ،كىشەنلەرنى .......
ئ‍وتتۇز يىل مەدھىيلىدۇق ،
ئ‍اخىرى يەنە تۇرمۇش دىگەن تاغنىڭ ئ‍استىدا ،
گەز باغلىغان كالپۇكىمىزنى چىشلىگىنىمىزچە
ئۈمىدسىزلىك
بىقۇۋۇللۇق
ھارغىنلىقتىن ئ‍ۆلەيلا دىدۇق،
3
ئ‍ەي داۋانچى .....
ئ‍ەي سۆيۈنچەم .....
بىز كەلگۈسىگە تېخى كەلمىدۇق !
شۇنداقمۇ ؟!................

1486898661221_196f5798-61e7-4881-a361-8a9d2a3ab7c3_by_weibo_editor.jpg (20.54 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

1486898661221_196f5798-61e7-4881-a361-8a9d2a3ab7c3_by_weibo_editor.jpg
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:01 , Processed in 0.059360 second(s), 26 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش