تەرجىمە ۋە ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ئىلمىي ماقالىدە ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى تۇتقا قىلىنىپ، تەرجىمە ئارقىلىق ئاتالغۇلارنىڭ ياسىلىش ئالاھىدىلىكى ۋە ئاتالغۇغا يۈكلەنگەن ئۇقۇمىنىڭ تەرجىمىدە توغرا ئەكىس ئىتىشى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە ئىلىپ بىرىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: تەرجىمە، ئاتالغۇ، ئاتالغۇ تەرجىمىسى
يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىغا يېڭىدىن كىرگەن ۋە داۋاملىق كىرىۋاتقان تۈرلۈك ئاتالغۇ سۆزلۈكلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى بىۋاستە ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرچىغا كىرىۋاتقان يېڭى ئاتالغۇلار خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلىنماقتا. يېڭى ئاتالغۇ ياساش ۋە چەت تىللاردىن كىرىۋاتقان ھەر بىر ئاتالغۇنى تەرجىمە قىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە قىلىپلاشتۇرۇشتا ئالدى بىلەن مەنە تەرجىمىسىنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇش، ئاندىن باشقا تەرەپلەرنىمۇ ئويلىشىش زۆرۈر. ئەمەلىيەتتە بۇ ئاتالغۇلار خەنزۇ تىلىغىمۇ ئىنگىلىزچە قاتارلىق دۇنياۋى تىللاردىن كىرىۋاتىدۇ، شۇڭا ئاتارلغۇلارنى تەرجىمە قىلىشتا خەنزۇچىسىغىلا تايانماي، ئامال بار ئىنگىلىزچىسى بىلەن سېلىشتۇرۇش كىرەك.
ئۇيغۇر تىلى تىلى ئاتالغۇشۇناسلىقىدا ئەڭ موھىم ئۇرۇنلاردىن «تىل ۋە تەرجىمە» ھەمدە «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق نوپوزلۇق نەشرىي ئەپكارلار بار بولۇپ، «تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلى ۋاقىت ۋە سان چەكلىمىسى جەھەتتىن «شىنجاڭ گېزىتى» دەك كۆپ نەشىر قىلىنمايدۇ. لېكىن «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى سەھىپىسى، مەزمۇنى كۆپ، ھەجىمى چوڭ بولغان گېزىت بولغاچقا ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىشتا مۇھىم ۋە يىتەكچى نەشرىي ئەپكاردۇر.
يات تىلدىن ئاتالغۇ قوبۇل قىلىشتا تۆۋەندىكى تۈپ مەسىلىلەرنى ئويلاشقا توغرا كىلىدۇ.
1. ئالدى بىلەن شۇ ئۇقۇم مەيدانغا كەلگەن تىلدىن قوبۇل قىلىش كىرەك.
2. قۇرۇلما مۇناسىۋىتى يىقىن بولغان تىلدىن قوبۇل قىلىمىز.
3. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت يىقىن تىلدىن قوبۇل قىلىمىز.
4. ئاتالغۇنىڭ قوللىنىش نېسبىتى يۇقىرى بولغان چوڭ تىلدىن قوبۇل قىلىش كىرەك.
5. ئالاھىدە ئۆزگىچىلىكى بار تىلدىن قوبۇل قىلىمىز.
ئاتالغۇ بولۇشتا بەزى پېرىنسىپلارغا توغرا كەلسىمۇ، بەزى پېرىنسىپلارغا چۈشمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. ئاتالغۇلارغا باھا بىرىشتە ئاتالغۇنىڭ ئالتە خىل پېرىنسىپى بار، شۇلارغا چۈشسە ئاتالغۇ دەيمىز.
ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىش نېسپىيلىككە ئىگە بولۇپ، ھەر قانداق تىلنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغاچقا،ھەممە ئاتالغۇنى تەرجىمە قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ.
方针 دېگەن بۇ ئاتالغۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنماي، ئاھاڭ تەرجىمى بويىچە فاڭجىن دەپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. يەنە بۇنداق سۆزلەرمۇ نۇرغۇن. جەمىيەت پەنلىرى دوكتۇرى ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق بىزگە جەمىيەتشۇناسلىق دەرسى ئۆتكەنىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى «كۆڭلى كۆتۈرمەسلىك» دېگەن بۇ كەلىمىنى ھېچقانداق تىلغا تەرجىمە قىلغىلى ۋە ياكى ئۇيغۇرچە ئۇقۇم، تەپەككۇرسىز چۈشەندۈرگىلىمۇ بولمايدۇ دەپ كۆرسەتكەنىدى.
ئائىلىلەردە ئىشلىتىدىغان توك يولىنى ئۈزگۈچى ئەسۋابنىڭ «ۋىكليۇچاتىل» دەپ ئاتىلىشى چەت تىلدىن كىرگەن ئۇقۇم ئىدى. ھازىر ئۇنىڭ مەنە ئاتالغۇسى «ئۈزچات» بولۇپ، ئۈزۈپ چاتىدىغان ئەسۋاب دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۈ. بۇ نېمىدېگەن توغرا ھەم ئوبرازلىق ئاتاش ئۇسۇلى-ھە؟ دېمەك باشقا تىللاردىن بىۋاستە ئاھاڭى بويىچە تەرجىمە قىلىنغان ئاتالغۇلارنىڭ مەنە ئىپادىلەش قىممىتى تولىمۇ يۇزەكى بولۇپ قالماقتا.
ئاتالغۇلارنى ساپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئىپادىلەش بۇندىن كېيىنكى تىل تەتقىقاتىمىزنىڭ مۇھىم بىر نىشانى. ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىش ۋە يېڭى سۆزلۈك ئىجاد قىلىشتا خەلقئارادا فىرانسۇزچىدىن، دۆلەت ئىچىدە خەنزۇ تىلىدىن ئۆرنەك ئالساق بولىدۇ. فىرانسۇز تىلىنىڭ مەنە ئىپادىلىشى كۈچلۈك، قارارتمىلىقى دەل بولۇپ، مۈجمەل مەنىسى ناھايىتى ئاز ئىكەن. خەنزۇ تىلىنىڭ ئىپادىلەش شەكىلىمۇ ناھايىتى ئوبرازلىق، ئىخچام،، چۈشىنىشلىك بولۇپ، تىل تەتقىقاتچىلىرى بۇ جەھەتتىمۇ نەزەرىنى ئاغدۇرىشى كىرەك.
تىلىمىزدىكى ئاتالغۇلارنى قانداقتۇر بىرەر سەۋەبكە تاقاپ زىيادە شالغۇتلاشتۇرۇۋېتىش ھەرگىز توغرا ئۇسۇل ئەمەس، چۈشىنىكسىز ئاتالغۇلارغا مۇرەسسە قىلىشقا بولمايدۇ. بىر تىلنىڭ سەۋىيىسى مۇشۇنداق ئاتالغۇلار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇ مەسىلىلەر توغرا ھەل بولغاندىلا ئۆزىمىزدىكى تىل ئۆتكىلى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغان بولىمىز. تىل خىزمىتى ئۇل خىزمىتىدىن ئىبارەتتۇر.
|