تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

تېما: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (6) [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]

يوللىغۇچى: alma    ۋاقىت: 2016-3-10 14:22
تېما: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (6)
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (6)

(2) تەمىنلەش تەرەپتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچەيتىپ، سىجىل ئاشۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىمىز. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇسىنى تېز تۈگىتىپ، تەمىنلەش تەرەپتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئارقىلىق تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىي كۈچىنى يەنىمۇ قوزغىتىمىز.
مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىپ، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. خەلقنى قەدىرلەش، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش يولىنى تۇتۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرىمىز. مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئازايتىپ، ھوقۇقنى بېرىش ماس قەدەمدە بولماسلىق، تەڭكەش بولماسلىق، جايىدا بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىمىز، تۆۋەنگە بېرىلگەن تەستىق تۈرلىرى جايلارنىڭ قولىغا تېگىدىغان، ئۇنى جايلار ياخشى باشقۇرالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش سىنىقىنى قانات يايدۇرىمىز. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھوقۇق ۋە جاۋابكارلىق تىزىملىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئېلان قىلىپ، قىسمەن رايونلاردا بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىمىز. مەمۇرىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش، ھۆكۈمەت باھا بەلگىلەيدىغان ياكى يېتەكچى باھانى يولغا قويىدىغان تىجارەتلىك-مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشقا، ھۆكۈمەت فوندى ۋە دۆلەتلىك كەسپىي سالاھىيەتكە قارىتا كاتالوگ تىزىملىكى بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويىمىز. باھا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باھانى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. تەرەققىياتقا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان مەمۇرىي نىزام ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تۈزىتىمىز ۋە بىكار قىلىمىز. ئىش جەريانىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئېلان قىلىش» بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنى ئىختىيارىي تاللاپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرگۈچى خادىملارنى ئىختىيارىي تاللاپ ئەۋەتىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىمىز. ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى بىرتۇتاش يىغىپ توپلاش، قانۇن بويىچە ئېلان قىلىش، بىرلەشمە تەنبىھ بېرىش، جەمئىيەت نازارەت قىلىشنى يولغا قويىمىز. «ئالاقە تورى + ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى»نى كۈچەپ يولغا قويۇپ، تارماقلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاھالە ۋە كارخانىلارغا يولنى ئاز مېڭىپ، ئىشنى ئاسان پۈتكۈزەلەيدىغان ئىمكانىيەت يارىتىپ، ئۇلارنى ئاۋارىچىلىقتىن خالاس قىلىمىز. زىيادە، پارچە-پۇرات ئەمىر-پەرمانلارنى ئىخچاملاپ، قانۇنسىز قىلمىشلارنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ باراۋەر پۇرسەت ۋە تېخىمۇ زور ئىجادىيەت ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.
پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن ئىمكانىيىتىنى تولۇق ئىشقا سالىمىز. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، پەن-تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىمىز. بىرىنچىدىن، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىمىز. كارخانىلارنىڭ تەتقىقات-كەشپىيات خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىش ئىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى، پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلارغا قارىتىلغان ئېتىبارلىق باج سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ساھە باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات-كەشپىيات ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىمىز. ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە دۆلەتلىك ئۈلگە رايونىنى سىناق قىلىش سىياسىتىنى پۈتۈن مەملىكەتكە ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتىكى يەنە بىر تۈركۈم دۆلەتلىك ئۈلگە رايونى، يۇقىرى-يېڭى تېخنىكا رايونى ۋە ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىسلاھات سىناق رايونى قۇرىمىز. ئىككىنچىدىن، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش،  ئاۋام ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى «ئالاقە تورى +» ئارقىلىق مۇجەسسەملەشنىڭ كۆپەيتمە ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرىمىز. ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋام ھۆددىگە ئېلىش، ئاۋام يۆلەش، ئاۋام غەملەش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئىجادىيەتچىلەر ماسلاشقان يېڭىچە ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىمىز. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بويىچە بىر تۈركۈم ئۈلگە بازىلىرىنى قۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەتچىلىكىنى يېتىلدۈرۈپ، «پەرىشتە» مەبلىغى، ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى، كەسىپ مەبلىغى ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىمىز. بەھرىلىك ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، بايلىقنىڭ تەقسىملىنىش ۋە ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بۇنىڭغا قاتناشتۇرىمىز ۋە بېيىتىمىز. ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش بويىچە تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سىياسەتنى يولغا قويىمىز. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە تەدبىقلاشنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىدىغان ۋە ساختا تاۋار ياسايدىغان، ساتىدىغان قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىمىز. ئۈچىنچىدىن، پەن-تېخنىكا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پەن تەتقىقات باشقۇرۇشىدىكى زىيادە تەرتىپلەرنى بىكار قىلىمىز. پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يۆتكەش-ئايلاندۇرۇشنى قوللايدىغان سىياسەت-تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، پاي ھوقۇقى، قەرەل ھوقۇقى ئۈستىدىكى ئېتىبارلىق باج سىياسىتى ۋە  پايدا تەقسىملەش-مۇكاپاتلاش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ  ئىگىلىك تىكلىشىگە، يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىمىز. يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ماكانىنى زورايتىپ، دادىل باشلامچى بولىدىغان، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساقلىق بىلەن قارايدىغان ئوبدان كەيپىياتنى يارىتىپ، كارخانىچىلار روھىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان تولۇپ تاشقان كۈچ-قۇۋۋەتنى مۇجەسسەملەيمىز.
ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچەيمىز. پولات-تۆمۈر، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى قاتارلىق قىيىنچىلىقتا قالغان ساھەلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىشنى نۇقتىلىق تۇتىمىز. بازار ئارقىلىق قىستاش، كارخانا ئاساس بولۇش، جايلار تەشكىللەش، مەركەز قوللاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، قانۇن، تېخنىكا، مۇھىت ئاسراش، سۈپەت، بىخەتەرلىك ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ يېڭىدىن كۆپىيىشىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قەتئىي شاللاپ، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەرتىپلىك چېكىندۈرىمىز. قوشۇۋېلىش، قايتا تەشكىللەش، قەرزدارلىقنى قايتا تەشكىللەش ياكى ۋەيرانچىلىق ھېساباتىنى ئېنىقلاشقا ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، «مۇردا كارخانىلار»نى سالماقلىق بىلەن پائال بىر تەرەپ قىلىمىز. مالىيە، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللاش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، مەركەز مالىيەسى 100 مىليارد يۈەن مەخسۇس مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بۇ پۇل ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش-ئورۇنلاشتۇرۇشقا نۇقتىلىق ئىشلىتىلىدۇ. ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ سودا، ئەشيا ئوبوروتى، مالىيە، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش جەھەتلەردىكى تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرىپ، كارخانىلاردىن قالايمىقان ھەق ئېلىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسىمىز.
مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى تىرىشىپ ياخشىلايمىز. مۇنداق ئۈچ ئىشنى گەۋدىلىك ئوبدان تۇتىمىز. بىرىنچى، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش. سۈپەت بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى خەلقئارا ئۆلچەم بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، تاۋار سۈپىتىگە دائىر جازالىق تۆلەم تۈزۈمىنى ئورنىتىمىز. كارخانىلارنىڭ ئۆزگىچە زاكازلىقى ۋە ئەۋرىشىم ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىلھام بېرىپ، تېخىمۇ كامالەت تېپىشقا ئىنتىلىدىغان ھۈنەرۋەنلىك روھىنى يېتىلدۈرۈپ، مەھسۇلات تۈرىنى كۆپەيتىمىز، سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز، كۇرسلۇق مەھسۇلات يارىتىمىز. ئىككىنچى، ياسىمىچىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش. «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى+ئالاقە تورى» ئىشلىرىنى ئىچكىرىلەپ ئالغا سۈرۈپ، ياسىمىچىلىق بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك بىرقانچە يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئەقلىي ياسىمىچىلىق ئۈلگە تۈرلىرىنى يولغا قويىمىز، سانائەتنىڭ ئۇلىنى پۇختىلايدىغان، يېشىل ياسىمىچىلىققا يۈزلەنگەن، يۇقىرى سەۋىيەدە جابدۇلغان بىر تۈركۈم چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلارنى باشلايمىز. ئامورتىزاتسىيەنى تېزلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخنىكا ئۆزگەرتىش، دەرىجىنى ئۆستۈرۈش زور قۇرۇلۇشلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويىمىز. ئۈچىنچى، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى تېز راۋاجلاندۇرۇش. يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت مۇلازىمەتچىلىك ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى سىنىقىنى باشلاپ، يۇقىرى تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، رەقەملىك ئىجادىيەت كەسپىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرىمىز. بازار ئىجازىتىدە كەڭرەك يول تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسى، تۇرمۇش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىنچىكىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. بىر تۈركۈم ئوپتىكىلىق تورلاشقان شەھەر قۇرۇپ، 50 مىڭ مەمۇرىي كەنتتە ئوپتىكىلىق كابېلنى تۇتاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ شەھەر-يېزا ئاھالىسىنى رەقەملەشكەن تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلىمىز.
دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز. بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى، تەرەققىياتقا ئىسلاھات ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ئوبدان قىلىمىز. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بولۇپمۇ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈمىنى يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلاندۇرىمىز، بىر تۈركۈمىنى قايتا تەشكىللەپ بىرىكتۈرىمىز، بىر تۈركۈمىنى ئېنىقلاپ چېكىندۈرىمىز. پاي ھوقۇقىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، كارخانا مۇدىرىيىتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى، باشقۇرغۇچىنى بازارلاشتۇرۇپ تاللاپ تەكلىپ قىلىش، كەسپىي دىرېكتورلار تۈزۈمى، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك، خادىملارغا پاي بېرىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتلەردىكى سىناقنى قانات يايدۇرىمىز. كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار ۋە كارخانا ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بازارلاشتۇرۇپ تاللاپ تەيىنلەش ئۇسۇلىغا لايىقلاشقان ئىش ھەققى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. دۆلەت كاپىتالى بىلەن مەبلەغ سالىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان شىركەتلەرنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ۋە قۇرۇشنى تېزلىتىمىز. كاپىتال باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قولدىن كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلايمىز ۋە ئاشۇرىمىز. جايلارغا دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىمىز. ئىجتىمائىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش فۇنكسىيەسىنى دۆلەت كارخانىلىرىدىن تېز ئايرىۋېتىپ، تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يەڭگىللىشىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىمىز.
ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتىمىز. ئېلېكتىر، تېلېگراف، قاتناش، نېفىت، تەبىئىي گاز، شەھەر جامائەت ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بازار ئىجازىتىنى زور ھەجىمدە قويۇۋېتىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ،  پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىمىز. تۈر تەستىقلاش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى، مالىيە-باج سىياسىتى، يەر ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىمىز. تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا كارخانىلار ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلىدىغان قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئادىل، لىللا، ئاشكارا، مۇقىم بولغان قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىپ، ھەر خىل كارخانىلارنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
(3) ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، تېخىمۇ زور ئىمكانىيەتنى ئاچىمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز. ئېھتىياج ئومۇمىي مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، ئېھتىياج قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ ۋە ئىسلاھ قىلىپ، تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى، سېلىنما بىلەن ئىستېمالنىڭ ئورگانىك بىرىكىشىنى، شەھەر-يېزىلارنىڭ رايون خاراكتېرلىك ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئۇزاق داۋام قىلىدىغان ئېھتىياج تىرىكىنى شەكىللەندۈرىمىز.
ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئۇللۇق رولىنى كۈچەيتىمىز. ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈش يۈزلىنىشىگە لايىقلىشىپ، سىياسەت توسالغۇسىنى تۈگىتىپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايمىز. كۈتۈنۈش، ساغلاملىق، ئائىلە مۇلازىمىتى، تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىقلاردىكى مۇلازىمەت ئىستېمالىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىمىز. تور ئۇچۇرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي لازىمەتلىكلىرى، خاس مودىلاشتۇرۇش قاتارلىق يېڭىچە ئىستېمالنى زورايتىمىز. تور ئىچى-سىرتىنىڭ ھەمتۈرتكىلىكىگە ئىلھام بېرىپ، ئەمەلىي سودىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولىمىز. ئەشيا يەتكۈزۈش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېز يوللانما كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. نىمكەش ئاپتوموبىل بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، شەھەر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش ئەسلىھەسىنى تېز قۇرۇپ چىقىمىز. مەملىكەت بويىچە ئىستېمال پۇل مۇئامىلىسى شىركىتى سىنىقىنى يولغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىستېمال كىرېدىت مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىمىز. بىر قىسىم ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى كېمەيتىپ، باج كەچۈرۈم دۇكانلىرىنى كۆپەيتىمىز. مائاشلىق ئوتپوسكا تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەت قاتنىشى، مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە ئۆز ئاپتوموبىل لاگېرى قاتارلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، گۈللىنىۋاتقان ئاۋام سەيلە -ساياھەت دەۋرىنى كۈتۈۋالىمىز.
ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىكى ھالقىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىمىز. ئېلىمىزنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە نۇرغۇن كەمتۈكلۈك بار،  كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جىددىي زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشتا ئىمكانىيەت يەنىلا زور. بۇ يىل 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى بىر تۈركۈم چوڭ-چوڭ تۈرلەرنى باشلايمىز. تۆمۈريولغا 800 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق، تاشيولغا 1 تىرىليون 650 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايمىز، چوڭ-چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدىن يەنە 20 نى باشلايمىز، سۇ ئېلېكتىرى، يادرو ئېلېكتىرى، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش، ئاقىل ئېلېكتىر تورى، نېفىت-گاز تۇرۇبا تورى، شەھەر رېلىسلىق قاتنىشى قاتارلىق چوڭ-چوڭ تۈرلەرنى ئېلىپ بارىمىز. مەركەزنىڭ خامچوت ئىچىدىكى سېلىنمىسى 500 مىليارد يۈەنگە كۆپەيتىلدى، مەبلەغ سېلىش-يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەخسۇس قۇرۇلۇش فوندى داۋاملىق بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن غەملىنىدۇ، جايلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، بازارلاشتۇرۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىمىز، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق مۈلۈكلەرنى ئاكسىيەلەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز، زايوم ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىمىز. ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 180 مىليارد يۈەنلىك يېتەكلەش فوندىنى ئوبدان ئىشلىتىمىز، توختامنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىشنى چىڭىتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ئىشتىراك قىلىش قىزغىنلىقىنى تولۇق قوزغايمىز.
يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. شەھەرلەشتۈرۈش ــــ زامانىۋىلىشىشنىڭ مۇقەررەر يولى، ئېلىمىزنىڭ ئەڭ زور ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن ئىمكانىيىتى ۋە تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. بۇ يىل مۇنداق ئۈچ خىزمەتنى نۇقتىلىق تۇتىمىز. بىرىنچى، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەرلىشىشىنى تېزلىتىمىز. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر-بازارلاردا نوپۇسقا ئېلىش شەرتىنى كەڭرەك قويۇۋېتىمىز، «ئادەم، يەر، پۇل»نى بىر-بىرىگە باغلاش سىياسىتىنى تۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرىمىز. يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش ئۇنىۋېرسال سىناق دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. تۇرۇش كىنىشكىسىنىڭ قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، شەھەر-بازارلاردا تېخى نوپۇسقا ئېلىنمىغان دائىملىق ئاھالىنىڭ ھەممىسىگە تۇرۇش كىنىشكىسى بېجىرىپ بېرىشنى تېزلىتىپ، ئۇلارنى تۇرغان جايىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش قاتارلىق ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن قىلىمىز. ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلاردىكى ئوتتۇرا-كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەر-بازارلارنى راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئىشلەمچىلەرنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەپ، پۇلمۇ تاپالايدىغان، ئائىلىسىدىنمۇ خەۋەر ئالالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىمىز. ئىككىنچى، شەھەر-بازارلارنىڭ كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بۇ يىل كەپە ئۆي رايونلىرىدىكى تۇرالغۇدىن 6 مىليون يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىمىز، كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ئورنىغا پۇل بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرىمىز. ئاھالىنىڭ مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئىستېمالىغا مەدەت بېرىدىغان باج، كىرېدىت سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ مۇتلەق ئېھتىياجى ۋە تۇرالغۇ ياخشىلاش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، شەھەرگە قاراپ تەدبىر بەلگىلەپ، ئۆي-زېمىن بازىرىدىكى ساقلانما ئۆيلەرنى ئازايتىمىز. ئىجارە بىلەن سېتىۋېلىش تەڭ يولغا قويۇلىدىغان تۇرالغۇ تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سىرتتىن كەلگەن ئاھالىنىڭ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى تەدرىجىي ھالدا ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى تەمىنات دائىرىسىگە كىرگۈزىمىز. ئۈچىنچى، شەھەر يىرىك پىلانى، قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىمىز. شەھەر يىرىك پىلانىنىڭ ئىلمىيلىكى، نوپۇزلۇق ۋە ئاشكارا بولۇشىنى كۈچەيتىپ، «كۆپ خىل پىلانلارنى بىرلەشتۈرۈش»كە تۈرتكە بولىمىز. 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق شەھەر يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلايمىز. يېشىل بىنا ۋە يېشىل قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، پولات قۇرۇلمىلىق ۋە قۇراشتۇرۇلما بىنالارنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز. ئەقلىي شەھەر بەرپا قىلىپ، ئاھالىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ خاتىرجەم، تېخىمۇ غەمدىن خالىي، تېخىمۇ بەھۇزۇر ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.
رايون تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ياخشىلايمىز. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سۈرۈپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماسلاشما تەرەققىيات يىرىك پىلانى پىروگراممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز. غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويىمىز، شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىمىز، ئوتتۇرا رايوننىڭ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى ئون يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىمىز، شەرقىي رايوننىڭ تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىش، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا مەدەت بېرىمىز. بايلىق تىپىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولىمىز. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز. دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ، دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراپ، كۆك ئىقتىساد بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىمىز.

يوللىغۇچى: alma    ۋاقىت: 2016-3-10 14:23
(二)加强供给侧结构性改革,增强持续增长动力。围绕解决重点领域的突出矛盾和问题,加快破除体制机制障碍,以供给侧结构性改革提高供给体系的质量和效率,进一步激发市场活力和社会创造力。

推动简政放权、放管结合、优化服务改革向纵深发展。以敬民之心,行简政之道,切实转变政府职能、提高效能。继续大力削减行政审批事项,注重解决放权不同步、不协调、不到位问题,对下放的审批事项,要让地方能接得住、管得好。深化商事制度改革,开展证照分离试点。全面公布地方政府权力和责任清单,在部分地区试行市场准入负面清单制度。对行政事业性收费、政府定价或指导价经营服务性收费、政府性基金、国家职业资格,实行目录清单管理。深化价格改革,加强价格监管。修改和废止有碍发展的行政法规和规范性文件。创新事中事后监管方式,全面推行"双随机、一公开"监管,随机抽取检查对象,随机选派执法检查人员,及时公布查处结果。推进综合行政执法改革,实施企业信用信息统一归集、依法公示、联合惩戒、社会监督。大力推行"互联网+政务服务",实现部门间数据共享,让居民和企业少跑腿、好办事、不添堵。简除烦苛,禁察非法,使人民群众有更平等的机会和更大的创造空间。

充分释放全社会创业创新潜能。着力实施创新驱动发展战略,促进科技与经济深度融合,提高实体经济的整体素质和竞争力。一是强化企业创新主体地位。落实企业研发费用加计扣除,完善高新技术企业、科技企业孵化器等税收优惠政策。支持行业领军企业建设高水平研发机构。加快将国家自主创新示范区试点政策推广到全国,再建设一批国家自主创新示范区、高新区,建设全面创新改革试验区。二是发挥大众创业、万众创新和"互联网+"集众智汇众力的乘数效应。打造众创、众包、众扶、众筹平台,构建大中小企业、高校、科研机构、创客多方协同的新型创业创新机制。建设一批"双创"示范基地,培育创业服务业,发展天使、创业、产业等投资。支持分享经济发展,提高资源利用效率,让更多人参与进来、富裕起来。实施更积极、更开放、更有效的人才引进政策。加强知识产权保护和运用,依法严厉打击侵犯知识产权和制假售假行为。三是深化科技管理体制改革。扩大高校和科研院所自主权,砍掉科研管理中的繁文缛节。实施支持科技成果转移转化的政策措施,完善股权期权税收优惠政策和分红奖励办法,鼓励科研人员创业创新。大力弘扬创新文化,厚植创新沃土,营造敢为人先、宽容失败的良好氛围,充分激发企业家精神,调动全社会创业创新积极性,汇聚成推动发展的磅礴力量。

着力化解过剩产能和降本增效。重点抓好钢铁、煤炭等困难行业去产能,坚持市场倒逼、企业主体、地方组织、中央支持,运用经济、法律、技术、环保、质量、安全等手段,严格控制新增产能,坚决淘汰落后产能,有序退出过剩产能。采取兼并重组、债务重组或破产清算等措施,积极稳妥处置"僵尸企业"。完善财政、金融等支持政策,中央财政安排1000亿元专项奖补资金,重点用于职工分流安置。采取综合措施,降低企业交易、物流、财务、用能等成本,坚决遏制涉企乱收费行为。

努力改善产品和服务供给。突出抓好三个方面。一是提升消费品品质。加快质量安全标准与国际标准接轨,建立商品质量惩罚性赔偿制度。鼓励企业开展个性化定制、柔性化生产,培育精益求精的工匠精神,增品种、提品质、创品牌。二是促进制造业升级。深入推进"中国制造+互联网",建设若干国家级制造业创新平台,实施一批智能制造示范项目,启动工业强基、绿色制造、高端装备等重大工程。落实加速折旧政策,组织实施重大技术改造升级工程。三是加快现代服务业发展。启动新一轮国家服务业综合改革试点,实施高技术服务业创新工程,大力发展数字创意产业。放宽市场准入,提高生产性服务业专业化、生活性服务业精细化水平。建设一批光网城市,推进5万个行政村通光纤,让更多城乡居民享受数字化生活。

大力推进国有企业改革。今明两年,要以改革促发展,坚决打好国有企业提质增效攻坚战。推动国有企业特别是中央企业结构调整,创新发展一批,重组整合一批,清理退出一批。推进股权多元化改革,开展落实企业董事会职权、市场化选聘经营者、职业经理人制度、混合所有制、员工持股等试点。深化企业用人制度改革,探索建立与市场化选任方式相适应的高层次人才和企业经营管理者薪酬制度。加快改组组建国有资本投资、运营公司。以管资本为主推进国有资产监管机构职能转变,防止国有资产流失,实现国有资产保值增值。赋予地方更多国有企业改革自主权。加快剥离国有企业办社会职能,解决历史遗留问题,让国有企业瘦身健体,增强核心竞争力。

更好激发非公有制经济活力。大幅放宽电力、电信、交通、石油、天然气、市政公用等领域市场准入,消除各种隐性壁垒,鼓励民营企业扩大投资、参与国有企业改革。在项目核准、融资服务、财税政策、土地使用等方面一视同仁。依法平等保护各种所有制经济产权,严肃查处侵犯非公有制企业及非公有制经济人士合法权益的行为,营造公平、公正、透明、稳定的法治环境,促进各类企业各展其长、共同发展。

(三)深挖国内需求潜力,开拓发展更大空间。适度扩大需求总量,积极调整改革需求结构,促进供给需求有效对接、投资消费有机结合、城乡区域协调发展,形成对经济发展稳定而持久的内需支撑。

增强消费拉动经济增长的基础作用。适应消费升级趋势,破除政策障碍,优化消费环境,维护消费者权益。支持发展养老、健康、家政、教育培训、文化体育等服务消费。壮大网络信息、智能家居、个性时尚等新兴消费。鼓励线上线下互动,推动实体商业创新转型。完善物流配送网络,促进快递业健康发展。活跃二手车市场,加快建设城市停车场和新能源汽车充电设施。在全国开展消费金融公司试点,鼓励金融机构创新消费信贷产品。降低部分消费品进口关税,增设免税店。落实带薪休假制度,加强旅游交通、景区景点、自驾车营地等设施建设,规范旅游市场秩序,迎接正在兴起的大众旅游时代。

发挥有效投资对稳增长调结构的关键作用。我国基础设施和民生领域有许多短板,产业亟需改造升级,有效投资仍有很大空间。今年要启动一批"十三五"规划重大项目。完成铁路投资8000亿元以上、公路投资1.65万亿元,再开工20项重大水利工程,建设水电核电、特高压输电、智能电网、油气管网、城市轨道交通等重大项目。中央预算内投资增加到5000亿元。深化投融资体制改革,继续以市场化方式筹集专项建设基金,推动地方融资平台转型改制进行市场化融资,探索基础设施等资产证券化,扩大债券融资规模。完善政府和社会资本合作模式,用好1800亿元引导基金,依法严格履行合同,充分激发社会资本参与热情。

深入推进新型城镇化。城镇化是现代化的必由之路,是我国最大的内需潜力和发展动能所在。今年重点抓好三项工作。一是加快农业转移人口市民化。深化户籍制度改革,放宽城镇落户条件,建立健全"人地钱"挂钩政策。扩大新型城镇化综合试点范围。居住证具有很高的含金量,要加快覆盖未落户的城镇常住人口,使他们依法享有居住地义务教育、就业、医疗等基本公共服务。发展中西部地区中小城市和小城镇,容纳更多的农民工就近就业创业,让他们挣钱顾家两不误。二是推进城镇保障性安居工程建设和房地产市场平稳健康发展。今年棚户区住房改造600万套,提高棚改货币化安置比例。完善支持居民住房合理消费的税收、信贷政策,适应住房刚性需求和改善性需求,因城施策化解房地产库存。建立租购并举的住房制度,把符合条件的外来人口逐步纳入公租房供应范围。三是加强城市规划建设管理。增强城市规划的科学性、权威性、公开性,促进"多规合一"。开工建设城市地下综合管廊2000公里以上。积极推广绿色建筑和建材,大力发展钢结构和装配式建筑,提高建筑工程标准和质量。打造智慧城市,改善人居环境,使人民群众生活得更安心、更省心、更舒心。

优化区域发展格局。深入推进"一带一路"建设,落实京津冀协同发展规划纲要,加快长江经济带发展。制定实施西部大开发"十三五"规划,实施新一轮东北地区等老工业基地振兴战略,出台促进中部地区崛起新十年规划,支持东部地区在体制创新、陆海统筹等方面率先突破。促进资源型地区经济转型升级。支持革命老区、民族地区、边疆地区、贫困地区发展。制定国家海洋战略,保护海洋生态环境,拓展蓝色经济空间,建设海洋强国。






خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/) Powered by Discuz! X3.2