مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 672|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

世俗 نى نېمە دېسەك بولار؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-24 09:42  

世俗 سۆزى تەرجىمىدە بەك كۆپ ئۇچرايدۇ، كۆپىنچە 世俗政权 دەپ كېلىدۇ. ئىلگىرى مەن "دەھرىي ھاكىمىيەت" دەپ تەرجىمە قىلىپ كەلگەن ئىدىم، ئەمما "دەھرىي" سۆزى "دىنسىز" دېگەن مەنادىكى سۆز، 世俗政权 بولسا دىنسىز ھاكىمىيەت ئەمەس، پەقەت دىن بىلەن ھاكىمىيەت ئايرىلغان. ئۆزبېكچە، ئازەربەيجانچە 世俗 نى "دۇنياۋىي" دەيدىكەن، فارسچە ھەم شۇنداق. لېكىن 世俗政权 "دۇنياۋىي ھاكىمىيەت" دېسەك تازا قاملاشمايدىكەن! "دىندىن خالىي ھاكىمىيەت" مۇ دەيلى، لېكىن 世俗生活 دېسەك دىندىن خالىي ھايات، تۇرمۇش دېگىلى بولغان بىلەن 世俗化的人 نى دىندىن خالىي ئادەم، دېسەك قانداق بولار؟
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
دىۋان
ۋاقتى: 2015-6-24 11:10:37 | ئايرىم كۆرۈش
تىل يېزىق كومىتېتى زامانىۋىي دەپ ئاپتىكەن،  ئەسلى مەنىسى دىندىن خالىي بولارمىكىن.

0

تېما

14

يازما

59

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
59
QQ
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-8-29 13:43:52 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەكمان ئاغا ،مېنىڭ بىلىشىمچە‹‹تىل يېزىق كوئىتىتى››دا رەھمەتلىك ئىمىن تۇرسۇن ئاكا مەسئۇل بولمىغاندىن ن سوڭرا ئاساسەن ‹‹ئانا تىل+چەتئەل تىلى=ئەبجەش ئانا تىلچە سۆز ياكى ‹‹چەئەل تىلى+چەتئەل تىلى=ئەبجەش ئانا تىل ياكى چەتئەل تىلى=ئەبجەش ئانا تىل››شەلكلىدە سۆز ياساش قېلىپلاشقان،مەنچە بولسا‹‹ئاجۇن›› دەپ قەدىمقى ئانا تىلچە ئاتالغۇسىنى ئىشلەتىپ كۆرۈڭ!بۇنى بىر قىسىم ئاتاغلىق تىلچىلار‹‹ئاجۇن=ئاژۇن=فارسچە سۆز دەپ ئىزاھات بېرىپتۇ!ئەفسۇسكى ئانا تىلىمىزدە‹‹ئىسلام دىنى››كىرگەندىن سوڭرا ‹‹.ئەرەبىي،فارسىي........››سۆز تىلىمىزغا كىرىپ يەرلىكلەشكەنلىدەك كەچمىش(تارىخ-ئەرەبچە)لەرىمىزدە بولۇپمۇ ئەينى دەۋرىدە ‹‹ژ››ھەرف يوقلىغىنى قەستەن ئۇنتۇلۇپ قالغان،مەن‹‹ئاجۇن››سۆزى فارسلارغا كىرىپ يەنە بىزگە قايتىپ كەلگەن سۆ دەپ تونۇيمەن،يەنە سەل ئالدىداراق خەن سۇلالىسى دەۋرىدەمۇ .‹‹ژ،چ،،ھەرلەرىمۇ يوق ئىكەن.سىزنى .ئاۋۇ فرانسىيەلىك تومپسون ئەسەرى‹‹بەش دەۋر ۋە ئۇيغۇرلار五代与回鹘›› تۈركلەردە كالىندار突厥历法......... خەنزۇچە كىتابلىرىنى كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن!
aaot=ohuztigin=和平之子
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:43 , Processed in 0.058442 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش