مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 281|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل: 2015-يىلىدىكى تەسىرلىك رەسىملەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-10 16:46  

دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل: 2015-يىلىدىكى تەسىرلىك رەسىملەر

نۇر تورىدىن ئېلىندى

http://www.nur.cn/news/2016/01/269013.shtml

  • 1. مەھەلىدىكى كىشىلەر يوشۇرۇنچە ئىما-ئىشارەت تىلى ئۆگىنىپ گاس-گاچا قوشنىلىرىنى ھەيران قالدۇرماقچى بولدى.

    2. بۇ بوۋاي بازاردىن تاشپاقىنى سېتىۋېلىپ دېڭىزغا قويۇپ بەردى.

    3. يېڭى توي قىلغان تۈركىيەلىك بىر جۈپ قىز-يىگىت ئۆزلىرىنىڭ تويىدا 4000 نەپەر مۇساپىرنى بىر ۋاق مول تاماق بىلەن تەمىنلىدى.

    4. ماكدونالدتىكى كۈتكۈچى يىگىت بىر مېيىپقا تاماق يىگۈزۈپ قويدى.

    5. بىر ياش دوختۇر ھازىرلا ئوپېراتسىيە قىلىنىدىغان ئىككى ياشلىق قىزغا سەۋرىچانلىق بىلەن تەسەللىي بەرمەكتە.

    6. ئىرلاندىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قۇتقۇزىۋېلىنغان بىر ئېشەك قۇتقۇزۇپ چىقىلغاندىن كېيىن كۈلۈپ كەتتى.

    7. بۇ ئىت قېرىپ ماڭالماي قالدى، ئىگىسى ئۇنى ھەر كۈنى چاقلىق ئورۇندۇققا سېلىپ ئايلاندۇرىدۇ.

    8. تۆۋەندىكى رەسىمدىكى تۆت بالىنىڭ ئانىسى راك كېسىلى سەۋەبىدىن بەختكە قارشى قازا قىلغان، لېكىن بەختكە يارىشا ئانىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى يېقىن دوستى قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۇلارنى بېقىۋالدى.

    9. مېترو بېكىتىدە يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا ئالدىراۋاتقان يىگىت ھەرقانچە قىلىپمۇ گالاستۇكىنى چىگەلمىدى، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر بوۋاي قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۇنىڭغا گالاستۇك چىگىشنى سەۋرىچانلىق بىلەن ئۆگىتىپ قويدى.

    10. بىر ئوقۇغۇچى ئامالسىز بالىسىنى دەرسكە ئېلىپ كەلدى، بالا يىغلاپ كەتكەندە دەرس ئۆتىۋاتقان پروفېسسور بالا كۆتۈرۈپ دەرسنى ئۆتۈپ ئەڭ ياخشى ئۈلگە بولدى.

    11. بۇ قەھۋەخانا ھەر كۈنى كەچتە يېپىلغاندىن كېيىن سەرگەردان ئىتلارنىڭ كىرىپ ئۇخلىشىنى توسىمايدۇ.

    12. كانادادىكى بۇ بالىلار قېلىن كىيىملەرنى يول بويىدىكى تۈۋرۈكلەرگە ئارتىپ قويۇپ، ئۆي-ماكانسىز سەرگەردانلارنىڭ ئېلىپ ئىشلىتىپ قىشتىن ئۆتىۋېلىشىغا ياردەم قىلىدۇ.

    13. بىر بوۋاي چىم قىرقىۋاتقاندا تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالدى، قۇتقۇزغۇچى خادىملار بوۋاينى قۇتقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن تېخى قىرقىلمىغان چىملارنى قىرقىپ تۈگەتتى.

    14. بۇ نامسىز «ئۆمۈچۈك پالۋان» ھەمىشە كېچىدە سەرگەردانلارغا يېمەكلىك ئاپىرىپ بېرىدۇ. ئالاھىدە ئىقتىدار بولمىسىمۇ قەھرىمان بولغىلى بولىدۇ.

    15. يېڭى كەلگەن كۆچمەنلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن، ۋېنگىرىيەدىكى ئامما ئىئانە قىلىنغان ئاياقلارنى بوداپېشت ۋوگزالىغا يەتكۈزۈپ بەردى.

    16. بۇ كىچىك بۇغىنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزىۋالغان ئەردىن ئايرىلغۇسى كەلمىدى.

    17. بالىسى ئۈچۈن كۈنلۈك تۇتۇپ بېرىپ ئۆزى ھۆل بولۇپ كەتكەن ئاتا، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئاتا» دېگەن سۆزگە تەبىر بەردى.

    18. توققۇز ياشلىق بۇ ئامېرىكىلىق قىز سەرگەردانلار ئۈچۈن ئۆي ياساپ، كۆكتات تېرىپ بەردى.

    19. 92 ياشلىق موماي تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا ئىككى كۈن بولغان ئەۋرىسىنى تۇنجى قېتىم كۆردى.

    20. 80 ياشلىق بوۋاي ئۆز ياسىۋالغان كىچىك پويىزغا بېقىۋالغان سەرگەردان ئىتلارنى سېلىپ ئايلاندۇرماقتا.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

http://www.nur.cn/news/2016/01/269013.shtml



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:56 , Processed in 0.064419 second(s), 26 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش