- ياز كۈنلىرى بۇ يەردەك ئېسىل جايدىن يەنە بىرنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس، بۇ يەردە سۇ، توغراق بىر – بىرىگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىۋاتقاندەك كىشى قەلبىگە ئاجايىپ ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ، -دەپ بولۇپلا دەريا تەرەپكە قارىدى. ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قارىدۇق، ئاندىن ئۇنىڭغا قايىل بولغاندەك سۆيۈندۇق. دەل شۇ چاغدا ئىلياس ئابلىز گەپ باشلىدى:
- نۆۋەتتە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2- يۈرۈش قانىلىدا كۆرسىتىلىۋاتقان «شېرىن چۈش» پىراگراممىسىدا يىل بېشىدا بۇ يىلنى «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىش توغرىسىدا تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدىن بۇيان نۇرغۇن كىشىلەر بۇ توغرىسىدا پىكرىنى بايان قىلىپ بۇ تەشەببۇسنى قۇتۇقلىدى. لېكىن كىتابنى قانداق ئوقۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەرمىدى. يۇرتىمىزدا بىر «شىنخۇا كىتابخانىسى» بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئېچلىش ۋە تاقىلىش ۋاقتى ئانچە قېلىپلاشمىغان ھەمدە كىتابلار كىشىنى جەلپ قىلغۇدەك ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان، دېمەكچى بۇ يەرگە كىرگەن كىشىنى ئۆزگە تارتالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقۇرۇشى تاز ياخشى ئەمەس، بالىلار ھەم چوڭلارمۇ ئانچە كىرىپ كەتمەيدۇ، بەزىدە ئويلاپ قالىمەن بۇ خىل ئۇسۇلدا ئاچقاندىن ئاچمىسا ياخشى بولاتتى، -دېيىشىگە ئابدۇسەمىي گەپ باشلىدى:
- سەن ئۇنىڭدىن ئاغرىنىپ نېمە قىلىسەن، مەكتىپىمىزنىڭ كۇتۇپخانىسىمۇ شۇنداققۇ، بالىلار دەرس ئاڭلاۋاتقاندا ئېچىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار دەرس ئاڭلاش بىلەن، ئوقۇتقۇچىلار دەرس تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش يۈرسە كىمنىڭ ئۇ يەرگە كىرگۈدەك ۋاقتى يېتىدۇ، بالىلار دەرسنى تۈگەتكەندە كىرەي دېسە، كۇتۇپخانا ئېتىلگەن بۇ مەسىلىمۇ كىشىنى ئويغا سالىدۇ. ھازىر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە «شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلۇپ، نۇرغۇنلىغان يېڭى – يېڭى كىتابلار كۇتۇپخانىلارغا، ھەتتا دېھقانلار كۇتۇپخانىلىرىغا كىرگۈزۈلدى، گېزىتلىرىمزنىڭ مۇخبىرلىرى بۇنىڭ دېھقان – چارۋىچىلارغا كەلتۈرگەن پايدىسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ، دېدى. بۇلارنىڭ پاراڭى بارغانسېرى كىشىنى جەلپ قىلىدىغان دەرىجىگە بېرىۋاتاتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئىلياس يەنە مۇنداق بىر پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى:
- مەن يېقىندا توردىن «گېرمانىيەدە مېتىرو، كوچا ئاپتوبۇس بېكەتلىرى ۋە كىشىلەر توپلىشىدىغان جايلارغا ھەر خىل شەكىلدىكى كىشىنى جەلپ قىلىدىغان كىتاب تەكچىلىرىنى ياساپ ۋە ئۇنىڭغا ھەر خىل مەزمۇندىكى كىتابلارنى قۇربىتى يېتىدىغانلار سېتىۋېلىپ ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇ تەكچىلەرگە چىرايلىق تىزىپ قويدىكەن، خالىغان كىشى ئېلىپ ئوقۇسا بولىدىكەن» بۇ نېمە دېگەن ياخشى ئىش دەيمەن. يېقىندىن بۇيان مەن يىغىپ ساقلىغان ھەم يېڭىدىن سېتىۋالغان ياخشى كىتابلىرىمنى سىنىپتىكى كىتاب قويۇش ئورنىغا تىزىپ قويىمەن، ئوقۇغۇچىلار ھەرقانداق ۋاقىتتا پايدىلانسا بولىدۇ، مانا مۇشۇنداق قىلالىساق ھەقىقەتەن بەك ياخشى بولىدىكەن. سەندە، ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپ، - سەندە كىتابلار خېلى كۆپ، بىزگە ئەۋەتىپ بەرسەڭ، بالىلار سېنىڭ كىتابلىرىڭدىن پايدىلانسا نېمە دېگەن ياخشى!؟ گېپىنى تۈگىتىپ، ئەتراپتىكى دوستلارغا قاراپ قويدى...
دەم ئېلىشىلىق پائالىيەتلىرىمنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەن بولساممۇ، دوستۇم ئىلياسنىڭ پىكرى مېنى خېلى ئويغا سېلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن توردىن كىتاب ئوقۇش توغرىسىدىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈۋېتىپ، «گېرمانىيەدە مېتىرودا، مەيلى ئەر - ئايال، قېرى - ياش بولسۇن، مەيلى ئولتۇرغان ياكى ئۆرە تۇرغانلار بولسۇن، ئۇلار مېتىروغا چىقىپلا قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى كىتاب ئوقۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا %56 گېرمانىيەلىك ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا كىتاب ئوقۇشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن؛ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %49 ئايال ۋە %36 ياش ھەر يىلى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ پارچە كىتاب ئوقۇيدىكەن؛ ھامبورگ شەھەرلىك مەركىزىي كۇتۇپخانىغا كېلىدىغانلارنىڭ سانى 10795غا يېتىپ، 394 پارچە كىتابنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيدىكەن. مەركىزىي كۇتۇپخانىغا قەدەم تەشىرىپ قىلىدىغانلارنىڭ سانى بىر يىلدا 4 مىليون 584 مىڭ 976 كىشىگە يېتىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنىگە 18 مىڭ 300 كىشىدىن توغرا كېلىدىكەن؛ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كىتاب كۆرگەزمىسى ھەر يىلى گېرمانىيەنىڭ لېيپزىگ ۋە فرانكفورتتىن ئىبارەت ئىككى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنداق بىر مەسىلىنى چۈشىنىشكە بولىدۇكى، گېرمانىيەلىكىلەر كىتاب ئوقۇشنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىكەن. ھېس قىلىشىمچە، گېرمانىيەلىكلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى يېتىشتۈرگەن دېسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ » بۇ ماتېرىيالنى كۆرۈپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ كىتاب ساقلاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش توغرىسىدا پىكىرلىرىم چېچىلىپ كەتتى. بىزدە بىر قىسىم كىشىلىرىمىز كىتابتىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ساقلايدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن كىتاب ساقلايدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەيمەن. ئەمما، دوستۇم ئىلياسىنىڭ پىكرى خېلى ئورۇنلۇقتەك تۇرىدۇ. بىزمۇ دوختۇرخانا، بېكەت، دەم ئېلىش مەيدانلىرى، ساياھەت ئورۇنلىرى، مەھەللە، بولۇپمۇ كىشىلەر ئەڭ توپلىشىدىغان جايلارغا كىتاب كۆرۈش تەكچىلىرىنى تەسىس قىلىپ، سېتىۋالغان كىتابلىرىمىزدىن ھەممەيلەن ئورتاق پايدىلانساق نېمە دېگەن ياخشى!
«ياخشى بىر كىتابنى ئوقۇش ئالىيجاناپ كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندەك ئىش» مانا بۇ سۆزمۇ گېرمانىيەدىن تارقالغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، 82 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇسقا ئىگە گېرمانىيە دۆلىتىدە 5000دىن ئارتۇق كىتابخانا، 14 مىڭدىن كۆپرەك كۇتۇپخانا بار بولۇپ، ساقلانغان كىتابلارنىڭ سانى 129 مىليون پارچىدىن ئاشىدىكەن. ئەمما، دۆلىتىمىزدە، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا كىتابخانا قانچىلىك، كۇتۇپخانا قانچىلىك، كىتاب ئوقۇيدىغانلار قانچىلىك، كىتاب سېتىۋالىدىغانلار قانچىلىك، ئەمما نۇرغۇن كىشىنىڭ كىتاب ئوقۇغۇسى بولسىمۇ، لېكىن كىتاب كۆرىدىغان سورۇنى بولماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى ئاساسىي قاتلاملاردا كىتابخانىلار كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، دېھقانلار ئەمگەكتىن قايتىپ ئائىلە ئىشلىرىنى تۈگەتكەندە، كەچ بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ ئۆيىدە كىتاب كۆرۈش قولايلىقمۇ؟ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يېزا، كەنتلەردە مەخسۇس كۇتۇپخانا تەسىس قىلسا، مەخسۇس ئادەم قويۇپ، كەچلىرى سائەت 10 غىچە ئاچسا بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولاتتى دەپ قارايمەن.
كۆپىنچە دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىمدا كىتابخانا ۋە كۇتۇپخانىغا بارىمەن. كۇتۇپخانىدا كىتاب ئوقۇيدىغانلار خېلى كۆپ بولسىمۇ، ئانچە يېتەرلىك ئەمەس، تۆت – بەش قەۋەتلىك كۇتۇپخانىنىڭ پەقەت بىر قەۋىتىدىلا كىشىلەرنى ئۇچرىتالايسىز، بۇلارنىڭ ئىچىدە كىتاب ئوقۇيدىغانلار ئاز، كۆپىنچىسى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش قىلىدىغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىتاب كۆرۈشكە ۋاقتى يەتمەيدۇ. لېكىن كىتاب بازىرىدا ئۇنداق ئەمەس كىتاب كۆرۈدىغانلار، كىتاب سېتىۋالىدىغانلار كۆپ، بۇ پەقەت شەھەرلەردىكى مەنزىرىلەر، - خالاس. ئەمما يېزىلاردا ئۇنداق ئەمەس، تېخى بىر قىسىم يېزا، كەنتلەر ناھىيە بازىرىدىن نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراق بولسىمۇ، تۈزۈكرەك بىرەر كۇتۇپخانا ياكى كىتابخانىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئىمكانىيەت بولسا يېزا، كەنتلەردا پوچتا ئورنى تەسىس قىلغاندەك ھەرقايسى كىتابخانا ۋە كۇتۇپخانىلىرى يوق يەرلەردە بۇ ئورۇنلارنى قۇرۇشنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئويلىشىپ كۆرۈشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.
نۆۋەتتە، شەھەرلەردە كىتاب ساتىدىغان ئورۇنلار ناھايىتى كۆپ، ئەمما كىتاب ئوقۇيدىغان يەرلەر ناھايىتى ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھىيە ۋە يېزا، كەنتلەرگە يۈرۈشكەنسېرى كىتاب ساتىدىغان ۋە كىتاب ئوقۇيدىغان ئورۇنلار بارا – بارا يوقاپ كېتىدۇ. بەزى دېھقان – چارۋىچىلار يېڭى كىتابلارنى سېتىۋېلىشقا ئامالسىز قېلىپ نەچچە ئون كىلومېتىر يول يۈرۈپ ستېىۋېلىشىغا توغرا كېلىدۇ، كىتاب ئوقۇغۇسى بارلارمۇ بۇنداق شارائىتتىن يالتىيىپ، كىتاب ئوقۇشتىن ۋاز كېچىدۇ. ئىمكان بار بۇ خىل ھالەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە كۈچ چىقارساق دېگەن ئۈمىدتە.
بىزنىڭ مەدەنىيىمىز قۇملۇق ۋە توغراق مەدەنىيىتى بولماستىن، بەلكى يېشىللىق ۋە بوستانلىق مەدەنىيىتى بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز تارىم ۋادىسىنى بويلاپ ئولتۇراقلىشىپ، دەريا ۋادىلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى، ئەمگەكچانلىقىغا تايىنىپ، ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت مىراسلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى. كېيىنكى بىر مەزگىللىك تەرەققىيات جەريانىدا، خەلقىمىزنىڭ نادانلىق ئاسارىتىدە قالغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىك»تەك ئالامشۇمۇل كاتتا ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇرغانىدى. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتەك ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇقرالارنى مەدەنىيەتلىك، ئەخلاقلىق ۋە ساپالىق بولۇشقا سەپەرۋەر قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ساپالىق كىشىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتە كىتابخانا ۋە كۇتۇپخانا پۇقرالارنى تەربىيەلەشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئورنى ھېسابلىنىدۇ. بىزمۇ جەمئىيىتىمىزدە كۇتۇپخانىلارنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، مەدەنىيەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشىمىز كېرەك.