ئۇستاز تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئالەمدىن ئۆتتى
著名翻译家托合提·巴克·阿尔提希逝世 被称为“被鲁迅附体的人”,一生致力于原汁原味儿地翻译鲁迅的全部作品的著名翻译家托合提·巴克·阿尔提希, 1922年出生于当时的阿图什县农民家庭,1939年到乌鲁木齐师范学校学习,一年后因无法交学费而退学,之后在《新疆日报》当学徒、排版、编辑部职工等。1942年至1944年就读于当时的乌鲁木齐警官学校,1944年毕业后到喀什工作。1946年回到乌鲁木齐,在《真理报》,《前进报》当过翻译、编辑;在新疆师范学院当过教师。1953年参与设立中央民族出版社,从事翻译和编辑工作,从而开始翻译鲁迅的作品。1962年之后在《新疆日报》、《新疆人民出版社》等单位从事翻译、编辑,1986年退休。 翻译家托合提·巴克阿尔提希在多年的翻译生涯中,翻译过多部政治理论作品、科技作品、文学作品、报刊文章、影视作品等多种类型的作品,主要翻译作品有《茅庐三顾》,《鲁迅文集》(22集)等多部长篇作品;写过《翻译文摘》、《论翻译鲁迅》、《论翻译学》、《怎样翻译?》等多部作品;已出版《种田有罪?》、《讲实话无罪》、《心到心》等多部大型翻译文摘;已交《梦的实质与解释》等长篇翻译作品于出版。 他生前是中国作家协会成员、中国鲁迅协会委员、新疆鲁迅协会主席、新疆翻译家协会名誉主席。 ئۇستاز تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئالەمدىن ئۆتتى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكىنىڭ باشلامچىسى، ئۇستاز تەرجىمان، پېشقەدەم نەشرىياتچى توختى باقى ئارتىشى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچقۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى.
توختى باقى ئارتىشى 1922-يىلى ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ ئىتارچى كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1939-يىلى ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمىنگە كېلىپ، بىر يىلدىن كېيىن ئوقۇش خىراجىتىنى تۆلىيەلمەي ئامالسىز مەكتەپتىن چېكىنىپ «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشچى، ھەرپ تىزغۇچى، تەھرىر بۆلۈم خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن. 1942-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى ساقچى ئوفىتسېرلەر مەكتىپىدە ئوقۇغۇغان. 1944-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەشقەرگە بېرىپ خىزمەت قىلغان. 1946-يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ «ھەقىقەت» گېزىتى ۋە «ئالغا» گېزىتىدە تەرجىمان، مۇھەررىر، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ 1953-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا قاتنىشىپ، تەرجىمە ۋە تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ لۇشۈن ئەسەرلىرىنى ئىزچىل تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن. 1962-يىلىدىن كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» قاتارلىق ئورۇنلاردا تەرجىمان، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1986-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان. توختى باقى ئارتىشى كۆپ يىللىق تەرجىمانلىق ھاياتىدا سىياسىي نەزەرىيىۋىي ئەسەرلەر، پەن-تېخنىكا ئەسەرلىرى، ئەدەبىي ئەسەرلەر، گېزىت-ژۇرنال ماقالىلىرى، كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى قاتارلىق تۈرلۈك مەزمۇن ۋە ژانىردىكى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسى بىلەن شۇغۇللاندى: «يېڭى باتۇرلار»، «تۈن يانغاندا»، «كەپىگە ئۈچ قېتىم زىيارەت»، «لۇشۈن ئەسەرلىرى» (22 توم) قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى؛ «تەرجىمە تەجرىبىلىرىدىن تەرمىلەر»، «لۇشۈن تەرجىمە توغرىسىدا»، «تەرجىمە توغرىسىدا»، «قانداق تەرجىمە قىلىش كېرەك؟» قاتارلىق نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەرلەرنى يازدى؛ «كەتمەن چاپقان گۇناھمۇ؟»، «ھەق گەپ قىلغان گۇناھ ئەمەس» (2 توم)، «كۆڭۈلدىن-كۆڭۈلگە يول» قاتارلىق ماۋزۇلاردىكى تاللانما تەرجىمە توپلاملىرىنى نەشردىن چىقاردى، «چۈشنىڭ ماھىيىتى ۋە تەبىرى» ناملىق چڭ ھەجىملىك ئىجادىي تەرجىمە ئەسىرىنى نەشرگە تاپشۇردى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو لۇشۈن ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ لۇشۈن ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى ئىدى. |