تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

تېما: 动车 تېز پويىز دەپ قېلىپلاشتى [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]

يوللىغۇچى: alma    ۋاقىت: 2014-11-25 10:54
تېما: 动车 تېز پويىز دەپ قېلىپلاشتى
动车 تېز پويىز دەپ قېلىپلاشتى

动车 سۆزى  خېلى ۋاقىتتىن بېرى ھەر خىل تەرجىمە قىلىنىپ كەلگەن ئىدى،
يېقىندا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرلىشىپ بىرلىككە كېلىشى بىلەن تېز پويىز دەپ بېكىتىلدى،
ئىلگىرىكى ئادەتتىكى تېز پويىزلار ئاستا پويىز دەپ ئۆزگەرتىلدى. ۋاقىپ بولغايسىزلەر، ئەمدى دوڭچې دېمەي تېز پويىز دېسەك.

يوللىغۇچى: كۆكتاش    ۋاقىت: 2014-11-26 17:42
ئۇيغۇر تىلىدا ئىككى سۆزنى پارچىلاپ قوشۇپ سۆز ياسايدىغان قائىدە ھازىرغىچە چىقمايۋاتىدۇ. بۇنداق ئادەت خەنزۇ ۋە ئېنگلىز تىللىرىدا مەۋجۇت. خەنزۇچىنى دىمەيلا تۇرايلى، ئېنگلىزچىدىكى kidult  سۆزى kid  بىلەن adult نىڭ پارچىلىنىپ بېرىكىشىدىن ياسالغان سۆز، يەنە ئېنگلىزچىدە خەنزۇ شىۋىسىدىكى بىلگىلى بولمايدىغان ئېنگلىزچە تەلەپپۇزنى  chinglish  دەپ قويىدۇ، بۇ ئېنگلىز بىلەن چاينانىڭ پارچىلىنىپ بېرىكىشىدىن ياسالغان سۆز. بىرەيلەن يۇمشاق دېتالنى مۇشۇ قائىدە بويىچە يۇمتال دەپ ئاتاشنى ئوتتۇرىغا قويىۋېدى، بەزەنلەر قارشى قوپسا، يەنە بەزەنلەر قوبۇل قىلىپ ئىشلەتتى، پەقەت بەزى قائىدىگە چۈشۈرسىلا، سۆزنى قىسقا ياسىغاننىڭ نېمىسى يامان!؟ بەزەنلەر ئۇيغۇرچىدا ئۇنداق قائىدە يوق دەپ تۇرىۋالىدۇ، ئەجىبا تىلىمىزغا بىرەر قائىدىنى كىرگۈزگىلى بولماسمۇ!؟
شۇڭا «تېز پويىز»نىمۇ مۇشۇ قائىدە بويىچە «تويىز» ياكى «تېزىز» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تېز پويىز ۋە ئاستا پويىز دەپ ئايرىم بويىزلار بار، بۇلار رېلىستا ماڭىدىغان ئەنئەنىۋى يولۇچىلار پويىزلىرىدۇر، شۇڭا «تېز پويىز»نى 动车 غا ئىشلەتكەندە، بۇ يەردە ئۇقۇم خاتالىقىدىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. يەنە توك بىلەن ماڭىدىغاننى «توكىز» دەپ ئېلىشقىمۇ بولىدۇ.
高铁 نى باشقا ئەنئەنىۋى رېلىسلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، تۆمۈريول سۆزىگە قارىتا، «تۆمۈر+ئىز»= «تۆمۈرىز» دېگەن سۆزنى ياساشقا بولىدۇ، بىرسى يول، يەنە بىرسى ئىز، ئىز يولغا قارىغاندا تۈز ۋە دەلىللىك بولىدۇ، دېمىسىمۇ بۇ تويىزلار بىز ئىزدا دېگۈدەك يىپتەك تېز ماڭىدۇ.
چۈشەندۈرسەك گەپ ئاينىپ كېتىدۇ، گەرچە كېچىكىپ سۆز قالدۇرغان بولساممۇ، تورداشلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

يوللىغۇچى: alma    ۋاقىت: 2014-11-26 20:02
كۆكتاش يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 17:42
ئۇيغۇر تىلىدا ئىككى سۆزنى پارچىلاپ قوشۇپ سۆز ياسايدىغ ...

ئەمەلىيەتتە مۇشۇ خىل قاراشنى مەنمۇ تىلچىلار سورۇنىدا ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن قوللايدىغان ئادەم چىقمىدى، مۇتەخەسسىسلىرىمىز يەنە شۇ ئەنئەنىۋىي رامكىدىن چىقالمايۋاتىدۇ.  ئەمەلىيەتتە تېز پويىز دەپ بېكىتىلىشىمۇ خېلىلا زور ئىلگىرىلەش بولدى، ئەسلىدە يەتتە سەككىز خىل ئاتىلىۋاتاتتى، ئاخىرى مۇشۇنداق ئاددىي بولدى، لېكىن تويىز دېيىشكە سەللىسى يوغانلىرىمىز ئۇنىمايدىغانلىقى ئېنىق.
يوللىغۇچى: كۆكتاش    ۋاقىت: 2014-11-27 12:08
دىگەنلىرىڭىز بەرھەق!
سەللىسى يوغانلار ۋە پىشقەدەم مۇتەخەسسىسلىرىمىز يېڭى شەيئىيلەر بىلەن كۆپ ئۇچراشمايدۇ، شۇڭا يېڭىچە قائىدىلەرنى رەت قىلىدۇ، ھەم ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇنىڭغا ئامال يوق!
بىرەيلەننىڭ بالىسى تۇغۇلسا، ئۇنىڭغا ئەمەت دەپ ئىسىم قويساق ئەمەت، سەمەت دەپ ئىسىم قويساق سەمەت بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ، ئازراق قائىدە چىقىرىپلا ئەمەت ياكى سەمەت دەپلا ئاتايدىغان ئاددىي ئىش ئىدى.
ئەپسۇس، تىلشۇناسلىرىمىز يېرىم ئەسىر ئاۋۋالقى قائىدىلەرنى چىڭ تۇرىۋېلىپ، نۇرغۇن قۇلايسىز ئاتالغۇلارنى مەيدانغا كەلتۈردى، يەنە بىر ئەپسۇس، بۇ قۇلايسىز ئاتالغۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىغا پەقەتلا چىقمىدى، پەقەت قەغەز يۈزىدىلا ئىشلىتىۋاتىمىز. مەسىلەن: ئاپتوموبىل، ساپما كەش، ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى دېگەندەكلەر. بۇلارنى يېزىقتا يازىمىز، لېكىن ھېچكىم ئۇنداق دىمەيمىز، بەلكى ماشىنا، توشې، چۈكەنجى دەپلا ئاتايمىز.
بۇرۇن ئەنئەنىۋى قائىدە بويىچە، 电脑 نى "ئېلېكترونلۇق مېڭە" دەپ ھەيۋەت تەرجىمە قىلغان ئىدى، لېكىن بۇ سۆز زامانغا ماسلاشماي، "كومپىيۇتېر"غا ئورۇن بەردى.
ئىشلار مانا مۇشۇنداق...
ئاشۇ پىشقەدەملەردىن سوراپ باقسىڭىز، 动车 نى تېز پويىز دەپ ئالسا، 快车نى نېمە دەپ ئالساق بولىدىكەن؟


يوللىغۇچى: ئەركمان    ۋاقىت: 2014-12-2 19:15
ناۋادا  特快 ياكى 快车 دېگەن سۆز كونتېكستتا ئۇچرىسا نېمە دەيمىز؟ ئاستا پويىز، ئالاھىدە ئاستا پويىز، دەيمىزمۇ؟ يەنە 慢车 دەپ كەلسە نېمە دەيمىز؟ پەقەت ياسىيالمىغاندا قوبۇل قىلساق بولمامدىكىنا؟ 动车 تېز پويىزدىنمۇ تېز بولغاندىكىن  " ئۇچقۇر پويىز" دېسەكچۇ؟
يوللىغۇچى: چەۋگەن    ۋاقىت: 2015-4-4 19:49
ئايرىم چۈشەنچە بەرسىڭىز
特快
普快
动车
高铁
直达
بۇلارنى نېمە دەيمىز؟
يوللىغۇچى: ئەركمان    ۋاقىت: 2016-2-23 16:30
يەنىلا ئوق پويىز، دەپ قېلىپلاشتۇرغان ياخشى!
يوللىغۇچى: ئەركمان    ۋاقىت: 2016-2-23 16:32
ئۇچقۇر پويىز دېگىلى بولمىغىدەك، چۈنكى ئۇچقان نەرسە يەتگە تەگمەسلىكى كېرەك، ئوق پويىز دېسەك ئوق بەزىدە بىر يەرلەرگە تېگىپمۇ بارىدىغان يېرىگە بارىدۇ ئەمەسمۇ؟




خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/) Powered by Discuz! X3.2