|
مەنبە:
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MzA5NDk2NDgwOA==&mid=208165702&idx=5&sn=99e1e38687139b8d81940cad9e0fca69&scene=2&from=timeline&isappinstalled=0#rd
ئۆز تارىخىنى ئۇنتۇش،ياكى ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك ئاسىيلىقدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم قايسى بىر كىتاپتىن.شۇڭا قېرىنداشلارغا تارىخىمىزدا ئۆتكەن مۇنۇ جاللاتنىڭ ماتېرىيالىنى يوللاپ قويدۇم.پايدىلانغايسىزلەر! ئاپامدىن ئاڭلىشىمچە مىنىڭ بوۋاممۇ مۇشۇ جاللاتنىڭ تۇرمىسىدە ئالتە يىل يىتىپتىكەن. شېڭ شىسەي 1933-يىلدىن 1944-يىلغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي كونتروللۇقىنى قولىغا ئېلىۋالغان لياۋنىڭلىق جاللاتتۇر. ئەينى چاغدا ئۇ ئۆزىنى جوڭگودىكى جاڭ جېشى ۋە ماۋ زېدوڭ بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان ئۈچ كاتتىۋاش، خەلقئارالىق فاشىزمغا قارشى كۈرەش سېپىدىكى ئالتە رەھبەرنىڭ بىرى، دەپ ئاتىۋالغان . شېڭ شىسەي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قان-ياشلىرىغا ئارىلىشىپ كەتكەن، زۇلۇم، قىيناش، دەھشەت ۋە ئۆلۈملەرنىڭ ماكانى بولغان دەھشەتلىك تۈرمىلەرنىڭ خوجايىنىدۇر. ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان نەشر ئەپكارلىرىدا ۋە تور ئىنكاسلىرىدا شېڭ شىسەي دېگەن بۇ نام قانخور، جاللات، ياۋۇز، ۋەھشىي دېگەندەك سۆزلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان 11 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا يېتىشىپ چىققان مەرىپەت ئىگىلىرىنى، ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلارنى، تەرەققىيپەرۋەر بايلارنى، مىللەتنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان دىنىي ئۆلىمالارنى قولغا ئېلىپ، ئۈرۈمچىدىكى تاغ ئاستىلىرىغا ياسالغان تۈرمىلەرنىڭ زەي، سوغۇق، قاراڭغۇ كامېرلىرىدا قىيناپ ئۆلتۈرگەن ئىدى. «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ 35-سانىدىكى بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، شېڭ شىسەي ھەر خىل ئۇسۇلدا ئۆلتۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 127 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك ئەھۋالدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1. جاي-جايلاردىن تۇتۇپ ئەكېلىپ، ئۈرۈمچىدە ئۆلتۈرگەن يۇرت كاتتىلىرى، دىنىي ئۆلىمالار، ئىلغار پىكىرلىك، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ سانى 57 مىڭ. 2. ما خۇسەن قوشۇنلىرىنى قوغلاپ يوقىتىش جەريانىدا ئاق ئۇرۇسلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئابدۇنىياز كامال قوزغىلىڭىغا قاتناشتى دەپ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 30 مىڭ. 3. ئالتايغا ئالتۇن كان قېزىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىن تۇتۇپ كېلىنگەن، ئاچلىق، ئاچارچىلىق ئازابىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 40 مىڭ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 127 مىڭ سان ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ تۈرمىلىرىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. ئەسلىدە خەنزۇچە يېزىلغان بۇ پاكىتلىق ماتېرىياللار گومىنداڭنىڭ شېڭ شىسەينى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن ئادەملىرى تەرىپىدىن تەييارلانغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن بولۇپ، بۇ ماتېرىياللار 1957-يىلى ئەينى چاغدىكى رۇس كۇلۇبى بىلەن ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئارىلىقىدىكى لاپاسلىق كارىدورنى تازىلاۋاتقان ئەخمەت زىيائى، ئابدۇكېرىم خوجا، تېيىپجان ئېلىيوف قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدىبلىرى تەرىپىدىن تېپىۋېلىنغان. كېيىن بۇ ماتېرىياللار شائىر ئابدۇكېرىم خوجا تەرىپىدىن ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پارتىيە سېكرېتارلىقىغا تاپشۇرۇلغان. «كۇچا تارىخ ماتېرىياللىرى» دا بايان قىلىنىشىچە، شېڭ شىسەي 1938-يىلى كۇچا ناھىيىسىدىكى يۇرت كاتتىلىرىنى، قول ئىلىكىدە بار باي سودىگەرلەرنى، ئىلغار پىكىرلىك جامائەت ئەربابلىرى ۋە تەرەققىيپەرۋەر دىنىي ئۆلىمالارنى تۇتقۇن قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولۇپ، بىر كېچىدىلا 100 دىن ئارتۇق ئادەمنى بىراقلا تۇتقۇن قىلغان،ھەتتا بەزىلىرىنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىغان. شۇ قېتىمقى تۇتقۇندا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ سانى 89 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە تاكى ھازىرغىچە ئېنىق بىر ئۇچۇر يوق. شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئوت يۈرەك ئوغلانلىرىمۇ بار بولۇپ، خوجا نىياز ھاجىم، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، قۇتلۇق ھاجى شەرقىي، ئابدۇللا داموللام، مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىم، ئابدۇراخمان ئەپەندى، رۇستەم پالۋان قاتارلىقلار بۇلارنىڭ تىپىك مىساللىرىدۇر |
|