مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 358|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

شاھىنشاھ دارىئۇس I نىڭ تەختكە ئېرىشىشىدىكى سىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 00:25  

شاھىنشاھ دارىئۇس I نىڭ تەختكە ئېرىشىشىدىكى سىر
   تەرجىمان: ت.ئا.ئەركمان
پېرسىيە ئىمپېرىيىسى تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك پادشاھ دارىئۇس I فارسلار تەرىپىدىن « شاھىنشاھ » دەپ ئۇلۇغلىنىدۇ، فارس تىلىدا « پادشاھلا پادشاھى » (شاھلار شاھى) دېگەن مەنادا تەرپلەنگەن بۇ پادشاھ فارسلار ياشايدىغان بارلىق زېمىننى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالغان ھەم نۇرغۇن مەملىكەتلەرنى بويسۇندۇرغان. ھالبۇكى، بۇ شاھىنشاھنىڭ تەختكە ئېرىشىشى بىر سىردۇر...
ساختا پادشاھنىڭ بايقىلىشى
   مىلادىدىن بۇرۇنقى 522-يىلى 3-ئايدا، زوروئاستېردىنىنىڭ كاھىنلىرىدىن گاۋماتا گامبىسىسنىڭ مىسىرغا جازا يۈرۈشى قىلىپ كەتكىنىدىنپايدىلىنىپ ئىراندا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى ھەمدە ئۆزىنى گامبىسىس تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن گامبىسىسنىڭ بىر قورساق قېرىندىشى باردىيانىڭ 3-ئوغلى، دەپ ئاتاپ  فارس خەلقىنى ئالداپ قوللاشقا ئېرىشىۋالدى ھەم ئۆزىنى يېڭى پادشاھ، دەپ جاكارلىدى. بۇ ساختا پادشاھ سورۇنلاردا ئۆز سالاھىيىتى بىلەن ناھايىتى ئاز كۆرۈنۈۋرەك يۈرگەن بولسىمۇ ئەمما بۇمەخپىيەتلىك يەنىلا ئاشكارىلىنىپ قالدى. گامبىسىسنىڭ بىر خانىشى تەسادىپەن بۇ يېڭى پادشاھنىڭ قۇلىقى يوقلىقىنى بايقاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خانىش بۇ زور مەخپىيەتلىكنى ئۆزىنىڭ ۋەزىر ئاتىسى ئوتانىسقا دەپ بەردى.
   شۇنىڭ بىلەن ۋەزىر ئوتانىس يېڭى پادشاھنىڭ قانداقتۇ باردىيانىڭ ئوغلى بولماستىن بەلكى كاھىن گاۋماتا ئىكەنلىكىنى پەملىدى. ئەسلىدە كۇرۇس تەختتىكى چېغىدا كاھىن گاۋماتاغا ئىككى قۇلىقىنى كېسىۋېتىش جازاسى بەرگەن ئىدى. ۋەزىر ئوتانىس بۇ زور مەخپىيەتلىكنى فارس ئاقسۆڭەكلىرىدىن ئالتەيلەنگە دەپ قويدى، دارىئۇس  دەل بۇلارنىڭ بىرى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاقسۆڭەكلەر سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ گاۋماتا ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىشنى پىلانلىدى.
   ئوتانىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ئاقسۆڭەك ئالدى بىلەن پايتەختكە ئىغۋاگەرلىرىنى ئەۋەتىپ ھەممىلا يەردە پادشاھنىڭ ساختىلىقى ھەققىدىكى گەپلەرنى تارقىتىۋەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي ساختا پادشاھ ھەققىدىكى خەۋەرلەر پۈتكۈل پايتەختنى بىر ئالدى. گاۋماتا ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلاپلا قالدى ۋە ئىلاجسىز قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى، ئاخىردا يەنىلا دارىئۇس  ۋە ئوتانىس تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى.
   دارىئۇسنىڭ تەختكە چىقىشى
ھرودودنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «تارىخ» ( «يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى تارىخى» ) دىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا، سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان يەتتە نەپەر ئاقسۆڭەك ھاكىمىيەتنى گاۋماتانىڭ چاڭگىلىدىن تارتىۋالغاندىن كېيىن پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە كېڭەشكەندە، ئوتانىس تۇنجى بولۇپ ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن : « مېنىڭچە، ھاكىممۇتلەقلىق ھۆكۈمرانلىققا خاتىمە بېرىدىغان چاغ كەلدى، چۈنكى مۇستەبىتلەرنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقى ئەسلىدىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش ئەمەس، ياخشى ئىشمۇ ئەمەس. مۇستەبىت ھۆكۈمران دائىم ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلىپ دۆلەتنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىنسانمۇ ھاكىممۇتلەقلىق يولىنى تۇتسا ئۆزىنىڭ ئەسلىيىتىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ...ئەكسىچە، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باب-باراۋەربولۇش دۇنيا ئەھلىنىڭ ھىمايىسىگە نائىل بولىدۇ. يەنە، پادشاھ بولغان كىشى ئۆزى سەلتەنەت سۈرگەن مەزگىلدە قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، ھەممە ئىشتا ئاۋامنى ھۆكۈم چىقىرىشقا قويۇش كېرەك. شۇڭا مەن قارايمەنكى، بىزھاكىممۇتلەقلىق ھۆكۈمرانلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خەلققە تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بېرىشىمىز كېرەك، چۈنكى ھەممە ئىش ئاۋامنىڭ ئارزۇسىغا باغلىق بولۇشى كېرەك !»ئەمما يەتتە ئاقسۆڭەكنىڭ بىرى بولغان مېگابزوس بىر جەمەتنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلادھۆ كۈمرانلىق قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىپ دېموكراتىك تۈزۈمنى ياقلىمىدى. دارىئۇس  بولسا ھاكىممۇتلەقلىقنى جېنىنىڭ بارىچەتەشەببۇس قىلىپ مۇنداق دېدى : «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئادەمنىڭ بىر دۆلەتكە ھۆۈمرانلىق قىلىشىدىن بەلەن ئىش بولمايدۇ، بۇ ھەم بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىدۇر، شۇنداق مۇنەۋۋەر ئادەملا خەلققە ئەڭ مۇكەممەل ھۆكۈمرانلىق قىلالايدۇ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشتا تۈزگەن پىلانلارنى كۆپ ئادەم بىلمىگەندىلا ئاشكارىلىنىپ قالمايدۇ.» ئاندىن ئۇ ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈم بولغاندا دۆلەتنىڭ قۇدرەت تاپىدىغانلىقىنى، دېموكراتىك تۈزۈمدە بولسا پادشاھ سايلاشتىن كېلىپ چىقىدىغان تەرەپبازلىق، تەپرىقىبازلىق سەۋەبىدىن ئىچكى بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئىچكى نىزا پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىرمۇنچە مىساللار بىلەن دەلىللىگەن بولدى-دە، ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈمنىڭ ئەلالىقىنى ياقلاپ تۇرۇۋالدى. دارىئۇس ئاخىردا يەتتە ئاق سۆڭەكنىڭ بېلەت تاشلاپ قارار قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋىدى، ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈمنى ياقلىغۇچىلار  3 كە قارىشى 4 ئاۋاز بىلەن غەلىبە قىلدى. كىمنىڭ پادشاھ بولۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغاندا، يەتتە ئاقسۆڭەك ئۈچ ماددىلىق ئەھدنامە تۈزۈشتى: بىرىنچى، ئوتانىس ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكى ئەۋلادلارھازىرقى پادشاھ ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد پادشاھلارنىڭ چەكلىمىسىگەئۇچرىمايلا قالماستىن بەلكى پادشاھ ھەر يىلى ئوتانىسنى ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكى ئەۋلادلارنى تارتۇقلاپ تۇرىدۇ؛ ئىككىنچى، پادشاھتىن باشقا ئالتە ئاقسۆڭەك ئوردىغا ئەركىن كىرىپ-چىقىدۇ، ئەلۋەتتە پادشاھ ئارام ئېلىۋاتقاندا بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئۈچىنچى، پادشاھ بولمىغان ئالتە ئاقسۆڭەك ۋەزىر بولىدۇ، ھازىرقى پادشاھتىن كېيىن تەختكە ئولتۇرغان پادشاھمۇ چوقۇم شۇ ئالتە ئاقسۆڭەك جەمەتىدىن ۋەزىر تاللايدۇ، پادشاھ خانىش ، مەلىكە تاللىغاندا چوقۇم ئالتە ئاقسۆڭەك جەمەتىدىن تاللايدۇ.
    دارىئۇس ئىلگىرىكى پادشاھ ھىيتاسپېسنىڭ ئوغلى بولغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئالتە ئاقسۆڭەك تەرىپىدىن تەختكە چىقىرىلدى. ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن ئۆزىگە بىر تاش ئابىدە تىكلەپ، ئابىدىگە « ھىيتاسپېس پادشاھنىڭ ئوغلى دارىئۇس پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنى ئىلكىگە ئالدى» دەپ يازدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە كاھىن گاۋماتانى ئۆلتۈرۈۋەتكەن باشقا ئالتە ۋەزىر بۇ تاش ئابىدىگە بىرنېمە دېيىشكە پېتىنالمىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھىنتاپلېن ئىسىملىك ۋەزىر دارىئۇسنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغىنى ئۈچۈن پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەردىن تارتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن دارىئۇس ھوقۇقنى ئۆزخاھىشى بويىچە ئىشلەتكەن. ھەربىي كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 518-يىلى ھىندى دەرياسى ۋادىسىنىڭ غەربىي شىمال قىسىمىنى بويسۇندۇرغان.517-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىدىكى كۆچمەن قەبىلىلەرگە ھۇجۇم قىلغان. 513-يىلى قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى سىكىتايلارغا ھۇجۇم قىلىپ  يېڭىلگەن. ئۇنىڭ زېمىنى شەرقتە ھىندى دەرياسىدىن غەربتە كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىغىچە، جەنۇبتا مىسىر (نىل دەرياسىنىڭ1-شارقىراتمىسى ) دىن شىمالدا ياۋروپادىكى سىراگېيىگىچە كېڭىيىپ غايەت زورئىمپېرىيەگە ئايلانغان. ھوقۇق مەركەزلەشكەن ئىسلاھاتنى يولغا قويغان. مەمۇرىي ئۆلكىلەرنى ئايرىپ باش ۋالىي تەسىس قىلىپ، دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتكەن. باسقاق ئارمىيە قۇرۇپ ھەربىي رايون تەسىس قىلغان، ئارمىيە بىلەن مەمۇرىيەتنى ئايرىغان. زوروئاستېر دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن. يۇنانغا جازا يۈرۈشى قوزغاپ، 490-يىلىدىكى مارافون ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولغان، يۇنانغا يۈرگۈزۈلگەن قايتا-قايتا ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇپ، ئىمپېرىيە تەدرىجىي ھالاكەتكە يۈزلەنگەن.
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:25 , Processed in 0.060580 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش