فىلىپ II نىڭ قەستكە ئۇچرىشىدىكىسىر تەرجىمان: ت.ئا.ئەركمان
ئىمپېراتور ئالېكساندىر( ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ) تىلغا ئېلىنسا ئۇنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق، كىشىلەرئۇنىڭ باتۇرلۇقلىرىنى دائىم تىلغا ئېلىشىپ تۇرۇشىدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ ئاتىسى فىلىپ Ⅱنى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس، فىلىپ Ⅱ نىڭ قەستكە ئۇچرىشىنىڭ تارىختا يېشىلمىگەن سىربولۇپ قالغانلىقىنى بىلىدىغانلار تېخىمۇ ئاز. سىرنى سۆزلەشتىن بۇرۇن فىلىپ Ⅱ ھەققىدەئاز-تولا مەلۇمات بېرىش ئارتۇقچە ئەمەس. فىلىپ Ⅱ مىلادىدىن بۇرۇنقى 382-يىلى تۇغۇلۇپ336-يىلى قەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. 359-يىلى ماكېدونىيە پادشاھلىقىنىڭتەختىگە ئولتۇرغان. ئامىنتاس Ⅱ نىڭ كەنجى ئوغلى. 368-يىلى تېبېس شەھرىدە ئۈچ يىلچەبارىمتاي بولۇپ تۇرغاندا يۇنان تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، يۇنان ئەدەبىياتى ۋەپەلىسەپىسى ئۆگەنگەن، تېبېس گېنېرالى ئېپامىنوندادىن ھەربىي تەلىم ئېلىپ چاسا سەپتاكتىكىسى ئۆگەنگەن. تەختكە چىققاندىن كېيىن ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن،مۇنتىزىم ئارمىيىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ دېھقانلار پىيادە كورپۇسى ( چاسا سەپ كورپۇسى) ۋە ئاقسۆڭەكلەر ئاتلىق كورپۇسىنى يادرو قىلغان قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇپ چىققان. پۇلتۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ئالتۇن-كۈمۈش بىرلىك قىلىنغان مۇكەممەل پۇل سىياسىتىشەكىللەندۈرگەن. يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن پۇرسىتىدىنپايدىلىنىپ كۈچەپ زېمىن كېڭەيتكەن. يۇناننىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى، جۈملىدىنئافىنادىكى ماكېدونپەرەستلەرنى سېتىۋېلىپ « ئېشەككە تىللا ئارتىپ بېرىپ مۇستەھكەمسېپىل سېتىۋېلىپ كەلدىم» دەپ ماختىنىپ يۈرگەن. ئېگېي دېڭىزىنىڭ شىمالىيقىرغىقىدىكى ئىستېھكاملارنى ئىلكىگە ئېلىپ مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن جەنۇبقاتاجاۋۇز قىلىپ يۇنانغا باستۇرۇپ كىرگەن. فشىس بىلەن تېبېس ئارىسىدا « مۇقەددەسئۇرۇش » بولۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ » ( 355-يىلىدىن 346-يىلىغىچە بولغانمەزگىل ) شىمالىي يۇنان ۋە ئوتتۇرا يۇناندىكى شەھەرلەرنى ئىشغالىيىتىگە ئالغان.338-يىلى خائېرونىيا جېڭىدە ماكېدونىيەگە قارىشى يۇنان بىرلەشمە ئارمىيىسىنىتەلتۆكۈس تارمار قىلىپ ، كورنىستا پاتكۈل يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى پادشاھلىرى يىغىنىچاقىرىپ، پۈتكۈل يۇناننى مۇنقەرز قىلغانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەتكە ئەمدى ماكېدونلارنىڭھۆكۈمران بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇ زاماندا تازا كۈچەيگەن پېرسىيەئىمپېرىيىسىگە جازا يۈرۈشى قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا قىزىنىڭ توي قىلغۇسى كېلىپكەتكەن ھەم شۇ توي مۇراسىمىدا بىر ياش ماكېدون ئاقسۆڭەك تەرىپىدىن قەستلەپئۆلتۈرۈلگەن، شۇ چاغدا ئۇ 46 ياشتا بولۇپ، مۇشۇ ماقالىنىڭ تەرجىمانى بىلەن تەڭياشتا ئىدى. قەستلەشۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى قەستلەشۋەقەسىنىڭ ئەھۋالى مۇنداق بولغان : مەلىكىنىڭ ئەينى زاماندىكى دۇنيادا بارلىكىبارلىق ھەشەمەتلەر بىلەن تويۇنغان كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى، بۇ فىلىپⅡ نىڭ قىزى كروباترا بىلەن فىلىپ Ⅱ نىڭ ئىبرۇس پادشاھى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىنىسىنىڭتوي مۇراسىمى ئىدى. دۇنيا تارىخىدىكى بۇ ھەشەمەتلىك توي قىزىپ ئەۋجىگەكۆتۈرۈلگەندە، فىلىپ Ⅱ ئەنئەنىۋى بايراملىق لىباسى بىلەن ھەيۋە-دەبدەبە كۆرسىتىپ،ئىنتايىن خۇشال ھالدا ئەزىز مېھمانلىرىنىڭ ئورىۋېلىشى بىلەن مۇراسىم سارىيىغاكىرىپ كەلدى. فىلىپ Ⅱ ساراينىڭ بەھەيۋەت دەرۋازىسىغا كەلگەندە، ھەربىي سۈپەت بىرياش فىلىپ Ⅱ گە قاراپ ئېتىلدى ھەمدە شەمشىرىنى ئۇنىڭ كۆكرىكىگە سانجىۋەتتى. فىلىپⅡ بۇ ئۇشتۇمتۇتلۇقتا قوغدىنىشقا ئۈلگۈرەلمەي يىقىلدى. قاتىل ناھايىتى چاققانلىقبىلەن ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئېتىغا مىنىپ قاچماقچى بولۇۋاتقاندا، ئاتنىڭ ئالدىپۇتى ساراي ئالدىدىكى باغچىدا ئۆسكەن ياۋا ئۈزۈم پېلىكىگە يۆگىشىپ قېلىپ قاتىل ئاتبىلەن تەڭلا تىك موللاق چۈشكەندە، بىرەيلەن تېزلىكتە بېرىپ قاتىلنى چېپىۋەتتى.كېيىن بۇ قاتىلنىڭ بىر ياش ماكېدون ئاقسۆڭەك ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.ئېيتىلىشىچە، بۇئاقسۆڭەك يىگىت باشقا بىر ئاقسۆڭەك ئاتالاسنىڭ ھاقارىتىگە ئۇچرىغانلىقتىن فىلىپ Ⅱنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆچىنى ئالماقچى بولغان ئىكەن. فىلىپⅡ ئۆلۈمىنىڭ سىرى ھەققىدىكى ئوخشاشمىغان قاراشلار ئامېرىكا ئالىملىرى فىلىپ IIنىڭ ئىلگىرىكى خانىشى ئولىمپىياسنى مۇھىم گۇماندار، دەپ قارايدۇ. فىلىپ II ئاتالاسنىڭ جىيەن قىزىغا ئاشىقى بىقارار بولۇپقالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە فىلىپ II ئولىمپىياس بىلەنئاجرىشىپ كەتكەن بولغاچقا، فىلىپ II ئاتالاسنىڭ جىيەن قىزىنىخانىشلىققا ئالسا فىلىپ II نىڭ ئولىمپىياستىن بولغانئوغلى ئالېكساندىر ( تەخت ۋارىسى، كېيىنكى كۈنلەردە دۇنيانى تىترەتكەن باسقۇنچىئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ) نىڭ ۋەلىئەھدىلىك ھوقۇقىغا تەسىر يېتەتتى، مۇشۇ ئىشسەۋەبلىك كەسكىن بىر مەيدان ئائىلە ماجراسى كېلىپ چىققان ئىدى، دەل مۇشۇ نۇقتىدىنئەقلىي خۇلاسە يۈرگۈزگەندە ئولىمپىياس ئەڭ چوڭ گۇماندار ئىدى. ئەمما ئولىمپىياسھەقىقىي قاتىلمۇ-ئەمەسمۇ؟ دېگەن مەسىلىگە ھۆكۈم قىلىش تەس ئىدى. قەدىمقى تارىخشۇناس پرۇتاك ئۆزىنىڭ «يۇنان-رىم تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالى » دېگەن كىتابىدا، « فىلىپ II نىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىئۇنىڭ ئوغلى ئالېكساندىر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك» دەپ يازىدۇ. پرۇتاك يەنە «فىلىپ II بىلەن ئاتالاسنىڭ جىيەن قىزىنىڭ توي مۇراسىمىدا،ئاتالاس فىلىپ II گە ھۆرمەت شارابى تۇتقانچاغدا، ‹سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەقىقىي ماكېدون نەسىللىك ۋەلىئەھد ئاپرىدەقىلىشىڭلارنى تەبرىكلەيمەن› دېۋىدى، بىر چەتتە قاراپ تۇرغان ئالېكساندىر دەرغەزەببولۇپ ‹ئەجەبا مەن قانۇنلۇق ۋەلىئەھد ئەمەسمۇ؟› دېگىنىچە قولىدىكى شارابتولدۇرۇلغان قەدەھنى ئاتالاسنىڭ يۈزىگە ئاتتى. بۇنى كۆرگەن فىلىپ II قىلىچىنى قىنىدىن سۇغىرىپئالېكساندىرغا ئېتىلغاندا، ئېھتياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشتى. بۇنى كۆرگەنئالېكساندىر ئاتىسى فىلىپ II نى مەسخىرە قىلىپ‹ياۋروپادىن ھالقىپ ئاسىياغا جازا يۈرۈشى قىلىشقا تەييارلانغان بۇ قوماندان ماناشۇ تاپتا بىر شىرەدىن يەنە بىر شىرەگە بارغىچە ھاۋا تاپان بولۇپ قالدى› دېگىنىچەتوي مۇراسىمى بولۇۋاتقان سارايدىن ئانىسى ئولىمپىياسنى قولتۇقلىغىنىچە چىقىپكەتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئالېكساندىر شۇ چىقىپكەتكىنىچە لىئائىلغا كەتكەنمىش، ئولىمپىياس بولسا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن بولۇشىمۇمكىن... ئەمما قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئالېكساندىر يەنىلا تەختكە ۋارسلىققىلدى» دەپ يازىدۇ. ئەمما ئامېرىكىلىق ئالىم، ماكېدونشۇناس تارىخچى خ.ج. ۋېرسئاتالاسنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىنى ئالېكساندىر ئويدۇرۇپ چىقارغان، بۇنىڭدىن مەقسىتىئۆزىنى ئاقلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارايدۇ. فىلىپ IIنىڭ قەستكە ئۇچراش ھەققىدىكى ھۆكۈم ۋە قىياسلار يېتەرلىك ئىسپات بولمىغاچقامۇتلەقلەشتۈرۈپ بىر نەرسە دېيىش قىيىن. يېقىندا، ئارخېئولوگلار گرېتسىيەنىڭشىمالىدىن فىلىپ II نىڭ قەبرىسىنى تاپتى، ئىشىنىمىزكى، ئارخېئولوگىيىلىكبايقاشنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ۋە ئىلىم ساھەسىدىكى تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ فىلىپ II قەستكە ئۇچرىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ھەققىدە يەكۈنچىقىرىلىدۇ.
|