مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 138|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۆسۈپ يېتىلىش (فاتىمە سەيياھ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2017-3-7 07:15:36 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
ئۆسۈپ يېتىلىش
(فاتىمە سەيياھ)

ھەر قانداق ئىشتا تەبىئەتنىڭ تەدرىجىيلىك قانۇنىغا خىلاپ ھالدا چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلىمەكچى بولغان ئىنسان، مىللەت ۋە دۆلەتتە ھېچبىر چوڭ ئىش بارلىققا كەلگەن ئەمەس، پەقەت ئاپەتتىن باشقا!

تەدرىجىيلىك تەبىئىي قانۇنىيەت، كىچىكتىن سەل چوڭىيىش، چوڭلۇقتىن زورىيىش، زورىيىشتىن قۇدرەت تېپىش قاتارلىق پەلەمپەيلەرنى مەزمۇت، بىردىن-بىردىن دەسسەپ ئۆتمەي بىراقلا بىر مېتىر ئېگىزلىكتىن بەش مېتىرغا سەكرەپ ئۆرلىمەكچى بولغانلار ئارقىغا بەكرەك قاڭقىپ ئەسلىدىكى ئېگىزلىكىدىنمۇ پەسلەپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ.

ھەر قانداق ئەقىل ئىگىسى شۇنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك: ئۆسۈپ-يېتىلىش بىر جەريان، مەيلى شەخس ياكى مىللەت ياكى دۆلەت بولسۇن ھەممىسىلا توختاۋسىز ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. بۇ جەرياندا توغرا ئىشلارنى قىلىشىمىز، خاتالىقلارمۇ بولۇپ قېلىشى نورمال ئەھۋال. گەرچە تارىخنى ۋاراقلىغانلار بارلىق تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئۈگىنىپ چىققان بولسىمۇ، بۇ تەجرىبىلەر ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا جاپاغا چىداپ تۇرۇپ ئەمەلىي قوللىنىلماي قالغاندا يىلتىزىمۇ يوق، ياپرىقىمۇ يوق قۇرۇق قاقشال دەرەخكە ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئاخىرى ئىنكاستا، بەھىرلەنمەكچى بولغانلار تولۇق ئالغايسىلەر، رەھمەت.



ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئاجىز ۋە قاراڭغۇ تەرەپلىرىگە كۆز سالالمايدىغان، خاتالىقلاردىن تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلىمەيدىغان، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىدىن ئۈگىنىپ، ئۆزىدىكى ئاجىزلىقلارنى ياخشىلاپ مېڭىشقا ھاكاۋۇرلۇق قىلىدىغان كىشىلەردىن ھەقىقىي پىشقان ئىنسانى  روھنى تېپىش بەسى مۈشكۈل!
ئەڭ كۆزگە چېلىقمايدىغان بىر تال نازۇك چۆپمۇ يەر ئاستىدا بېكىنىپ، ئۇرۇقىنىڭ كۈچى بىلەن نۇرغا ئىنتىلگەن ھالدا ئۆزىدىن كۈچلۈك ۋە ئېغىر بولغان تۇپراقنى يېرىپ چىقىپ، قار-يامغۇرلارغا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، ئەتراپىدىكى كۈچلۈك دەرەخلەردىن ئوزۇقلۇق تالىشىپ، شۇنچىلىك جەسۇر ئۆسۈپ-يېتىلىش باسقۇچىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ بىلىدۇ: نۇرغا تەشنا بولغانلىقتىن قاراڭغۇ يەر ئاستىغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك، ئۆزىنى ئېگىزگە چىقىرىش ئۈچۈن ھەر كۈنى قەيسەرلىك بىلەن ئۆسۈشى كېرەك، شۇندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتلىق مۇساپىسىنى غەلىبىلىك باسقان بولۇپ، خۇشال ھالدا سارغىيىپ ئۆزىنىڭ ئانىسى بولغان تۇپراق باغرىغا قايتىپ كېتىدۇ. بىر ھاياتلىق جەريانى مانا مۇشۇنداق تاماملىنىدۇ، ئۇنىڭ ھاياتى گەرچە ھېچكىشى بىلمىسىمۇ، كۆرمىسىمۇ بېكارغا ئۆتكەن ھاياتلىق بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز ۋەزىپىسىنى خۇشاللىق بىلەن ئورۇنلىدى



بىزمۇ شۇنداق بولۇشمىز كېرەك، بىر كېچىدىلا ئىلىملىك، پۇللۇق، چىرايلىق، ئەخلاقلىق، نامۇ-شۆھرەتلىك بولۇپ قالمايمىز. بەلكى تەدرىجىي تىرىشىپ، ھەر كۈنىمىزدە ئاز-ئازدىن بولسىمۇ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىزنى ئورۇنلاپ ماڭغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاستا-ئاستا ئەقلىمىزنى تولۇقلاپ، قەلبىمىزنى پاكلاپ ماڭىمىز.

ئەكسىچە، بۇ تەدرىجىي تەرەققىياتنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ھەقىقەت ۋە  ياخشىلىقلار بېرىلىپ بولغاندا "ھەممىنى قولغا كەلتۈرگىنى ئۆزۈمدۇرمەن، بىر ئاخشامدىلا غەلىبە قازانغانمەن" دەپ خاتالىشىپ قالغىنىمىزدا، مەيلى بايلىق، ئەمەل، چىراي، شان-شۆھرەتلىرىمىز بىر سىكۇنتنىڭ ئىچىدە غايىپ بولۇشى تامامەن مۇمكىن.



تەۋەككۇل قىلىپ ياشاش مانا مۇشۇنداق بولىدۇ: ھەر مىنۇت تەدرىجىي تىرىشىمىز، ھەر مىنۇت يامانلىقلار بىلەن ئېلىشىمىز، ئەمما ھەر كىشىنىڭ تەرەققىيات يوللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئىشىنىمىز، 20 ياشلىقلاردىن 70 ياشلىقلارغا تاشلىنىدىغان سوئاللارنى سوراپ توغرا جاۋابقا ئېرىشىمىز دەپ قارىمايمىز. ھەرھالدا ئۆزىمىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمىزغا توغرا مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگەنسەك، باشقىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانلىرىغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىپ ياشىشىمىزدىن ئۈمىد بار.

2017.03.06
مىلۋاكى، ئامېرىكا
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:14 , Processed in 0.056473 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش