تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

تېما: ئاپا مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن ... [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]

يوللىغۇچى: alma    ۋاقىت: 4 كۈن بۇرۇن
تېما: ئاپا مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن ...
ئاپا مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن ...
ئاپا مەن سۈت ئىستاكىنىنى قەستەن چېقىۋەتمىدىم ، چۈنكى ئىستاكان بەك چوڭكەن لېكىن مېنىڭ قولۇم بەك كىچىك ... ئاپا سەل ئاستىراق ماڭسىڭىز بولامدۇ ، مەن سىزگە يېتىشەلمەيۋاتىمەن ، چۈنكى مېنىڭ پۇتلىرىم بەك قىسقا ... ئاپا قولۇمغا ئۇرغانتىڭىز بەك ئاغرىپ كەتتى ، مەن مېھمانخانا ئۆيگە تىزىلغان پارقىراق گۈزەل خىرىستاللارنى پەقەت بىرلا سىلاپ باقاي دېگەنتىم ... ئاپا گەپ قىلغاندا تېلىفونغا ئەمەس يۈزۈمگە قاراڭ بولامدۇ ، مەن كۆزلىرىڭىزنى بەك سېغىندىم ... ئاپا مېنى قىلالىغان ئىشلىرىم ئۈچۈن ئەمەس مەن مەن بولغانلىقىم ئۈچۈن سۆيۈڭ بولامدۇ ... چۈنكى سىز بەزىدە ماڭا ئاچچىقلانسىڭىزمۇ ، مېنى داۋاملىق مومامغا ئاپىرىپ بېرىپ ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ، مەن يەنىلا سىزنىڭ ھەممە تەرىپىڭىزنى سۆيىمەن ... مېنىڭ دۇنيادىكى بىردىنبىر ئاپام بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن سۆيىمەن ...
( ئېنتېرنېت دۇنياسىدا كۆردۈم ۋە ماڭا بەك تەسىر قىلدى ، ئۆزلەشتۈرۈپ ئانىلارنىڭمۇ ھۇزۇرىغا سۇندۇم )
          -By Gulzira-




خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/) Powered by Discuz! X3.2