مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 384|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

گەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
گەپ(ھېكايە)
سەئىد ئەھمەد [ئۆزبېكىستان]
تەرجىمان: ئەركمان

ھەممە گەپ گەپتە.
سالىيە ھامما قارىنى ئاق، دەپ ئىشەندۈرەلەيدۇ، ئاقنى قارا قىلىپ كۆرسىتىش ئۇنىڭ ۈچۈن بىر يۇتۇم سۇنى غۇرتتىدە يۇتقانچىلىكلا بىر گەپ.
كېلىنىنى يامانلىغاندا:
___ ھە، ئىشلەپ نېمە تاپاتتى، يېرىم ئايلىق مائاشىغا بىرەر چىچقاق پاقلان كەلمەيدۇ.
ئوغلىنى ماختىغاندا:
___ يېرىم ئايلىق مائاشىغا سەككىز بورداق خوراز كېلىدۇ!
كۈيئوغلىنى ماختىغاندا:
___ كۈيوغلۇمنىڭ ئىچكىنىدىن بوشىغان شىشىلەر ئىككى ئائىلىنىڭ بىمالال روزغارلىق تەۋرىتىشىگە يېتىدۇ.
ئاكىسىنى ماختىغاندا:
___ ئۇ ھېچنەرسە تاپمىسىمۇ بەرىبىر، ئەركەكلىك ئۇنىڭ ئۆزگىچە پەيزى-دە!
قۇدىسىنى يامانلىغاندا:
___ كاراۋاتتا يېتىشتا ئۇچىغا چىققان بۇ ئادەمنىزە،  ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان كىم باردۇ؟
قىزىنى ماختىغاندا:
___ شۇ كەنجى قىزىم ئاپىسىغا ئوخشاپ ئۆتە زىلۋا-نازاكەتلىك چىقتى. ماڭىدىغان بولسا كوچا-كويلار ئادەملەرگە تولۇپ كېتىدۇ. پىكابى يوقلار خانىمىزغا ئەلچى ئەۋەتىمەن، دەپ ئاۋارە بولمايلا قويسۇن!
ئۆزى ئۈستىدە گەپ قىلغاندا:
___ ياشلىقىمدا شۇنداق كېلىشىملىك ئىدىم، ئانچە چىرايلىق ئەمەس ئىدىم-يۇ، لېكىن شۇنچىلىك جەزبىلىك ئىدىم.
خۇلاسە، كىم ئۆزىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەكچى بولسا سالىيە ھاممىنى ئەينەك قىلسۇن. ئۇنىڭ مەنزىلى : كۆكچە كوچىسى، قېتىق بازىرى.


خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:09 , Processed in 0.057414 second(s), 26 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش