مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 694|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

32 ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2015-11-28 12:59:06 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش |چوڭ رەسىمنىلا ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-29 13:45  


32 ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى

پۇرسەت ئۈندىدار سالونىدىن ئېلىندى


2014-يىلى رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، رۇس كىرىل ئېلىپبەسىدىكى ھەربىر ھەرپكە ۋەكىللىك قىلىدىغان نەرسىلەر كۆرسىتىلگەن نۇمۇر بىرىنچى بولۇپ قويۇلدى.
ھەربىر ھەرپ رۇس مەدەنىيىتى ۋە تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەر، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇھىم ئىجادىيەت-كەشپىياتلار ۋە سىموۋللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە يەر-جايلار قاتارلىقلارنى نامايىش قىلىپ ئۆتكەن ئىدى.
مۇشۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈۋاتقان چېغىمدا خىيالىمغا ئىختىيارسىز ھالدا ئانا تىلىم ئۇيغۇرتىلىنىڭ 32 ھەرپى كەلدى. دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆز ھەسسىسىنى قوشقان ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئەگەر شۇ تۆھپىلىرىنى 32 ھەرپكە يىغىنچاقلىسا،
قانداق بىربەدىئىي نۇمۇر مەيدانغا كەلگەن بولاتتى،-ھە ؟!
مەن 32 ھەرپكە تۆۋەندىكىلەرنى يىغىنچاقلىدىم:
ئا: ئابىدە - ئورقۇن مەڭگۈتاش ئابىدىلىرى
ئە: ئەتلەس – گۈزەللىك قارىشىمىزنىڭ يىپەك رەختتە ئەكس ئېتىشى
ب: بۆشۈك – ئەللەي ناخشىسى، مېھر-مۇھەببەتنىڭ سىموۋلى
پ: پالۋان - سادىر پالۋان، تۆمۈر خەلىپە، غېنى باتۇر ۋە سان ساناقسىز ئەزىمەتلەر
ت: تەڭرىتاغ ، تارىم، تەكلىماكان – ئانا يۇرتىمىزنىڭ سموۋللىرى
ج: خورجۇن – كارۋانلارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان سەپەر جابدۇقى
چ: چالغۇ – تۈرى كۆپ مۇزىكىلق چالغۇلار
خ: خەرىتە - « دىۋان لۇغەتىت تۈرك» تىكى تۈركىي دۇنيانىڭ تۇنجى خەرىتىسى
د: دوپپا- ھەر يۇرت، ياش قۇرام، جىنس ۋە كەسپكە ئىشارە قىلىدىغان باش كىيىمى
ر: كارۋان – يىپەك يولىدىكى سانسىز كارۋانلار
ز: زوردۇن سابىر(ئانا يۇرت)، زۇنۇن قادىرى (ئۇيغۇر پروزا ئەدىبىياتىغا ئاساس سالغۇچى)
ژ: بۇ ھەرپنىڭ ئۆزىلا رۇس مەدەنىيىتى تەسىرىنىڭ سىموۋلى
س: سۇتۇق- سۇلتان ئابدۇلكەرىم سۇتۇق بۇغراخان، تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك خاقانى
ش: شەھەر- تۇنجى بولۇپ شەھەر قۇرۇپ ئولتۇراقلاشقان تۈرك قەبىلىسى
غ: قەغەز- خوتەن قەغىزى ۋە مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسى
ف: فامىلە- ھازىرغىچە فامىلە قوللىنىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان ھەم ئۇرۇنىۋاتقان خەلق
ق: قۇتادقۇبىلىگ- تۈركىي خەلقلەرنىڭ دۆلەتچىلىك قوللانمىسى
ك: كارىز- يەرئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىپ چۆلنى بوستان قىلغان خەلقىمىزنىڭ ئىجادى
گ: گىلەم –كۆركەم خوتەن گىلىمى
ڭ: رەڭ –كۆك رەڭنىڭ ئۇيغۇرلار مەدىنىيىتىدىكى ئورنى
ل: لۇغەت-« دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»
م: مۇقام – ئۇيغۇر 12 مۇقامى
ن : نان- ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ئاساسلىق ئوزۇقى، ھەمرايى
ھ: ھېيتگاھ- ئەزىزانە كاشىغەرنىڭ سموۋلى ۋە ئۇيغۇر مىمارچىلىقىنىڭ يارقىن ئۆرنىكى
ئو: ئوغۇزخان، ئورقۇن (ئورخۇن) ۋادىسى، ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى
ئۇ: ئۇيغۇر – مىللىتىمىزنى نام-شەرىپى، «ئۇيۇشماق، بىرلەشمەك» دېگەن مەنىلەردە
ئۆ: مىڭئۆي- ئۇيغۇر تەسۋىرىي سەنئىتىنىڭ ھازىرغىچە ساقلانغان نامايەندىسى
ئۈ: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر- «ئىز»، «ئويغانغان زىمىن» تارىخىي رومانلىرى
ئې: ئېتىقاد - تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان تۈركىي مىللەت
ئى: ئىگەر – يايلاق مەدەنىيىتىمىزنىڭ يالدامىسى
ۋ: نەۋائىي- ئەلىشىر نەۋائىي، شېئىرلىرى مۇقاملارغا قېتىلغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر شائىرى
ي: يېزىق-نەچچە ئەسىر ئوتتۇرا ئاسىياغا ئورتاق يېزىق بولغان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى

پۇرسەت ئۈندىدار سالونىدىن ئېلىندى
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MzA4NTE3MzUxOA==&mid=401133759&idx=1&sn=fcefd5de22643cb1db3da8ae21024607&scene=2&srcid=1128WD6RqOSJcKd4ZLle5YF3&from=timeline&isappinstalled=0#wechat_redirect


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:17 , Processed in 0.060750 second(s), 28 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش