مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1915|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

饺子:جۇۋاۋا، پۆرە، تۈگۈر، بەنشىر— قايسىسىنى تاللايسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

61

يازما

268

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
268
بەنشە دەپ يازسا توغرا بولامدىكىن دەيمەن.
بەنشە قومۇلدا يەنە كېلىپ قىزلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن ئۇنى بىۋاستە بەنشە دېمەي، بەشەك دەپ قويىدۇ، كېلىش مەنبەسى بىر بولمىسىمۇ، ئوخشاتماي ئېيتىدۇ.
جۇۋاۋا بىلەن بەنشە ئوخشاش، پەقەت ئوخشىمىغان يۇرتلاردا قوللىنىلىدۇ خالاس، تۈگرە دېگىنىنى يېڭى ئىجاد قىلىنغاندەك كۆردۈم، ئىشقىلىپ تۈگۈپ قىلىدىغان تائاملارنى كۆرسەتسە كېرەك.
بەنشە سۆزىنى شىمالدا كۆپرەك قوللىنىدۇ، ئىچىگە گۆشتىن باشقا ھەرخىل كۆكياشلار سېلىنىدۇ،  گۆشنىڭ نىسبىتى سەل ئازراق. جۇۋاۋانى جەنۇبتا كۆپرەك قوللىنىدۇ، ئىچىگە ئاساسەن گۆش بىلەن پىياز تىقىدۇ. جەنۇبتىكى بەزى يۇرتلاردا يەنە بوجوزى دەپمۇ قويىدۇ، بۇ خەنزۇچە 包饺子 دېگەندىن كەلگەن سۆز، شۇڭا بۇنى ئويلاشمىساقمۇ بولىدۇ. مۇشۇ ئالاھىدىلىككە ئاساسەن، قىيمىسىغا كۆكتات ئاساسلىق تىقىلغانلىرىنى بەنشە، گۆش ئاساسلىق تىقىلغانلىرىنى جۇۋاۋا، سۇغا سېلىپ شورپىلىق پىشۇرغانلارنى چۈچۈرە دەپ ئاتىساق بولىدۇ. تۈگرە دېگىنى مۇشۇن خىلدىكى تۈگۈپ ئېتىلگەن تائاملارنىڭ ئورتاق نامى قىلىپ قوللانساق بولىدۇ.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

19

تېما

61

يازما

268

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
268
دىۋان
ۋاقتى: 2015-4-1 11:42:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alma يوللىغان ۋاقتى  2015-3-31 09:10
قۇمۇلنىڭ گەپلىرى ئاجايىپ ھە
بەنشە، بەنشىر دېگەننى  ...

ئەسلىسى بەنشە، قومۇل يەرلىك تىلىدە بەزى ئىسىملارنىڭ كەينىگە ئېر قوشىۋالىدۇ. مەسىلەن: بەزى قومۇللۇقلار 电脑 نى دەننور دەۋالىدۇ. يەنە بىزە (ئازراق مەنىسىدە) دېگەننى بىزىر دەپ ئېيتىدۇ دېگەندەك.
خەنزۇچىنىڭ ئوخشاش تەلەپپۇز لېكىن ئوخشىمىغان مەنىدىكى سۆزلىرى كۆپ. دىخان دېگەننى خەنزۇچە 地汗 دەپ يېزىپ، بۇنى خەنزۇچىدىن كەلدى دېگىلى بولماس.
ئەگەر خەنزۇلار، بولۇپمۇ گەنسۇ چىڭخەيدىكى خەنزۇلار 拌芯 نى ھازىرمۇ ئىشلىتىۋاتقان بولسا، ھېچ بولمىغاندا كونا كىتاپلىرىدا شۇ سۆز بولسا، ئاندىن خەنزۇدىن كەلدى دەپ ئېيتساق بولىدۇ.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:50 , Processed in 0.060779 second(s), 24 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش