تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

تېما: «خەلقنىڭ شەرىپى»دىكى نادىر دىيالوگلار (1) [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]

يوللىغۇچى: alma    ۋاقىت: 2017-4-22 21:13
تېما: «خەلقنىڭ شەرىپى»دىكى نادىر دىيالوگلار (1)
«خەلقنىڭ شەرىپى»دىكى نادىر دىيالوگلار (1)

نۆۋەتتە خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلۇۋاتقان «خەلقنىڭ شەرىپى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى قىسمەن نادىر دىيالوگلار
— توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
*
ئىلگىرى پۇقرالار ھۆكۈمەتنىڭ يامان ئىش قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى، ھازىر پۇقرالار ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى ئىش قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ كەتتى.
*
ھازىر پۇقرالار كادىرلارغا خىيانەت قىلمايدىغان ئەمەلدار يوق، دەيدىغان قاراشتا بولۇۋاتىدۇ.
*
ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، بىر قىسىم كادىرلىرىمىزنىڭ ساپاسى ئاللىقاچان ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ساپاسىدىنمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى.
*
ھازىرقى ئەڭ ئېغىر مەسىلە خەلقنى تەربىيەلەش ئەمەس، بەلكى كادىرلارنى تەربىيەلەشتۇر.
*
سىز باشقىلارنى ئۇنىڭ ئادىمىيلىكىگە قەدەھ تۇتۇۋاتىدۇ، دەپ قالماڭ. ئۇلار ئۇنىڭ ھوقۇقىغا قەدەھ تۇتۇۋاتىدۇ.
*
پېنسىيەگە چىققان رەھبەر: پارتىيە، خەلق ئۈچۈن ئىشلەش — ئەمەلدارلىقنىڭ مەقسىتى.
ئايالى: بولدىلا، بۇ گېپىڭىزنى باشقىلار مازاق قىلىدۇ، كىم ئىشىنىدۇ؟
*
ھازىر نېمە بولدىكىنتاڭ، پاك-دىيانەتلىك بولغانلار غەلىتە كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى.
*
پارىخور ئەمەلدار: ئەجدادلىرىم دېھقان ئىدى، مەنمۇ دېھقان بالىسى، نامراتلىقتىن بەك قورقىمەن.
*
تەپتىش: سەن جان-جەھلىڭ بىلەن ھارام پۇل توپلاۋاتقىنىڭدا، نېمىشقا ئۆزۈڭنىڭ دېھقان بالىسى ئىكەنلىكىنى ئويلىمىدىڭ؟ سەندەك ئەسكى بالىسىنىڭ بولغانلىقى جۇڭگو دېھقانلىرىنى نەس باسقىنى ئەمەسمۇ؟




خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/) Powered by Discuz! X3.2