مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 382|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پىدائىي تەرجىمان- ئىسكەندەر جېلىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
پىدائىي تەرجىمان- ئىسكەندەر جېلىل
ئەسلى مەنبە: يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى سالونى
يېزا مەكتەپ پىدائىلىرى تورى خەۋىرى:شۇنداق بىر پىدائى باركى، ئۇ يېزا مەكتەپ پىدائىلىرىمىز تەركىۋىدە ئۇدا تۆت يىل خالىس تەرجىمانلىق خىزمىتىنى قىلىپ، كوللىكتىپىمىزنىڭ تور بېتى ئۈچۈن 150 نەچچە پارچە ماقالىنىڭ ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن، بۇنى خەنزۇچە خەت بويىچە ھېسابلىغاندا 350مىڭ خەتتىن ئاشىدۇ. قاچان تەرجىمانلىققا ئېھتىياج چۈشسە، ئۇ قىلچە زارلانماستىن شۇ ۋاقتنىڭ ئۆزىدە پەيدا بولىدۇ؛ داۋالىنىش خىراجىتىگە جىددى ئېھتىياجى چۈشكەن بىمارلارغا، پالەچ بالىلارغا دائىم پۇل ئىئانە قىلىپ، قېرى-چۆرىلەرنى يوقلاپ تۇرۇش بىلەنلا قالماي، بۆرتالالىق ياش ئەيساجان ئۇيۇشتۇرغان «بىر سوم پىلانى»نى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن؛ ئۇ- بىمارلارنى كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى تېببىي خادىم، شۇنداقلا ئۇيغۇر –خەنزۇ تىللىرى ئارىسىدا كۆۋرۈك سالغۇچى تەرجىمان.

تونۇشتۇرىۋاتقىنىمىز- ئىسكەندەر جېلىل، 1977-يىلى تۇغۇلغان، 2002-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ئىنىستىتۇتى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كەسپىنى پۈتتۇرگەن، ھازىر قومۇل ۋىلايەتلىك تارانچى كۆمۈر كېنى كېسەللەكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۇنكىتىدا خىزمەت قىلىدۇ. بۇ يىل 10-ئايدا، ئۇ سۆكسۆك پىلانىنىڭ پىدائىي شەخسلەرنى تاللاش پائالىيىتىگە ئىلتىماس سۇندى. «مەن يالقۇنكامنىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن سۆكسۆك پىلانىغا ئىلتىماس سۇنغان» دەيدۇ ئۇ ئەسلەپ تۇرۇپ: «ئەينى ۋاقتتا ئۆزەمگە ئىشەنچىم يوق، "بولارمەنمۇ؟" دەپ ئىككىلەنسەم، يالقۇنكام ماڭا مەدەت بېرىپ: "سەندە چاتاق يوق، پىدائىيلىق خىزمىتى زېھىن ھەم ۋاقت تەلەپ قىلغاننىڭ ئۈستىگە، قىلچىلىك تەمىناتى يوق خىزمەت، ساڭا ئوخشاش 4-5 يىل ئىزچىل داۋاملاشتۇرالايدىغان پىدائى كۆپ ئەمەس" دەپ مېنى قايىل قىلدى».ئىسكەندەرنىڭ قارىشىچە، سۆكسۆك پىلانىغا ئىلتىماس قىلىش بىر جەھەتتىن بۇ پىلانغا بولغان قوللاش ھېسابلىناتتى: «ئىلتىماس سۇنغانلار قانچە كۆپ بولسا، بۇ پىلان ھەم شۇنچە قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈپ، تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ تاللاش دائىرىسىمۇ ماس ھالدا كېڭىيىدۇ، بۇ سۆكسۆك پىلانىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىپ بېرەلەيدۇ» دەيدۇ ئۇ ئۆز تەھلىلىدە.




«ئوتتۇرىمىزدا ھېچقانداق شەرتنامە يوق، بار بولغىنى پەقەت ئىشەنچ»


2010-يىلى يازدا ئىسكەندەر بىر دوستىنىڭ ۋاستىسى بىلەن "يېزا مەكتەپ پىدائىلىرى"نىڭ تەشكىللىگۈچىسى يالقۇن ئوسمان بىلەن تېلېفوندا تونۇشتى، ھەم يېزا مەكتەپ پىدائىلىرىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ، ئورگان تور بېتى ئۈچۈن ماقالە تەرجىمە قىلىشقا مەسئۇل بولدى. « يېزا مەكتەپ پىدائىلىرىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى ياخشى، لەۋزىدە تۇرىدۇ، ئادەمنى ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ. مەن بولسام دەل ئاشۇنداق سەمىمىيىتى بار، تەشكىلىي قورۇلمىسى مۇكەممەل بولغان بىر كوللىكتىپتا ئۆز ئىقتىدارىمنى جارى قىلدۇرسام، ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشسام، دەپ يۈرەتتىم» دەيدۇ ئىسكەندەر. يالقۇن ئوسمان ئۈرۈمچىدە، ئىسكەندەر جېلىل قومۇلدا بولغاچقا، بۇ ئىككىسى تۆت يىلدىن بېرى ئاران ئىككى قېتىم يۈز كۆرۈشەلىدى. بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا، ئىسكەندەر تۇنجى قېتىم يېزا مەكتەپ پىدائىلىرىنىڭ ئەلنەپچىلىك پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، يالقۇن ئوسمان بىلەن بىرگە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇنەن يۇغۇر ئاپتونۇم ناھىيەسىگە بېرىپ، بۇ ناھىيە قورۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىق مەرىكىسىگە ئىشتىراك بولدى. پويىزدا، ئىسكەندەرنى شۇنداق خىياللار ئۆز ئىلكىگە ئالغانىدى: «يالقۇنكام نىمىشقا شۇنچە كۆپ پىدائىلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، شۇنچە كۆپ ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرالايدىغاندۇ؟ بولۇپمۇ، ھازىرقى مۇشۇ پۇل بولمىسا مۈشۈكمۇ ئاپتاپقا چىقمايدىغان زاماندا».پويىزدا كېتىۋاتقان ئىسكەندەرنىڭ بايقىغىنى شۇ بولدىكى، ساخاۋەت پائالىيەتلىرى جەھەتتىن، يالقۇن ئوسمان ھېچقانداق بىرسىنىڭ يامان گېپىنى قىلمايتتى، تېلىفونلارنىمۇ كىچىك پىئىللىق، كەڭ قۇرساقلىق بىلەن ئېلىپ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يەتكەن ئاساستا ئىززەت-ئىكرام بىلەن سۆزلىشەتتى، پىدائىيلارنىڭ ئەدەپسىزلىكى ياكى بەل قويۇۋېتىشلىرىغا ھېچقاچان ۋايساپ باقمىغانىدى. ئىسكەندەرنىڭ قارىشىچە، يالقۇن ئوسماننىڭ كىشىلىك سېھىرىي كۈچى پىدائىيلارنى ئۆز رەھبەرلىكىدە ئىشلەشكە تۇتۇپ تۇرالىغان ئامىل ئىدى. «ئۇ بەك سەمىمىي، كىبىرى يوق، داۋراڭسىز ئىشلەيدۇ، كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ»، دەيدۇ ئىسكەندەر: « بىز ئۇيغۇرلاردا "ھۆرمەت قىلساڭ، ئىززەت تاپارسەن" دېگەن گەپ بار. يالقۇنكام باشقىلارنى بەكمۇ ھۆرمەتلەيدۇ، پىدائىيلار ئۇنىڭ سەمىمىيىتىنى ھېس قىلغاندا، تەبىئىيكى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى تېخىمۇ خالايدۇ. بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۆز-ئارا چەكلەپ تۇرىدىغان ھېچقانداق شەرتنامە يوق، پەقەت ئىشەنچلا بار».يېزا مەكتەپ پىدائىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسكەندەر جېلىلنىڭ ئىسمىنىلا ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپمۇ باقمىغان. كۆپىنچە ھاللاردا، ئۇ ئارقا سەپتە ئۈن-تىنسىز ئەجىر قىلىدىغان بىر پىدائى تەرجىمان. ئۇنىڭ داۋاملىق دەيدىغىنى شۇكى، قىزغىنلىق- دەلئۇنىڭ ساخاۋەت يولىدا بوشىشىپ قالماسلىقىدىكى ھەقىقىي قۇۋۋەت. «قىزغىنلىق بولمىسا، داۋاملاشتۇرۇش تەس. ئەمىلىيەتتە مېنىڭ قىلغانلىرىممۇ كۆپ ئەمەس، ھەپتىسىگە بىر پارچە ماقالە، ئايدا 4-5 پارچە ساخاۋەت توغرىسىدىكى خەۋەر تەرجىمە قىلىش، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن قوبۇل قىلالايدىغان دائىرە ئىچىدە. ئەگەر مەندىن ھەركۈنى 8 سائەتلەپ ساخاۋەت خىزمىتى قىلىش تەلەپ قىلىنسا، مەن رەت قىلىۋېتىشىم مۇمكىن، چۈنكى مېنىڭ شارائىتىم يار بەرمەيدۇ، ئائىلەمنى باقمىسام تېخى بولمايدۇ- دە...»«يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ 2013-يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى»، «ئارزۇ بىخلانغان يەر»، «شىنجاڭدا تۇنجى "ھەقسىز تائام مەكتىپى" قۇرۇلدى»، «راستقا ئايلانغان ئويۇن» قاتارلىق ماقالىلارنى ئىسكەندەر تەرجىمە قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە ماقالىلارنىڭ ئاپتۇرى. «ئەمىلىيەتتە، يېزا مەكتەپ پىدائىلىرىنىڭ تەرجىمە خىزمىتى مېنىڭ كۆپ ۋاقتىمنىمۇ ئېلىپ كەتمەيدۇ، مەن ئاساسلىقى تېببىيغا ئائىت مەزمۇنلارنى كۆپرەك تەرجىمە قىلىمەن» دەيدۇ ئۇ.


«ئائىلەمدىكىلەرمۇ مېنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىمنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتىدۇ»


يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىغا قوشۇلۇشتىن ئىلگىرىمۇ، ئىسكەندەر دائىم خەيىر-ئىھسانلىق ئىشلارنى قىلىپ تۇراتتى، ھەم ئەلنەپچىلىك پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ كەلگەنىدى. 2006-يىلى 18-ئىيۇن ئۇنىڭ نۇرىمانگۈل مەمەت بىلەن تويى بولغان كۈن، ئىلگىرى ئۇنىڭ خەيىرلىك ياردىمىگە ئېرىشكەن بىر ئوغۇل بالا بۇ توي مۇراسىمىغا قۇتلۇقلاپ كەلگەن ئىدى، قوللىرىدا گۈل كۆتەرگەن بالا ئىسكەندەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ: «بالنىستا ياتقان چاغلىرىمدا مۇشۇ ئاكام مېنى يوقلاپ تۇرغانىدى، ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەت» دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن تەسىرلەنگەن مۇراسىمدىكى مېھمانلار ھاياجانلىق ياشلىرىنى تۆكەيلا دەپ قېلىشقانىدى. تويدىن كېيىن، ئىسكەندەر خېنىلىق چۈشكەن پۇللاردىن 500سوم چىقىرىپ قەشقەرلىك بۇ بالىغا ئىئانە قىلدى. «ئائىلەمنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ئۇنچە ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، مۇئاشىم يۇقىرى ئەمەس، ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرىمىز، ئەمما، ئايالىم مېنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىشىمنى بەكمۇ قوللايدۇ». ئىسكەندەرنىڭ بۇ سۆزلىرىدە بىر خىل ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى تېشىپ تۇرىدۇ. ھەر قېتىم داۋالىنىش خىراجىتىگە جىددى ئېھتىياجلىق بىمارلار ياكى نامرات سەبىلەرنىڭ خەۋىرى بولسا، ئۇ ئايالى نۇرىمانگۇل بىلەن ئىقتىساد قىلغان پۇللىرىدىن 50 سوم ياكى 100 سوم بولسىمۇ قارشى تەرەپنىڭ ھېساۋاتىغا يوللاپ بېرىدۇ. يېزا مەكتەپ پىدائىلىرى قۇشۇنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان يولدىشىنىڭ ئەستايىدىل ھالىتىنى كۆرۈپ، نۇرىمانگۈلدىمۇ يېزا مەكتەپ پىدائىلىرىغا قاتنىشىش ئىستىكى تۇغۇلغانىدى. بىراق ئۆي ئىشلىرىنىڭ كۆپلىكى، يولنىڭ يېراقلىقى دېگەندەك سەۋەبلەردىن، ئۇ پەقەت ئىسكەندەرنى قوللىغۇچى "پىدائىي" بولۇش بىلەن كۇپايىلەندى، ئۆي ئىشلىرىنى كۆپرەك ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، يولدىشىنىڭ پىدائىلىق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ۋاقت چىقىرىشىغا دەستەك بولدى. «ئايالىم مەندەك پىدائىينىڭ پىدائىيسى بولۇش سۈپىتىدە، مېنىڭ پىدائىي تەرجىمانلىق ئىشلىرىم ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەردى، بۇنىمۇ بىر خىل ئالاھىدە پىدائىي خىزمىتى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى بىر پىدائىينىڭ بەخىش ئەتكەنلىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ، بولۇپمۇ جۆرىسىنىڭ قوللىشى ۋە ماسلىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ»، دەيدۇ ئىسكەندەر ھاياجان بىلەن: «مېنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىم ئۈچۈن ئايالىم ئاز بەدەل تۆلىمىدى، ئۇنىڭ قوللاشلىرى بولمىسا ئىدى، مەن كۈن ئېلىش ھالەكچىلىكىگە مەجبۇر بولۇپ قېلىپ، ساخاۋەت ئىشلىرىغا ۋاقت چىقىرالمىغان بولاتتىم. پىدائىي تەرجىمانلىقتىكى نەتىجىلىرىمنىڭ يېرىمى ئايالىمغا مەنسۇپ. مەن ئۇنى سۆيىمەن، ئۇنىڭ ماڭا بېغىشلىغانلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن».ئىسكەندەرنىڭ تۆت ياشلىق ئوغلىغا دائىم يەردىكى ئەخلەتلەرنى تىرىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەمىلىيەتتە، ھەر كىمنىڭ ئەلنەپچىلىككە قاتنىشىش پۇرسىتى بولىدۇ، قۇربىمىز يېتىدىغان بەزى ئىشلارنى قىلىش، مەسىلەن، ياشانغانلارنى يۆلەپ يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئەرزنامىسىنى يېزىپ بېرىش، ئاجىز جامائەتكە سەدىقە بېرىش، ئازاب تارتىۋاتقانلارغا پىسىخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش، ۋە ياكى ئاددىي بىر تەبەسسۇم قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ساخاۋەتچىلىك ھەم ئەلنەپچىلىككە تەۋە. ئائىلەمدىكىلەر مېنىڭ ئەلنەپچىلىك بىلەن شۇغۇنلىنىشىمنى بەكمۇ قوللايدۇ. مەنمۇ ئوغلۇمنىڭ كەلگۈسىدە بىر ئەخلاقلىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى، مۇنەۋۋەر پىدائى بولۇپ قېلىشىنى، بولسا، بىرەر ساخاۋەت ئورگىنى قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».



«ئۇيغۇر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن،ۋەدەمگە چوقۇم ۋاپا قىلىمەن»


ئىسكەندەر ئۆزىنى ئېغىر-بېسىق ئادەم دەپ قارايدۇ، لەۋزىدە تۇرمايدىغان كىشىلەرنى ياقتۇرمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۆزىگىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. «بىر مۇسۇلمان بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەدەمگە چوقۇم ۋاپا قىلىشىم كېرەك». ۋاقت چىقىرالىسىلا، ئۇ ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلسام دەپ تۇرىدۇ، يېزا مەكتەپ پىدائىلىرىنىڭ تور بېتىگە ماقالە تەرجىمە قىلىدۇ: «مېنىڭ مەقسىتىم – ساخاۋەت ئۇچۇرلىرىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش. ھەر بىر ئادەم ئۆزىدىن باشلىشى، ئەتراپىدىكىلەرگە ساخاۋەتتىن ئۈلگە تىكلەپ بېرىشى ۋە يىتەكچىلىك قىلىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا تېخمۇ كۆپ كىشىلەر ھەرىكەتلىنىپ، ساخاۋەت-ئەلنەپچىلىك ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان بولىدۇ». ئۇنىڭ ئىشەنچىسى كامىلكى، ئۇ گەرچە بىر "ھەقسىز ئەمگەك كۈچى" بولسىمۇ، ئەمما "قىممىتى يوق ئەمگەك كۈچى" ئەمەس، ئۇنىڭ تەرجىمە نەتىجىلىرى جەمئىيەتتە تېخىمۇ قۇيۇق ساخاۋەت كەيپىياتىنى ئاپىرىدە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ساخاۋەت مەدىنىيىتىنى ھېس قىلىشى ئۈچۈن چاقىرىق بولۇپ قالىدۇ. ئۇ مانا مۇشۇنداق "ھەقسىز" تەرجىمانلىقنىڭ خىزمەت ساھىبى بولغانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ.«كىچىكىمىزدىن باشلاپ، بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەرخىل خەيىر-ئىھسان ئىشلىرىنى قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ كەلگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ساخاۋەت مەدىنىيىتىگە كۆزىمىز پىشقاچقا ھەم كۆپ خىل ئەلنەپچىلىك ئىشلىرىغا قىزغىنلىقىمىز بار. ئەتراپىمدىكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆزەمنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ شۇ قەدەر ئەرزىمەس، تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ساخاۋەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن، شۇڭلاشقىمۇ، دەسلەپتە سۆكسۆك پىلانىغا ئىلتىماس قىلىشقا پېتىنالمىغانىدىم» دەيدۇ ئسكەندەر تارتىنغا ھالدا كۈلۈپ قويۇپ.
مانا بۇ- ئىسكەندەر جېلىل، ئەلنەپچىلىككە ئىشتىياق باغلىغان، باشقىلارغا ياردەم بېرىشتىن خۇشاللىق تاپىدىغان بىر تېببىي خادىم، تەرجىمان، پىدائىي ۋە تەقۋا بىر مۇسۇلمان.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:20 , Processed in 0.060099 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش