قەدىمكىتۈركلەرنىڭ تەرەپلەرنى رەڭلەر بىلەن ئىپادە قىلىشى ھەققىدە ئىسكەندەرجېلىل قەدىمكى زاماندا ھونلار، تۈركلەر تۆت تەرەپنىرەڭلەر بىلەن ئىپادىلەشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئادەتتە ئاق شەرقنى، كۆك غەربنى،قىزىل شىمالنى، قارا بولسا جەنۇبنى كۆرسىتىدۇ. تارىخبەتلىرىدىكى «ئاق ھونلار» تېرە رەڭگىنىڭ ئاق بولۇشى سەۋەبلىك ئەمەس، بەلكى شەرقتەرەپكە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن «ئاق» نامى بىلەن ئاتالغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بىرگەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن ھونلار ئىچىدىن تېرىسى ئاقلار بىلەن تېرىسى قارىلارنىئايرىپ ئىككى قەۋىمگە بۆلۈش ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش. «ئاق ھونلار» كېيىنچەغەرب يازمىلىرىدە «ئېفالىتلار» نامى بىلەن قەيت قىلىنىدۇ؛ «كۆك تۈركلەر» ۋە «كۆكتۈرك ئىمپېرىيىسى» ئېنىقكى غەرب تەرەپتىكى تۈركلەرنى كۆرسىتىدۇ خەنزۇچەيازمىلاردىمۇ 西突厥 دەپ ئېلىنىدۇ؛كۆك قۇجۇ دۆلىتى«خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە 西夜国 دەپ ئېلىنغان؛ خەنزۇچەيازمىلاردىكى 赤狄 (قىزىل تۈركلەر) بولسا شىمالدىكى تۈركلەر ئىكەنلىكى مەلۇم،ۋەھاكازىلار. خەن گاۋزۇ ليۇباڭ بەيدىڭ تېغىدا باتۇرتەڭرىقۇت تەرىپىدىن قامالغا ئېلىنغاندا، غەربتە ئاق ئاتلىقلار، شەرقتە كۆك ئاتلىقلار،شىمالدا قارا ئاتلىقلار، جەنۇبتا قىزىل ئاتلىقلار قورىشىۋالىدۇ. بۇ يەردە قارشىرەڭدىكى ئاتلىقلار قورشىۋالغان بىلەن، ئاق ئاتلىقلار شەرق تەرەپكە، كۆك ئاتلىقلارغەرب تەرەپكە، قىزىل ئاتلىقلار شىمال تەرەپكە، قارا ئاتلىقلار جەنۇب تەرەپكە ھۇجۇمقىلىشقا تەييار تۇرىدۇ. كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، ھونلار شۇ زامانلاردىلا جەڭمەيدانىدىمۇ تەرەپلەرنى رەڭ بىلەن ئىپادە قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۈرك ئىمپېرىيىسىدىن تارتىپ ئافاق غوجىنىڭ زامانىلىرىدىمۇ رەڭئارقىلىق تەرەپنى ئىپادىلەش كۈچىدىن قالمىغان. تۈركىي مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقانجايلارنىڭ ناملىرىدىمۇ يۇقارقى تۆت خىل رەڭنىڭ ناملىرىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.بۇلارنى تۆۋەندە بايان قىلىپ ئۆتىمەن. قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى «قارا» سۆزى «قارا رەڭ»ۋە «ئۇلۇغ» دېگەندىن باشقا، يەنە «ساپ» ۋە«جەنۇب» دېگەندەك مەنىلەرگىمۇ ئىگە. ھازىرقى موڭغۇلىيەگە چېگرىداش بولغان تۇۋا،ئالتاي، خاككاس قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردىكى تۈركىي مىللەتلەر ھېلىھەم شامان دىنىغائېتىقاد قىلىدۇ. ئۇ يەرلەردىكى شامان دىنى «قارا شامان» ۋە «سېرىق شامان» دەپئايرىلىدۇ. «قارا شامان» دېگىنى ساپ بولغان ئەسلىدىكى شامان دىنىنى، «سېرىق شامان»بولسا بۇددا دىنى تەركىبلىرى ئارىلاشقان «ئەبجەش شامان» دىنىنى كۆرستىدۇ. ئادەتتىكىتىلىمىزدىمۇ «گۆشنىڭ قارا يېرىدىن كېسىپ بېرەي»، «قارا قۇل»، «قارا تەر»، «قاراتۈرك» دېگەندەك سۆزلەر ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ سۆزلەرمۇ ئاساسان مەلۇم نەرسىنىڭساپلىق ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ؛ «سېرىق\ سار» سۆزىنىڭ يۇقارقى مەنىسىگە قارىغاندا، كاللىمىزدائىختىيارسىز ھالدا «قەدىمكى گەنجۇدىكى سېرىق ئۇيغۇرلار بەلكىم ئارىلاشما قانلىقئۇيغۇرلار بولۇشى، شۇڭا سېرىق سۆزى قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەندەك ئۇقۇم پەيدابولۇشى مۇمكىن. ھەممىمىزگە مەلۇم، «ئىدىقۇت خانلىقى» بىلەن«قاراخانىيلار خانلىقى» قەدىمكىي ئۇيغۇر ئىتتىپاقدىن قايتا تەشكىللەنگەن ياكىبۆلۈنۈپ چىققان خانلىقلار بولۇپ، «قاراخانىيلار خانلىقى»نى قۇرغۇچىلار ياغماقەبىلىسى ياكى قارلۇقلار دەپ قەيت قىلىنىدۇ. مەيلى قايسى قەبىلە بولۇشىدىنقەتئىينەزەر، ياغما بىلەن قارلۇق قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارماقلىرى ھېساپلىنىدۇ.خەرىتىدىن قارايدىغان بولساق، «قاراخانىيلار خانلىقى» دەل يەنە بىر ئۇيغۇر خانلىقىبولغان «ئىدىقۇت خانلىقى»نىڭ غەربىدىن كۆپرەك جەنۇبىغا (ئاساسەن جەنۇبىغا) جايلاشقان،ئۇنىڭ پايتەختى كاشغەر شەھىرى بولسا دەل ئىدىقۇتنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان.كاشغەرنى مەركەز قىلغان بۇ خانلىق بارچە تۈركىي قەۋىملەر ئىچىدە ئەڭ جەنۇبتاتۇرىدۇ، بەلكىم «قاراخانىيلار» ئۆزلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن شۇنداقئاتالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن (بۇ پەقەت بىر پەرەز خالاس). قەدىمكى تۇرانلار ھازىرقى «قارا دېڭىز»نىڭشىمالىدىمۇ ياشىغان ئىدى، قارا دېڭىز يەنە كېلىپ تاتارلارنىڭ ئۆتمۈش ماكانى بولغانقىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ دەل جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، بەلكىم شۇ سەۋەبتىن «قارادېڭىز» دەپ ئاتالغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى قارا دېڭىز بولسا قىرىم تاتارلىرىئۇچرىشالايدىغان، ھەمدە باشقا ئەللەر بىلەن دېڭىز يولىدا بېرىش- كېلىش ۋە سودا-ئالاقە قىلالايدىغان بىردىنبىر دېڭىز، شۇڭا تاتارلار جەنۇب تەرەپتىكى بۇ دېڭىزنى«قارا دېڭىز» دەپ ئاتىغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئەرەبىستان بىلەن ئافرىقا ئارىسىغاجايلاشقان «قىزىل دېڭىز» قەدىمكى تۈركلەرنىڭ بۇ خىل ئاتاش ئۇسۇلى بىلەن قەتئىي مۇناسىۋەتسىز،ئەلۋەتتە. سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، يەنىئافاق خوجا دەۋرلىرىدە، دىيارىمىز خەلقلىرىنىڭ دىننىي سۈلۈكلەر تۈپەيلىدىن «ئاق تاغلىق»ۋە «قارا تاغلىق» بولۇپ بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكى (ئەسلى «ئاق تاقى» ۋە «قارا تاقى»بولۇپ، كېيىنچە «تاقى» سۆزى «تاغلىق»قا ئۆزگىرىپ قالغان) ھەممىگە مەلۇم. خوجائەبەيدۇللاھ باشچىلىقىدىكى «ئىسھاقىيە»سۈلۈكىنىڭ مۇرتلىرى «قارا تاغلىق» ئاتىلىپ،ئۆزلىرىگە يەكەن، قاغىلىق ۋە خوتەنلەرنى بازا قىلىدۇ، بۇ رايونلار جەنۇبقاجايلاشقان. خوجا ھىدايىتۇللاھ (ئافاق خوجا) باشچىلىقىدىكى «ئىشقىيە» سۈلۈكىنىڭمۇرتلىرى «ئاق تاغلىقلار» دەپ ئاتىلىپ، ئۆزلىرىگە كاشغەر، ئاقسۇ، كۇچا، كورلاتەرەپلەرنى بازا قىلىدۇ، ھەتتا قۇمۇل- تۇرپانلارغىچە يېتىپ بارىدۇ(ھىدايىتۇللاھنىڭ ئەسلى يۇرتى شەرق تەرەپكە جايلاشقان قۇمۇل شەھىرىدەئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەك). بۇ يۇرتلارنى خەرىتىدىن قارايدىغان بولساق،«ئاق تاغلىقلار» شەرققە مايىل شىمال تەرەپكە، «قارا تاغلىقلار» جەنۇب تەرەپكەجايلاشقانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. بۇ رەڭلەر بىلەن تەرەپلەر ئاشۇنداق تاساددىپىيئۇددۇل كېلىپ قالغاندىمۇ؟ كىتاپلاردا «ئاق بۆك» ۋە «قارا بۆك» كەيگەنلىكى ئۈچۈنشۇنداق ئاتالغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئاق ۋە قارا رەڭلىك بۆكلەرنىكېيىشكە زادى نېمە سەۋەبچى بولغاندۇ؟ سۈلۈكلەرنىڭ بۇنداق رەڭلەر بىلەن ئاتىلىشىقەدىمكى تۈركلەرنىڭ تەرەپ رەڭلىرى بىلەن ئازراقمۇ ئالاقىسى يوق، دەپ كېسىپئېيتقىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. ئەمدى رەڭلەرنىڭ تەرەپ ئىپادىسىدىن تۈركىيرايونلاردىكى جۇغراپىۋى ناملارغا نەزەر سېلىپ باقايلى: ئوتتۇرا ئاسىيادا «قىزىل قۇم» ۋە «قارا قۇم»دىن ئىبارەت ئىككى قۇملۇق بار. لېكىن بۇ قۇملارنىڭ رەڭگى قىزىل ياكى قارا ئەمەس،بەلكى ئوخشاش بىر رەڭدە. بۇ ئىككى قۇملۇق ئامۇ دەرياسىنى چېگرا قىلىپ تۇرۇپ، بىرىغەربىي شىمالغا ۋە يەنە بىرى شەرقىي جەنۇبقا، كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، قىزىل قۇمشىمالغا، قارا قۇم جەنۇبقا جايلاشقان. دېمەك، بۇ قۇملۇقلار قۇمنىڭ رەڭگىگە قاراپئەمەس، بەلكى قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تەرەپلەرنى رەڭ ئارقىلىق ئىپادىلەش ئادىتىگەئاساسەن، يۇقارقىدەك قىزىل ۋە قارا ناملار بىلەن ئىپادە قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. 1920-يىلى، ھازىرقى قازاقىستان «قىرغىزىستان»نامىدا ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان بولۇپ،ھازىرقى قىرغىزىستان بولسا «قاراقىرغىزىستان» دەپ قۇرۇلغان. خەرىتىدىن قارايدىغان بولساق، قىرغىزىستان قازاقىستاننىڭجەنۇبىغا جايلاشقانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. ئەينى چاغدىكى بۇنداق ئاتاش تەرەپلەرنىڭرەڭ بىلەن ئىپادىلىنىشىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، يەنە «قارا» سۆزىنىڭ «ساپ»، يەنى«ساپ قىرغىز، جەنۇبقا جايلاشقان قىرغىز» دېگەن مەنىلىرىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئەگەربۇنداق ئاتاشنى ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرىدىغان بولساق، يېڭى قۇرۇلغان دۆلەت «جەنۇبىيسۇدان»نى «قارا سۇدان» دېيىش مۇمكىن. چۈنكى بۇ دۆلەت سۇداننىڭ جەنۇبىغاجايلاشقاندىن سىرت، ئاھالىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى قارا تەنلىكلەردۇر. شۇنداقبولغاندا «شەرقىي ئاسىيا»نى «ئاق ئاسىيا»، «شىمالىي ئامېرىكا»نى «قىزىل ئامېرىكا»دېيىش مۇمكىن. كۆپىنچە تىللاردا ئاق بىلەن قارا بىر-بىرىگەقارشى قويۇلسا، بىزنىڭ تىلىمىزدا ئاق بىلەن قارىدىن باشقا يەنە، ئاق بىلەن كۆكمۇ كۆپرەك بىر-بىرىگە قارشىقويۇلىدۇ. مەسىلەن: «ئاق كەپتەر، كۆك كەپتەر»، «ئاق تېرەك، كۆك تېرەك»، «ئاقتاش،كۆكتاش»، «ئاقچى، كۆكچى»، «ئاقنىياز، كۆكنىياز»، «ئاق مارجان، كۆك مارجان»ۋەھاكازالار. «ئاق ئۆستەڭ» بەلكىم يۇرتنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان بولۇشى مۇمكىن.«كۆك ئۆستەڭ» بەلكىم يۇرتنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئۆستەڭ بولۇشى مۇمكىن. ئۈرۈمچىدىكى«ئاق قوۋۇق»نى خەنزۇچە «南门» (جەنۇبىي قوۋۇق) دەپ ئاتىغان بىلەن، لېكىن بۇ ئورۇن ئۇيغۇرلارتوپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كونا رايوننىڭ شەرق تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ. ئاقسۇ شەھىرىگە خەرىتىدىن قارايدىغان بولساق،شەھەر دەل ئاقسۇ دەرياسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. قەدىمدە «سۇ»سۆزى «قوشۇن»دىن باشقا، يەنە «دەريا» مەنىسىنىمۇ بىلدۈرۈپ كېلىدۇ، «ئاق» سۆزىبولسا يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك «شەرق» تەرەپنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنداقتا «ئاق» بىلەن«سۇ» سۆزىدىن تەركىب تاپقان «ئاقسۇ» سۆزىدىن «دەريانىڭ شەرقىگە جايلاشقان يۇرت» دېگەنمەنانى قىياس قىلىش ئانچە تەس ئەمەس. ئۈرۈمچىدىكى قىزىل تاغ ھازىر ئۈرۈمچىنىڭئوتتۇرسىغا جايلىشىپ قالدى. لېكىن تارىخنى 100يىلدەك كەينىگە ياندۇرساق، ھازىرقى قىزىل تاغ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىغاجايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ شىمالى قاقاسلىق، ئاساسەن ئادەم ئولتۇرمايتتى. بۇ تاغئۈرۈمچىنىڭ شىمالىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن «قىزىل تاغ» دەپ ئاتالغانمۇ ياكى رەڭگىقىزغۇچ بولغانلىقى ئۈچۈن «قىزىل تاغ» دەپ ئاتالغانمۇ؟! قۇمۇلدا «قارادۆۋە» دەپ بىر يېزا (ھازىريېڭىدىن بازار بولدى) بار بولۇپ، ئېغىز تىلىدا «قارتۈۋ» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.«بابۇرنامە»دىمۇ«قاراتۈ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يۇرتنىڭ نامى قەيت قىلىنىدۇ،ئەلۋەتتە بۇ بابۇرنامىدىكى قاراتۈ قۇمۇلدىكى «قارادۆۋە» ئەمەس. قارادۆۋەنىڭشىمالىدا تارانچى ۋە دۆربىجىن، شەرقىدە قۇمۇل شەھىرى، غەربىدە ئۇزاق ماڭسا پىچانبار بولۇپ، جەنۇبىدا چۆلدىن باشقا ھېچقانداق يۇرت يوق. دېمەك قارادۆۋە ئەڭ جەنۇبتابولغانلىقى ئۈچۈن، يۇرتنىڭ نامىغا «قارا» سۆزى قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن. تۈركىي مىللەتلەر جايلاشقان رايونلاردىكىيۇرتلارنىڭ ناملىرىدا ئاساسەن ئاق، قارا، كۆك ۋە قىزىل قاتارلىق سۆزلەر كۆرىلىپتۇرىدۇ. دېمەك بۇ سۆزلەردىن شۇ يۇرتلارنىڭ مەلۇم جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىنىقىياس قىلغىلى بولىدۇ. قەدىمقىنى ھازىرغا خىزمەت قىلدۇرۇش پرىنسىپىبويىچە بەزى تەسەۋۇرلارنى قىلىپ باقساق، تۆۋەندىكىدەك بەزى ئەھۋاللارنى قىياسقىلالىشىمىز مۇمكىن. قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تەرەپلەرنى رەڭ بىلەنئىپادىلەش ئۇسۇلى بويىچە بولغاندا، ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان نەنسەن تېغىنى«قارا تاغ»، غەربىگە جايلاشقان قىبلتاغنى «كۆكتاغ» (خەنزۇچە شىسەن دەيدۇ)، شەرقىگەجايلاشقان دۇڭسەن تېغىنى «ئاق تاغ» دەپ قاراشقا بولىدۇ. مىدۇڭ (米东) رايونى بولسا، مىچۈن(دانبۇلاق) بىلەن دۇڭسەن (ئاق تاغ)نىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، خەنزۇچىدىمۇ مۇشۇ ئىككىئاتالغۇنىڭ باش خەتلىرىنى ئېلىش ئارقىلىق ياسالغان رايون نامى ھېساپلىنىدۇ. بىزمۇمۇشۇ ئاتالغۇلار ئىچىدىكى «دان، بۇلاق، ئاق، تاغ» سۆزلىرىدىن مۇۋاپىقلىرىنىتاللاپ، لاياقەتسىزلىرىنى شاللاپ ئالساق، «مىدۇڭ» سۆزىگە قارىتا «ئاقبۇلاق» سۆزىنىبەرپا قىلىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى، «ئاق» دىيىشتىكى سەۋەب، بۇ رايون ئۈرۈمچىنىڭشەرقىگە جايلاشقان، «بۇلاق» دىيىشتىكى سەۋەب، بۇ رايوندا سۇ ياخشى، شال ئوخشايدۇ.شۇنداق بولغاندا، «ئاقبۇلاق رايونى» دېگەنسۆز ئىسمى- جىسمىغا لايىق «شەرق تەرەپكە جايلاشقان سۇلۇق رايون» دېگەن مەنىگەچۈشكەن بولىدۇ، لېكىن گەپ بۇنى ئۆزلەشتۈرۈشتە. بۇ قەدىمكى تەرەپ ناملىرىنى يەنە يول-كوچىلارغا ئىشلەتسە قانداق بولار دەپمۇ ئويلاپ قالدىم. يەنى يولنىڭ بېشىدىكى شەرق،شىمال، غەرب، جەنۇب دېگەندەك تەرەپ سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا، قىزىل، كۆك، قارا، ئاقدېگەندەك تەرەپ رەڭلىرىنى ئىشلىتىپ باقساق دېمەكچى. مەسىلەن: 雅山北路– قىزىل يامانلىق يولى، 雅山中路 – ئارا يامانلىق يولى، 牙山南路 -قارا يامانلىق يولى، 西虹西路– كۆك شىخۇڭ يولى، 西虹东路 – ئاق شىخۇڭ يولى دېگەندەك. لېكىن بۇلار يەنىلا بىر قىياس،مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر خام خىيالدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ خىل رەڭلىك تەرەپناملىرىنى ئەمەلىي قانداق قوللىنىشنى ئەمگەكچى خەلقىمىز ئۆز تۇرمۇشىدا تاۋلاپبېكىتكۈسى. پايدىلانغان ماتېرىياللار: قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا تارىخى(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن) تارىخىي رەشىدى (مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كوراگان) تارىختىن قىسقىچە بايانلار(ئىبراھىم نىياز) تۈركىي تىللار تەتقىقاتى (2)(1980-يىلى 11-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۈركىتىللار تەتقىقاتى مۇھاكىمە يىغىنىدا تىل تەتقىقاتى خادىملىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغاقويۇلغان ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى) بابۇرنامە (زەھىررىدىن مۇھەممەدبابۇر) شىنجاڭ خەرىتىسى دۇنيا خەرىتىلەر توپلىمى (بېيجىڭ،جۇڭگو خەرىتە نەشرىياتى، 2009.4)
|