قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ۋاقىت ھېساپلىشى
قەدىمكى تۈركلەر يىللارنى مۆچەل ئارقىلىق ھېساپلاپ كەلگەن. بۇ مۆچەللەر 12 بولۇپ، ھەر بىر يىل بىر ھايۋاننىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇلار: چاشقان، كالا، يوۋاس، توشقان، بېلىق، يىلان، ئات، قوي، مايمۇن، توخۇ، ئىت ۋە توڭگۇزلاردىن ئىبارەت. لېكىن، خەنزۇ خەلقىدە "بېلىق" يىلى يوق، بۇنىڭ ئورنىغا "ئەجدىھا"نى ئىشلىتىدۇ.
ئاسىيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرمۇ ئەسىرلەردىن بۇيان مۆچەللىك كالېندارنى ئىشلىتىپ كەلگەن. قرانسىيىلىك شەرقشۇناس ئالىم چاۋنىس (1918- 1965) مۆچەلنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە راۋاجلىنىشىنى، شۇنداقلا مۆچەلنىڭ تۈرك، پارس، موڭغۇل، مانجۇ، خەنزۇ، ياپون، تۈبۈت، ۋيېت، كخمىر (كامبودژا)، تاي (تايلاند) ۋە چام تىللىرىدىكى ناملىرىنى ۋە مەنبەلىرىنى ئۇزاق يىللار تەتقىق قىلىپ، مۆچەلنى قەدىمكى تۈركلەر ئىجاد قىلغان، دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن. بۇ خىل ئالىملاردىن فرانسوز گ. پ. سويۇچىنكومومۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىدا "مۆچەل تۈرك خەلقلىرىدىن چىققان" دېگەننى خۇلاسىلىگەن.
قەدىمكى تۈركلەر بىر يىلنى 12 ئايغا بۆلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئاتىلىشى: قەھرىتان، ھۇت، نورۇز، ئۈمىد، باھار، سەپەر، چىللە، تومۇز، مىزان ئوغۇز، ئوغلاق، كۆنەكلەردىن ئىبارەت.
قەدىمكى تۈركلەر ئىسلامىيەتكە كىرگەندىن كېيىن، مۆچەل كالېندارىنىڭ ئورنىغا ھىجىرىيە كالېندارىنى قوبۇل قىلدى، ھەمدە ھەر بىر ھىجرىيە يىلىنى بۇرۇنقىدەك مۆچەل ھايۋانلارنىڭ نامى بىلەن ئاتىدى، ئاي ناملىرى بولسا كۆپىنچە ھىجرىيە ئاي ناملىرى بىلەن ئاتىسا، بەزىدە مۆچەل ئاي ناملىرى بىلەن ئاتىدى.
16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغان "بابۇرنامە"دە، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ۋاقىت ھېساپلىشى مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: «بىزنىڭ ۋىلايەتلەردە (ئوتتۇرا ئاسىيانى دېمەكچى) بىر كېچە- كۈندۈز 24كە بۆلۈنۈپ، ئۇنىڭ ھەر بىرى "سائەت" دېيىلىدۇ، ھەر سائەت 60قا بۆلۈنۈپ، ئۇنىڭ ھەر بىرى "دەقىقە" دېيىلىدۇ، دەقىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى سۈرە فاتىھەنى بىسمىللاھ بىلەن قوشۇپ 6 قېتىم ئوقۇغانچە بولىدۇ.»
تۈركىي قەۋىملەر قەدىمدىن تارتىپ 7 كۈننى بىر ھېساپلاپ كەلگەن. مەسىلەن: ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بىر ھەپتىنى باشكۈن (دۈشەنبە)، بوشكۈن (سەيشەنبە)، سوڭكۈن (چارشەنبە)، كىچاتناكۈن (پەيشەنبە)، ئاتناكۈن (ئازنا- جۈمە)، ئاتناراس كۈن (شەنبە)، پازاركۈن (يەكشەنبە) دەپ ئاتايتتى.
تۈزىگۈچى: ئىسكەندەر جېلىل
|