سۇرىيەلىك مۇساپىر ئەلى ئەلى بۇ يىل 48 ياشتا بولۇپ، سۇرىيەنىڭ راققا ئۆلكىسىدىكى يېزىدىن، ئىككىيىل بۇرۇن ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ جالاماننا يېزىسىغا كەلگەن. ئەلىنىڭ دېيىشىچە،ئۆزىنىڭ ئېغىر بۆرەك كېسىلى سەۋەبلىك ئەمگەك قىلالمايدىغان بولغاچقا پەقەت ئۆيدىلاتۇرىدىكەن. ھازىر بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاساسلىقى سۇرىيە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىھەر ئۈچ ئايدا تارقىتىدىغان تۇرمۇش ياردىمىگە تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىكەن. مەكتەپتەئوقۇيدىغان قىزىغا سومكا ئېلىپ بېرەلمىگەنلىكتىن، قىزى ھەركۈنى كىتابلىرىنىپىلاستىك خالتىغا ئوراپ مەكتەپكە بارىدىكەن. ئەلىنىڭ ئۈچ ئوغلى ھۆكۈمەتئارمىيەسىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەيدىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىنىڭ بۇئۇرۇشنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىپ، بالىلىرىنىڭ سالامەت قايتىپ كېلىشىنى كۆرۈشئىكەنلىكىنى ئېيتتى. زىيارەتتە مۇخبىر بالىلارغا بانان بەردى، ئەلى بالىلارنىڭنۇرغۇن يىلدىن بېرى بۇنداق مېۋىلەرنى يەپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى.
|