تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

تېما: ئاتالغۇچىلىق ھەققىدە ناۋاتقا لايىق گەپ ئىكەن [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]

يوللىغۇچى: alma    ۋاقىت: 2015-5-19 20:10
تېما: ئاتالغۇچىلىق ھەققىدە ناۋاتقا لايىق گەپ ئىكەن
دىل ئارامى: شۇنداق،ئاۋام،خەلق مۇقىملاشتۇرۇپ ھىچ توسالغۇسىز ئ‍ىشلىتىپ كېلىۋاتقان سۆزلەرنى ئ‍ۆزگەرتىپ،زورمۇزور ئ‍ىشلەتكۈزدۇق،كۆپ سانلىق خەلق ئ‍از سانلىق مۇتەخەسسىسلەرگە شەرتسىز بوي سۇندۇق،ئ‍اساسەن مۇقىم بولۇپ بولغان سۆزلەر يەنە مۇقىمسىز سۆزلەرگە ئ‍ايلاندى،ئۆزىمىز يازغان خەتكە ئ‍ىشەنمەس، جەزم قىلالماس بولدۇق،ئ‍ەگەر مۇزۇ خىل قىزغىنلىق بىلەن توختاۋسىز ئ‍ۆزگەرتىش قىلساق،ماس ھالدا توختاۋسىز مۇقىمسىزلىققا يول ئ‍اچقان بولىمىز.بەلكىم سۆزۈمنىڭ ئ‍ىلمىي ئ‍اساسى يوقتۇر،شۇنىڭدىمۇ يەنىلا يېڭىسىنى ئ‍اكتىپ ياساپ تولۇقلاپ،كونىسىغا ئ‍امال بار چېقىلمىساق،بىر قېلىپتا ئ‍ۇزۇن يىل داۋاملاشسا،بىز ئ‍ەجداتلىرىمىزنىڭ،ئەۋلاتلىرىمىز بىزنىڭ تىلىمىزنى ئ‍ارتۇقچە قايمۇقمايلا چۈشىنەلەرمىكى دەيمەن،ئۆزۈمچە.قوساقتا ئ‍وماچنىڭ تايىنى يوق،قايىل قىلارلىق سۆزلەرنىمۇ دەپ كېتەلمەيمەن،ھەم پىكرىمنى زورلاپ تاڭمايمەن.پەقەت جىم تۇرغاندىن ئ‍ەلا بىلىپ،سۆزلەپ قويىمەن،توغرا چۈشىنەرسىز.[呲牙][呲牙]




خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/) Powered by Discuz! X3.2