你真傻,简直是傻到家了。
哪有,到门口了,还没进家呢。
يۇقىرىدىكى خەنزۇچە جۈملىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ بېقىڭ.
خەنزۇ مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مەدەنىيەت. بىز تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندە، چوقۇم بىر سۆزگە بىر سۆز ئۇدۇللاشتۇرۇپ تاپىمەن دېسەك بولمايدۇ، پەقەت سۆزلىگۈچىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلىسەكلا بولدى. خەنزۇلار كاتەكچە خەت يازىدۇ، ئوڭدىن سولغا، سولدىن ئوڭغا، ئاستىدىن ئۈستىگە، ئۈستىدىن ئاستىغا يازسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئىككى خەتنى بىرىكتۈرۈپلا يېڭى سۆز ياساپ چىقىدۇ. بىز 32 ھەرپنى خالغانچە بىرىكتۈرۈپ سۆز ياساپ چىقساق بولمايدۇ. بۇ دېگەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرق. ئۇلار ھامىلدار بولۇش بىلەن بوغاز بولۇش ھەر ئىككىسىنى 怀孕 دەيدۇ، ئەجىبا ئۇلارمۇ چوقۇم سۆزگە سۆز ئۇدۇللاشتۇرۇپ گەپ ياسايمىز دەپ 人孕 ۋە 兽孕 دەپ ئىككى سۆز ياساپ چىقسۇنمۇ؟ ياق.
你妈十月怀胎生你养你容易吗?
ئاناڭنىڭسېنىتوققۇزئايقورساقكۆتۈرۈپ تۇغۇپبېقىپچوڭقىلىشىئاسانمۇ؟
مانا شۇنڭغا ئوخشاش، مەدەنىيەت پەرقلىرى نۇرغۇن. چولتا تەرجىمان ئۇنى ئون ئاي قورساق كۆتۈرۈش دەپ تەرجىمە قىلىدۇ.
زەرەتلىگۈچ سۆزىنى توك قاچىلىغۇچ دېسە، ۋېگتاتىپ ئادەمنى ئۆسۈملۈك ئادەم دېسە، خۇددى ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئىتوتلىرىدىكى، مولىزا ھا -ھاڭ، شوۋگۇ داڭ-داڭ ، 等 你等你我的眼睛四个了دەپ تەرجىمە قىلغاندەك بوپقالمامدۇ؟
ئەمىسە بۇندىن كېيىن كومپيوتېرنى توك-كاللا، يانفوننى قول-ماشىنا، ئۇيغۇرنى ئۆزبالىلىرىنى قوغداش دەپ ئالساق بولىدۇ.
يول بېرىش دېگەننى ئېنگىلىزچە give way دەيدۇ، خەنزۇچە 让路 دەيدۇ. ھەرگىزمۇ 给路 دېمەيدۇ . كۆپىيىش دېگەننى ئېنگىلىزچە multiply دېسە، خەنزۇچە 繁殖,增多,乘 دەيدۇ. سەندىن جاق تويدۇم دېگەننى I am fed up with you. دەيدۇ، 我吃饱你了دېمەيدۇ.
شۇڭا دوستلىرىم ، قېرىنداشلىرىم، سىلەر سۆز ياسايمىز خەنزۇچىدە 10000 سۆز بولسا بىزمۇ 10000 سۆز تاپىمىز دەپ ئاۋارە بولماڭلار. ئۇلاردا 10000 سۆز بولسا بىزدە 9000سۆز سۆز بىلەنمۇ مەنىسىنى ئىپادىلىيەلىسەك بولدى.
变态 دېگەننى ساراڭ دەپ تەرجىمە قىلساقمۇ بولىۋېرىدۇ. چۈنكى بۇ ئادەتتىكى ئادەم قىلمايدىغان ياكى ئەقىلغا سىغمايدىغان ئىشنى مۇشۇنداق ئىپادىلەيمىز.
奇葩 دېگەن سۆزگە توغرا كېلىدىغان ، ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تەرجىمە قىلغىلى بولىدىغان سۆزنى تېپىپ بېقىڭە، مەن بىر كۆرەي.
自拍 دېگەننىمۇ ئۆزىنى رەسىمگە تارتتى دەۋەرسەك بولىدۇ، مۇشۇنىڭغىمۇ سۆز ياسايمىز دەمسىلەر؟
学长,学姐 دېگەن بۇسۆزلەرنىمۇ " يۇقىرى يىللىقتىكى ئاكاش،ھەدەش" دەپ تەرجىمە قىلىپ ئالساق بولىدۇ. سۆز ياسايمىز، ئۇدۇل سۆز تاپىمىز دېسەك بولمايدۇ.
你真是一朵奇葩
سەن نېمە دېگەن ساراڭ.
我們班有一個奇葩
بىزنىڭ سىنىپتا بىر غەلىتە بالا بار دېگىنە.
他把我雷到了
ئۇ ماڭا ئادەمنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان گەپ قىلدى.
مۇشۇنداق تەرجىمە يېتەر. مەنانى ئىپادىلەپ بەرسەك بولدى . سۆزياسايمىز دېمەيلى.
دۇنيادا خەنزۇتىلىدىن بۆلەك باشقا تىللارمۇ بار تۇرسا، ئۇلارغىمۇ يۈزدە يۈز ئۇدۇل كەلتۈرۈپ سۆز تېپىپ چىقالامسىز؟ ئەگەر شۇنداق قىلالىسىڭىز، ئۇيغۇر تىلى دۇنيادا 万能语言 گە ئايلىنىدۇ. كۆپ ئىقتىدارلىقىدىن ئېنگىلىز تىلىنى بېسىپ چۈشمەمدۇ؟
你简直傻到家了。哪有,到门口了,还没进门呢?
بۇنى بىز" سەن بەكلائەخمەقئىكەنسەن، گەپكەتمىگۈدەك.ياقەي، ئۇنچىۋالامۇئەمەسمۇ." دەپ تەرجىمە قىلساق بولىدۇ. ھەرگىزمۇ" سەن ئەخمەقلىكتە ئۆيگە بېرىپ قاپسەن. نەدىكىنى، ئىشىكتىن كىرمىدىم تېخى" دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ.
。起码要多久?骑马要更久。
ئازدېگەندەقانچىلىك كېتىدۇ؟ئاتمىنسىڭىز تېخمۇئۇزۇنۋاقىتكېتىدۇ.
你有没有量心?我没量心。没良心的人肯定做不了大事。?、?、、?
يۈرىكىنىئۆلچىگەنمۇ؟يۈرىكىنى ئۆلچىمەپتىمەن.ۋىجدانىيوقكىشىقانچىلىك ئىشقىلىلىيتتى.
مانا شۇنىڭدەك خەنزۇلاردا سۆز ئويۇنى كۆپ، ئاھاڭداش سۆزلەرنى بىرنىمە قىلىپ تۈزىۋېرىدۇ. بۇنىمۇ خەتمۇ خەت تەرجىمە قىلىمىز ، سۆز ياسايمىز دېيىشكە بولمايدۇ. بولمىسا ئۇيغۇرتىلى پەقەت خەنزۇ تىلى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغان، تۇتۇرۇقسىز بىر تىلغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدا سىرتتىن كىرگەن سۆزلەر بار، مەسىلەن، روس تىلىدىن : گېزىت، ئىشكاپ، سومكا، كىنو دېگەندەك، ئېنگىلىز تىلىدىن: كومپيوتېر، تېلىفون، ئۇنۋېرسىتېت، فاكۇلتېت، پرېزىدېنت دېگەندەك، ئەرەب تىلىدىن: ئىنسان، تارىخ،كىتاب، مەدرىس، جۇمھۇرىيەت دېگەندەك، خەنزۇ تىلىدىن پو ئېتىش، سۈيلەش دېگەندەك، ئۇندىن باشقا پارس تىلىدىنمۇ نۇرغۇن سۆزلەر كىرگەن. غەرپلەرنىڭ تىلى ۋە دۇنيا تىلى بولغان ئېنگلىز تىلىدىن كىرگەن سۆز كۆپرەك. بەلكىم دانا ئاتا بوۋىلىرىمىز ئەينى ۋاقىتتىلا ئېنگىلىز تىلىنىڭ دۇنيا تىلى بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىپ بولغان بولسا كېرەك، ئەۋلادلىرىمىز دۇنياغا يۈزلەنگەندە ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىشى ئاسانراق بولسۇن دېگەندۇر بەلكىم. ھازىرقى زاماندىكى زامانىۋى سۆزلەرنى(كومپيوتېر، تېخنىكا، مېدىتسىنا، رېتسىپ، خېمىيە، ۋالىبول...) دېگەندەك سۆزلەرنى دېمەيلا تۇرايلى، بىزنىڭ ئادەتتىكى سۆزلىرىمىز ، تۇرمۇشتا ئەلمىساقتىن دەپ كېلىۋاتقان سۆزلەر، مەسىلەن پۇت( foot )، بۇرادەر( brother ) دېگەن سۆزلەرمۇ ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا توخۇ يۈرەك(chicken heart)، ئىلگىرلەش(improve)، تولۇقلاش(replenish)، يول بېرىش(give way)، جاق تويدۇم(fed up with)، قانات ئاسىغا ئېلىش(take sb. Under wing) دېگەندەك سۆزلەر، ئىككى تىلدا ئۇدۇللا كېلىدۇ. خەنزۇ تىلىدا، توخۇ يۈرەكنى 鸡心 دېمەيدۇ، جاق تويدۇمنى 我对你吃饱了 دېمەيدۇ، قانات ئاستىغا ئېلىشنى 放在翅膀下 دېمەيدۇ. ئىلگىرىلەشنى 进步,进展 دەپ ئىككى خىل دەيدۇ، تولۇقلاشنى 补充,填补 دەيدۇ. يول بېرىش دېگەننى ئېنگىلىزچە give way دەيدۇ، خەنزۇچە 让路 دەيدۇ. ھەرگىزمۇ 给路 دېمەيدۇ . كۆپىيىش دېگەننى ئېنگىلىزچە multiply دېسە، خەنزۇچە 繁殖,增多,乘 دەيدۇ. شۇنىڭدەك ئېنگىلىز تىلىدىن ئۇيغۇرتىلىدىكى سۆزلەرگە ئۇدۇل كېلىدىغان سۆزلەر كۆپ، خەنزۇتىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئۇدۇل كېلىدىغان سۆزلەر ئاز.
ئەبجەش تىلىدا سۆزلەش(يەنى يېرىمى بىر تىل، يېرىمى باشقا تىل، جۈملىنىڭ ئوتتۇرىسىغا باشقا تىلدىكى سۆزلەرنى قېتىۋېلىش)كە قارشى تۇرىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرچە جۈملىگە خەنزۇچە سۆز ئارىلاشتۇرىۋېلىش، دۆلەت تىلىغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك، ئانا تىلغا بولغان ھاقارەت. بۇ تىلىمىز تورى(tilimiz.com) ئەبجەش تىلغا قارشىلىق قىلىش ئۈچۈن، خەنزۇ تىلىدىكى يېڭى كونا ھەممە سۆزنى تەرجىمە قىلىمىز دەپتۇ، ئەسلى مەقسىتى ياخشى، لېكىن بۇ ئىككى تىلنىڭ مەدەنىيەت پەرقى زور بولغاچقا، يېڭى سۆز ياسايمىز دېيىشى بىر خاتا كوچىغا كىرىپ قالغانلىق، تىلىمىزغا تۆھپە قوشىمىز دەپ، تىلىمىزغا زىيان خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. خۇددى ۋەتەنپەرۋەر جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ياپونىيەدىن ئىمپوت قىلىنغان ماللىرىنى چاققىنىدەك، مۇددىئاسى ياخشى، ئەمما تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، ئاقىۋېتى ناچار بولىدۇ.
شۇڭا دېمەكچىمەنكى ، ئىنشا ئاللاھ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى بىر دىلى بىر، دىنى بىر تىلى بىر بولغاي. ئەبجەش تىلدىن ساقلىنىپلا قالماي، تىلىمىزنى ۋەيران قىلماي، تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قەدىرلەيلى.