مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 442|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پىنيىن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى خۇسۇسىدا گەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
   

     بۇ سۈرەتنى بىر چاغلاردا مىسرانىمدىن ساقلىۋالغان ئىكەنمەن، ھازىر كۆرسەم تولا كۈلكىلىك تۇيۇلدى. كوت-كوتچىلارنىڭ " شۇ ئۇيغۇرچە ئىپادىلىگىلى بولمايدىكەن " دېگىنى بەكلا بىچارىلىك تۇيۇلدى.
    ئالاھەزەل يىگرىمە نەچچە يىل قوللىنىلغان  " يېڭى يېزىق " (پىنيىن يېزىق)  ئەسلىدە تىلىمىزنى ئىپادە قىلالىغان، لېكىن بەزى ھەرپلەرنى كومپيۇتېردا بىرياقلىق قىلىش كۈنىمىزدە ئىشلەنمىگەن خىزمەت بولۇپ قالغاچقا، ئالدىرىغاندا باش-ئاخىرىنى ئويلاپ يۈرمەي  قانۇنىيەتسىز ھالدا  قالايمىقان ئىشلىتىۋەردۈك، بۇنى ئاخىرى تۇججارلىرىمىز (سودىگەر-تىجارەتچىلىرىمىز)، كارخانىچىلىرىمىز خۇددى  باشقىلار ئالدىرىغاندەك باش-ئاخىرىنى ئويلاپ يۈرمەي ئالدىراپ-سالدىراپلا ماركا-ئىسىملارغىچە كېڭەيتىپ سالدى. نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقلار چىقىپ تىلىمىز بۇزۇلۇۋەردى. تىل ھەققىدە گەپ بولۇنغاندا نۇرغۇنلىرىمىز گۈرەن تومۇرلىرىمىزنى كۆپتۈرۈپ، قىزىشىپ-كۆبجۈشۈپ دەتالاشلار قىلىشتۇق، ئەمما يەنىلا ئىش ئەپلەشمىدى. كۈنىمىزدە ماركا-ئىسىملار تىلىمىزنى بۇزغان مىساللارنى كۆپلەپ كەلتۈرۈش مۇمكىن، ئالايلۇق:

    " Abida " (ئابىدا، بۇنى  "ئابىدە" دەپ ئوقۇشنىڭ ھېچ ئاساسى يوق)؛  " Sanam " دەپ يېزىپ نېمىگە ئاساسەن " سەنەم " دەپ ئوقۇغۇدەكمىز؟ " MOTUWAR " نىمۇ " مۆتىۋەر" دەپ ئوقۇغىلى بولمىدى. " EFRANA " (گەرچە نېمە سۆزلىكىنى بىللمىسەممۇ) ئۇيغۇرچە يېزىلغان " ئېفرانە " دەپ ئوقۇشقا بولمىدى، نېمىشقا " ئېفرانا" دەپ ئوقۇمىغىدەكمىز؟  " ISTIKBAL " نىمۇ "ئىستىقبال " دەپ ئوقۇشقا ئىمكان تاپالمىدىم.  زىغىرلاپ-ئەزۋەيلەپ كەلسەم نەچچە بەت ساناشقا توغرا كېلىدۇ، دېمەك مۇشۇنداق تىل بۇزۇشلارنى كۆزدە تۇتۇپ تىل-يېزىق كومىتېتى 10 نەچچە يىللار بۇرۇنلا ئۆلچەملىك ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى  جاكار قىلغان ئىدى، بۇنىڭغا  نۇرغۇنلار دۇرۇست يۈز تۇتمىدى، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىدى، بۇنىڭ ئۆزى تولا ئاچچىق كۈلكىگە سەۋەب بولدى!
             قالدى-قاتتى گەپلەرگە بەگ-بېگاتلار بار!

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-6-11 00:05:12 | ئايرىم كۆرۈش
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

3

تېما

40

يازما

193

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
193
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-6-19 12:50:31 | ئايرىم كۆرۈش
  قالدى-قاتتى گەپلەرگە بەگ-بېگاتلار بار دېگەن نېمە گەپ؟

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-6-22 15:08:11 | ئايرىم كۆرۈش
چەۋگەن يوللىغان ۋاقتى  2016-6-19 12:50
قالدى-قاتتى گەپلەرگە بەگ-بېگاتلار بار دېگەن نېمە گەپ؟

ۋەزىر-ۋۇزرا، ئەمرۇل-ئۆمەرا، قازى-قۇززات، بەگ-بېگات، ئەكابىر-تەكابىر، ئەكابىر-ئەشرەپ ... دېگەندەك گەپ!

مۇنداقچە ئېيتقاندا ھەرقايسىلىرىنى شۇنداق بەگ-بېگات، دەپ ئاتىدىم، خۇددى تەقسىر، جاناب دېگەندەكلا گەپ
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:29 , Processed in 0.062361 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش