تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

تېما: ئاشۇرۇپ قوي ئېشىۋالغاننى [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]

يوللىغۇچى: alma    ۋاقىت: 6 كۈن بۇرۇن
تېما: ئاشۇرۇپ قوي ئېشىۋالغاننى
ئاشۇرۇپ قوي ئېشىۋالغاننى

ئاشۇرۇپ قوي ئېشىۋالغاننى،
تىرسىگە پاتماي تېشىۋالغاننى

ئۇ بىر بولسا سەن ئىككى ئەمەس ،
ياكى بېرىنىڭ مالىيى ئەمەس .

"ئادەمگە كېرىكى ئادەمدەك ئادەم،
مىھىر بىلەن گۈزەلدۈر ئالەم،"

ھەممىگە ئېگىلىش ئەمەستۇر پەرىز،
يا سەن بىرىگە ھەم ئەمەس قەرىز،

قىلغانغا ئادەمنىڭ قىلغۇسى كىلۇر،
قىلغاننى بىلمىسە قويغۇسى كىلۇر،

"كۆڭۈل ئىچەر كۆڭۈلدىنلا سۇ"
كۆڭۈلدە بولمىسا،سەندىن يىراق ئۇ،

قىلغانلارغا قىلغىن ئاشۇرۇپ،
كەتسە سەندىن كەتمە ئاھ ئۇرۇپ ،

"دۇنياغا ھەممىمىز پەقەتلا مىھمان "
مىھماندىن مىھمانلار تاما تۇتمىغان،


قانائەت بولسىلا ،سەن قەيەردە توق،
قانائەت بولمىسا ،ساڭا ئامبار يوق،

شۈكۈر ۋە سەبىرنىڭ قىلغان ئەجىرنىڭ،
بار چۇقۇم ئىنئامى بەرگەن مىھىرنىڭ،
4-ماي،غولجا ئالتۆي،UMT





خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/) Powered by Discuz! X3.2