مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 312|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

20 يېشىڭىزدا پۇلىڭىز بولمىسا نورمال، 30 يېشىڭىزدا پۇلىڭىز بولمىسا بەلكىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

300

تېما

646

يازما

1678

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1678
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2015-5-23 19:58:57 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
20 يېشىڭىزدا پۇلىڭىز بولمىسا نورمال، 30[强][强][强] يېشىڭىزدا پۇلىڭىز بولمىسا بەلكىم ئائىلە شارائىتىڭىزنىڭ سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. 40 يېشىڭىزدا پۇلىڭىز بولمىسا سەۋەبىنى پەقەت ئۆزىڭىزدىن ئىزدىمەي ئامال يوق. ئەگەر نامرات بولغۇڭىز بولمىسا تۆۋەندىكى ماقالىنى ياخشى ئوقۇڭ. سىز مەيلى ئەر ياكى ئايال بولۇڭ، ئۇتۇق قازانماقچى بولىدىكەنسىز، تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك ئىشلارنى چوقۇم قىلىشىڭىز كېرەك.          1.  بۇ بىر رېئال جەمئىيەت، ھېسسىياتنى ناننىڭ ئورنىدا يېگىلى بولمايدۇ. كىنولاردىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرگە ئىشەنمەڭ، ئۇ پەقەت تاماشىبىنلارنى تەسىرلەندۈرۈش ئۈچۈن توقۇلغان ھېكايە خالاس.          2.  ئۆزىڭىزگە بىر يىللىق، ئىككى يىللىق، بەش يىللىق نىشان بەلگىلىۋېلىڭ. بەلكىم سىزنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشىڭىز باشقىلارغا يەتمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن تېرىشىش ئارقىلىق تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتەلىشىڭىز مۇمكىن.          3.  دوستلىرىڭىز تاماققا تەكلىپ قىلسا ياكى بىللە يېگەن تاماقنىڭ پۇلىنى ئاكتىپلىق بىلەن تۆلىۋەتسە، شۇنداق قىلىشقا تېگىشلىك دەپ ئويلاپ قالماڭ. بار تاۋىقىم يان تاۋىقىم، بولمىسا نامىڭىز بارغانسېرى ناچارلىشىدۇ خالاس.          4.  ياخشى ئۆتىدىغان دوستلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدىن ئەڭ ياخشى بىر سىرداش تۇتۇۋېلىڭ. ئۆزىڭىزنى ھەممە ئادەم ياقتۇرىدۇ، ھەممە يەردە دوستۇم بار دەپ ئويلاپ قالماڭ، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئاخىرىدا سىزگە ئەسقاتىدىغىنى پەقەت بىرلا.          5.  پالغا ئىشەنمەڭ، ئۇ ئۇششاق بالىلارنى ئالدايدىغان نەرسە. ئۆيدە ئېسىل ماشىنا، ئېسىل ئۆي ساقلاپ ئوڭدىسىغا ياتقاندىن، قېنىپ بىر ئۇخلاپ شېرىن چۈش كۆرگەن ئەۋزەل.          6.  ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان ئادەملەر بىلەن ئارىلاشماڭ، لېكىن خەقنىڭ كەينىدىن قالايمىقان گەپ قىلماڭ. سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىز راست بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنتۇماڭ، ئادەم ئېغىزدىن بالاغا قالىدۇ.          7.  تور ياكى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇننى ئاز ئويناڭ. ئويۇن ئويناپ ئۆي، ماشىنىغا ئىگە بولغىلى بولىدىغان بۇ كورىيە ئەمەس. قىزىقىشىڭىز بولسا بولىدۇ، لېكىن چېكى بولسۇن. «پومېشچىكلارنى كۈرەش قىلىش» (斗地主) قاتارلىق ئويۇنلارنى ئاز ئويناڭ. بەلكىم سىزنىڭ دەرىجىڭىز ناھايىتى يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن رېئال تۇرمۇشتا ئۇ ھېچنېمىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.          8.  ھۇرۇنلۇق تۇغما بولۇپ، ھەممە ئادەمدە بولىدۇ. لېكىن ھۇرۇنلۇقنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. مەلۇم بىر ئىش ياكى سودىغا نىسبەتەن، باشقىلار قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن قىلىشىنى ئويلىماڭ. باشقىلاردىن بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىشقا تىرىشىڭ.          9.  ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىڭ. جىمجىت كېچىلەردە ئۆزىڭىزدىن سوراڭ، سىز كەلگۈسىدە نېمە ئىش قىلماقچى؟ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلماقچى؟          10. بىر ئىشنى قىلماقچى ئىكەنسىز، ئىشنى دەرھال باشلاڭ. ئىشنى قىلىش جەرياندا يول چوقۇم تېپىلىدۇ. ئەڭ قېيىنى ئۆيدىن چىقماي باش قاتۇرۇپ ئولتۇرۇش.

300

تېما

646

يازما

1678

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1678
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-23 19:59:48 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
چېقىق ئەينەك نەزەرىيىسى:     بىر ئۆينىڭ ئەينىكى چېقىلىپ كېتىپ، ئۇنى سالىدىغان ئادەم چىقمىسا، ئۇزۇن ئۆتمەي باشقا ئەينەكلەرمۇ ئەجەبلىنەرلىك ھالدا باشقىلار تەرىپىدىن چېقىۋېتىلىدۇ؛          تامغا يېزىلغان قالايمىقان خەتلەر ۋاقتىدا تازىۋېتىلمىسە، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ تام قالايمىقان، كۆرگۈسىز يازمىلارغا تولۇپ كېتىدۇ؛    بىر پاكىز يەرگە كىشىلەر ئەخلەت تاشلاشتىن خىجىل بولىدۇ، ئەگەر شۇ جايدا ئازراق ئەخلەت كۆرۈلۈپ قالسلا، كىشىلەر ئىككىلەنمەستىن ئەخلەت تاشلايدۇ، ھەرگىز خىجىل بولمايدۇ. مىللەتمۇ شۇنداق بولىدۇ. مىللەتتىكى ئازراق ئەيىپنى تۈزەتمىسە،ئاخىرىدا ئۇ بىر ئادەتكە ئايلىنىدۇ، ئاستا ئاستا تامغىدەك ئويۇلۇپ كېتىدۇ. مانا بۇ چېقىق ئەينەك نەزىرىيىسىدۇر.........

300

تېما

646

يازما

1678

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1678
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-23 20:00:01 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
كىشلەر سىنى ياخشى دىسۇن,  مەيلى يامان دىسۇن سەن ئۇنىڭغا پەرۋا قىلما! چۈنكى ئۇلار ئادەتتە سېنىڭ قىلغانلىرىڭنىڭ ياخشى بولغان بولممىغانلىقىغا ئەمەس, ئۆزىگە پايدىسى بولىدىغان بولممايدىغانلىقىغا قارايدۇ !

300

تېما

646

يازما

1678

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1678
يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-23 20:00:29 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئىسىل ماشىنىسى بارلارغا ھەۋەس قىلىپ، پىيادە ماڭغىنىڭىزدىن زارلانغان ۋاقتىڭىزدا، سىزنىڭ پۇتىڭىزغا ھەۋەس قىلىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئۇنۇتماڭ!شۈكرى قىلىشنىمۇ ئ‍ۆگىنىۋىلىڭ……
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:52 , Processed in 0.055813 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش