تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

تېما: بىز بىر ئ‍ۆمۈر ئ‍ۆسەلمەيمىز [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]

يوللىغۇچى: uyghur    ۋاقىت: 2016-6-18 22:49
تېما: بىز بىر ئ‍ۆمۈر ئ‍ۆسەلمەيمىز
بىز بىر ئ‍ۆمۈر ئ‍ۆسەلمەيمىز(ئاساسەن)، چۈنكى تەرجىمان تاپماق تەس بولغاچقا ئ‍ىدارىدىن قويۇپ بەرمەي ئ‍ىشلىتىدۇ، قويۇۋەتسە باشلىقنىڭ خىزمەت نەتىجىسىگە تەسىرى چوڭ بولىدۇ، شۇڭا ئ‍الدى بىلەن ئ‍ۆزىنى ئ‍ۇيلايدۇ، سىزنىڭ ئ‍ىستىقبالىڭىزنى ئ‍ويلايدىغانغا ئ‍ۇنىڭ چولىسى يوق، يىغىنلاردا باشلىققا چاي قۇيسا سىزگىمۇ قۇيۇشى ناتايىن، چۈنكى سىزدە ھوقۇق دەيدىغاندىن ئ‍ەسەر بولمايدۇ، كاتىپلار ئ‍ون كۈن يازغان سۆز تېكىستىنى يىغىنغا ئ‍ۈچ سائەت قالغاندا تەرجىمە قىلىپ تۈگەتمىسەڭ باشلىققا ئ‍ۆزەڭ جاۋاب بەر دەپ قولۇڭىزغا بېرىدۇ، ماڭا ئ‍ۇنۋان لازىمتى دەپ ئ‍ىشتات كومىتېتىغا كىرىپ بېقىڭە قېنى، مەمۇرلارغا نەدىكى ئ‍ۇنۋانكەن، شېنجىڭبىڭ( 神经病) دېگەن جاۋابنى ئ‍ېلىپ سولىشىپ قايتىپ چىقىسىز، يىغىنغا ئ‍از قالغاندا ئ‍اغرىپ قېلىپ ياتاقتا يېتىپ قالسىڭىز شۇ چاغدا ھۆرمىتىڭىز بارلىقىنى ئ‍اندىن ھىس قىلىپ قالىسىز، كاتىپلار سىزنى يەنە ماڭدۇرماي ماتېرىيالنى ئ‍الدىڭىزغا ئ‍ىدارىنىڭ ئ‍اپتوموبىلى بىلەن ئەكىلىپ  بېرىپ، پالانى كۈنىدىن بۇرۇن تۈگىتىپ ئ‍ۈندىدار قىلسىڭىز كېلىپ ئ‍ەكىتىدىغانلىقىنى دەپ قويۇپ  كېتىپ قالىدۇ، ماڭغىچە بالدۇرراق ساقىيارسىز، ماتېرىيال دۆۋىلىنىپ كەتتى، خەير خوش دەپلا كېتىپ قالىدۇ، قانداق، چىداملىقمىكەنمىز
يوللىغۇچى: ئەركمان    ۋاقىت: 2016-6-20 10:29
مەن بۇ ئۆمرۈمدە پالانى كۈنىدىن بۇرۇن تۈگىتىپ ئۈندىدار قىلسىڭىز كېلىپ ئەكىتىدىغائانلىقىنى دەپ قويۇپ كېتىپ قالىدىغانلىقىنى دەپ قويۇپ كېتىپ قالىدىغاننى ئۇچراتمىدىم. ما ماتېرىيالنى ئەتە ئەتىگەن رەئىس سۆزلەيدۇ، دېگەننىلا قىلىپ كەلدىم ھەتتا ئاران تەرجىمە قىلىپ بولغاندا يەنە ئۆزگەردى، دەپ يېڭىدىن بىرنى ئەكىرىپ ئۈلگۈرت، دېگەن بۇيرۇقنىلا ئاڭلاپ كەلدىم!
يوللىغۇچى: ئەركمان    ۋاقىت: 2016-6-21 18:33
تەرجىمانغا بولغان قاراش ياپون جاھانگىرلىكىگە قارىشى ئۇرۇش دەۋرىدىلا ياخشى بولمىغان ئىدى!




خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/) Powered by Discuz! X3.2