مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1228|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(2) مەنبە: خەلق تورى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
 ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(2)مەنبە: خەلق تورى

 ئۈچىنچى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دەرىجىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كۈچەپ، خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلاش كېرەك. بىز قوغلىشىدىغان تەرەققىيات — سۈپەت، ئۈنۈم ئۆستۈرۈلىدىغان، تىپنىڭ ئۆزگىرىشى، دەرىجىنىڭ ئۆسۈشى ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلىنىدىغان تەرەققىيات. ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەرەققىياتنىڭ ئاساسەن ئامىل سېلىنمىسىغا تايىنىشتىن يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىسىگە تېخىمۇ كۆپرەك تايىنىدىغان بولۇشىغا، ئاساسەن ئەنئەنىۋى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىككە تايىنىشتىن ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئۈستۈنلۈكىنى تېخىمۇ كۆپرەك جارى قىلدۇرىدىغان بولۇشىغا، خەلقئارا كەسىپ ئىش تەقسىماتىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن دەرىجىدىن ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشىگە، شەھەر-يېزىلارنىڭ رايون تەڭپۇڭسىزلىقىدىن باراۋەر، تەڭكەش تەرەققىيات يولىغا بۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نەتىجە سىناش ــ باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر جەھەتتىكى ئاكتىپلىقنى ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەرەپكە ھەقىقىي رەۋىشتە يېتەكلەپ، ئىش ئورنى ۋە ئاھالە كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي ــ ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ سىجىل داۋاملاشتۇرۇش لازىم.〖LM〗 3.

  2014- يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت
   بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. )1( مۇھىم ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش. ئىسلاھات — بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىپ، بىرى ئارقىلىق ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىش تەدبىرىنى ياخشى تۇتۇپ، ماھىيەتلىك نەتىجە قازىنىشقا تىرىشىپ، ئىسلاھاتتىن تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىش لازىم. مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەمۇرىي ئورگانلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىمىز، بۇ — ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ئىنقىلاب، بۇ يىل مەمۇرىي تەستىقنىڭ 200 دىن ئارتۇق تۈرنى يەنە ئەمەلدىن قالدۇرىمىز ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىمىز. مەبلەغ سېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ياكى ئاددىيلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىش ھوقۇقىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ھەقىقەتەن تەسىس قىلىشقا توغرا كېلىدىغان مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىدا ھوقۇق تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، جەمئىيەتكە بىردەك ئاشكارىلاش لازىم. تىزىملىك سىرتىدىكىلەردە بىردەك تەكشۈرۈپ تەستىقلاش يولىنى تۇتمايمىز. مەمۇرىي تەستىق دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ئىشلارنى ئەتراپلىق ئېنىقلايمىز. ئۆلكىلىك، شەھەرلىك، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملايمىز، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز. مەملىكەت بويىچە سودا ــ سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش بويىچە تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، تاپشۇرۇش ئېتىراپ قىلىنغىنى بويىچە تىزىملاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئاۋۋال ئىجازەتنامە، كېيىن كىنىشكا بېرىش»نى «ئاۋۋال كىنىشكا، كېيىن ئىجازەتنامە بېرىش»كە، كارخانىلارنىڭ يىللىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يىللىق مەلۇماتنى ئېلان قىلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتىمىز. ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئېتىبار بېرىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، گىرەلەشمە ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مەسئۇلىيەت بىلەن ھوقۇقنى تەڭ قەدەمدە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز، جانلاندۇرۇش بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تەڭ قەدەمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. بىر جايدا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، بىر كۆزنەكتە ئىش بېجىرىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بازارنى بىرتۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يولىنى تۇتۇش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئىي ئىگە ۋە قانۇنىي ئىگە بىرتۇتاش كودىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بازاردا رىقابەتلىشىش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغان ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق ــ مەنپەئىتىگە زىيان سالغان كارخانىلارغا قارىتىلغان قارا تىزىملىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغانلارنىڭ يولى راۋانلاشتۇرىمىز. مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت ئاساسلىق مەزمۇننى ئوبدان تۇتىمىز. ئەتراپلىق قېلىپلاشقان، ئاشكارا، ئوچۇق بولغان خامچوت تۈزۈمىنى يولغا قويىمىز. ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك بارلىق كىرىمنى خامچوتقا كىرگۈزۈش، ئومۇمىي خامچوت بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خامچوتىنىمۇ، نەق چوتىنىمۇ جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش لازىم، تارماق خامچوتىنى ئاساسىي چىقىم ۋە تۈر چىقىمىغىچە پەيدىنپەي ئاشكارىلاش، مالىيەدىن پۇل ئاجرىتىدىغان بارلىق «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت» خىراجىتىنى ئاشكارىلاش كېرەك، ئامما چۈشىنەلەيدىغان، نازارەت قىلالايدىغان ئوچۇق-ئاشكارا مالىيەنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش كېرەك. ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم تۈرلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئازايتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئازايتىمىز. باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنىقىنى تۆمۈريول تىرانسپورتى، پوچتا مۇلازىمىتى-تېلېگراف قاتارلىق ساھەلەرگىچە كېڭەيتىمىز، ھەقنى ئېنىقلاپ، باج تەسىس قىلىپ، ئىستېمال بېجى، بايلىق بېجى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئۆي ــ زېمىن بېجى، مۇھىت ئاسراش بېجى توغرىسىدا قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيمىز. كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا باجدا ئېتىبار بېرىش دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ سېلىقىنى يەڭگىللىتىمىز. مەركەز بىلەن جايلارنىڭ ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى تەڭشەشنى چىڭ تۇتۇپ مۇھاكىمە قىلىپ، مەركەز بىلەن جايلار كىرىمىنىڭ ئايرىلىشىنى پەيدىنپەي راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ھازىرقى مالىيە كۈچى قۇرۇلمىسىنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىنى ساقلايمىز. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قېلىپلاشقان قەرز ئېلىش-مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، جايلارنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزىنى خامچوت باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىۋېرسال مالىيە دوكلاتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، قەرزدارلىق خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تۈگىتىمىز.

  پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ بازارلىشىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئۆز ئالدىغا باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى زورايتىمىز. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق تەكشى سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك لەيلىمە ئارىلىقىنى كېڭەيتىپ، خەلق پۇلى كاپىتال تۈرىنىڭ ئايرىباشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئەلئارا كاپىتالدىن ئوتتۇرا، كىچىك بانكا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى مۇقىم ئالغا سىلجىتىمىز. ئەلئارا كاپىتالنى پاي قوشۇشقا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋاسىتىچى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىغا مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەيمىز. ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ - خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى يولغا قويىمىز. كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، پاي چېكى تارقىتىشنى رويخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، زايوم بازىرىنى قېلىپلاشتۇرىمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز. يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئېغىر ئاپەت خەۋپ ــ خەتەر سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈسىتىدە ئىزدىنىمىز. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى راۋاجلاندۇرىمىز. ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، پۇل مۇئامىلىسىنـى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنـى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمـىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپىتالنىڭ چېگـرا ھالقىپ ئايلىنىشىنى يېقىندىن نازارەت قىلىپ كۆزىتىپ، سىستېمىلىـق ۋە رايونلۇق پۇل مۇئامىلـە خەۋپ ــ خەتىرى يۈز بەرمەسلىكنىڭ ئاخىرقـى چېكـىنى ساقلايمىز. پۇل مۇئامىلىسـى خۇددى ئېقىن سۇدەك كىچىك، مىكرو كارخانىـلار، «يېزا ئىگىلىكـى، يېزا، دېھقانلار» قاتارلىق ئەمەلىـي ئىقتىسـاد دەرىخىنـى تېخىمـۇ ياخشى سۇغىرىپ كۆكەرتسـۇن. ھەر خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىمىز. ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ جايلىشىشى ۋە قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ۋە شىركەت تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ رولىنى توغرا بېكىتىپ، دۆلەت كاپىتالىنى مەبلەغ قىلىدىغـان تىجارەت شىركىتىنىـڭ سىنىقـىنى ئىلگىـرى سۈرىمىز. دۆلەت كاپىتالـى تىجارىتىنىـڭ خامچوتـىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركـەز كارخانىلىرىنىـڭ دۆلەت كاپىتالـى تاپاۋىتىنـى جامائەت مالىيەسىگـە تاپشۇرۇش نىسبىتـىنى ئۆستۈرىمىز. دۆلەت ئىلكىـدە بولمىغـان كاپىتالنـى مەركەز كارخانىلىرىنىـڭ مەبلـەغ سېلىش تۈرلىرىگـە قاتنـاشتۇرۇش چارىسـىنى تۈزىمىز، پۇل مۇئامىلىسى، نېفىت، ئېلېكتىر قۇۋۋىتى، تۆمۈريول، تېلېگراف، بايلىق ئېچىش، جامائەت ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردە دۆلەت ئىلكىـدە بولمىغان كاپىتال ئۈچۈن بىر تۈركۈم سېلىنما تۈرلىرىنى ئوتتۇرىغـا قويىمىز. ئومۇمىـي مۈلۈكچىلىكتىـكىدىن باشقا كارخانىلارنـى ئالاھىدە ئىجازەتلىـك تىجــارەت ساھەلىرىگـە كىرگۈزۈشنىـڭ كونكرېت چارىسـىنى تۈزىمىز. تۆمۈريـولغـا مەبلەغ سېلىـشمەبلەغ يۈرۈشـتۈرۈش تۈزۈلـمىسـى ئىسلاھاتـى يولـغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساھەلـەردە رىقابەتلىـك كەسىپلـەرنى قويۇۋېتىپ، ئەلئـارا كاپىتالـغـا كارامىتىنـى كۆرسىتىدىغـان سەھـنە ھازىـرلاپ بېرىمىز. مۈلـۈك ھوقۇقىنى قوغـداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىـڭ مۈلـۈك ھوقۇقىنى دەخلىسىـز قىلىمىز، ئومۇمىـي مۈلۈكچىلىكتىكىـدىن باشقـا ئىگىلىـكنىـڭ مۈلۈك ھوقۇقىنىمۇ ئوخشاشـلا دەخلىسىـز قىلىمىز.

  )2( ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش. ئېچىۋېتىش بىلەن ئىسلاھات بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، بىپايان خەلقئارا بازار ئوكيانىدا بوران ــ چاپقۇن بىلەن ئېلىشىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتنى ۋە قۇرۇلما تەڭشەشنى تەتۈر قىستاپ، خەلقئارا رىقابەتتىكى يېڭى ئۈستۈنلۈكنى تېز يېتىلدۈرۈش لازىم. ھەر تەرەپلىمە تەشەببۇسكارانە ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. چەت ئەل مەبلىغىدىن پائال، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ كەڭ ئېچىۋېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش، ئىچكى ــ تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان تىجارەت مۇھىتىنى يارىتىش ئارقىلىق، جۇڭگونى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىشتا ھەممىدىن ئاۋۋال تاللايدىغان جايغا داۋاملىق ئايلاندۇرىمىز. جۇڭگو شاڭخەي ئەركىن سودا تەجرىبە رايونىنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، تەقلىد قىلغىلى ۋە ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان تۈزۈلمە ــ مېخانىزمنى شەكىللەندۈرىمىز ھەم بەزى يېڭى سىناقلارنى ئېلىپ بارىمىز. ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كەڭ زېمىننى ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ مۇنبەت زېمىنىغا ئايلاندۇرىمىز. ئېكسپورت دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە سودىنىڭ تەڭپۇڭ راۋاجلىنىشىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن ئىلگىرى سۈرىمىز. بۇ يىل ئىمپورت ــ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 7.5% ئەتراپىدا ئېشىشى مۆلچەرلەندى. ئېكسپورت سىياسىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سىنىقىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئىمپورتقا ئىلھام بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مەملىكەت ئىچىدە قىس مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورتىنى ئاشۇرىمىز. پىششىقلاش سودىسىنى تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا كۇرسلۇق مەھسۇلات يارىتىشى ۋە خەلقئارا ماركىتىڭ تورى ئېچىشىغا مەدەت بېرىپ، مۇلازىمەت سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە سىرتتىن مۇلازىمەت ھۆددىگە ئېلىپ، جۇڭگودا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ خەلقئارا ئىش تەقسىماتىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز. خەۋەرلىشىش، تۆمۈريول، ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئېكسپورتىغا ئىلھام بېرىپ، جۇڭگو جابدۇقلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتىمىز.

  «چىقىرىش» داۋامىدا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىمىز. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەنگە ئېلىش تۈزۈمىنى ئاساس قىلىش يولىنى تۇتۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنگە بېرىمىز. پۇل مۇئامىلىسى، قانۇن، كونسۇل قاتارلىقلارنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىقىرىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەھسۇلات ئېكسپورتى، قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكى ۋە ئەمگەك ــ مۇلازىمەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى، 21 ــ ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى پىلانلاش ۋە بەرپا قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، بېنگال ــ جۇڭگو ــ ھىندىستان ــ بېرما، جۇڭگو ــ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم زور تىرەكلىك تۈرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇل ئەسلىھە ئالاقىسىنىڭ راۋانلىشىشىنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ئىقتىساد ــ تېخنىكا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىمىز. كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ۋە رايون ئارا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلايمىز. مۇلازىمەت سودا بىتىمى، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش بىتىمى، ئۇچۇر تېخنىكىسى بىتىمى قاتارلىق سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىت ئاسراش، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى تېما ئۈستىدىكى سۆھبەتنى ئالغا سىلجىتىمىز. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال ئىشتىراك قىلىپ، جۇڭگو ــ ئامېرىكا، جۇڭگو ــ ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بىتىمى ھەققىدىكى سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كورېيە، ئاۋسترالىيە، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى قاتارلىق ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىنىڭ جەريانىنى تېزلىتىمىز. سودىنىڭ ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەركىنلىشىشى، قولايلىشىشىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش بىلەن ئىسلاھات ــ تەرەققىيات بىرــ بىرىگە ياخشى تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىمىز. )3( ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ رولىنى كۈچەيتىش. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش — ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، شۇنداقلا زور قۇرۇلما تەڭشەش. ئىستېمالنىڭ ئۇللۇق رولى ۋە سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ يېڭى تىرەك بەلبېغىنى يېتىلدۈرۈپ، ئېھتىياج جەھەتتىن تەدبىر كۆرۈپ، تەمىنات جەھەتتىن كۈچ چىقىرىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىستېمالنى ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئاساسلىق كۈچەش نۇقتىسى قىلىمىز. ئاھالىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئىستېمال سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمال قىزىق نۇقتىسىنى يېتىلدۈرىمىز. مۇلازىمەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ھەر خىل مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، كۈتۈنۈش، ساغلاملىق، ساياھەت، مەدەنىيەت قاتارلىق مۇلازىمەتنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئۇچۇر ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «كەڭ بەلباغلىق جۇڭگو» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، 4- ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىشنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شەھەرلەردە 100 مىگابايتلىق ئوپتىك تالا قۇرۇلۇشى ۋە كەڭ بەلباغلىق يېزا ــ كەنت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقە تورىنىڭ سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلىتىپ، مەملىكەت بويىچە «ئۈچ تورنى بىرلەشتۈرۈش» يولىنى تۇتۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا ئىلھام بېرىش لازىم. تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك. ئوبوروت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن بازىرىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان ھەر خىل ئۆتكەلنى تۈگىتىپ، ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەشيا ئوبوروتى، تېز يەتكۈزۈش كەسپى ۋە تور سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىر مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسنىڭ غايەت زور ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق ئىشقا سېلىش لازىم.

  مەبلەغ سېلىشنى ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى قىلىمىز. مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ بىر تۈركۈم ئۈلگىلىك تۈرلىرىنى يەنە ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ساقلايمىز. مەركەز خامچوتى ئىچىدە سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىپ 457 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى، مۇھىم سۇچىلىق، ئوتتۇرا ــ غەربىي رايونلار تۆمۈريولى، ئېنېرگىيە تېجەش ــ مۇھىت ئاسراش ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار قاتارلىق ساھەلەرگە نۇقتىلىق سېلىپ، ھۆكۈمەت مەبلىغىنىڭ «دامكىراتلىق» تۈرتكە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. يېڭى رايون ئىقتىساد بەلبېغىنى يېتىلدۈرۈشنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىمىز. رايون تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنى ئاۋۋال ئالغا سىلجىتىپ، شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى ئەتراپلىق گۈللەندۈرۈپ، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ يۈكسېلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي رايونلار ئىقتىسادىنىڭ ئالدى بىلەن تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشىگە پائال مەدەت بېرىپ، كونا ئىنىقلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. رايون تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھالىتىنى پىلانلاپ، شەرقتىن غەربكىچە، دېڭىز بويىدىن ئىچكى رايونلارغىچە، چوڭ دەريالار بويىدىن قۇرۇقلۇق يوللىرى بويىدىكى غول قاتناش لىنىيەسىگىچە گىرادىئېنتلىق تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش لازىم. گۈللەنگەن سۇ يولىغا تايىنىش ئاساسىدا، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى بەرپا قىلىمىز. دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىكى نۇقتىلىق پورتلارنى تىرەك قىلىپ، دېڭىز بويىغا تۇتاشقان غەربىي جەنۇب ــ ئوتتۇرا جەنۇب، شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال قاتارلىق ئىقتىسادىي تىرەك بەلبېغىنى شەكىللەندۈرىمىز. چاڭجياڭ دېلتا رايونى ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پان جۇجياڭ دېلتا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بوخەي ئەتراپى رايونلىرى ۋە بېيجىڭ ــ تيەنجىن ــ خېبېي رايونلىرىنىڭ بىرلىكتە راۋاجلىنىشىنى كۈچەيتىمىز. پەرقلىق ئىقتىسادىي سىياسەتنى يولغا قويۇپ، كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ھالقىغان چوڭ قاتناش، چوڭ ئوبوروتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى قۇتۇبىنى شەكىللەندۈرىمىز. دېڭىز ــ ئوكيان — قىممەتلىك كۆك زېمىنىمىز. قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دېڭىز ــ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى ئەتراپلىق يولغا قويۇپ، دېڭىز ــ ئوكيان ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېڭىز ــ ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراپ، دۆلەتنىڭ دېڭىز ــ ئوكيان ھوقۇق ــ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، زور كۈچ بىلەن دېڭىز ــ ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش لازىم. )4( يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ۋە يېزا ئىسلاھاتى ــ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. يېزا ئىگىلىكى — ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىكى مۇھىم ساھە، شۇنداقلا جاھاننى تىنچلاندۇرۇپ، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزىدىغان كەسىپ. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى بارلىق خىزمەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورنىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يادرو قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلايمىز، تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دانلىق زىرائەت بىلەن ئۆز ئېھتىياجىمىزنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىمىز قامداشقا ۋە ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ تاۋىقىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشىمىز لازىم. يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش سىياسىتىنى كۈچەيتىمىز. بۇغداي، شالنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆممىقوناق، قىچا، شېكەرنى ۋاقىتلىق سېتىۋېلىش ــ ساقلاش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىمىز. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ نىشانلىق باھا تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بازار باھاسى زىيادە تۆۋەن بولغاندا ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا، زىيادە يۇقىرى بولغاندا تۆۋەن كىرىملىك ئىستېمالچىلارغا قوشۇمچە ياردەم بېرىمىز. يېزا ئىگىلىكىگە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تولۇقلىمىنى ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان جايلارغا مايىللاشتۇرىمىز. ئاشلىق، ياغ، چوشقا قاتارلىقلار كۆپ چىقىدىغان ناھىيەلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپات ۋە قوشۇمچە ياردەمنى كۆپەيتىمىز، كالا ــ قوي گۆشى ئىشلەپچىقىرىشىغا مەدەت بېرىمىز. يەرنى چوڭقۇر بوشىتىپ تۈزلەشنىڭ مەھسۇلاتنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرىمىز، بۇ يىل 100 مىليون مو ئېتىزدا سىناق ئېلىپ بارىمىز. يېزا ئىگىلىكىگە دائىر مەبلەغنى بىرتۇتاش غەملەپ بىرىكتۈرىمىز، مالىيە كۈچى ھەرقانچە جىددىي بولسىمۇ يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىنىڭ ئازايتىلماي، ئاشۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

  يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىنى چىڭدايمىز. دۆلەت بىر تۈركۈم زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارىدۇ، بۇ يىل مەركەز خامچوتى ئىچىدە سۇچىلىق ئۈچۈن 70 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، سۇ باشلاش، سۇ يۆتكەش، تايانچ سۇ مەنبەسى، دەريا ــ كۆللەرنى تىزگىنلەش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېجەشلىك سۇغىرىش قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرگە مەدەت بېرىلىدۇ. جايلار ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى سۇچىلىق تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۇ ئىشلىتىشتىكى «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشى لازىم. قۇرغاقچىلىقتىمۇ، ھۆلچىلىكتىمۇ ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان بىر تۈركۈم يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنى تېز بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم ئەلا سورتلارنى يېتىلدۈرۈپ، بىر تۈركۈم يېڭىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسايمىز ۋە ئومۇملاشتۇرىمىز. يېزىلارنىڭ سۇ، ئېلېكتىر، يول، تەبىئىي گاز، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى 2 مىليون 600 مىڭ ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيىنى ئۆزگەرتىمىز، 200 مىڭ كىلومېتىرلىق يېزا يولىنى ئۆزگەرتىپ ياسايمىز. يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلار، ئاياللار، ياشانغانلار ۋە «قۇرۇقدىلىپ قالغان كەنت» مەسىلىسىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىمىز. بۇ يىل يەنە 60 مىليون يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز. بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى تىرىشىش ئارقىلىق، بارلىق يېزا ئاھالىسىنى پاكىز سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-28 00:29:22 | ئايرىم كۆرۈش
第三,着力提质增效升级、持续改善民生。我们追求的发展,是提高质量效益、推进转型升级、改善人民生活的发展。要在稳增长的同时,推动发展从主要依靠要素投入向更多依靠创新驱动转变,从主要依靠传统比较优势向更多发挥综合竞争优势转换,从国际产业分工中低端向中高端提升,从城乡区域不平衡向均衡协调迈进。完善政绩考核评价体系,切实把各方面积极性引导到加快转方式调结构、实现科学发展上来,不断增加就业和居民收入,不断改善生态环境,使经济社会发展更有效率、更加公平、更可持续。

三、2014年重点工作

做好今年政府工作,要以深化改革为强大动力,以调整结构为主攻方向,以改善民生为根本目的,统筹兼顾,突出重点,务求实效。

(一)推动重要领域改革取得新突破。

改革是今年政府工作的首要任务。要以经济体制改革为重点,区别情况,分类推进,抓好牵一发而动全身的举措,力求取得实质性进展,更多释放改革红利。

深入推进行政体制改革。进一步简政放权,这是政府的自我革命。今年要再取消和下放行政审批事项200项以上。深化投资审批制度改革,取消或简化前置性审批,充分落实企业投资自主权,推进投资创业便利化。确需设置的行政审批事项,要建立权力清单制度,一律向社会公开。清单之外的,一律不得实施审批。全面清理非行政审批事项。基本完成省市县政府机构改革,继续推进事业单位改革。在全国实施工商登记制度改革,落实认缴登记制,由先证后照改为先照后证,由企业年检制度改为年报公示制度,让市场主体不断迸发新的活力。

加强事中事后监管。坚持放管并重,建立纵横联动协同管理机制,实现责任和权力同步下放、放活和监管同步到位。推广一站式审批、一个窗口办事,探索实施统一市场监管。加快社会信用体系建设,推进政府信息共享,推动建立自然人、法人统一代码,对违背市场竞争规则和侵害消费者权益的企业建立黑名单制度,让失信者寸步难行,让守信者一路畅通。

抓好财税体制改革这个重头戏。实施全面规范、公开透明的预算制度。着力把所有政府性收入纳入预算,实行全口径预算管理。各级政府预算和决算都要向社会公开,部门预算要逐步公开到基本支出和项目支出,所有财政拨款的“三公”经费都要公开,打造阳光财政,让群众看明白、能监督。提高一般性转移支付比例,专项转移支付项目要减少三分之一,今后还要进一步减少。推进税收制度改革,把“营改增”试点扩大到铁路运输、邮政服务、电信等行业,清费立税,推动消费税、资源税改革,做好房地产税、环境保护税立法相关工作。进一步扩展小微企业税收优惠范围,减轻企业负担。抓紧研究调整中央与地方事权和支出责任,逐步理顺中央与地方收入划分,保持现有财力格局总体稳定。建立规范的地方政府举债融资机制,把地方政府性债务纳入预算管理,推行政府综合财务报告制度,防止和化解债务风险。

深化金融体制改革。继续推进利率市场化,扩大金融机构利率自主定价权。保持人民币汇率在合理均衡水平上的基本稳定,扩大汇率双向浮动区间,推进人民币资本项目可兑换。稳步推进由民间资本发起设立中小型银行等金融机构,引导民间资本参股、投资金融机构及融资中介服务机构。建立存款保险制度,健全金融机构风险处置机制。实施政策性金融机构改革。加快发展多层次资本市场,推进股票发行注册制改革,规范发展债券市场。积极发展农业保险,探索建立巨灾保险制度。促进互联网金融健康发展,完善金融监管协调机制,密切监测跨境资本流动,守住不发生系统性和区域性金融风险的底线。让金融成为一池活水,更好地浇灌小微企业、“三农”等实体经济之树。

增强各类所有制经济活力。坚持和完善基本经济制度。优化国有经济布局和结构,加快发展混合所有制经济,建立健全现代企业制度和公司法人治理结构。完善国有资产管理体制,准确界定不同国有企业功能,推进国有资本投资运营公司试点。完善国有资本经营预算,提高中央企业国有资本收益上缴公共财政比例。制定非国有资本参与中央企业投资项目的办法,在金融、石油、电力、铁路、电信、资源开发、公用事业等领域,向非国有资本推出一批投资项目。制定非公有制企业进入特许经营领域具体办法。实施铁路投融资体制改革,在更多领域放开竞争性业务,为民间资本提供大显身手的舞台。完善产权保护制度,公有制经济财产权不可侵犯,非公有制经济财产权同样不可侵犯。

(二)开创高水平对外开放新局面。

开放与改革相伴而生、相互促进。要构建开放型经济新体制,推动新一轮对外开放,在国际市场汪洋大海中搏击风浪,倒逼深层次改革和结构调整,加快培育国际竞争新优势。

扩大全方位主动开放。坚持积极有效利用外资,推动服务业扩大开放,打造内外资企业一视同仁、公平竞争的营商环境,使中国继续成为外商投资首选地。建设好、管理好中国上海自由贸易试验区,形成可复制可推广的体制机制,并开展若干新的试点。扩展内陆沿边开放,让广袤大地成为对外开放的热土。

从战略高度推动出口升级和贸易平衡发展。今年进出口总额预期增长7.5%左右。要稳定和完善出口政策,加快通关便利化改革,扩大跨境电子商务试点。鼓励实施进口政策,增加国内短缺产品进口。引导加工贸易转型升级,支持企业打造自主品牌和国际营销网络,发展服务贸易和服务外包,提升中国制造在国际分工中的地位。鼓励通信、铁路、电站等大型成套设备出口,让中国装备享誉全球。

在走出去中提升竞争力。推进对外投资管理方式改革,实行以备案制为主,大幅下放审批权限。健全金融、法律、领事等服务保障,规范走出去秩序,促进产品出口、工程承包与劳务合作。抓紧规划建设丝绸之路经济带、21世纪海上丝绸之路,推进孟中印缅、中巴经济走廊建设,推出一批重大支撑项目,加快基础设施互联互通,拓展国际经济基础合作新空间。

统筹多双边和区域开放合作。推动服务贸易协定、政府采购协定、信息技术协定等谈判,加快环保、电子商务等新议题谈判。积极参与高标准自贸区建设,推进中美、中欧投资协定谈判,加快与韩国、澳大利亚、海湾合作委员会等自贸区谈判进程。坚持推动贸易和投资自由化便利化,实现与各国互利共赢,形成对外开放与改革发展良性互动新格局。

(三)增强内需拉动经济的主引擎作用。

扩大内需是经济增长的主要动力,也是重大的结构调整。要发挥好消费的基础作用和投资的关键作用,打造新的区域经济支撑带,从需求方面施策,从供给方面发力,构建扩大内需长效机制。

把消费作为扩大内需的主要着力点。通过增加居民收入提高消费能力,完善消费政策,培育消费热点。要扩大服务消费,支持社会力量兴办各类服务机构,重点发展养老、健康、旅游、文化等服务,落实带薪休假制度。要促进信息消费,实施“宽带中国”战略,加快发展第四代移动通信,推进城市百兆光纤工程和宽带乡村工程,大幅提高互联网网速,在全国推行“三网融合”,鼓励电子商务创新发展。维护网络安全。要深化流通体制改革,清除妨碍全国统一市场的各种关卡,降低流通成本,促进物流配送、快递业和网络购物发展。充分释放十几亿人口蕴藏的巨大消费潜力。

把投资作为稳定经济增长的关键。加快投融资体制改革,推进投资主体多元化,再推出一批民间投资示范项目,优化投资结构,保持固定资产投资合理增长。中央预算内投资拟增加到4576亿元,重点投向保障性安居工程、农业、重大水利、中西部铁路、节能环保、社会事业等领域,发挥好政府投资“四两拨千斤”的带动作用。

把培育新的区域经济带作为推动发展的战略支撑。深入实施区域发展总体战略,优先推进西部大开发,全面振兴东北地区等老工业基地,大力推进中西部地区崛起,积极支持东部地区经济率先转型升级,加大对革命老区、民族地区、边疆地区、贫困地区支持力度。要谋划区域发展新棋局,由东向西、由沿海向内地,沿大江大河和陆路交通干线,推进梯度发展。依托黄金水道,建设长江经济带。以海陆重点口岸为支点,形成与沿海连接的西南中南、东北、西北等经济支撑带。推进长三角地区经济一体化,深化泛珠三角区域经济合作,加强环渤海及京津冀地区经济协作。实施差别化经济政策,推动产业转移,发展跨区域大交通大流通,形成新的区域经济增长极。

海洋是我们宝贵的蓝色国土。要坚持陆海统筹,全面实施海洋战略,发展海洋经济,保护海洋环境,坚决维护国家海洋权益,大力建设海洋强国。


(四)促进农业现代化和农村改革发展。

农业是扩内需调结构的重要领域,更是安天下稳民心的产业。要坚持把解决好“三农”问题放在全部工作的重中之重,以保障国家粮食安全和促进农民增收为核心,推进农业现代化。坚守耕地红线,提高耕地质量,增强农业综合生产能力,确保谷物基本自给、口粮绝对安全,把13亿中国人的饭碗牢牢端在自己手中。

强化农业支持保护政策。提高小麦、稻谷最低收购价格,继续执行玉米、油菜籽、食糖临时收储政策。探索建立农产品目标价格制度,市场价格过低时对生产者进行补贴,过高时对低收入消费者进行补贴。农业新增补贴向粮食重要农产品、新型农业经营主体、主产区倾斜。增加对粮油猪等生产大县的奖励补助,扶持牛羊肉生产。发挥深松整地对增产的促进作用,今年启动1亿亩试点。统筹整合涉农资金。不管财力多么紧张,都要确保农业投入只增不减。

夯实农业农村发展基础。国家集中力量建设一批重大水利工程,今年拟安排中央预算内水利投资700多亿元,支持引水调水、骨干水源、江河湖泊治理、高效节水灌溉等重点项目。各地要加强中小型水利项目建设,解决好用水“最后一公里”问题。加快建成一批旱涝保收高标准农田,抓紧培育一批重要优良品种,研发推广一批新型高效农业机械。完善农村水电路气信等基础设施,改造农村危房260万户,改建农村公路20万公里。高度重视农村留守儿童、妇女、老人和“空心村”问题。今年再解决6000万农村人口的饮水安全问题,经过今明两年努力,要让所有农村居民都能喝上干净的水。

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:58 , Processed in 0.065422 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش