تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

تېما: سەدەف گۈلى قۇرۇپتۇ [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]

يوللىغۇچى: alma    ۋاقىت: 2017-4-14 00:25
تېما: سەدەف گۈلى قۇرۇپتۇ
سەدەف گۈلى قۇرۇپتۇ

بۈگۈن مەھكىمە ناھايتتى غەلىتە بىر دەۋانى سوتلىدى. تۇرقىدىن مەھكىمگە تۇنجى كەلگىنى چىقىپ تۇرىدىغان، سەكسەن ياشلار چاممىسدىكى بوۋاي ۋە يىغلاپ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن بىر موماي كىرىپ كەلدى.
ھاكىم بوم ئاۋازى بىلەن مومايغا قاراپ :
– سۆزلە ھامما، نېمىشقا بۇ ياشقا كەلگەندە ئاجىراشماقچى بولىسەن؟
موماي دەرتلىك بىر نەپەس ئېلۋەتكەندىن كېيىن ياشلىرىنى سۈرتۈپ يىغا ئارلاش ئاۋازى بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى:
– ئۇنىڭدىن جاق تويدۇم، 50 يىلدىن بېرى مېنى ھاياتتىن بەزدۇردى…
مەھكىمدە بىر پەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى موماي سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
– بىزنىڭ بىر سەدەپ گۈلىمىز بار ئىدى، ئۇنى بەك ياخشى كۆرەتتىم. ئۇ بىلمەيدۇ، بۇ گۈلنى 50 يىل ئىلگىرى ئۇ ماڭا بەرگەن گۈللەر ئارسىدىن تاللىۋالغان ئىدىم.
كېيىن توي قىلدۇق لېكىن بالىلىق بولالمىدۇق. سەدەف گۈلىنى بالام ئورنىدا پەرۋىش قىلدىم. ھېكايە ئېيتىپ بەردىم ھەركۈنى پاراڭلاشتىم. كېيىن سەدەف گۈلۈم قۇرۇشقا باشلىدى، بالام كېسەل بولغان ئىدى. ھاكىم ئەپەندى ، توپىسنى ئالماشتۇردۇم، يېڭى تەشتەككە يۆتكىدىم. بولمىدى. ئۇ ماڭا ھەر كۈنى كېچىدە سۇ قۇيساڭ قۇرىمايدۇ دېدى. ھەر كۈنى كېچىدە تۇرۇپ سۇ قۇيدۇم ياخشلنىشقا باشلىدى. 50 يىلدىن بېرى سۇ قۇيۇپ كېلۋااتتىم ئالدىنقى كېچە ئويغىنالماپتىمەن سەدەف گۈلى قۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن 50 يىل بىللە ياشىدىم ، ھاياتىمنى ئۈمۈدۈمنى، بارلىقىمنى، ئۇنىڭغا بەردىم ئەمما ئۇ مەن ئۈچۈن بالام ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ باقمىدى بىرەر قېتىم بولسىمۇ كېچىدە تۇرۇپ گۈلۈمگە سۇ قۇيۇپ قوياي دېمىدى. مەن ئۇنىڭسىزمۇ ياخشى ياشىيالايمەن.
ھاكىم ياشانغان ئادەمگە قاراپ دېدى:
دەيدىغان گېپىم بارمۇ تاغا؟
بوۋاي ئۇۋال قىلىنغاندەك قىياپەتتە ئازراق مىدىرلاپ قويۇپ ھاسىسغا يۆلەندى ۋە دانىمۇ-دانە سۆزلەشكە باشلىدى:
– ئەسكەر بولغان ۋاقتىمدا رەئىس جۈمھۇرنىڭ بېغىدا باغۋەن بولغانمەن ھاكىم ئەپەندى. ئۇ باغنىڭ بۈگۈنكىدەك بوستان بولىشىغا قان-تەر ئاققۇزغانمەن. فاتىمەنىمۇ ئاشۇ يەردە تونۇدۇم سەدەف گۈلىنىمۇ ھەم. ئۇنىڭغا ئەڭ گۈزەل گۈللەردىن گۈل دەستلەرنى بەردىم. بەلىكىم بۇ گۈللەرنى ئۇنىڭدەك ياخشى كۆرەلمىگەندىمەن……
بۇ ياشتدىكى ئادەمدىن بۇنداق ئاشىقانە سۆزلەرنى ئاڭلاشنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن مەھكىمدىكلەر ھەيران قېلىشقان ئىدى. موماي كىچىك قىزلاردەك خىجىل بولغان ھالدا يان تەرەپكە قارىۋالدى .
– توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ بوينى ئاغرىپ قالدى. – دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى بوۋاي- دوختۇرغا كۆرسەتتۇق، دوختۇر «بەك ئۇزۇن ئويغانماي ئۇخلىسا كېسىلى ئېغىرلاپ كېتىدۇ كېچىسى ئوينىغىنىپ ھەرىكەت قىلسۇن» دېدى. لېكىن مېنىڭ بۇ ئايالىم دوختۇرنىڭ گېپىگە ئانچە كىرمىدى. كېسلى ئېغىرلاپ كېتۋاتاتتى. شۇ كۈنلەردە سەدەف گۈلىمۇ قۇرۇشقا باشلىدى…
ئەنە شۇ چاغدا ئۇنى ئالدىدىم ھاكىم ئەپەندى-بوۋاينىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى- كېچىسى تۇرۇپ سەدەپ گۈلۈڭگە سۇ قۇيساڭ قۇرىمايدۇ دېدىم. ئۇ تۇرۇپ گۈلگە سۇ قۇيدى. ھەركۈنى ئوينىغىپ ئۇنى كۆزەتتىم. ئۇ كېچىسى سۇ قۇيۇش ئۈچۈن ئويغىنىپ ھەرىكەت قىلغاچقا كېسىلى ياخشىلاندى. ئەسلىدە ئۇ سەدەفنى سەدەف ئۇنى سۇغىرىۋاتاتتى.
ياش ۋاقتىمدا باغۋەن بولغانمەن ھاكىم ئەپەندى، سەدەف گۈلى كۆپ سۇ خالىمايدۇ. كۆپ سۇدا قالسا قۇرۇيدۇ. ھەر كۈنى ئۇ سۇ يۇقۇپ بولۇپ ئۇخلىغاندىن كېين تۇرۇپ سۈيىنى تۆكۈپ توپىسنى قۇرۇق ساقلىدىم. توپتوغرا 50 يىل ھاكىم ئەپەندى، ئۇ سۇ قۇيدى مەن تۆكتۈم.
بىراق ئالدىنقى كۈنى… قېرىلىق ھاكىم ئەپەندى قېرىلىق ! ئوينىغالماي قاپتىمەن. ئۇ ئۇخلاپ قېلىپ سۇ قۇيمىغانلىقىم ئۈچۈن قۇرىدى دەپ ئويلايدۇ ئەسلىدە مەن ئوينغىنىپ سۈيىنى تۆكۋەتمىگەنلىكىم ئۈچۈن قۇرىغان. خاتالىق مەندە قوبۇل قىلىمەن.
مەھكىمنى جىمجىتلىق قاپلىغان ئىدى. ئەتىسى گېزىتكە «سەدەف گۈلى قۇرۇپتۇ» دېگەن خەۋەر بېسلدى….




خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/) Powered by Discuz! X3.2