مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 495|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«تارانچى دىئالېكتى»دىكى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئىزدىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
«تارانچى دىئالېكتى»دىكى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئىزدىنىش


نىجات سوپى


(بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژرنىلى» 2013-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان.)

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدا رۇس ئالىمى رادلوف تەرىپىدىن توپلىنىپ، 1886-يىلى نەشر قىلىنغان «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەرنىڭ تىلىدىكى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر تەھلىل قىلىنىش بىلەن چاغاتاي تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆتۈش مەزگىلىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسىي فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى كۆرسىتىلىدۇ. ھەمدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى فونېتىكىلىق ھادىسىلەرنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى ۋە قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: «تارانچى دىئالېكتى»؛ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىك؛ تارىخىي ئۆزگىرىش؛ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى.
论文摘要:本文重点分析俄罗斯学者拉德洛夫在1886年出版的《塔兰奇方言》一书所包括的作品语言的各种语音变化。从而,指出从察合台语发展到现代维吾尔语中间的过渡时期维吾尔语的基本语音特点。探索现代维吾尔语部分语音现象的出现过程与规律。
关键词:《塔兰奇方言》;语音特点;历史语音演变;现代维吾尔语。
Abstract: This paper focuses on some phonetic changes of Taranchi dialect, a book published by Russian scholar Radloff in 1886. It indicates the basic phonetic features of the transition period of Uyghur language from the Chagatay language development to Modern Uyghur. It explores appearing process and rules of some phonetic phenomenon in the Modern Uyghur.
Keywords: Taranchi dialect; the phonetic changes; historical evolution of speech; Modern Uyghur.

ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا چاغاتاي تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆتۈش جەريانىدا 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر ئۆتكۈنچى دەۋرنى باشتىن كەچۈردى. ۋ. ۋ. رادلوف، ن. ن. پانتۇسوۋ قاتارلىق رۇس ئالىملىرى شۇ دەۋردە خەلق ئارىسىدىن خاتىرىلەپ، توپلاپ نەشر قىلغان بىر قاتار ”تارانچى تېكىستلىرى“ بىلەن شىۋىت مىسسىيونېرلىرى بېسىپ تارقاتقان ”قەشقەر باسما بۇيۇملىرى“ مانا بۇ ئۆتكۈنچى دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ شىمال ۋە جەنۇب ئىككى قانىتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللار ھېسابلىنىدۇ.
ۋاسىلىي ۋاسىلېۋىچ رادلوف (1837-1918)نىڭ «شىمالدىكى تۈركىي قوۋملارنىڭ تىلى» ناملىق بىر يۈرۈش كىتابى ئەينى دەۋردىكى ھەر قايسى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلانغان مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى بولغان «خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر»دە ھەر قايسى تۈركىي قوۋملارنىڭ خەلق ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرى ئىنچىكە ترانسكىرىپسىيە بەلگىلىرى ئارقىلىق تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن بولغاچقا، بۈگۈنكى كۈندە ئەينى دەۋر خەلق ئەدەبىياتىنىڭ ئەھۋالىنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە شۇ دەۋر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بىلىش ئۈچۈنمۇ قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ قالدى. جۈملىدىن بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە يېزىلغان «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق 6-قىسىم كىتاب تىلىمىزنىڭ 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى بىلىشتە بىز ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك ماتېرىيالدۇر. بۇ كىتاب 1886-يىلى سانكتپېتېربۇرگتا نەشر قىلىنغان. كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تېكىست قىسمىنىڭ ھەجمى 211 بەت كېلىدۇ. كىتابقا غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدىن 1862-يىلىدىن باشلاپ خاتىرىلەنگەن خەلق ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرى ۋە بىر قىسىم يازما ماتېرىياللار كىرگۈزۈلگەن. مەزمۇن جەھەتتىن ماقال-تەمسىللەر، پەندى-نەسىھەتلەر، ئىلىغا ئائىت خەۋەرلەر، مەسەللەر، خەلق ئارىسىدىكى ھېكايىلەر، چۆچەكلەر، بېيىتلار قاتارلىق تارماقلارغا بۆلىنىدۇ.
رادلوفنىڭ «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق بۇ كىتابى ھەجمىنىڭ بىر قەدەر چوڭلۇقى، كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەر سانىنىڭ كۆپلۈكى، سېستىمىلىق ترانسكىرىپسىيە بەلگىلىرى بىلەن خاتىرىلەنگەنلىكى بىلەن چاغاتاي تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆتۈش ئارىلىقىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەر بولالايدۇ. ئەسەر تىلىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا سېلىشتۇرساق، ئەسەر خاتىرىلەنگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 150 يىلغا يېقىن جەرياندا تىلىمىزدا يۈز بەرگەن بىر قىسىم تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇ نۇقتىدىن، بىز بۇ ماقالىمىزدا «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق بۇ ئەسەردىكى تىلشۇناسلىق مەسىلىلىرىدىن بىرى بولغان تىلدىكى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
1. نۇتۇق ئېقىمىدىكى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر
1) ئاسسىمىلاتسىيە
«تارانچى دىئالېكتى»دىكى ئەسەرلەر ئېغىز تىلىدىن ئېلىنغان، شۇنداقلا بىر قەدەر ئىنچىكە فونېتىكىلىق بەلگىلەر ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن بولغاچقا، ئەينى دەۋر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى خېلى زور دەرىجىدە توغرا ئىپادىلىگەن. جۈملىدىن نۇتۇق ئېقىمىدا سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا ياكى سۆز بىلەن سۆز ئۇلىنىپ تېز ئېيتىلغاندا ئالدىنقى بۆلەكنىڭ ئاخىرقى ئۈزۈك تاۋۇشى بىلەن كېيىنكى بۆلەكنىڭ باشلامچى ئۈزۈك تاۋۇشى ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىنى تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ياكى ئۇسۇلى جەھەتتىن ئۆزىگە ئوخشىتىۋېلىشىدىن ئىبارەت ئاسسىمىلاتسىيە ھادىسىسىنىڭ كۆپرەك يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:
(1) ئاخىرى دىماغ تاۋۇشى «ن» بىلەن ئاياغلاشقان بىر قىسىم سۆزلەرگە قوۋۇز تاۋۇشى «ل» بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، سۆز ئاخىرىدىكى «ن» تاۋۇشى ئۆزىنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن «ل» تاۋۇشى تەرىپىدىن تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ كۆپلۈك قوشۇمچىسى «-لار، -لەر»، سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «-لىق، -لىك، -لىغ، -لۇق، -لۈك»، پېئىل ياسىغۇچى قوشۇمچە «-لا» قاتارلىقلار ئۇلانغان چاغدا بۇ ھادىسە روشەن گەۋدىلىنىدۇ. مەسىلەن:
«-لار، -لەر» قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا: «ئاخۇللار (ئاخۇنلار)، باققاللار (باققانلار)، بارماغاللار (بارماغانلار)، بولغاللار (بولغانلار)، پۇشماللار (پۇشمانلار) تۇرغاللار (تۇرغانلار)، چاپاللار (چاپانلار)، ساخلىغاللار (ساقلىغانلار)، ساماللار (سامانلار)؛ دەگەللەر (دېگەنلەر)، كەلمەگەللەر (كەلمىگەنلەر)، تۈشكەللەر (چۈشكەنلەر)، كۆتەرگەللەر (كۆتەرگەنلەر)، كىرمەگەللەر (كىرمەگەنلەر)، تەرىگەللەر (تېرىغانلار)، كەلگەللەر (كەلگەنلەر)».
«-لار، -لەر» قوشۇمچىسى بىلەن «-ى» قوشۇمچىسى تەڭ ئۇلانغاندا: «ياماللېرى (يامانلىرى)، قالغاللېرى (قالغانلىرى)، خوتۇللېرى (خوتۇنلىرى)، زىنداللېرى (زىندانلىرى)، بەرەدىغاللېرى (بېرىدىغانلىرى)، تۇققاللېرى (تۇغقانلىرى)، تارتقاللېرى (تارتقانلىرى)».
«-لىق، -لىك، -لىغ، -لۇق، -لۈك» قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا: «ئانجاللىق (ئەنجانلىق)، قوقاللىق (قوقانلىق)، ئەسەللىك (ئېسەنلىك)، تاشكەللىك (تاشكەنتلىك)، كۈللىگى (كۈنلىكى)، ئەرەللىگى (ئەرەنلىكى)، ئوبداللىغ (ئوبدانلىق)، كۈللۈك (كۈنلۈك)، توللۇق (تونلۇق)، گورۇستاللىق (گۆرۈستانلىق)».
«-لا» قوشۇمچىسى ئۇلانغاندىمۇ شۇنداق. مەسىلەن:
«تارانچىنى خاتلاپ، زىيادا ئۆسكەنىنى تېيىللاپ داڭزا قىلىپ، داڭزېسىنى ئېلىپ كەلىپ، ھەكىم، شاغىغا ئېلىپ كەلىپ بەردى.»
يۇقىرىقى مىسالدىكى «تېيىللاپ» سۆزىنىڭ ئەسلى شەكلى «تەيىنلەپ» (تەييارلاپ، ھازىرلاپ) بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن بۇ يەردە «تەيىن» سۆزىنىڭ ئاخىرقى تاۋۇشى «ن» قوشۇمچىنىڭ باش تاۋۇشى «ل» تەرىپىدىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنغان.
(2) تىل ئۇچى ئوتتۇرىسى تاۋۇشى «ن» بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە قوش لەۋ تاۋۇشى «م» بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا «م» تاۋۇشى «ن» تاۋۇشىنى تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىدۇ. مەسىلەن:
«ئاق بوز ئېتىم ئوبداممۇ؟
قارا بوز ئېتىم ئوبداممۇ؟
سادىر ئۆزى ياماممۇ؟
پۇل تېپىپ بەرسە ئوبداممۇ؟»
يۇقىرىقى پارچىدا «ئوبدان، يامان» سۆزلىرىدىكى «ن» تاۋۇشى «-مۇ» قوشۇمچىسىنىڭ باشلانما تاۋۇشى «م» تەرىپىدىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنغان.
(3) سېرىلاڭغۇ جاراڭسىز تىل ئالدى ئۈزۈك تاۋۇشى «ش»، سېرىلاڭغۇ جاراڭلىق تىل ئۇچى ئالدى ئۈزۈك تاۋۇشى «ز»، پارتلىغۇچى جاراڭسىز، تىل ئۇچى ئوتتۇرىسى تاۋۇشى «ت»، پارتلىغۇچى سېرىلاڭغۇ جاراڭسىز، تىل ئالدى ئۈزۈك تاۋۇش «چ» بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە سېرىلاڭغۇ جاراڭسىز، تىل ئۇچى ئالدى ئۈزۈك تاۋۇشى «س» بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا سۆز ئاخىرىدىكى «ش، ز، ت، چ» تاۋۇشلىرى تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى ياكى تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن «س» تاۋۇشى تەرىپىدىن ئاسىسىمىلاتسىيە قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
پېئىللارنىڭ شەرت رايى «-سا، -سە» قوشۇمچىسى ئۇلانغاندا: «پىسسا (پىشسا)، توشقاسسا (توشقۇزسا)، كۆركۆسسە (كۆرگۈزسە، كۆرسەتسە)، ئاسسا (ئاتسا؛ ئاچسا)، ياسسا (ياتسا)، ساسسا (ساتسا)، قاسسا (قاتسا)، تۇسسا (تۇتسا)، ئايسسا (ئېيتسا)، يوقاسسا (يوقاتسا)، كەسسە (كەتسە)، يەسسە (يەتسە)، ئەۋەسسە (ئەۋەتسە)، تۆگەسسە (تۈگەتسە)، ئىسسە (ئىچسە)».
پېئىللارنىڭ بۇيرۇق رايى 3-شەخس «-سۇن، -سۈن» قوشۇمچىسى ئۇلانغاندا: «كۆرسۆسسۈن (كۆرسەتسۇن)، ئەۋەسسۈن (ئەۋەتسۇن)، تۇسسۇن (تۇتسۇن)، كەسسۈن (كەتسۇن)».
سۈپەتلەرنىڭ بولۇشسىز قوشۇمچىسى «-سىز» ئۇلانغاندىمۇ شۇنداق. مەسىلەن:
«بىر تاز كەپتۇ، ئوغۇلسۇزغا ئوغۇل بولۇمەن دەپ، قىسسىزغا قىز بولۇمەن، دەپ.»
يۇقىرىقى مىسالدىكى«قىسسىز (قىزسىز)» سۆزىدە «قىز» سۆزىگە بولۇشسىز قوشۇمچىسى «-سىز» ئۇلانغاندا «قىز» سۆزىنىڭ ئاخىرقى تاۋۇشى «ز» ئۆزىدىن كېيىن ئۇلىنىپ كەلگەن «س» تاۋۇشى تەرىپىدىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنغان.
(4) يۇقىرىقىلاردىن باشقا «تارانچى دىئالېكتى»دا يەنە بىر قىسىم سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرىدە بەزى تاۋۇشلارنىڭ ئۆزىدىن ئىلگىرى-كېيىن كەلگەن تاۋۇشلار تەرىپىدىن تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ياكى ئۇسۇلى جەھەتتىن ئاسىمىلاتسىيە قىلىنغان ئەھۋاللار بار. مەسىلەن: «ياڭمۇر (ياغمۇر، يامغۇر)» سۆزىدە «غ» تاۋۇشى «م» تاۋۇشى تەرىپىدىن يېرىم ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنىپ، «ڭ» تاۋۇشىغا ئايلانغان. «مەڭسىپدار (مەنسەپدار)، ئاندىڭ كىن (ئاندىن كېيىن)» قاتارلىق سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىدە «ن» تاۋۇشى «س، ك» تاۋۇشلىرى تەرىپىدىن يېرىم ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنىپ، «ڭ» تاۋۇشىغا ئايلانغان. «ئامام بارمۇ (ئامان بارمۇ)» سۆز بىرىكمىسىدە «ن» تاۋۇشى «ب» تاۋۇشى تەرىپىدىن يېرىم ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنىپ، «م» تاۋۇشىغا ئايلانغان. «شۇمچا» (شۇنچە) سۆزىدە «ن» تاۋۇشى «چ» تاۋۇشى تەرىپىدىن يېرىم ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنىپ، «م» تاۋۇشىغا ئايلانغان. «ئاتتانماس (ئاتالماس)» سۆزىدە «ل» تاۋۇشى «م» تاۋۇشى تەرىپىدىن يېرىم ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنىپ، «ن» تاۋۇشىغا ئايلانغان. «كۆڭنى» (كۆڭلى) سۆزىدە «ل» تاۋۇشى ئۆزىنىڭ ئالدىدا كەلگەن «ڭ» تاۋۇشى تەرىپىدىن يېرىم ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنىپ، «ن» تاۋۇشىغا ئايلانغان. «ئۇس قىل» (ئۇز قىل) بىرىكمىسىدە «ز» تاۋۇشى «ق» تاۋۇشى تەرىپىدىن يېرىم ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنىپ «س» تاۋۇشىغا ئايلانغان. «ئۈس ساڭ» (ئۈچ ساڭ) بىرىكمىسىدە «چ» تاۋۇشى «س» تاۋۇشى تەرىپىدىن تولۇق ئاسىمىلاتسىيە قىلىنغان، ۋاھاكازالار.
دېمەك، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكىگە ئوخشاشلا، «تارانچى دىئالېكتى»دىمۇ بىر قىسىم سۆزلەردە تاۋۇشلارنىڭ ئاسسىمىلاتسىيە ھادىسىسى مەلۇم دەرىجىدە مەۋجۇت بولغان.
2) تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى
سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى:
«تارانچى دىئالېكتى»دا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىدىكى ئەڭ تىپىك مەسىلە __ تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ئەڭ تۆۋەن سوزۇق تاۋۇش «ئا» بىلەن سەل تۆۋەن سوزۇق تاۋۇش «ئە»نىڭ بىر قىسىم سۆزلەردە سەل يۇقىرى سوزۇق تاۋۇش «ئې» ياكى ئەڭ يۇقىرى سوزۇق تاۋۇش «ئى»غا نۆۋەتلىشىشى ھېسابلىنىدۇ.
«تارانچى دىئالېكتى»نىڭ تىلىدىن قارىغاندا، بىر قىسىم سۆزلەردە «ئا، ئە» سوزۇق تاۋۇشلىرىنىڭ «ئې، ئى» سوزۇق تاۋۇشلىرىغا نۆۋەتلىشىش ھادىسىسى بۇ دەۋردە رەسمىي كۆرۈلۈشكە باشلىغان، لېكىن بۇ ھادىسىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشاپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:
(1) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تەركىبىدىكى «ئا، ئە» سوزۇق تاۋۇشلىرى «ئې، ئى» سوزۇق تاۋۇشلىرىغا نۆۋەتلەشكەن بىر قىسىم سۆزلەر «تارانچى دىئالېكتى»دا تېخى نۆۋەتلەشمىگەن ھالەتتە كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئانا تىل سۆزلىرىدىمۇ، ئەرەبچە، پارسچە كىرمە سۆزلەردىمۇ كۆرۈلىدۇ. تۈپ سۆزلەردىمۇ، ياسالما سۆزلەردىمۇ، شۇنىڭدەك سۆزنىڭ تۈرلەنگەن شەكلىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:
تۈپ سۆزلەردە: «چەرىك (چېرىك)، ئەشىك (ئىشىك)، ئەشەك (ئېشەك)، ئەگەر (ئېگەر)، يەڭى (يېڭى)، ئەتىز (ئېتىز)، ئەگىز (ئېگىز)، تەچ (تىنچ)، ھەلى (ھېلى)، بەدە (بېدە)، نەمە (نېمە)، تەرە (تېرە)، ئايتماق (ئېيتماق)، كەيمەك (كىيمەك)».
ئەرەبچە كىرمە سۆزلەردە: «ھەكىم (ھېكىم)، يەتىم (يېتىم)، نەمەت (نېمەت)، مەكرى (مىكىر)، غەرىپ (غېرىب)».
پارسچە كىرمە سۆزلەردە: «كەمە (كېمە)، تەزەك (تېزەك)، مەھەر (مېھر)، بەھىش (بېھىش)، ئەسەن (ئېسەن، ئامان-ئېسەن)، ھەش (ھېچ)»
ياسالما سۆزلەردە: «كەلىن (كېلىن)، كەچە (كېچە)، بەكىتمەك (بېكىتمەك)، ئەگەچە (ئىگىچە، ئاچا)، تەبىلغۇ (تېۋىلغا)، زەرىكمەك (زېرىكمەك)».
سۆزنىڭ تۈرلەنگەن شەكلىدە: «كەلۈر (كېلۇر)، كەتىپ (كېتىپ)، كەسىپ (كېسىپ)، ساناغان (سانىغان)، ئەرى (ئېرى)، مەنى (مېنى)، سەنىڭ (سېنىڭ)، نەرسەنى (نەرسىنى)، ئاپەتى (ئاپىتى)، تەرىپ (تېرىپ)، بەرىپ (بېرىپ)، يەسە (يېسە)، دەسە (دېسە)، ئىشكەلى (ئىچكىلى)، بەگى (بېگى)، يۈرەگى (يۈرىكى)، پەللەنى (پەللىنى)، ھەمەسى (ھەممىسى)، نەمەتلەرى (نېمەتلىرى)، بەندەسى (بەندىسى)، مىنگەلى (مىنگىلى)، بەرگەنى (بەرگىنى)، ئىشلەتكەلى (ئىشلەتكىلى)، يۆرگەشىپ (يۆگىشىپ)، غۇلجادا (غۇلجىدا)»
(2) بىر قىسىم سۆزلەردە «ئا، ئە» سوزۇق تاۋۇشلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكىگە ئوخشاش «ئې، ئى» سوزۇق تاۋۇشلىرىغا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:
تۈپ سۆزلەردە:
قەدىمكى شەكلى «تارانچى دىئالېكتى»دىكى شەكلى ھازىرقى شەكلى
قارى قېرى قېرى
ياغى يېغى يېغى
سۆزنىڭ تۈرلەنگەن شەكلىدە: «تېشى، قېشى، بېشى، ئېتى، مېڭىشى، سېلىپ، يېنىپ، بېرىپ، ئېلىپ، قېچىپ، يېپىپ، تىكىنى».
(3) «تارانچى دىئالېكتى»دا بىر قىسىم سۆزلەرگە تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا سۆزنىڭ ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى بوغۇمىدىكى (ئاخىرقى بوغۇم ئەمەس) «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى سەل يۇقىرى سوزۇق تاۋۇش «ئې» غا نۆۋەتلىشىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بولسا يۇقىرى سوزۇق تاۋۇش «ئى»غا نۆۋەتلىشىدۇ. بۇنىڭدىن تىل ئورنى ئەڭ تۆۋەن تاۋۇش «ئا» بىلەن سەل يۇقىرى تاۋۇش «ئە»نىڭ بىر قىسىم سۆزلەردە ۋاقىت تەرتىپى جەھەتتىن ئاۋۋال تىل ئورنى سەل يۇقىرى بولغان «ئې» تاۋۇشىغا، ئاندىن تىل ئورنى ئەڭ يۇقىرى بولغان «ئى» تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشكەنلىكىنى كۆرىمىز. مەسىلەن:
ئەسلى شەكلى «تارانچى دىئالېكتى»دىكى شەكلى ھازىرقى شەكلى
يامان+ى يامېنى يامىنى
ئالا+سى ئالېسى ئالىسى
توغقان+ى تۇققېنى تۇغقىنى
ئاتا+سى ئاتېسىز ئاتىسى
ئاڭلات+ىپ ئاڭلېتىپ ئاڭلىتىپ
غۇلجا+داكى غۇلجادېكى غۇلجىدىكى
«ئا، ئە» تاۋۇشلىرىنىڭ «ئى» تاۋۇشىغا ئەمەس، بەلكى «ئې» تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىش ھادىسىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىلى شېۋىسىدە ھېلىمۇ مەۋجۈت. ئەمما، ئىلى شېۋىسىدە بۇ ئورۇندا كېلىدىغان «ئې» سوزۇق تاۋۇشى ئەدەبىي تىلدىكى «ئې» سوزۇق تاۋۇشىغا قارىغاندا يەنىمۇ يۇقىرى، «ئى» سوزۇق تاۋۇشىغا قارىغاندا سەل تۆۋەن سوزۇق تاۋۇش ھېسابلىنىدۇ.
يۇقىرىقى تەرتىپ بويىچە، كۆپلۈك قوشۇمچىسى «-لار، -لەر» بىلەن تەۋەلىك قوشۇمچىسى «-ى» سۆزلەرگە تەڭ قوشۇلغاندا بۇ قوشۇمچىلارنىڭ تەركىبىدىكى «ئا، ئە» سوزۇق تاۋۇشلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا «ئى» تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىپ «لىرى» شەكلىدە، «تارانچى دىئالېكتى»دا «ئې» تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىپ «-لېرى» شەكلىدە كېلىدۇ. مەسىلەن: «ياماللېرى (يامانلىرى)، قالغاللېرى (قالغانلىرى)، خوتۇللېرى (خوتۇنلىرى)، زىنداللېرى (زىندانلىرى)» دېگەندەك. بۇ خىل ئەھۋال ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەركىزىي دىئالېكتىغا تەۋە بولغان سانجى ئوبلاستى دائىرىسىدىكى ماناس، گۇچۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل شېۋىسىدە ھېلىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ساقلانماقتا.
شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، «تارانچى دىئالېكتى»دا كۆپلۈك قوشۇمچىسى «-لار، -لەر»دىكى «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى يۇقىرىقى مىساللاردا كۆرسىتىلگىنىدەك، بەزىدە «ئې» تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشكەن بولسا، يەنە بەزىدە باشقا تاۋۇشلارغا نۆۋەتلەشمەستىن، ئەسلى شەكلىنى ساقلاپ قالغان. مەسىلەن:
«مۇنىڭ قانچان قىسما ئىشلەرى بولسا، ئېنى سۇراپ ئاندىن كىن ئۆلتۈرسە بولۇدۇ.»
«بۇ خوجېنى كىشىلەرى بىلەن جىجۇ دەگەن شەھەرگە پارلاڭلار.»
يۇقىرىقى ئىككى مىسالدا «ئىش، كىشى» سۆزلىرىگە كۆپلۈك قوشۇمچىسى «-لەر» بىلەن تەۋەلىك قوشۇمچىسى «-ى» ئۇلانغاندا «-لەر» قوشۇمچىسىدىكى «ئە» سوزۇق تاۋۇشى «ئې، ئى» سوزۇق تاۋۇشلىرىغا نۆۋەتلەشمەستىن، ئەسلى شەكلىنى ساقلاپ «ئىشلەرى، كىشىلەرى» شەكلىدە كەلگەن. ئەسەردە يەنە «بەگلەرى، يەرلەرى» دېگەندەك سۆزلەردىمۇ بەزىدە نۆۋەتلەشمىگەن.
(4) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تەركىبىدىكى «ئا، ئە» سوزۇق تاۋۇشلىرى «ئې، ئى» سوزۇق تاۋۇشلىرىغا نۆۋەتلەشمىگەن يەنە بىر قىسىم سۆزلەر «تارانچى دىئالېكتى»دا نۆۋەتلەشكەن شەكىلدە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:
«يارنىڭ كۆڭنى لېچىندۇ، مەن ئۆزەمنى قاز ئەتەي.»
«چاچلېرى ئۆسۈپ قېشىغا تۈشۈپتۇ، چىرېيى سارغېرىپتۇ.»
يۇقىرىقى مىساللاردا «لاچىن» سۆزىدە بىرىنچى بوغۇمدىكى ۋە «چىراي» سۆزىدە ئىككىنچى بوغۇمدىكى «ئا» تاۋۇشى «ئې» تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشكەن.
دېمەك، «تارانچى دىئالېكتى»دا بىر قىسىم سۆزلەردە «ئا، ئە» سوزۇق تاۋۇشلىرىنىڭ «ئې، ئى» سوزۇق تاۋۇشلىرىغا نۆۋەتلىشىش ھادىسىسى مەۋجۇت بولغان، ھەمدە خېلى كەڭ دەرىجىدە ئومۇملاشقان. لېكىن بۇ ھادىسىنىڭ كۆرۈلۈش چاستوتىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكىگە قارىغاندا يەنىلا تۆۋەن بولغان. شۇنىڭدەك بەزى سۆزلەرنىڭ نۆۋەتلەشكەن شەكلىمۇ، نۆۋەتلەشمىگەن شەكلىمۇ تەڭ كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ فونېتىكىلىق ھادىسىنىڭ ئەينى دەۋردە يەنىلا ئۆتكۈنچى ھالەتتە تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە «ئا، ئە» تاۋۇشلىرىنىڭ «ئې، ئى» تاۋۇشلىرىغا نۆۋەتلىشىشىدىن باشقا يەنە بەزى ئەھۋاللارمۇ بار:
شەخس ئالماش «ئۇ»غا تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا تىل ئورنى ئەڭ يۇقىرى بولغان «ئۇ» تاۋۇشى بەزىدە تىل ئورنى سەل يۇقىرى سوزۇق تاۋۇش «ئې»غا، بەزىدە تىل ئورنى ئەڭ تۆۋەن تاۋۇش «ئا»غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:
«ئېنى ساندۇققا سېلىپ ئەتكەن.»
«ئېنىڭدىن پاتىشا بىر مۇنچا سۆز سۇرېدى.»
«مۇنى ئاڭا خۇدا ئۆزى بەرگەن.»
«خوتۇن ئالارنى كۆردى.»
«ئاندىن ئۆزگە ئىشلەرنى دالويا ئۆزى تۈگەتەدۈ.»
يۇقىرىقى مىساللاردا «ئۇ» تاۋۇشى تۈرلىگۈچى قوشۇمچە ئۇلانغاندا «ئې» ياكى «ئا» تاۋۇشلىرىغا نۆۋەتلىشىپ، بۇ سۆزلەر «ئېنى، (ئۇنى)، ئېنىڭ (ئۇنىڭ)، ئاڭا (ئۇنىڭغا)، ئالار (ئۇلار)، ئاندىن (ئۇنىڭدىن)» شەكىللىرىدە كەلگەن.
ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى:
«تارانچى دىئالېكتى»دىكى ئەسەرلەرنىڭ ترانسكىرىپسىيەسىدىن قارىغاندا، بەزى سۆزلەر ئىككى خىل شەكىلدە ئۇچرايدۇ. بۇلارنىڭ بىرى سۆزنىڭ ئەسلى شەكلى، يەنە بىرى سۆز تەركىبىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشىدىن بارلىققا كەلگەن ئىككىنچى شەكلىدۇر. بۇ ئىككى شەكىلنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئەينى دەۋردىكى نۇتۇق ئېقىمىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىش ھادىسىسىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇلاردىن مۇھىملىرى تۆۋەندىكىچە:
(1) بىر قىسىم سۆزلەردە سۆز‍ بېشى ياكى ئاخىرىدىكى پارتلىغۇچى-سېرىلاڭغۇ ئۈزۈك تاۋۇش «چ» سېرىلاڭغۇ ئۈزۈك تاۋۇش «ش»غا نۆۋەتلەشكەن. مەسىلەن:
«ئۇ يەردە ئۈش كۈن تۇرۇپ، ئۈش كۈندىن كىن ياندى.»
«بىر ئۇي ئاغرىدى، ئوت بەرسە يەمەيدۇ، سۇ ئىشمەيدۇ.»
«مۇنۇڭ ئارېسىدا ئىش شىقسا، خامئامبالنى جانجۇن قىشقىرتىدۇ.»
يۇقىرىقى مىساللاردا «ئۈچ، ئىچمەك، چىقماق» سۆزلىرىدىكى «چ» تاۋۇشى «ش» تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىپ، بۇ سۆزلەر «ئۈش، ئىشمەك، شىقماق» شەكلىدە ئىپادىلەنگەن.
(2) بىر قىسىم سۆزلەردە بوغۇم ئاخىرىدا كەلگەن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش «ز» بەزىدە جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش «س»غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:
«سەنجىر پاتتى قولۇمغا.»
«مەن قىلارمەن ئوتۇس، خۇدا قىلار توقۇس.»
يۇقىرىقى مىساللاردا «زەنجىر، ئوتۇز، توقۇز» سۆزلىرىدىكى «ز» تاۋۇشى «س» تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىپ، بۇ سۆزلەر «سەنجىر، ئوتۇس، توقۇس» شەكلىدە ئىپادىلەنگەن.
(3) بىر قىسىم سۆزلەردە بوغۇم بېشىدا كەلگەن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش «د» بەزىدە جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش «ت»غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:
«ئۇ تولا ياخشى پاتىشا ئىكەن.»
«ئەرىمنى بىر تۈشمەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپتۇ.»
يۇقىرىقى مىساللاردا «پادىشاھ، دۈشمەن» سۆزلىرىدىكى بوغۇم بېشى بولغان «د» تاۋۇشى «ت» تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىپ، بۇ سۆزلەر «پاتىشا، تۈشمەن» شەكلىدە ئىپادىلەنگەن.
(4) دەرىجە ساننى ئىپادىلەيدىغان «-جى» قوشۇمچىسىنىڭ بوغۇم بېشىدىكى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش «ج» بەزىدە جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش «چ»غا نۆۋەتلىشىپ، بۇ قوشۇمچە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكىگە ئوخشاش «-چى» شەكلىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: «بىرىنچى، ئىكىنچى، ئۈچىنچى، تۆرتىنچى».
(5) بىر قىسىم ئەرەبچە كىرمە سۆزلەردە بوغۇم بېشىدىكى «ۋ» تاۋۇشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكىگە ئوخشاش «گ» تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:
«بى گۇپا بۈگۈن بارار، تاڭنا ئۇنۇتار يارىنى.»
يۇقىرىقى مىسالدا ئەرەبچە كىرمە سۆز «ۋەفا»دىكى «ۋ» تاۋۇشى «گ» تاۋۇشىغا نۆەتلىشىپ «گۇپا» شەكلىدە ئىپادىلەنگەن.
(6) يۇقىرىقىلاردىن باشقا، «خ، غ» تاۋۇشلىرىنىڭ «ق» تاۋۇشىغا، بەزىدە بۇنىڭ ئەكسىچە «ق» تاۋۇشىنىڭ «خ» تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشكەن ئەھۋالىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:
«ئول ۋاختا ئابدىشىرىپ ئاقۇن خونوخايدا ساۋدا قىلىپ يۈرۈت ئىكەن.»
«ئاخسۇدا ئۈش يىل تۇردۇم، ئاخسۇدا مەنى بىلىدىغان كىشىلەر بار.»
«ئاتقا مىنسەڭ ئاتاڭغا باخما.»
«ئاسماندىن بىر پاچا بۇلۇت كەلىپ، ئول قاننىڭ تۆپەسىدە ياڭمۇر ياقىدۇ.»
يۇقىرىقى مىساللاردا «ۋاقتا، ئاقسۇ، باقما» سۆزلىرىدىكى «ق» تاۋۇشى «خ» تاۋۇشىغا، «ياغىدۇ» سۆزىدىكى «غ» تاۋۇشى بىلەن «ئاخۇن» سۆزىدىكى «خ» تاۋۇشى «ق» تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىپ، بۇ سۆزلەر «ۋاختا، ئاخسۇ، باخما، ياقىدۇ، ئاقۇن» شەكىللىرىدە كەلگەن.
3) تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى
(1) ئەرەب، پارس تىلىدىن كىرگەن بىر قىسىم سۆزلەردە بوغۇم ئاخىرىدىكى «ھ» تاۋۇشى چۈشۈپ قالغان. مەسىلەن:
«پاتىشا ئۆيىگە ئايتىپ بېرىپ، يەتى كەچە-كۈندۈز مىمان قىلدى.»
«مەڭسىپدارلار بۇ خاننىڭ جەمەتى دەپ تولا ئەتىيات قىلىت ئىكەن.»
يۇقىرىقى مىساللاردا «پادىشاھ، مېھمان، ئېھتىيات» سۆزلىرىدىكى «ھ» تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىپ، بۇ سۆزلەر «پاتىشا، مىمان، ئەتىيات» شەكلىدە ئىپادىلەنگەن.
(2) بىر قىسىم سۆزلەردە «ر» تاۋۇشى چۈشۈپ قالغان. مەسىلەن:
«بىر قوقساڭ ھەخلى بار كىشىدىن قوق، بىر قوقساڭ ھەخلى يوق كىشىدىن قوق».
بۇ مىسالدا «قورق» سۆزىدىكى «ر» تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىپ «قوق» شەكلىدە ئىپادىلەنگەن. ئەسەردە يەنە «بى (بىر)، تو (تور)، دەيى (دەريا)، يۇت (يۇرت)، ئاقېسى (ئارقىسى)، تابا (تاۋار)، پاچا (پارچە)، ساغارغان (سارغايغان)، ساغاتۇ (سارغايتۇر)، قاز (قەرز)، قاتا (قاتار)» دېگەن سۆزلەردىمۇ «ر» تاۋۇشى چۈشۈپ قالغان.
(3) بىر قىسىم سۆزلەردە «ي» تاۋۇشى چۈشۈپ قالغان. مەسىلەن:
«تاڭنېكى قۇرۇقتۇن بۈگۈنكى ئۆپكۆ ياخشى.»
«چەرىكنىڭ يەيدىغان، ئىچىدىغان، كىدىغان كىملەرىنى توشىدى.»
يۇقىرىقى مىساللاردا «قۇيرۇق، كەيىدىغان، كەيىم» سۆزلىرىدىكى «ي» تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىپ، بۇ سۆزلەر «قۇرۇق، كىدىغان، كىم» شەكلىدە ئىپادىلەنگەن.
(4) بىر قىسىم سۆزلەردە «ۋ» تاۋۇشى چۈشۈپ قالغان. مەسىلەن:
«بىر كۈنى ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئو ئولاپ يۈرەتتى.»
«ئاندىن كىن ئوچىلار ئول يەردىن كەتتى.»
«ئولىيالار قولدىسۇن.»
«خىيالىمغا كەلگەندە، قالماق بولۇپ مەن تولۇدۇم.»
«يېڭى يار كىشى تۇسسا، سودايى ئاغرىق بولغۇدەك.»
يۇقىرىقى مىساللاردا «ئوۋ، ئوۋچى، ئوۋلىماق، توۋلۇماق، ئەۋلىيا، سەۋدايى» دېگەن سۆزلەردە بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن «ۋ» تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىپ، بۇ سۆزلەر «ئو، ئوچى، ئولىماق، ئولىيا، تولۇدۇم، سودايى» شەكىللىرىدە ئىپادىلەنگەن.
(5) بىر قىسىم سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىدە ئۈزۈك تاۋۇشلار بەزى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن قوشۇلۇپ بوغۇم بويىچە چۈشۈپ قالىدىغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:
«سىلەر جانجۇن دەپ ۋاقاراڭلار. جانجۇن سىلەرنىڭ تۇشۇڭلارنى ئىشىتىپ، ئېلىپ كەلىپ سۇرايدۇ.»
«دۇمباقنىڭ توشىنى جانجۇن ئاڭلاپ، بىر داتخور كەلىپتۇ، ئېلىپ كىرىڭلەر، دەپتۇ.»
«بۇ كىككە ئوق چىقارماڭلار، تىرىك تۇتۇڭلار.»
يۇقىرىقى مىساللاردا «تاۋۇش، كەيىك» سۆزلىرىدە بىردىن بوغۇم چۈشۈپ قېلىپ «تۇش\توش، كىك» شەكىللىردە ئىپادىلەنگەن. بۇلاردىن باشقا ئەسەردە يەنە «كىن (كەيىن)، سوق (سوغۇق)، جەنگىر (جەھانگىر)، مەلە (مەھەللە)، يوسۇل (ياساۋۇل)، ئەپ كەل (ئالىپ كەل)» دېگەن سۆزلەردىمۇ تاۋۇشلارنىڭ بوغۇملار بويىچە چۈشۈپ قالغان.
4) تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى
«تارانچى دىئالېكتى»دا بىر قىسىم ئەرەبچە كىرمە سۆزلەرنىڭ ئالدىغا «ھ» تاۋۇشى قوشۇلۇپ قالغان. مەسىلەن:
«ئول قىز تولا چىرايلىق، ھېقىللىق، دانىشمەن ئىكەن.»
«مەنىكى ئىكى يارىم بار، كۆرمەككە ھەجەپ چاققان.»
يۇقىرىقى مىساللاردا «ئەقىل، ئەجەب» سۆزلىرىنىڭ ئالدىغا «ھ» تاۋۇشى قوشۇلۇپ قالغان.
2. تارىخىي فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر
«تارانچى دىئالېكتى» بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى سېلىشتۇرغىنىمىزدا، ئەسەر خاتىرىلەنگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 150 يىلغا يېقىن تارىخىي جەرياندا تىلىمىزدىكى بەزى سۆزلەر تەركىبىدىكى بىر قىسىم تاۋۇشلاردا نۆۋەتلىشىش، چۈشۈپ قېلىش، قوشۇلۇپ قېلىش قاتارلىق بەزى تارىخىي فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1)        تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى
سوزۇق تاۋۇشلاردىكى نۆۋەتلىشىش:
(1) «تارانچى دىئالېكتى»دىكى بىر قىسىم سۆزلەر تەركىبىدىكى «ئۇ» تاۋۇشىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «ئو» تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشكەنلىكىنى كۆرىمىز. مەسىلەن:
«دالويېنىڭ ئالدىغا نەچە قىسما سۇراق كەلىدۇ.»
«ئاندىن دالويا سۆز سۇرايدۇ.»
يۇقىرىقى مىساللاردا «سۇراق، سۇرايدۇ» سۆزلىرىدىكى تىل ئورنى ئەڭ يۇقىرى سوزۇق تاۋۇش «ئۇ» ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تىل ئورنى سەل يۇقىرى بولغان «ئو» تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىپ «سوراق، سورايدۇ» شەكلىدە كېلىدۇ.
(2) «تارانچى دىئالېكتى»دىكى بىر قىسىم سۆزلەردىكى «ئۆ» تاۋۇشىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «ئۈ» تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشكەن. مەسىلەن:
«جانجۇن ئۆزى تۆگەتكىدەك ئىش بولسا ئۆزى تۆگەتۈدۇ.»
يۇقىرىقى مىسالدىكى «تۆگەتمەك» سۆزى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «تۈگەتمەك» شەكلىدە كۆرۈلگەن.
لېكىن، شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، «تارانچى دىئالېكتى»دا بىر قىسىم سۆزلەردە «ئۆ» تاۋۇشى بەزىدە يۇقىرىقىدەك شەكىلدە كەلسە، بەزىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بىلەن ئوخشاش «ئۈ» تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشكەن شەكىلدە كېلىدۇ. مەسىلەن:
«سىلەر مۇنى ياخشى سۇراپ تۈگەتىپ، ماڭا ئاڭلاتىڭلار »
يۇقىرىقى مىسالدا «تۈگەتمەك» سۆزى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكىگە ئوخشاش شەكىلدە كەلگەن. بۇنىڭدىن ئۆتكۈنچى دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشچان تىل ھالىتىنى كۆرۈش مۇمكىن.
ئۈزۈك تاۋۇشلاردىكى نۆۋەتلىشىش:
(1) «تارانچى دىئالېكتى»دىكى بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ سۆز بېشىدىكى «ت» تاۋۇشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «چ» تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشكەن. مەسىلەن:
«شىرىن دەگەن بىر پاتىشانىڭ قىزىنى تۈشىدە كۆردى.»
«ئۇ يىگىتكە كۆڭنى تۈشتى.»
«تۆرت كەپتەر كەلىپ ئالدىغا تۈشۈپتۇ.»
يۇقىرىقى جۈملىلەردىكى «تۈش، تۈشمەك» سۆزلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «چۈش (ئىسىم)، چۈشمەك (پېئىل)» شەكلىدە كېلىدۇ.
(2) «تارانچى دىئالېكتى»دىكى بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ سۆز بېشىدىكى «س» تاۋۇشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «چ» تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشكەن. مەسىلەن:
«تەپسەڭ ساندۇق ئاچىلار، گۈل بېشىمغا ساچىلار.»
«ئۆينىڭ تۆرىدە ياتقان، ساشقاننى ماراپ ياتقان.»
يۇقىرىدىكى مىساللاردىكى «ساچماق، ساشقان» سۆزلىرىدە بوغۇم بېشىدىكى «س» تاۋۇشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «چ» تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىپ، «چاچماق، چاشقان» شەكلىدە كېلىدۇ.
(3) «تارانچى دىئالېكتى»دا كۆرسىتىش ئالماش «بۇ» تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار بىلەن تۈرلەنگەندە «مۇ» شەكلىدە كېلىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا ئۇنداق بولماستىن، بەلكى «بۇ» شەكلى بويىچە كېلىدۇ. مەسىلەن:
«مۇنى ئۆزەم ئالدىم دەگەلى بولمايدۇ، مۇنى ئاڭا خۇدا ئۆزى بەرگەن.»
«مۇڭا سىلەر ئىخلاس قىلماڭلار، ئاخېرىغا ئۆزەڭلەرگە يامان بولۇدۇ.»
«مۇنۇڭ ئاغزى پۇچۇق، بۇ تولا يامان كىشى.»
يۇقىرىقى مىساللاردىكى قوشۇمچىلار بىلەن تۈرلەنگەن «مۇنى، ئاڭا، مۇڭا، مۇنۇڭ» قاتارلىق كۆرسىتىش ئالماشلىرىدىكى «م» تاۋۇشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «ب» تاۋۇشى بىلەن كېلىپ، بۇ سۆزلەر «بۇنى، ئۇنىڭغا، بۇنىڭغا، بۇنىڭ» شەكلىدە كېلىدۇ.
يۇقىرىقىدەك تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار بىلەن تۈرلىنىپ، «مۇ» بوغۇمى بىلەن باشلىنىپ كېلىدىغان كۆرسىتىش ئالماشلار ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىلى شېۋىسىدە ھېلىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
(4) «تارانچى دىئالېكتى»دا بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ سۆز بېشىدىكى «ب» تاۋۇشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «پ» تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشكەن. مەسىلەن:
«شەرىئەت بۈتمەگەنىگە تاش تاشلاپ ئۆلتۈرىدىغان گۇنا كەلىدۇ، دەدى»
«مۇڭا بىر-ئىكى يۈز تاشچى بولسا، ئىكى يىلدا بۈتەر دەپ ئاڭلاتتى.»
«بۇ قىلغان ئىشلەرىنى بىر –بىر خاتقا بۈتۈپ خات خانغا بولاپتۇ.»
«يۇت ئىچىدە ئىكى كىشى سوقۇشۇپ، بىرى ئۆلسۆ، يا بىچاق سالغان بولسا، ئېنى كەلىپ دالويېغا ئاڭلاتىدۇ.»
يۇقىرىقى سۆزلەردىكى «بۈتمەگەن، بۈتەر، بۈتۈپ، بىچاق» سۆزلىرىنىڭ بوغۇم بېشىدىكى «ب» تاۋۇشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «پ» تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشكەن بولۇپ، بۇ سۆزلەر «پۈتمىگەن، پۈتەر، پۈتۈپ، پىچاق» شەكلىدە كېلىدۇ. ئەسەردە يەنە «بىشۇرماق\بۇشۇرماق (پىشۇرماق)، بالتا (پالتا)» سۆزلىرىمۇ مۇشۇ خىل شەكىلدە كەلگەن.
(5) «تارانچى دىئالېكتى»دا بىر قىسىم سۆزلەردە بوغۇم ئاخىرىدا كەلگەن «س» تاۋۇشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «ز» تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشكەن. مەسىلەن:
«ئۇ يىگىت قارچېغىنىڭ ئارقېسىدىن كەلىپ ئۇ باققا كىردى، كىرىپ قارچېغېسىنى ئىستەپ تاپتى.»
«بۇ كوچاغا سۇ(نى) كىم قويۇپتۇ، ئىستەپ تېپىڭلار، دەپتۇ.»
بۇ مىساللاردىكى «ئىستەمەك» سۆزى تەركىبىدىكى «س» تاۋۇشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «ز» تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىپ، بۇ سۆز «ئىزدىمەك» شەكلىدە كېلىدۇ.
(6) قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «دەۋە\تەۋە» (تۆگە) سۆزى «تارانچى دىئالېكتى»دا بەزىدە «دەۋە» شەكلىدە، بەزىدە «تۈگە» شەكلىدە قوللىنىلغان. بۇنىڭدىن بۇ سۆزدىكى «ۋ» تاۋۇشىنىڭ «گ» تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىشىنىڭ ئەينى دەۋردە ئۆتكۈچى ھالەتتە تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. مەسىلەن:
«بىر دەۋەنى قوشۇپ ھەمرانى ئائىلىسىنىڭ شەھەرىگە بۇلبۇلى گويىغا ئەۋەتتى.»
«مىنگەلى ئات بەردى، ئىشلەتكەلى تۈگە بەردى.»
2) تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى
(1) «تارانچى دىئالېكتى»دا «ر» تاۋۇشى چۈشۈپ قالمىغان بىر قىسىم سۆزلەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بۇ تاۋۇش چۈشۈپ قالغان ھالەتتە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:
«بۆلۆك كىشىنى ئەرگەشىپ كەتتى.»
«كەڭرۈ يەرگە خىرمان قىلىپ توشۇپ تەپتى.»
يۇقىرىقى مىساللاردىكى «ئەرگەشىپ، خىرمان» سۆزلىرىدىكى «ر» تاۋۇشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا چۈشۈپ قېلىپ، بۇ سۆزلەر «ئەگىشىپ، خامان» شەكلىدە كېلىدۇ. ئەسەردە قوللىنىلغان «تۆرت، بۆرك، پارلىماق، يۈرگەمەك، ئەرتە، يەركەن، دەرۋا، چۆرچەك، ئەۋەرتمەك» سۆزلىرىدىكى «ر» تاۋۇشىمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا چۈشۈپ قېلىپ، بۇ سۆزلەر «بۆك، پالىماق، يۆگىمەك، ئەتە، يەكەن، دەۋا، چۆچەك» شەكلىدە كېلىدۇ.
(2) «تارانچى دىئالېكتى»دا بىر قىسىم سۆزلەر تەركىبىدىكى «ن» تاۋۇشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا چۈشۈپ قالغان. مەسىلەن:
«ياماننىڭ ياخشىسى بولغۇنچا، ياخشىنىڭ يامېنى بول.»
«ئاش قالماغىنچا ئاشنىڭ قادېرىنى بىلمەس،
ياياق يۈرمەگىنچە ئاتنىڭ قادېرىنى بىلمەس.»
«نەچەن غەلبۈر بۇغداينى بەكار ئېلىپ كەتتى.»
«قانچان ئادەملەر قاشقارنىڭ يولىدا ئۇن توشۇپ مۇزلاپ ئۆلدى.»
يۇقىرىقى مىساللاردىكى «بولغۇنچا، قالماغىنچا، يۈرمەگىنچە، نەچەن، قانچان» سۆزلىرىدىكى «ن» تاۋۇشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا چۈشۈپ قېلىپ، بۇ سۆزلەر «بولغۇچە، قالمىغىچە، يۈرمىگىچە، نەچچە، قانچە (قانچىلىغان)» شەكلىدە كېلىدۇ.
3) تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى
(1) ئەرەب تىلىدىن كىرگەن بىر قىسىم سۆزلەر «تارانچى دىئالېكتى»دا سۆز بېشىغا «ھ» تاۋۇشى قوشۇلمىغان شەكىلدە كەلسە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «ھ» تاۋۇشى قوشۇلغان شەكىلدە كېلىدۇ. مەسىلەن:
«ئاراقچىنىڭ كۆڭنى باي.»
يۇقىرىقى مىسالدىكى «ئاراق» سۆزىنىڭ ئالدىغا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «ھ» تاۋۇشى قوشۇلۇپ «ھاراق» شەكلىدە كېلىدۇ.
(2) «تارانچى دىئالېكتى»دا بىر قىسىم سۆزلەر ئىككى بوغۇم ئارىلىقىدا ئالدىنقى بوغۇمنىڭ ئاخىرىدىكى «ي» تاۋۇشى قوشۇلمىغان شەكىلدە كەلسە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «ي» تاۋۇشى قوشۇلغان شەكىلدە كېلىدۇ. مەسىلەن:
«ئول كىشىنى قىنغا باستى، قىنىغاندىن كىن راستىنى ئايتتى.»
«سەن ئاغىلېرىڭدىن ئارىلمېغىن.»
«توسۇن ئاتقا يۈگەن سالدىم، مىندىم، قارىلدىم.»
«ئاسمان تۆپۆنىگە قالىسا، بىر تورغاي ساراپ ئۇچۇپ يۈرىدۇ.»
«ھەر قاسى ئايماقنىڭ خالخى بەگلەرىنىڭ شۇملىگىدىن يوقۇلۇپ كەتتى.»
«چاپپېنىممى قۇرۇيدۇ، ئۆزەم ھەم ئوتۇننى سىنىپ ئىسسىمەن، دەدى.»
يۇقىرىقى مىساللاردىكى «قىنىماق، ئارىلماق، قارىلماق، ساراماق، ھەر قاسى، ئىسسىمەن» سۆزلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بوغۇم ئارىلىقىغا بىردىن «ي» تاۋۇشى قوشۇلۇپ، بۇ سۆزلەر «قىينىماق، ئايرىلماق، قايرىلماق، سايرىماق، ھەر قايسى، ئىسسىيمەن» شەكلىدە كېلىدۇ.
(3) «تارانچى دىئالېكتى»دا بىر قىسىم سۆزلەردە ئىككى بوغۇم ئارىسىدا كەلگەن بىر ئۈزۈك تاۋۇش ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىككىگە پارچىلىنىپ، بىرى ئالدىنقى بوغۇمنىڭ ئاخىرى، يەنە بىرى كېيىنكى بوغۇمنىڭ بېشى بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن:
«ھەكىم، شاغا توقۇز قاتا(ر) سۆگۆدۆپ ، توقۇز قاتا(ر) باش قويدى.»
«يامغۇر ياغمىغان بۇلۇتتىن، ئاچىغى كەلگەندە كۈلگەن كىشىدىن ھەزەر قىل.»
«قوسۇغۇم ئاشتى دەگەنگە ئاش بەردى، ئۇسۇدۇم دەگەنگە سۇ بەردى.»
يۇقىرىقى مىساللاردىكى «توقۇز، ئاچىغ، ئۇسۇماق» سۆزلىرىدە ئىككى بوغۇم ئوتتۇرىسىدا بىرلا ئۈزۈك تاۋۇش بار بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بۇ ئۈزۈك تاۋۇش ئىككىگە ئاجراپ، بۇ سۆزلەر «توققۇز، ئاچچىق، ئۇسسۇماق» شەكىللىرىدە كېلىدۇ. ئەسەردە يەنە بۇنداق سۆزلەردىن «ئوتۇز (ئوتتۇز)، ئىكى (ئىككى)، يەتى (يەتتە)، سەكىز (سەككىز)، ھەمە (ھەممە)، سادە (ساددا)، قىمات (قىممەت)» قاتارلىقلار بار.
دېمەك، رادلوفنىڭ «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق كىتابىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تىلىدا تاۋۇشلارنىڭ نۇتۇق ئېقىمىدا يۈز بېرىدىغان ئاسسىمىلاتسىيە، نۆۋەتلىشىش، چۈشۈپ قېلىش، قوشۇلۇپ قېلىش قاتارلىق فونېتىكىلىق ھادىسىلىرى بىر قەدەر روشەن ھالدا ئەكس ئەتكەن. شۇنىڭدەك بەزى فونېتىكىلىق ھادىسىلەر ئۆزگىرىشچان ھالەتتە تۇرىۋاتقان بولۇپ، مۇقىملىق دەرىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان. بۇ دەۋر تىلى فونېتىكا جەھەتتىن چاغاتاي تىلىنىڭ ئاساسىي فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە، تەدرىجى ھالدا خەلقنىڭ ئېغىز تىلىغا يېقىنلىشىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن بەلگىلىك ئاساس ياراتقان. شۇنىڭدەك، بىز ئۆتكۈنچى دەۋر تىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى سېلىشتۇرغىنىمىزدا، بىر قىسىم سۆزلەردە بەزى تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلەشكەنلىكى، چۈشۈپ قالغانلىقى، قوشۇلۇپ قالغانلىقىدەك تارىخىي فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنىمۇ كۆرىمىز. بۇلارنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش بىزنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشىنىش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تىلىنىڭ پۈتكۈل تەرەققىيات تارىخىدىكى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى توغرا ئىگىلىشىمىزگە ياردەم بەرگۈسىدۇر.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

31

يازما

81

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
81
دىۋان
ۋاقتى: 2015-10-24 13:42:06 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇنداق  ماقالىلەر    دىن  خەۋەردار لار  كۆپرەك يوللىسا  ماڭا  ئوخشاش خەۋەرسىز قالغانلار كۆپرەك   ئوقۇپ چۈشەنچە ھاسىل  قىلسام چوقۇم     يامان بولمايدۇ  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:14 , Processed in 0.067634 second(s), 22 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش