مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 219|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«قىزىل راۋاقتىكى چۈش» رومانىدىكى بىر شېئىر *

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2015-8-28 15:23:08 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
«قىزىل راۋاقتىكى چۈش» رومانىدىكى بىر شېئىر
*
ئۆز ۋاقتىدا بەگ غوجاملار تولغان ساراي،
غۇربەت بېسىپ قۇرۇق سۆلەت دالان بولدى.
بىر چاغلاردا بەزمە-مەشرەپ قاينىغان جاي،
گۈللەر توزۇپ، دەل –دەرەخلەر خازان بولدى.
زەر تورۇسقا ئۆمۈچۈكلەر باغلىدى تور،
گۈل پەنجىرلەر ئوت-گىياھقا ئاشيان بولدى.
ئۇپا-ئەڭلىك،خۇش پۇراقنىڭ نە ھاجىتى،
قىروۋ قوندى چاچقا، قېرىلىق ئايان بولدى.
كېچە تۇپراق ئارا كىرسە مۇردا، بۈگۈن –
ئاشىق-مەشۇق ھوجرا ئارا پىنھان بولدى.
ساندۇق-ساندۇق ئالتۇن- كۈمۈش ساقلىغانلار،
كۆز ئاچقۇچە گادايلىشىپ ۋەيران بولدى.
ئۆمرى قىسقا دەپ ئۆزگىدىن ئاھ ئۇرغانلار،
كېلىپ ئۆزى ئۇ ئالەمگە راۋان بولدى.
ئاتاسىدىن قاتتىق تەنبىھ ئالغان زاتلار،
ئېھتىمالىم، قىلمىشلىرى ئەسيان بولدى.
بايۋەچچىدىن ئۆزىگە جۈر ئىزدىگەنلەر،
تاپقان جايى خۇنۈك چالا مەيدان بولدى!
تاجىسىنى كىچىك كۆرۈپ كىيمىگەنلەر،
كىيىپ قوۋۇق، ياتقان يېرى زىندان بولدى.
ئاخشام تېخى جۇل –جۇل توندىن غىڭشىغانغا،
بۈگۈن بەگلىك چاپىنىمۇ يامان بولدى.
بىرى تەختتىن چۈشسە،يەنە بىرى چىقتى،
ئاقىۋەتتە ماڭا يات يۇرت ماكان بولدى.
قويغىنا، بۇ ئەپسانىنى، ھەننىۋاسى-
باشقىلارغا ئاخىر تويلۇق چاپان بولدى.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:11 , Processed in 0.058833 second(s), 24 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش