مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 76|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مىھىر-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2016-11-13 21:44:23 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
مىھىر-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات

مۇختەر بۇغرا

يېغىپلا تۇرسا سۆيگۈ يامغۇرى،
يۈرىكى كىمنىڭ ئاڭا چىلاشماس.
ئىنسانى سۆيگۈدە ئىنساننى سۆيسەك،
قايسى بىر يۈرەك ئىشىكنى ئاچماس.
سۆيگۈدۇر زىننەت، سۆيگۈدۇر سۇبات،
مېھىر-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.

ئىنساننىڭ ئۆزى ئۇلۇغدۇر ئەسەر،
شەپقەت يەتكۈزۈش دېمەك مۇندەرجە.
قىسمەتكە تولغان پىشانىمىزدا،
ئىلاھىي شۇئار سۈزۈكتۇر شۇنچە.
ئانا سۈتىدىن باشلىنار قۇتاد،
مېھىر-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.

ئانا مېھرىدىن كۆز ئاچتۇق تولۇق،
باراۋەرلىكتىن ئالەم يوپيۇرۇق.
يېتىم رىسقىغا چاڭ سالساق ئەگەر،
بولۇپ كەتمەمدۇق دوزاخقا تۇترۇق.
تەڭ باراۋەرغۇ ئەسلى ئادىمىزات،
مېھىر-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.

ئېرىقتا سۇنى بىللە ئىچىدۇ،
بىللە تىكىلگەن سۇۋادان تېرەك.
ئەلگە بېرىمىز شۇندىلا شەربەت،
قاتارى تۇرساق ئانار دانىسىدەك.
ئىناقلىق بىلەن گۈزەل كائىنات،
مېھىر-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.

ساخاۋەت دېگەن مال-دۇنيا ئەمەس،
ئىككى كەلىمە تەسەللىي-سەۋېر.
ئۆزگۈگە داننى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ،
ئۆزىگە تاشنى قالدۇرار غەلۋىر.
ھارام مال-دۇنيا ئىمانغا داغ-دات،
مېھىر-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.

يىلغا باھانە كۆرسەتسەك بىكار،
ئۇنتۇلۇپ كېتەر كۆڭۈلدىكى داغ.
ئۇنتۇلار ھەممە، ئۇنتۇلماس پەقەت،
ساۋاب، ياخشىلىق بىنا قىلغان باغ.
بىردەملىك ئىكەن نالە يۇ پەرياد،
مېھىر-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.

نەغمە بولسىلا ئېچىلماس كىشى،
توقلۇق بولمىسا مېھىر-شەپقەتتىن.
تەغدىر شۇنداق دەپ ئۆتمەيلى دوستلار،
دىللار سۇ ئىچسۇن چىن مۇھەببەتتىن.
نەپرەت، شەپقەتكە تولغان بۇ ھايات،
مېھىر-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.

ئۇز تەبىئەتنىڭ كاجلىقى تۇتسا،
شاختىلا نابۇت بولار گۈل-چېچەك.
مەسخىرە قىلىپ تۇرسىمۇ دۇنيا،
چىن دەيدۇ ھەتتا ئۆزىنى چۆچەك.
نادانلارغىلا ئەرمەك ياغاچ-ئات،
مېھىر-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.

كۆكتە قۇشلاردەك قىلىدۇ پەرۋاز،
مېھىر-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.
بىر كۈن ھەمراھقا قىرىق كۈن سالام،
بۇ ئەجدادلاردىن قالغان بىر ساۋات.
بۇ ئەۋلادلارغا قالغان بىر ساۋات،
مېھىر-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.     
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:15 , Processed in 0.054272 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش