مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 268|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئامان بولسۇن ئاتا بولغان يىگىتلەر *** مۇھەممەد مەسئۇد ھەبىبى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

300

تېما

646

يازما

1678

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1678
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2015-6-24 23:05:27 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
ئامان بولسۇن ئاتا بولغان يىگىتلەر
***
مۇھەممەد مەسئۇد ھەبىبى
***
پەرۋازىغا يامان نەزەر تەگمىسۇن،
ئەل قوينىدا قاناتلانسۇن بۈركۈتلەر.
باغلىرىدا مۇراد گۈلى ئېچىلسۇن،
ئامان بولسۇن ئاتا بولغان يىگىتلەر.
***
مۇھەببەتتىن قۇرۇپ تاجۇ تەختىنى،
ئىزگۈلىكتىن ئىزلەپ ئارزۇ-بەختىنى،
ۋاپا بىلەن ئاقلاپ ھالال ئەھدىنى،
ئامان بولسۇن ئاتا بولغان يىگىتلەر.
***
پەرزەنت كۈلسە يۈرەكلەر كۈلەر ئىكەن،
گەر يىغلىسا سانجىلىپ گويا تىكەن،
ئاتا بولۇپ ئاتا قەدرىگە يەتكەن،
ئامان بولسۇن ئاتا بولغان يىگىتلەر.
***
پەرزەنت دېگەن شۇنچە شېرىن غەزەلدۇر،
بىر كۈلكىسى مىڭ ناخشىدىن ئەۋزەلدۇر،
ئاتا بولماق، ئاھ نەقەدەر گۈزەلدۇر،
ئامان بولسۇن ئاتا بولغان يىگىتلەر.
***
ئەركىلىسە ئۇنتىلىدۇ مىڭ قايغۇ،
قەغىش قىلسا تۈنلەر بىدار يوق ئۇيقۇ،
"دادا"دېسە يانار مۇقەددەس تۇيغۇ،
ئامان بولسۇن ئاتا بولغان يىگىتلەر.
***
بالام دەيدۇ، خالاپ كۆيىدۇ ھامان،
تەييار تۇرار ئاڭا بولغىلى سامان،
ئۇنتۇپ كېتەر ھەتتا ئۆزىنى تامام،
ئامان بولسۇن ئاتا بولغان يىگىتلەر.
***
سەزدۈرمەيدۇ بولسا قانچە دەردىنى،
بىلەر دىلدىن ئاتا- ئانا ئەجرىنى،
ھەر مۈشكۈلگە ئاتاپ قويار سەبرىنى،
ئامان بولسۇن ئاتا بولغان يىگىتلەر.
***
دەردى يالغۇز جان ۋە يا پەرزەنت ئەمەس،
ئارمانى ھەم غايىسى بار مۇقەددەس،
تۇرمۇش غېمى ئەيلىمىسۇن خارۇ-خەس،
ئامان بولسۇن ئاتا بولغان يىگىتلەر.
***
ئاتىلارنىڭ باسقان ئىزى نۇر بولسۇن،
ئانىلارنىڭ تۆككەن تەرى دۇر بولسۇن،
شادلىقىغا پەرزەنتلىرى جۆر بولسۇن،
ئامان بۇلسۇن ئاتا بولغان يىگىتلەر.
***
ئاتا بولدۇق ئەمدى ئەمەسمىز سەبى،
ھەق يولىدا تىك تۇرايلى تاغ كەبى،
ئەزىزلەرگە دۇئا قىلار ھەبىبى،
ئامان بولسۇن ئاتا بولغان يىگىتلەر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:53 , Processed in 0.054271 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش