ئەنۋەرچەرچەن |
2013-08-05 22:46 |
مۇئەللىم مۇختار بۇغرا
مۇئەللىم شام-چىراغ روھ دۇنياسىغا، مۇئەللىم،نۇرىڭىز بەردى ھارارەت. مۇئەللىم،ئەجرىڭىز پەن قىياسىغا، ئۆرلەشتە مەڭگۈلۈك قۇدرەت-جاسارەت.
خىلۋەتتە كۆز ئاچقان نامسىز بۇلاقتەك، چاڭقىغان يۈرەككە بەردىڭىز زەم-زەم. مېھرىڭىز يېلىنجاپ تۇرغان چراغدەك. چۆمۈلدى نۇرلارغا جىمىكى ئالەم.
بۇ ئالەم گۈزەللىك ئانىسى ئىكەن، بۇ ئالەم مىسالى چېلىش مەيدانى. سەبىيلەر تېنىگە سانچىلسا تىكەن، بولدىڭىز مۇستەھكەم پولات قورغانى.
مۇئەللىم،سۆلەتلىك ئەمەس جىسمىڭىز، مۇئەللىم،مەكتەپتە سىز ئاددىي ئادەم. مۇئەللىم،ئالەمدەك كەڭرى كۆكسىڭىز، سىز بۈيۈكلۈك تەختىدە تەنھا،مۆھتەرەم.
كەچۈرگەچ بېشىڭىز نى-نى قىسمەتنى، قارايسىز دۇنياغا شۇڭا ئۆزگىچە. تونۇتۇپ بارىسىز تارىخ-ھېكمەتنى، يۇلتۇزدەك كۆزىڭىز تا يۇمۇلغىچە.
مەنبە:مۇختار بۇغرانىڭ «تىكەن پەسلى»دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى. |
|