ئەنۋەرچەرچەن |
2013-08-05 22:30 |
مېھىر-شەپقەت مۇختار بۇغرا
يېغىپلا تۇرسا مېھىر يامغۇرى، يۈرىكى كىمنىڭ ئاڭا چىلاشماس. ئىنسانىي سۆيگۈدەئىنساننى سۆيسەك، قايسىبىر يۈرەك ئىشىكنى ئاچماس. ئېرىقتا سۇنى بىللە ئىچىدۇ، بىللە تىكىلگەن سۇۋادان تېرەك. ئەلگە بېرىمىز شۇندىلا شەربەت، قاتارى تۇرساق ئانار دانىسىدەك.
نەغمە بولسىلا ئېچىلماس كىشى، توقلۇق بولمىسا مېھىر-شەپقەتتىن. تەقدىر شۇنداق دەپ ئۆتمەيلى دوستلار، دىللار سۇ ئىچسۇن چىن مۇھەببەتتىن.
كۆكتە قۇشلاردەك قىلدۇرار پەرۋاز، مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات. «بىر كۈن ھەمراھقا قرىق كۈن سالام»، بۇ ئەجداتلاردىن قالغان بىر ساۋات.
مەنبە:مۇختار بۇغرانىڭ «تىكەن پەسلى»دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى. |
|