چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار
بۇ ماقالە، چەتئەللەرگە چىقىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلغان، پايدىلىنىش قىممىتى يوقۇرى ماقالە ئىكەن.
بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنى « ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىدىن ئۆزىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىشنىڭ يوللىرى » نى مەخسەت قىلغان ئكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىشقا باشلىغان جەريانىنى تۆۋەندىكىدەك 4 تۈركۈمگە بۆلۈپ مۇھاكىمە قىلساق بولىدۇ.
1- 1934- يىلى ساۋۇت دەموللام ھۆكۈمىتىدىن كېيىن 1940- يىلغىچە بولغان بىرقانچى يىللىق قىسقا مۇساپە ئىچىدە چەتئەلگە سەپەر قىلىش تۈركۈمى. بۇ تۈركۈمدىكىلەرنى، ئىزدىنىش باسقۇچى- دەپ قاراش مۇمكىن.
2- 1949- يىلى چەتئەلگە چىقىش باسقۇچى. بۇ تۈركۈمدىكىلەرنى، چەتئەلگە قېچىش باسقۇچى تۈركۈمى دەپ قاراش مۇمكىن.
3- 1962 - يىللىرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىش تۈركۈمى. بۇ تۈركۈمدىكى مۇھاجىرلىرىمىزغا مۇھاجىرەتكە جان ساقلاش ئۈچۈن قېچىش باسقۇچى - دەپ قاراش مۇمكىن.
4- 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن ئىتىبارەن بۈگۈنگىچە چەتكە ئېقىش تۈركۈمى. بۇ تۈركۈمدىكى مۇھاجىرلىرىمىزغا ئەڭ مۇرەككەپ مۇھاجىرەت باسقۇچى - دەپ قاراش مۇمكىن.
بىز « ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىدىن داۋايىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىشنىڭ يوللىرى » ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىشتىن ئاۋال « چەتئەلدىكى يېقىن ئۆتمۈشىمىز قانداق بولغان، كەلگۈسىمىز قانداق بولىدۇ؟ » دېگەن ماۋزۇدا ئەتراپلىق باش قاتۇرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئەگەر تۆنۈگۈننى ئەستىن چىقىرىۋەتسەك بۈگۈندىن قىممەت يارىتالمايمىز. شۇنىڭدەك ئەتىگە تەييارلىقسىز، سەرمايىسىز كىرىپ قالىمىز. ئۇچاغدا تۆنۈگۈندىن ئەتىمىز تېخىمۇ بەتتەر بولىشى مۇمكىن. ئومۇمى ۋەزىيىتىمىزنى كۆزدە تۇتقاندىمۇ يىلدىن يىلغا چۈشكۈنلىشىۋاتقان ئەھۋالىمىز ھەم شۇنى تەستىقلاپ تۇرماقتا.
ئەمدى بىرىچى - تۈركۈمدىكى مۇھاجىرلىق دەۋرىنى - ئىزدىنىش باسقۇچىنى - دەپ قاراشتا 1934 - يىلى ساۋۇت دەموللام ھۆكۈمىتىدىن كېيىن چەتكە چىقىپ كەتكەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ چەتئەلدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى نەزەردە تۇتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ 1945 - يىلى 2 - دۇنيا ئۇرىشىدا گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مەغلۇپ بولغان دەۋرىگىچە چەتئەلدە دېپلۇماتىك مۇناسىۋەتلەر، ئەسكەرى ئۇرۇش تەييارلىقى ئېلىپ بارغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. 2 - دۇنيا ئۇرىشىدا ياپونىيەگە ئوخشاش جۇڭگۇغا قارشى بەزەن ئىتتىپاقداش ئەللەر ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، دەۋرى مۇھاجىرلىرىمىز تامامەن ئۈمۈتسىزلىنىپ، چۈشكۈنلۈككە ئۇچرىدى. ئۇلار تارقىلىپ، يەرلىشىپ سىڭىپ كېتىشكە يۈزلەندى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ، ئەۋلاتلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن تىرىكىشىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدى.
ئىككىنچى تۈركۈمدىكى - 1949 - يىلى گومىنداڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چەتكە چىقىپ كەتكەن مۇھاجىرلار باسقۇچىنى چېكىنىش، يىمىرلىش دەۋرى - دەپ باھا بېرىشتە ئۇلارنىڭ تەركىۋىدىكى ۋەكىللىك سالاھىيەتلىرىگە ئىگە غوللۇق شەخسلەرنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى تارىخى ئەمەلىيەتلىرى بىلەن ۋەتەن سىرتىغا چىققاندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قاراش كېرەك. ۋەتەننى تاشلاپ چەتكە چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى، ئىنقىلاۋى مۇھاجىر بولىۋەرمەيدۇ. ھاجىلار مىنىپ مەككىگە بارغان ئىشەك ئالتە ئايدىن كېيىن يەنە ئىشەك پېتىم قايتىپ كەلگەنلىكى ئىنكار قىلىنىدىغان ياكى پاكىت تەلەپ قىلىدىغان ئەھۋال ئەمەس. بەلكى ئۇ بىر تەبى ھادىسە.
ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى 1962 - يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كەتكەن مۇھاجىرلارنى جان ساقلاش دەۋرى مۇھاجىرلىرى - دەپ باھا بېرىش بولسا، شۇچاغدا ۋەتىنىمىزدىكى ئۆزگۈرۈشلەر، ئاچارچىلىق بالاسى ئۇلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىشىغا سەۋەپ بولغان بولسا، ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتكەندىن كېيىن ئۇچرىغان سىياسى زۇلۇم، خورلۇق، ئاممىۋى سۈرگۈنلۈك قاتارالىق ئىنسان بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى زۇلۇملار ئۇلارنىڭ سىڭىپ كېتىشىنى تىزلەتكەن ئىدى. ئۇلاردا ئەۋلاتلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقى، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغۇدەك ئىمكانىيەت يوق بولۇپ، 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن قايتا قۇرۇلۇش ئۈچۈن قەدەم بېسىشقا پۇرسەت بولمىدى.
تۆتىنچى تۈركۈمدىكى مۇھاجىرلارقوشۇنىنى مۇرەككەپ دەۋر مۇھاجىرلىرى - دەپ قاراشتا بۇلارنىڭ ئالدىنقى ھەرقانداق مۇھاجىرلار تۈركۈمىگە ئوخشىمايدىغان تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بار:
1 - ئوقۇغۇچى مۇھاجىرلار،
2 - تىجارەتچى مۇھاجىرلار،
3 - ساختا سىياسى قاچقۇن مۇھاجىرلا،
4 - سىياسى قاچقۇن مۇھاجىرلار.
بۇ تۈركۈمدىكى مۇھاجىرلارنىڭ ئورۇنلاشقان دۆلەتلىرى ئالدىنقى تۈركۈمدىكى مۇھاجىرلار ئورۇنلاشقان دۆلەتلەردىن زور دەرىجىدە پەرقلىق ۋە كەڭ كۆلەمنى تەشكىل قىلىدۇ. ئالدىنقى تۈركۈمدىكى مۇھاجىرلار شۇ دەۋرىلەردىكى دۇنيانىڭ سىياسى ۋەزىيىتى، تەرەققىيات ئەھۋالى، ئىقتىسادى شارائىتلار تۈپەيلىدىن ئىتايىن تار، چەكلىك رايونلارغا يەرلەشكەن. ئەمما كېيىنكى مۇرەككەپ دەۋرى مۇھاجىرلىرى ئاساسەن دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار ئەللىرىگە يەرلەشمەكتە. چەتئەلدە سىڭىپ، ئۆزلىكىدىن يوقۇلۇش ئۈستىدە توختالغاندا، بۇ دەۋرى مۇھاجىرلىرىنىڭ سىڭىپ كېتىش قەدىمى ئالدىنقى باسقۇچتىكى مۇھاجىرلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۈچ قاتلام تېز بولىشى ، يەنى يوقۇلۇش باسقۇچى ئىككىنچى ئەۋلاتلاردىن باشلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى ئالدىنقى تۈركۈمدىكى مۇھاجىرلار مەۋجۇتلىقىنىڭ بىر قەدەر ئۇزۇنغا سوزۇلىشىدىكى تاشقى سەۋەپ ئۆزلىرى يەرلەشكەن رايۇنلاردىكى يەرلىك خەلقلەر بىلەن بولغان تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنىڭ پاسسىپ بولىشى، يەرلىكلەر تەرىپىدىن يەكلىنىشى، ساۋاتسىزلىقنىڭ ئەۋلاتلاپ داۋاملىشىشى - قاتارلىق ئىجتىمائى ئەھۋاللار ئىدى. ئەمما كۈنىمىزدىكى مۇرەككەپ دەۋر مۇھاجىرلىرى يوقۇرقىلارنىڭ ئەكسىچە يەرلىكلەر بىلەن ئورتاق ياشاش، يەرلىكلەر بىلەن بىرگە ئىشلەش، ئارلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، يەرلىكلەر بىلەن ئوخشاش ھەق - ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇش - قاتارلىق تېز سىڭىپ كېتىش تەقدىرىگە دۇچ كەلمەكتە.
بولۇپمۇ كۈندىلىك تەشۋىقات ۋاستىلىرى، رادىئو، ئنتېرنەت، تۈرلۈك ئېلېكترونلۇق تەشۋىقات ۋاستىلىرى، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان تەبى سىڭدۈرۈش فىلىم ۋە ئويۇنچۇقلىرى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلى تۇيۇقسىز ئاسمىلاتىسيە بولۇپ سىڭىپ كېتىش قەدىمى ئاۋالقى ھەرقانداق زامانلاردىكىدىن قانچە ھەسسە تېزلىشىشى مۇقەررەردۇر.
يوقۇرقىلارنى نەزەردە تۇتقاندىمۇ بىزنىڭ يۈكىمىز ئېغىر. ۋەتەن سىرتىدىكى مەۋجۇتلىقىمىزغا پەرۋاسىز قارىساق، جەزمەنكى بۇ مۇجادىلە ئۇزۇنغا بارماي ئاخىرغا چىقىدۇ. بۇ مۇجادىلە بىلىم كۇچى، ئىقتىسادى كۇچ ۋە ئادەم كۇچى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنى ھەممىمىز ياخشى بىلىمىز. ئەمما ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئەمەلى قەدەم بېسىش تامامەن باشقا گەپ. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا مۇجادىلە ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان مەزكۇر ئۈچ تۈرلۈك كۇچ مۇھاجىرلىرىمىزنىڭ قايسى تۈركۈمىدە مەۋجۇت؟ مەسىلەن يوقۇرىدا مۇھاجىرلارنى تۆت تۈركۈمگە ئايرىپ قاراپ چىقتۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى تۈركۈملىرىدىن مۇجادىلىمىزگە ئىھتىياجلىق كۈچلەرنى كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئاساسى جەھەتتىن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئەللەرگە يەرلىشىپ كەتتى. ئۇلار ۋەتەن سىرتىدىكى مەۋجۇتلۇق ئۈچۈنمۇ قىزىقمايدۇ. بۇنى ئىزاھلاشنىڭ زۆرۈرىيتىمۇ يوق.
يوقۇرىدا 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن بۇيانقى چەتئەلگە ئېقىۋاتقان تۆتىنچى تۈركۈمدىكى مۇھاجىرلارنى تۆت تۈرگە ئايرىپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەمدىكى گەپ مۇشۇلار ئۈستىدە. يەنى ئوقۇغۇچى مۇھاجىرلار، تىجارەتچى مۇھاجىرلار، ساختا قاچقۇن مۇھاجىرلار ۋە سىياسى قاچقۇن مۇھاجىرلار دىن ئىبارەت. مۇجادىلىمىزگە كېرەكلىك بولىۋاتقان بىلىم كۇچى بولسا ئوقۇغۇچى مۇھاجىرلارغا مەركەزلەشكەن. بۇ لارنىڭ ئىچىدە ھەرقايسى ساھە بويىچە يېتىشكەن كەسىپ ئەھلى، مۇتەخەسىسلەر بار. لېكىن ئۇلاردىن نېمىنى كۈتۈش مۇمكىن؟ ئۇلارنى ئوقۇشقا بىز يوللىمىغان. ئۇلار ئوقۇش جەريانىدا قېيىنچىلىق تارتقاندا بانكا ھېساۋىغا بىز پۇل يوللاپ بەرمىگەن تۇرساق. ئەمدى ئۇلار ھەرقايسى ئەللەردە ئالى ئورۇنلاردا يوقۇرى مائاشقا ئېرىشىپ، بەخىتلىك ھايات پەيزىنى سۈرۈشكە قەدەم باسقاندا ، يەنە بەدەل تۆلەپ بىزگە نېمە قىلىپ بېرەلىشى كېرەك؟ ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىغانلىرى، تىرىشىپ ئوقۇپ، ياخشى نەتىجە بىلەن كەسىپ پۈتتۈرۈش. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارزۇسىغا لايىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تۇرمۇش يولىنى ئىزىغا چۈشۈرۈش. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا دەسلىۋىدىن باشلاپلا قويۇلىدىغان ئائىلىۋى تەلەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا « ياخشى ئوقۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ياخشى ئورۇندىن خىزمەت تېپىش ۋە جاپا چەكمەي كۈن كەچۈرەلەيدىغان ئادەم بولۇش، ئاتىسىدەك ياكى ئانىسىدەك، خىزمەتچى خادىم بولۇش، ياكى ئاتىسىدەك، ئانىسىدەك داڭگال غاجىلاپ، كەتمەنچى، جاپاكەش بولۇپ قالماسلىق….» مانا بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئوقۇشقا تۇتقان پوزتىسيە ۋە ئوقۇغۇچىغا قويۇلىدىغان تەلەپ.
ئوقۇپ يېتىلىۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ غايە، نىشانلىرىمۇ، كەلگۈسىگە قارىتا كۆرىدىغان چۈشلىرىمۇ شۇنداق. ھېچقانداق بىر ئاتا ئانا « بالام ... ئۈچۈن تىرىشىپ ئوقۇپ كېرەكلىك ئادەم بول » دېيەلمەيدۇ. ھېچقانداق بىر ئوقۇتقۇچىمۇ ئۇنداق بىر ئىددىيە تەربىيسى بېرەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە دەيدىغانلىرى « ماركىسىزىم، لېنىنىزىنم، ماۋزىدوڭ ئىددىيەسىدە چىڭ تۇرۇش… » لاردىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ بېرىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى دەل جۇڭگۇ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ياراملىق، گېگانىت ئادەم بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.
كۈنىمىزدە « ئۇيغۇر زىيالىلىرى » دەپ ئاتىلىۋاتقاق ئاشۇ زىيالىلارنىڭ ئىچىدىكى مۇجادىلە سېپىگە قاتنىشىۋاتقانلىرىغا كەلسەك، بۇ بىر مۆجىزىۋى، ئادەتتىن تاشقىرى ئەھۋالدۇر. چۈنكى چەتئەلدىكى ئىككى يۈز نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاكادېمىك - دوكتۇرلاردىن بىر قانچە نەپىرى، ئالى مەكتەپ دىپلومىغا ئىگە مىڭلىغان تالانت ئىگىلىرىدىن ساناپ كۆرسەتكۈدەك بىر قانچە كىشىلەرنىڭ مۇجادىلە سېپىگە قاتنىشىۋاتقانلىقىغا قارىساقلا مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ. ئەگەر « زىيالى » دېگەن ئاتالغۇنى كەسپى نوقتىسىدىن دىپلوم بىلەن ئۆلچىگەن ئەھۋالدا مەمۇرى جەھەتتىن پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ يوقۇرى قاتلام ئەمەلدارلىرى، يەنى باش مىنىستىردىن باشلاپ بارلىق مىنىستىرلەر، باشقارما باشلىقلىرى، ۋالىلار، ناھىيە باشلىقلىرى، كىچىك شەھەر باشلىقلىرى، سەھرا باشلىقلىرى، سىياسى قاتلاملاردا پارتىيە، تەشكىلات باشلىقلىرى ۋە ئاكتىپ تايانچ ئەزالىرى، ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرى بويىچە ئېيتقاندا فىرما، شىركەت باشلىقلىرى ئالدى بىلەن يوقۇرى سەۋىيەلىك زىيالىلار تۈرىگە كىرىدىغان كىشىلەردۇر. مۇشۇ يەردە كىچىك بىر سېلىشتۇرمىغا ئىھتىياجىم چۈشىۋاتىدۇ. 1992 - يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئوقۇش مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ دوكتۇرلۇق دىپلومى ئالغان ۋە چەتئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇر زىيالىلىرى 150 كىشىدىن ئارتۇق ئىكەن. ئەمما خىزمەت قىلىۋاتقانلار ھەر قىتئەدە بىر سانغا توغرا كەلمەيدۇ. ئەگەر تۈركىيەنى ياۋرۇپا قىتئەسىگە قوتمىغاندا پۈتۈن ياۋرۇپا ئەللىرىدە دىپلوملۇق دوكتۇردىن بىرسىمۇ سەپتە يوق. قېرىنداشلار! زىيالى - دېگەن ئاتالغۇنى كونكرېتلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا تۈن كېچىدىكى قاراڭغۇ ئورماندا كىشىلەرگە يول باشلاپ مەشئەل تۇتۇپ ئالدىدا كېتىۋاتقان ئادەم - دېيىشكە بولىدۇ. چەتئەلدىكى زىيالىلىرىمىزنىڭ بىلىملىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىمى - يەنى ۋەتەندىكى قىسمى « مىللى بۆلگۈنچىلىككە قارشى » ئىددىيە بىلەن پۈتۈپ چىققان بولسىمۇ، چەتئەلگە چىققاندىن كېيىنكى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دىپلوم ئېلىش جەريانى تامامەن باشقىچە بولغان. بىراق زىيالىلاردا نۇرغۇنلىغان سەۋەپلەر بولۇپ ، بۇ يەردە ئوچۇق ئېيتىشقا بولىدىغانلىرى... يەنە بىر مۇھىم سەۋەپ ئوقۇغۇچى مۇھاجىرلارنىڭ ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇق. گەپ مۇشۇيەردە. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالىدۇ. بۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا ئوقۇغۇچى مۇھاجىرلىرىمىزدىن پايدىلىق نەرسە كۈتۈش قىيىندۇر. بۇ ئۆزلىكىدىن بولۇپ قالىدىغان ئىش ئەمەس.
ئەمدى ئىقتىسادى كۇچ بولسا تىجارەتچى مۇھاجىرلارنىڭ قولىدا. تىجارەت مەنبەسى بولسا ئاساسەن جۇڭگۇنىڭ قولىدا. بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا ئۇلاردىنمۇ كۇچ تەلەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئادەملەر توپى ئىچىدە ئىقتىساد بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر ھەممىدىن بەك ھىۇشيار كېلىدۇ. ئۇلار بىر ئىشقا، بىر تىجارەتكە مەبلەغ سېلىشتىن ئاۋال پايدا - زىياننى دەڭسەپ، ھېچ بولمىغاندا خەتەر تەڭ نىسبەتكە چۈشمىگىچە تەۋەككۈل قىلمايدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىدەك ئارقىسىدا قوغداپ تۇرىدىغان كۈچ يوق، بارلىق دەسمايىسى غالتەككە چىقىپ قالغان ۋەزىيەت ئاستىدا پۇلدارلىرىمىزدىن مەبلەغ تەلەپ قىلالمايمىز.
ئادەم كۇچى دېيىلگەندە مۇتلەق ھالدا ساختا قاچقۇنلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئۇلار كۆپۈنچە ئېلىپ قاچار، يەپ قاچار قوشۇندۇر. ئۇلارنىڭ سىياسى پانالىق ئىلتىجالىرى قوبۇل بولغىچە سەپنىڭ ئالدىنى تالىشىپ، كۆكرەك كېرىپ، شۇئارىنى توۋلايدۇ. قولىغا ئىقامەت ئالغاندا بولسا ئاز كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ ياكى دالداراق جاينى ئىزدەيدۇ. ئالتە يىل ئۆتۈپ قولىغا ۋەتەنداشلىق چىققاندا بولسا جۇڭگۇ ئەلچىخانىسىنىڭ يان ئىشىكلىرىدىن كىرىپ « ۋەتىنىم جۇڭخۋا ئېلىدۇر» - دېگەن جەدىۋەلنى تولدۇرۇپ، جۇڭگۇ ۋىزىسىغا مۇراجىئەت قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتقاندا ئۇلارنىڭ بىز ۋاقىت ئاجىرتىپ ئوقىتىۋاتقان ئەۋلاتلىرىدىن ئۈمۈت كۈتۈش ئەخمەقلىكتۇر.
ۋەزىيەت شۇنداق بولغانكەن، بارلىق خىزمەتلەر پەقەتلا ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلىۋاتقان كىشىلەر ئۈستىگە يۈكلەنمەكتە. لېكىن بۇ ئېقىمدا خىزمەتكە كېرەكلىك بولغان بىلىم كۇچى، ئىقتىسادى كۇچ، ئادەم كۇچى پەقەتلا يېتەرسىزدۇر.
بۇ يەردە شۇنى ئوچۇق ئېيتىش كېرەككى، دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىۋاتقان چوڭ بىر كېمىنى قۇلۋاقتا ئۈزۈپ بېرىپ قۇتۇلدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر بىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوڭ بىر شۇئار بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ قالدۇق - دەپ مىسال ئالايلى، مىللىتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى باشلىدۇق - دەپ مىسال ئالايلى، ئۇچاغدا بىزنىڭ نېمىلەرگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىز، قانداق كىشىلەرگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىمىز سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتساق، ئەگەر بىزنىڭ ئىھتىياجىمىز ھەربى مۇتەخەسىسكە چۈشتى دەيلى مەسىلەن، جەزمەنكى باشقىلار تەرىپىدىن ھەربى مۇتەخەسىس بىلەن تەمىنلىنىمىز. ئىقتىسادقا ئىچتىياجىمىز چۈسسە، باشقىلار تەرىپىدىن پۇل بىلەن تەمىنلىنىمىز. جەڭ ئەسلىھەلىرىگە ئىھتىياجىمىز چۈسسە، باشقىلار تەرىپىدىن تەمىنلىنىمىز. ھەممە تەرەپتىن باشقىلارنىڭ تەمىنلىشىگە ھاجەتمەن بولۇپ تۇرۇپ شۇنداق بىر خىزمەت قىلىشنى باشلىغان چېغىمىزدا بىز پۈتۈنلەي باشقىلارنىڭ قورچىقىغا ئايلانغان بولىمىز. چۈنكى باشقىلار تەمىنلىگەن ھەرقانداق نەرسە شەرتلىك بولىدۇ. دۇنيادا خالىس نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ چاغدا خۇددى ئوخشاشمىغان يات تائىپىلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا ئاق سەللانى كېيىپ، يالغۇز قالغان ئەلىخان تۆرەمگە ئوخشاپ قالىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق ئىككى نوقتىغا سەل قارىماسلىقىمىز لازىم:
بىرىنچى « تەشكىلى قۇرۇلمىنى ساغلام ئۇل ئۈستىگە تۇرغۇزۇش » ، ئىككىنچى خادىملارنى كەسپىلەشتۈرۈش ». چۈنكى خىزمەت قىلىدىغان ئىدارە ياكى ئۇرۇننىڭ ئىچى ساغلام بولغاندا ئاز ھەرىكەت بىلەن كۆپ نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ناۋادا ئۆز ئىچىدىن چىرىك، ئۇلى ئەسنەك بولغاندا بىر قەدەم ئالدىغا ماڭسا بەش قەدەم ئارقىغا چېكىندۈرىلىدۇ. نەتىجىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا يوق گەپ. ئىككىنچى نوقتا بويىچە ۋەزىپىلىك خادىملارنى كەسپىلەشتۈرگەندە ئىش - ھەرىكەت تەرتىپ پىرىنسىپ بىلەن، قائىدە - قانۇنىيەت بىلەن يوقۇرى سۈپەتلىك، ئىجابى نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا ھەممە تەرەپتىن بېھۇدە ئىسراپچىلىق، نەتىجىسىزلىك يۈز بېرىدۇ. مۇجادىلە داۋامى ۋە تەرەققىياتى ئىستىقبالسىز بولۇپ قالىدۇ.
يوقۇرقى بايانلارنى مۇقەددىمە ئورنىدا چۈشۈنۈپ، ئەسلى مەقسەتتىكى : قايسى ئۇسۇل - چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ بىز « ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىدىن داۋايىمىز پايدىلىنىشنىڭ يوللىرى » نى تېپىپ چىقالايمىز؟ - دېگەن تېمىغا كەلسەك، پايدىلىق يول ئىزدىنىش ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان كونا يېڭى مىليونلىغان بارلىق مۇھاجىرلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ مەجبۇرىيىتى ئەمەس. شۇنىڭدەك ھەرقانداق بىر مۇھاجىرلار جەمئىيىتى، ھەرقانداق بىر تەشكىلاتلار قىلىۋىرىدىغان ئاممىۋى پائالىيەتمۇ ئەمەس. بۇ جەزمەنكى يوقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگىنىدەك، بارلىق ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغان، ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلغان خىزمەت قوشۇنىنىڭ زىممىسىدىكى ۋەزىپىدۇر.
ئەمدى بىز يوقۇرىدا تىلغا ئالغان ئىككىنچى نوقتىنى - يەنى « ئىدارە ئىچىدىكى ۋەزىپىلىك خادىملارنى كەسپىلەشتۈرۈش » نى تۇتقا قىلىپ ئەسلىدىكى مەقسەتكە قايتىپ كېلەيلى. بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە مەزمۇنلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن:
1- ئىدارە ئىچ قۇرۇلمىسىدىكى ۋەزىپىلىك خادىملارنىڭ ۋەزىپە ئالاھىدىلىكى ياكى ئۆز قابىلىيىتى بويىچە بىلىم سەۋىيەسىنى ۋە كەسپى ساپاسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۇرسقا ئېۋەتىش.
2- ئىدارە خىزمەتلىرىگە كېرەكلىك بولىۋاتقان ساھەلەر بويىچە ئىدارە قارمىقىدا كۇرس تەشكىللەپ، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەرنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىىلىپ كەسپى خادىملارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈش.
3 - تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ھاكىميەتكە قاتنىشىش ئىھتىماللىقى بىر قەدەر تۆۋەن ئەمما پارلامېنتتا ئورۇن ئىگەللىيەلەيدىغان تۈرلۈك ئۆكتىچى پارتىيەلەرگە ئەزا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك يىغىنلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىش ئارقىلىق تەشكىلى سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش ۋە سىياسى ئاڭنى يوقۇرى كۆتۈرۈش، مەلۇمات توپلاپ ئۆزلىرى قاتنىشىۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق مەسىلىمىزنى پارلامېنتلاردا ئوتتۇرغا قويۇلىشىغا پۇرسەت يارىتىش.
4ـ ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش، ئانىلار ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش، بالىلار ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش، تەبى مۇھىت ئاسراش - قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىنىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن تەشكىلى سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش، مۇناسىۋەت دائىرىنى كېڭەيتىش يەنە بىر تەرەپتىن خەلقىمىز ئۈستىدىكى ئىشلارنى، تەشۋىقاتلارنى ئاممىۋىلاشتۇرۇشتا نەتىجە يارىتىش.
5 - ياشلىرىمىزنىڭ يوقۇرقىدەك پارتىيە، تەشكىلاتلارغا ئەزا بولىشىغا تەشكىلى ھالدا يېتەكچىلىك قىلىش. بالىلىرىمىزنى بۆشۈككىلا بەنت قىلىۋەتمەي، ياشلىرىمىزنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنالايدىغان راۋان بىر ۋەزىيەت بەرپا قىلىش.
6 - ئەسكەرلىك قورامىغا يەتكەن ئوغۇللىرىمىزنى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە قانۇنلۇق ئەسكەرلىككە يوللاپ، تەرتىپلىك، ئىنتىزامچان ئادەم بولىشىغا، ھەربى كەسىپ، ھەربى تېخنىكا ئۆگىنىشىگە، مىللىتىمىزگە لازىملىق ھەربى مۇتەخەسىسلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش.
7 - ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ كەسىپ تاللىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇجادىلىمىزگە كېرەكلىك بولىۋاتقان ساھەلەر بويىچە ساياسى ئىقتىساد، قانۇنچىلىق، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، ئالاقە - ئۇچۇر، سوتسىئال پىداگوگ - قاتارلىق كەسىپلەرگە ئوقۇشقا كىرىشىگە تەشكىللىك بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش.
8 - ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى قانۇنى ھەق - ھوقۇقلىرىمىزدىن، دېموكراتىك قائىدە پىرىنسىپلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ ھەم پۇخرالىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە « ياردەمگە ئىھتىياجلىق بىچارە ، پاسىپ كىشىلەر » قاتارىدا قالماي، ئەمگەكچان، ئەقىللىق، باشقىلارغا ياردەم قىلالايدىغان خىسلەتلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرىنچى سىنىپ كىشىلەر ۋە بىرىنچى سىنىپ مىللەت قاتارىغا ئۆتۈشنى قانات يايدۇرۇش.
9 - يوقۇرقىلاردىن باشقا يەنە تۈرلۈك ئۇسۇل - چارىلەرنى قېزىپ چىقىپ، قولايلىق شارائىت يارىتىش ۋە مۇنبەت زىمىن ھازىرلاش.
يىغىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغان مۇجادىلە قوشۇنىمىزنى گېگانىت كۈچكە ئايلاندۇرۇش پەقەت بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ۋەزىپىدۇر. بۇ ۋەزىپىلەرنى ئۆزىمىز ئورۇنلىيالمىساق، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىش بىلەن كۇپايە قىلساق، باشقا ئېقىمدىكىلەر ھەرگىز قىلمايدۇ ۋە قىلالمايدۇ. باشقا بىر دۆلەت، باشقا بىر مىللەت بىزگە خالىس قىلىپ بەرمەيدۇ. يوقۇرقىدەك بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە قىزغىن مۇھاكىمە يۈرگۈزەپ، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ
مۇشۇ يەردىن ئەسلى ماۋزۇغا يەنە بىر قېتىم قايتايلى: بىز قايسى ئۇسۇل - چارىلەر بىلەن « ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىدىن داۋايىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىشنىڭ يوللىرى » نى تېپىپ چىقالايمىز ؟ بىز ئۇيغۇرلار غولىمىزدىن تىجارەتچى مىللەت بولغاچقا « پايدا، مەنپەئەت » دېگەن ئىبارىدىن دەرھال كۆز ئالدىمىزغا كېلىدىغان ئۇقۇم نەق پۇل، ماددى بۇيۇم بولىدۇ. بۇ يەردە كىچىك بىر ۋەقەنى مىسال قىلىپ ئۆتەيلى : 2010 - يىلى يالوۋادا چاقىرىلغان يىغىنىمىزدا لېكىسيە سۆزلىگەن دوكتۇر ئومەر فارۇق ئەپەندى مۇنداق قىسقا بىر جۈملىنى دەپ ئۆتكەن ئىدى : « سىلەر دائىم ئېلىشنىلا كۈتمەي، بىرىشنىمۇ بىلىشىڭلار كېرەك. شۇنداق بولغاندا قەدر قىممىتىڭلار ئاشىدۇ ». مۇشۇ جۈملە ئۈستىدە يېنىمدا ئولتۇرغان بىزنىڭ دوكتۇر ئەپەندى بىلەن خېلە ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە پىكىرلەشكەن ئىدۇق. بۇ جۈملنى دەرھال ئاڭلىماققا كاللىمىزدا شۇنداق ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ: بۇلار بىزگە نېمە بەردى؟ بىز ئۆز كۇچىمىزگە تاينىپ جان بېقىۋاتىمىزغۇ! تازا بىر گەپ بولدى بۇ. بىز بۇلارغا نېمە بېرەلەيتتۇق؟ بۇلار دېگەن بىر دۆلەت تۇرسا، بىزدىن نېمە تەلەپ قىلاتتى؟
مانا بىزنىڭ دەرھال بىلىدىغىنىمىز يەنە شۇ نەق پۇل! ياكى ماددى بۇيۇم. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇلار بىزنىڭ تۇمۇرىمىزدىكى قانغا ئوكسېگىن بېرىۋاتىدۇ قېرىنداشلار. قېنىمىزنى ھەرىكەتلەندۈرىۋاتقان ھەر بىر نەپەس ھاۋا ئۇلارنىڭ، ۋۇجۇدىمىزغا ھايات بېغىشلاۋاتقان ھەر بىر تامچە سۇ ئۇلارنىڭ. قەددىمىزنى تىك تۇتۇپ تۇرغان مۇشۇ ئەزىز تۇپراق ئۇلارنىڭدۇر. جەسىدىمىزنى قوينىغا ئالىدىغان تۇپراق يەنە شۇ ئۇلارنىڭدۇر. ئەمما ئۇلار بىزدىن تۇمۇرىمىزدىكى قاننى تەلەپ قىلمايدۇ. ياكى بىزدىن مال تەلەپ قىلمايدۇ. بىزدىن پەقەت ئەقىل تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزىمىز ماڭىدىغان يولغا ئۆز قولىمىز بىلەن ئورا كولىماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزىمىز ئۆتىدىغان كۆۋرۈكنى بۇزىۋەتمەسلىكىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭدەك بىزگە ھەممە نەرسىسىنى بېرىۋاتقانلارنى يىقىتىپ، قولىغا كىشەن، بوينىغا تاقاق سېلىپ دۈشمىنىمىزنىڭ ئالدىغا سۆرەپ بارماسلىقىمىزنى، ئۆزىمىزنىمۇ، ئۇلارنىمۇ رەزىل قىلماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ قېرىنداشلار. مانا بۇ ئۇلارغا بېرىدىغىنىمىز.
بېشىمىزغا بىر ئوڭۇشسىزلىق كەلگەندە « ھەر شەررىدە بىر خەير بار » دەپ قويۇپ، ئۆزىمىزدىن ئۆتكەن شەررىدىن ساۋاق ئالماي كېتىۋەرسەك، خەير ئۆزلىكىدىن كەلمەيدۇ. بەلكى بېشىمىزدىن ئۆتكەن ھەر بىر شەررە ئۈستىدە مىڭ قېتىملاپ مۇلاھىزە قىلىشىمىز كېرەككى، بىر قېتىم ئۆتكەن شەرر قايتا تەكرارلانمىسۇن!
قازاق، قىرغىز قېرىنداشلىرىمىز دەسلىۋىدە پىشانىمىزدىن سۆيۈپ باغرىغا باسقان ئىدى. كېيىن ئۇلار بىزنى قوغلاپ تۇتۇپ، ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان دۈشمەن ھالىغا كەلدى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاقنى بىز سېلىپ بەردۇق. بۇنداق بىر ھادىسە ھېچقاچان، ۋە دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە قايتا يۈز بەرمەسلىكى لازىم. ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ھەرقانداق كەسىپنى ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى پۇخرالىق ھەق - ھوقۇق نورمىسى ئىچىدە، قانۇنلۇق شەكىلدە ئۆگىنىشكە پۇرسەت بار. مۇكەممەل، كۈچلۈك مۇجادىلە قوشۇنى بولۇپ شەكىللىنىشىمىزگە توسقۇنلۇق يوق. يېتەركى يول ماڭغاندا قولىمىزدا يۆنۈلۈش كۆرسىتىپ بېرىدىغان كومپاس بولسۇن! تارىخ كومپاستۇر. ئۇ ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز بولساق ئاشۇ ئىككى قۇتۇپنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تۈگۈندە. ئەگەر ئۆتمۈشىمىزدىن ئوبدان ساۋاق ئالمىساق كەلگۈسىمىزنى تاپالمايمىز.
ھەممەڭلارغا رەخمەت.
بۇ قالە قىسقارتىلىپ، قىسمەن تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلدى.
ئۇيغۇر ئوغلى
2013 . 06. 26
https://www.facebook.com